ئاق مارجان
ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى
زېمىنغا قار ئەمەس، بەلكى لەپىلدەپ ياغدى ئاق مارجان،
يېقىملىق يالتىراپ مەپتۇن كۆزۈمگە باقتى ئاق مارجان.
تاراپ كەتتى ۋۇجۇدۇمغا بولۇپ كەۋسەر شېرىن بىر تەم،
دېدىم ۋاھ! بىر يېسەم، ئوتلۇق يۈرەككە ياقتى ئاق مارجان.
بولۇپ شەيدا تالاي دىلنىڭ ئېچىلدى راملىرى جەزمەن،
پىچىرلاپ، ئەركىلەپ لەرزان ئاۋايلاپ قاقتى ئاق مارجان.
سېغىنغاندەك ئۇنى ئۇ ھەم كېتىپتۇ سېغىنىپ بىزنى،
ئەجەپ خۇش ئەيلىدى پەرۋاز دېكابىر ۋاقتى ئاق مارجان.
ئېچىپتۇ يەر قۇچاقنى كەڭ «قەدىرلىك مەشۇقۇم كەل» دەپ،
ۋىسالنىڭ قەنتىنى گويا قېنىپ بىر چاقتى ئاق مارجان.
ئېلىپ زوق كەچقۇرۇن ئۇشبۇ ۋىسالنىڭ پەيتىدىن، شۇئان
يېتىپ يادىمغا دىلدارىم كۆزۈمدىن ئاقتى ئاق مارجان...
-2024يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچى