-1-
-2-
-3-
1 - قىسىم
-ھەي سىلەر ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ رامىلە ئەسلى بۇرۇنلا ھېلقىنى بىزنىڭ ئارقا مەھەللىدىكى ھوشۇر تازغا بېرىپ بولۇپتىكەن!
-ۋۇي بۇ راسمىكەن؟ مەنغۇ ئاڭلىغان ، لىكىن يالغان گەپلەرمىكىن دەپ بەك ئىشىنىپ كەتمىگەن ئىدىم،
- ۋايجان قوشنام . راس ! مەن خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بۇ ئىشلارنى
-ۋۇيەي قاراڭلار ئاۋۇ تۇرقىنى، نومۇس قىلماي كوچىدىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭالايدىكىنا؟
-شۇڭىمىچۇ ئېرىنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرەرسىمۇ ئاپىڭىز كېتىپ قاپتۇ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ! بىزگە سىز بار دەپ كىلىپمۇ قويمىدىغۇ ئەنە!
-ۋاي شۇنى دەڭلا ئاداش، شۇڭىمۇ توينى ئوغرىدەك قىلىپ غىپپىدە تىكىۋەتكەن نېمىكەن بۇ ئەسلى! مېنىڭچە ئايشەمخان بۇنىڭ سەتچىلىكلىرىنى بېلىپ قىلىپ ، نومۇسقا چىدىماي دىدىۋى ئىچىپ ئۆلۈۋالدىمىكىن دەپ ئويلايمەن قاراڭلار!
- ۋايجان نېمە بولسا بولمامدۇ! دادىسىمۇ بىكارغا تاشلىۋەتمىگەن بۇ نەس باسقۇرنى، تۇغۇلىشىدىنلا مەينەتچىلىك بىلەن تۇغۇلغان پەسەندىكەن بۇ ئەسلى، ۋاي ۋۇي نېمىش بولسا بولا ! بۇ ئۆزى نومۇس قىلمىسا بىز مىڭنى سۆزلىسەكمۇ بىكار! قاراڭلار ! گىپىمىزنى ئاڭلاپ، جايىدا تۇرۋىتىپ ئۇرۋىتىدىغاندەك قاراپ قويۇپ كېتىۋاتقىنىنى.
ئاڭلاپ تۇرغىنىڭلاردەك ئارقامدىن سۆز چۆچەكلەر توختىماي چىقىۋاتىدۇ،ئاپام كىتىپ مانا ھازىر ساپمۇ ساق قىرىق بەش كۈن بولۇپتۇ،بۇنداق سۆز چۆچەكلەرنى ساناپ باقسام بىرەر ئىككى يۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، لىكىن ھېچقىسى يوق! ئۇ ئىشلارنى مەن قەستەن قىلمىغاندىكىن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايمەن، لىكىن چوقۇم ھېسابىنى ئالىمەن، بۈگۈن ئەمەس ھامان بىر كۈنى! دىمىسىمىغۇ راس! ئېرىم تەرەپتىن، يەنى ئەزمەتجان ، قىيىنئاپام بولسۇن ھېچقايسىسى بىرەر قېتىممۇ كىلىپ قويۇش ئەمەس، تېلىفۇنمۇ قىلىپ قويمىدى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ئۇنچە بەك خالاپمۇ كەتمىدىم، ئەمدى ئۆيگە كېرەي دەپ تۇرسام كىمنىڭ گىپىنى قىلسا شۇ دىگەندەك ئەزمەتجان ماشىنىسىنى ھەيدەپلا ئۇدۇل بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا توختىدى، مەن ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي كۆرمىگەن كىشى بولۇپ ئۆي تەرەپكە ماڭدىم
-ھەي رامىلە توختاپ تۇرىڭە!
ئارقامدىن ئۇ شۇنداق دەپ كىلىپلا قولۇمدىن تارتتى.
-رامىلە سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى، ماڭا ئازراق ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتالارسىزمۇ؟
-نېمىش؟ گەپ بولسا ئۇدۇللا دەڭ، كۆپ ۋاقتىم يوق!
ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ يان تەرەپكە قاراپ تۇردۇم، ئۇ ئۇلۇغ كىچىك بىرنى تىنىۋىتىپ، مۆرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ گىپىنى باشلىدى.
-رامىلە بۇ ئارىدا سىزنى يوقلاپ كىلىپ بولالمىدىم، ئاپامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ سىزگە بولغان ئاچچىقىم بېسىلمىغاچقا بۇ يەرگە كىلىشنى لايىق كۆرمىدىم، مەن بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە تۇرىۋىرىپ بىئارام بولۇپ ئاخىرى شۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ، سىز بارغان مېھمانخانىغا باردىم، ئۇ مېھمانخانا مېنىڭ يېقىن بىر ئاغىينەمنىڭ ئاچقان يېرى بولغاچقا سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى تېپىش تەسكە توختىمىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزنىڭ راستىنلا ياتاق ئاچقانلىق ئۇچۇرىڭىزنى تاپتىم، شۇ ئىشلارنى بىلگەندە قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى سىز ھېس قىلالمايسىز، ئۆز كۆڭلۈمدە، مېنىڭ رامىلەرىم ھەرگىز بۇنداق ئىش قىلمايدۇ، چوقۇم بىرەر ئۇقۇشماسلىق بولىشى مۇمكىن دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ياتاقتىكى ئۇچۇرغا قالدۇرۇلغان يەردىكى بىر تېلىفۇن نومۇرنى تاپتىم، قارىسام ئۇ سىزنىڭ نومۇرىڭىزغا ئوخشىمىغاندىكىن ئۇدۇللا تېلىفۇن قىلدىم، تېلىفۇندىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇنىڭدىن كىم ئىكەنلىكىنى سورىۋىدىم ئۇ پەقەتلا دەپ بەرمەي مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى سوراپ تۇرىۋالدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر ماڭا ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى دىمىسەڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن، مېنىڭ ئايالىمنىڭ نامىدا ياتاق ئېچىپ تېلىفۇن نومۇرغا مۇشۇ نومۇرنى قالدۇرۇپ قويۇپسەن دىۋىدىم، ئۇ دەرھاللا ئۆزىنىڭ سىزنىڭ ئاكىڭىز ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كىلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىز كۆرۈشتۈق، ئۇنىڭدىن ياتاقنىڭ ئىشىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا ، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا سىزدىن ياردەم سوراپ سىزنىڭ ئېچىپ بەرگەنلىكىڭىزنى، ئاندىن سىزنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئىيىتتى، ھەم ئۆزىنىڭ سىزنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ سېتىۋەتكەنلىكىنى، ئالدىڭىزدا تولىمۇ خېجىل ئىكەنلىكىنى، كىيىن سىزنى ئىزدەپ كىلىپ ، ياخشىلىقىڭىزنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى، مەن ئۇنىڭغا بىر ئىش قىلسا يەتكۈدەك پۇل بېرىپ ، ئەمدى سىزنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلماسلىقىنى، ئائىلىدە مۇشۇ سەۋەپلىك نورغۇن كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىيتىپ يولغا سېلىۋەتتىم، ئاندىن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى يوقۇتۇپ ، ئائىلىمىزگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتسەم دىگەن ئۈمۈتتە كىلىىشىم، تويدىن بۇرۇنقى سىز ئۇچۇرغان پېشكەلچىلىكنى ئاپام ئىيتىپ بەردى، ئۇ ھايۋاننىمۇ چوقۇم قىلغىنىغا بەدەل تۆلەتكۈزىمەن! مېنىڭ خوتۇنۇمغا چېقىلىشقا پىتىنغان ھايۋاننى ئادەم بولغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۋەتمىسەم ئەزمەتجان بولماي كېتەي!
ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولغىچە تىتىرەپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىممىدە تۇردۇم، كۆزۈمدىن بىر تامچە ياشمۇ ئېقىپ قويمىغان ئىدى، شۇنىڭغا قارىغاندا ئاكام دىگەن ئىپلاس ئۆزىنىڭ خەقكە مېنى تۇتۇپ بەرگىنىنى دىمەپتۇدە! لىكىن مەن ئۇ ئىشلاردىنمۇ ھېساپ ئالىمەن! ماڭا پوخۇرلۇق قىلىپ نومۇسۇمغا تەگكەن ھەر بىر ئادەم قىلىپىدىن چىققان ناكەسلەردىن بىرمۇ بىر ھېساپ ئالىمەن! خىياللىرىم چېچىلىپ ، ھەرخىل ئىشلارنى خىيال قىلىپ تۇراتتىم، ئەزمەتجان بىر نەرسىلەرنى دەپ مېنى سىلكىشلەپ ئىسمىمنى چاقىردى.
-رامىلە ! رامىلە ماڭا قاراڭ! ئالدىڭىزدا تولىمۇ خېجىلمەن! مەن سىزگە بەرگەن ئازارلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن! شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىم مېنى كەچۈرۈپ مەن بىلەن بىرگە ئۆيگە قايىتسىڭىز بولامدۇ؟
ئەزمەتجان شۇلارنى دەپ قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇردى، بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولدى ، دىمسىمۇ مەن ئۇ ئائىلىگە قايتىپ ئاپامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھېسابىنى ئالمىسام بولمايتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى دىدىم.
-بولىدۇ ، مەن بارسام بولىدۇ، لىكىن بىر شەرتىم بار! ئەگەر قوشۇلسىڭىز سىز بىلەن قايتىپ ئائىلىمىزنى قۇرۇشقا ۋەدە بېرەي!
ئۇنىڭغا نارازلىقىم باردەك قىلىپ شۇلارنى دىدىم، ئۇ مېنىڭ قايتىپ بارىمەن دىگىنىمنى ئاڭلاپ چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرۈپ قولۇمنى چىڭڭىدە سىقىپ تۇرۇپ.
-ماقۇل، قېنى دەڭە رامىلە! ئەگەر سىز مەندىن، ھەم بىزدىن رەنجىمەي ئائىلىمىزگە قايتىپ بارىدىغانلا ئىشىڭىز بولسا ھېلىغۇ بىر شەرتكەن، ئون، ھەتتا يۈز بولسىمۇ ئورۇندايمەنغۇ، قېنى دەڭە !
ئۇ شۇلارنى دەپ كىچىك بالىدەك ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ ئالدىمدا ئەركىلىگەندەك بىرخىل ھالەتتە تۇردى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ بىرنى تەبەسسۇم قىلىپ قويۇپ ئويلىغانلىرىمنى دىدىم.
-ئالدى بىلەن مەن بۇنداقلا كەتمەيمەن، مېنى چوقۇم چوڭ توي قىلىپ داغدۇغا بىلەن يۆتكەپ كېتىشىڭىز كېرەك، بۇنى ئۆزۈڭلار دىگەنغۇ؟ توينى ئاددىيغىنە قىلىپ چوڭ توينى كىيىن قىلايلى دەپ، شۇڭا ئەمدى چوڭ توينى مۇشۇ يەردە قىلىپ ئېلىپ كىتىسىز، قانداق قوشۇلامسىز؟
-رامىلە بۇ ، بۇ سىزنىڭ نېمە دىگىنىڭىز؟ ئاپىڭىزنىڭ كىرپىكىگە توپا قونا قونماي بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟ باشقىلار نېمە دەيدۇ؟ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ،سىز قايتىپ بارىدىغانلا ئىش بولسا چوڭ توينى ئەتە دىسىڭىزمۇ، ياكى ھازىر دىسىڭىزمۇ قىلغۇم بار، لىكىن باشقىلارنىڭ ئېغزىغا چىقىپ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس! مۇشۇ نوقتىنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ ھەم يەنە كىلىپ سىز بۇ ئويغا قانداق بولۇپ كىلىپ قالدىڭىز؟پەقەت چۈشەنمىدىم
-قانداق بولۇپ كېلەتتىم، دەل ئاشۇ خەقلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش ئۈچۈن، باشقىلار ئارقامدىن سۆز چۆچەك قىلىپ ئاپىسى تىقىشتۇرۇپ توي قىلىپ بەرگەن، شۇڭا ئېرى كۆزگە ئېلماي ، ئەر تەرەپ تۇققانلىرىنىڭ بىرسىمۇ قۇدا تەرەپنىڭ ئۆلۈمىگە كەلمىدى دەپ نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ كوچىدىمۇ ئارامىمدا ماڭالمايۋاتىمەن، شۇڭا مۇشۇ ناھىيەدىكى كىلەلەيدىغانلا ئادەم بولسا ھەممىسىنى چاقىرىپ ، مېنى يېڭى كېلىن سىياقىدا ئېلىپ كېتىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بۇ خەقلەرنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قۇتۇلالمىغۇدەكمەن، ھەم يەنە كىلىپ ئاپاممۇ ياتقان يېرىدە راھەت ياتالمىغۇدەك، ئەگەر قوشۇلمايتتىم دىگۈدەك بولسىڭىز ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز، قالغىنى سىزگە قالدى .
مەن شۇلارنى دەپ قويۇپ ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرغان قولىنى ئىتتىرۋەتتىم، ئەزمەتجان بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.
-بولىدۇ، سىز دىگەندەك بولسۇن، مەن ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى چوڭلارغا دەپ مەسلەھەت سېلىپ ئاندىن سىزگە خەۋىرىنى بېرەي، ئۇنىڭغىچە سىز مەن بىلەن قايىتمامسىز؟
-ياق قايىتمايمەن، چوڭ توينى قىلىپ مېنى چوڭ كېلىنلىك سالاھىيتى بىلەن ئېلىپ كېتىسىز، مەنمۇ ئىززەت ھۆرمىتىم بىلەن سىلەرنىڭ ئائىلىگە باراي، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ قەدىرى بولىدىكەن، ھەم باشقىلارنىڭمۇ سۆز چۆچىكىدىن قۇتۇلالايمەن، ئەمسە شۇنداق بولسۇن!
مەن ئۇنىڭغا شۇلارنى دەپ قويۇپ ئالدى كەينىمگە قارىماي كىرىپ كەتتىم، ئۇ ئارقامدىن ئىسمىمنى چاقىرىپ بىردەم تۇرىۋىتىپ كېتىپ قالدى، ئەزمەتجاننىڭ دىگىنىمۇ توغرا، ھەم مەنمۇ ئادەم، ئەگەر مەن تويۇمنى چوڭ قىلىپ كېتىپ قالسام ئۇلارنىڭ ئارقامدىن سۆز چۆچەك تېپىشى ئېنىق، لىكىن مەن شۇنداق قىلىشىم كېرەك، ماڭا ھازىر باشقىلارنىڭ تىل ئاھانەتلىرى، سۆز چۆچىكى تەسىر قىلمايدۇ، چۈنكى مەندە ھازىر پەقەت تىرىك جىسىمىملا بار، بۇرۇنقى ئاق كۆڭۈل، ساددا رامىلە ئاپىسى بىلەن تەڭ ئۆلدى، شۇڭا ئەمدىكى تۇنجى قەدىمىمنى، ئىلگىركى خاتا باسقان تۇنجى قەدىمىم بىلەن باشلىشىم كېرەك! مېنىڭ بۇ قىلىۋاتقىنىم توغرىمۇ، ياكى خاتامۇ بىلمەيمەن، بىراق بىر ھەقىقەتنى ئېنىق بىلىمەن، يەنى ئاپامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھېسابىنى سورىماي قويمايمەن، ماڭا يامانلىق قىلغانلاردىن بىرمۇ بىر ھېساپ ئالماي ھەرگىز بولدى قىلمايمەن، قايسى يول ئارقىلىق، قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق شۇ نىشانىمغا يىتىمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، لىكىن مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك! مەن شۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرسام رابىگۈل ئاچام داستىخان يۆگەپ كىرىپتۇ، ئاپام كەتكەندىن كىيىن رابىگۈل ئاچام ئىزچىل مېنىڭ يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ماڭا تەسەللى بېرىپ ، ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزمەسلىكىم توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ كەلدى، دىلنۇرمۇ ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم كىلىپ يوقلاپ ماڭا ئۈمۈت بېرىپ تۇردى، شۇڭا بۇ ئىككەيلەندىن بەكلا مىننەتدارمەن، رابىگۈل ئاچام ئۆيگە كىرىپ ئاشخانا ئۆيدىن تاماقنى تەخسىگە ئېلىپ چىقىپتۇ، ئاندىن يېنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ.
-قىزىم ساڭا پولۇ ئېتىپ ئەكەلدىم، ئىسسىقىدا يەۋالغىن،بۇنداق ھېچنىمە يىمەي ئولتۇرساڭ جان توشىمايدۇ، ھە راس يولدا كېلىۋاتقۇچە ئەزمەتجاننى كۆردۈممۇ نېمە ؟ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرسى غىل-پاللا كۆرنۈپ قالدى، ئۇ كەلدىما؟
- بۇنىڭغا سىز ئارلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، كىلەمدۇ كەلمەمدۇ، سىز بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوقتۇ؟
- ۋۇي،، ۋۇي بۇ نېمە دىگىنىڭ بالام، ماڭا بۇنداق قوپال تەگمە ھە! مەنمۇ ساڭا كۆڭۈل بۆلۈپ دەۋاتىمەن بۇ گەپلەرنى، سەن يالغۇز ئولتۇرىۋىرىپ كاللاڭدىن كېتەي دەپ قاپسەن!
رابىگۈل ئاچام شۇلارنى دەپ خاپا بولغاندەك قىلىپ يانچە ئولتۇرىۋالدى، ئويلاپ باقسام بۇ ئاچىمىزمۇ مېنى دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپتۇ، شۇڭا قوپال تەگمەي دەپ ئۇنىڭغا ئەزمەتجاننىڭ كەلگەنلىكىنى، مېنىڭ ئۇنىڭغا قويغان شەرتلىرىمنى دىدىم، گەپلىرىمنى ئاڭلاپ رابىگۈل ئاچامنىڭ كۆزى پىيالىدەك يوغىناپ كەتتى.
-ۋايەي نېمە دەيدىغانسەن؟ ئۇ شۇنداق قىلىپ گەپ قىلمايلا كېتىپ قالدىما؟ بولمىسا مەن تېلىفۇن قىلىپ قايتا ئەسكەرتىپ ئازراق چۆچۈتۈپ قويايمۇ يا ، ھە ؟
-بولدى، بۇ ئىشلارغا سىز ئارلاشماڭ! ھېلىمۇ ھازىرغىچە ئارلىشىپ ، مېنىڭ ھاياتىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكىنىڭىز يېتىپ ئاشا، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ ئەسكەرتىشنىڭ، ياكى چۆچۈتۈپ قويۇشنىڭ ئورنى يوق! ئۇ ماڭا تېزلا خەۋىرىنى بېرىدۇ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۋاتىدۇ، ئەزمەتجان ماڭا يامانلىق قىلمىغان، شۇڭا ئۇنىڭغا مېنىڭمۇ ، ھەم سىزنىڭمۇ قوپال سۆزلەيدىغانغا ھەققىمىز يوق! شۇنداقتۇ؟
مەن شۇلارنى دەپ چېيىمنى ئىچىم ئولتۇردۇم، ئۇنىڭغىچە رابىگۈل ئاچام ئاغزىنى مىت-مىت قىلىپ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالغان ئىدى، تۇرۇپلا كاللامغا بىر ئىشنىڭ كىلىشى بىلەن دەرھال سورىدىم.
-ھە راس ئاچا، سىزنىڭ مېنىڭ ھاياتىمغا بۇنچە ئارلىشىشىڭىزدىكى مەقسىڭىز نېمە؟ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا بىر شەرتىم بار، كىيىن دەيمەن دەپ ھازىرغىچە دىمىدىڭىز، ماڭا مۇشۇلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ ئاندىن توختىماي قىيىنئاتامنى سورىدىڭىز، بۇنىڭغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزدىكى سەۋەبىڭىز زادى نېمە ئۈچۈن؟ ماڭا راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بەرسىڭىز سىزنىڭ ئاپام كېتىپ قالغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ماڭا قىلغان تىل ھاقارەت، ھەم تۇرمۇشۇمغا ئارلاشقىنىڭىزنى كەچۈرۋىتىمەن، ئۇنتۇپ قالماڭ ! ئاپامنىڭ كېتىپ قىلىشىدا سىزنىڭمۇ بىر كېشىلىك مەسئۇلىيتىڭىز بار!
مەن رابىگۈل ئاچامغا شۇلارنى دەپ كۆزىنىڭ ئىچىگە مىقدەك قادىلىپ تۇردۇم، ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، كۆزىگە ياش ئالغىنىچە سۆزلىدى.
-جېنىم بالام، بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كەلسەم بۇرۇندىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، سېنىڭ ھاياتىڭغا، تۇرمىشىڭغا ئارلىشىدىغانغا ھەققىم يوق، بۇنى بىلىمەن، لىكىن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتا بىر قەدەمنى خاتا باسقانلىقىمغا ھازىرغىچە پۇشايمىنىم بار! ساڭا ھەممىنى بىر باشتىن سۆزلەپ بېرەي، يېپىق قازان يېپىق پېتى تۇرماپتۇ دىگەندەك بەلكىم بۇ سىرلارنىڭمۇ يېشىلىدىغان ۋاقتى كەلگەندۇ، مەن ئون ئالتە ياش ۋاقتىمدا قىيىنئاتاڭ تۇرغۇنجان بىلەن يۈرگەن ئىدۇق...
داۋامى بار...
يازما نۇسخىسى 2-قىسىم
ئۇنىڭ قاش كۆزلىرى ئوتقاشتەك، بەدىنى قاۋۇل گەۋدىلىك كەلگەن، كۈلۈمسىرەيدىغان بولسا ئىككى ئوغرى چىشى مارلاپ چىقىپ شۇنداق ئوماق بولۇپ كېتەتتى، مەھەللىمىزدىكى نۇرغۇن قىزلار ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىپ يۈرگەن، شۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم، ئۇنى يېراقتىن بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتىم، بەزىدە قىزلار مېنىڭ ئۇنى يېراقتىن كۆرىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالسا، تۇرغۇنجان مېنىڭ ساڭا ئاشمايدۇ دىيىشىپ چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق، مەنمۇ ياش ۋاقىتلىرىمدا مەھەللىدىكى گۈزەللەرنىڭ بىرىنچىسى بولمىساممۇ ھەرگىز ئۈچىنجىسى بولۇپ قالمايتتىم، نۇرغۇن يىگىتلەر ماڭا تەلەپ قويۇپ ئۆيىمىزگە ئەلچى كىرگۈزگەنمۇ بولغان، بىراق مېنىڭ كۆڭلۈمدە تۇرغۇنجان بولغاچقا ئۆيدىكىلەرگە توي قىلغۇم يوق دەپ ئۇلارنىڭ داستىخىنىنى قايتۇرۋەتكەن ئىدىم، كىيىن بىر كۈنى قىزلار بىلەن ئۇنىڭ سۇغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۈزتۈپ ، ئاپ ئاق موسكۇللۇق بەدەنلىرى، ھەمدە ئۇنىڭ سۇغا چۈشۈپ چىققاندىكى بەدىنىدىن سۇ تامچىپ تۇرىۋاتقان قامەتلىك تۇرقىغا قاراپ شۈلگەيلىرىمىزنى ئېقىتىشىپ تۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بىر قىزنىڭ كۈنلەمچىلىكى تۇتۇپ بىزنىڭ كۆزىمىزنى توسۇۋىلىپ قارىمايسىلەر دەپ تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ياق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىپ چۇرقىراشقان ئاۋازلار يۇقرى كۆتۈرلۈپ جىدەل چىقتى، بىزنىڭ ۋاراڭ چۇرىڭىمىزنى ئاڭلىغان تۇرغۇنجان كالتە ئىشتان بىلەن ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپلا كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزلار خېجىل بولغىنىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالىمىز دەپ قېچىپ كېتىشتى، پەقەت مەنلا يالغۇز قالغان ئىدىم، ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان ئېگىز يەرگە كىرەي دىسەم يەر قاتتىق نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئىككى قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئېتىپ ئارقامغا قارىۋالدىم، ئۇنىڭغىچە تۇرغۇنجان يېنىمغا كىلىپ سىزنى بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ،نېمانچە كۈچلۈك ۋاراڭ چۇرۇڭ دىۋىدى يۈركۈم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ ھېچنىمە دىيەلمىدىم، چۈنكى ئەزمەتجان مېنى تونۇيتتى، مەنمۇ تۇرغۇنجاننى تونۇيتتۇم، بىز باشلانغۇچتا پارتىداش ئوقۇغان ،ئۇ بالا ۋاقتىدا بەك شوخ بولغاچقا بالىلار بىلەن جىدەل قىلىپ مەكتەپ ئۇنى باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋەتكەتكەن ئىدى، شۇنىڭدىن كىيىن تاكى ئون بەش ياشقا كىرگۈچە ئۇنى كۆرۈپمۇ باقمىدىم، ئۇ بۇ مەھەللىگە كىلىپ قىيىنئاپاڭ تۇرالاخاننىڭ دادىسىنىڭ زاۋۇتىغا خىزمەتكە چۈشكىلى تېخى بىر يىل بولغان ئىدى، مەن ئۇ چاغدا ئۇنى تونىماپتىكەنمەن، كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلاپ كىچىك ۋاقتىمدىكى پارتىدىشىم تۇرغۇنجان ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مەنمۇ قىزلارغا قوشۇلۇپ ئۇنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ ئارقىدىن بايا سۆزلەپ بەرگەندەك ئىشلار يۈز بەردى، مەن ئۇنىڭغا ياق دىگەننى قىلىپ بېشىمنى چايقاپ قويۇپ يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدىم، بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز يولدا ئۇچىراپ قالدى، ئۇنىڭغا قارىماسلىق ئۈچۈن قەدەملىرىمنى تېزلىتىپ يەردىن بېشىمنى كۆتۈرمەي مېڭىۋاتسام ئۇ ئالدىمنى توسىۋىلىپ ئوڭغا ماڭسام ئوڭغا، سولغا ماڭسام سولغا، ئاخىرى بولماي ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ماڭاي دەپ تۇرسام يەنە ئالدىمغا ئۆتۈۋىلىپ ماڭا بىر تال ئالمىنى تۇتقۇزۇپ كۈلۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى، شۇ چاغدىكى يۈركۈمنىڭ ھاياجاندىن سوقۇشلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، شۇنىڭ كىيىن ئۇ پات-پات ماڭا ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى، مەنمۇ بەكمۇ تارتىنىپ كەتمەيدىغان بولدۇم، بىز شۇنداق قىلىپ مۆشۈك چاشقاندەك ھېلى ئاۋۇ ئېتىزلىقتا، ھېلى ماۋۇ ئېتىزلىقتا قوغلىشىپ يۈرۈپ يۈرۈپمۇ قالدۇق، بىزنىڭ يۈرگەنلىكىمىزنى ئاستا-ئاستا باشقىلار بېلىشكە باشلىدى، ئۆيدىكىلىرىممۇ تۇرغۇنجان بىلەن توي قىلغۇڭ بارمۇ دەپ سورىۋىدى مەنمۇ ماقۇل دىدىم، ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە خېلى خېلى ئادەملەر ھەۋەس قىلىشاتتى، تۇرغۇنجاننىڭ ئائىلىسى نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ ھازىرقى سېنىڭ قىيىنئاپاڭ تۇرالاخاننىڭ دادىسىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى، تۇرالاخاننىڭ جەمەتى پومىچىك بولغاچقا بىزنىڭ يېزىدا ئۇلارنىڭ دىگىنى دىگەن ئىدى، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر تۇرغۇنجان گەرچە نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ مۇقىم خىزمىتى بولغاچقا قىيىنچىلىق تارتىپ قالمايسىلەر دەپ بىزنىڭ چىيىمىزنى ئىچكۈزۈپ قويدى، شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ كۆرۈشۈش قېتىم سانىمىز بارغانسىرى ئېشىپ بىر كۈنى ھاياجىنىمىزنى باسالماي ئۆستەڭ بويىنىڭ كەينىگە جايلاشقان بۇغدايلىقتا ھېلقى ئىشلار يۈز بېرىپ قالدى، مەنمۇ بەرىبىر ئېرىم بولىدىغان ئادەم بولغاندىكىن دەپ ئۇ ئىشلارغا ئۇنچە بەك ئېرەنشىپمۇ كەتمىدىم، شۇ ئارىدا بىر ھەپتە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەم بىراقلا ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۆيدىكىلىرىدىن سورىسام خىزمىتى ئالدىراش دەپ مېنى يولغا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ساپمۇ ساق بىر ئاي ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم، بىر كۈنى تۇيۇقسىز مەھەللىدىكىلەردىن تۇرغۇنجاننىڭ ئالدىنقى كۈنى توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا قۇلقۇمغا ئىشەنمەي ئۇدۇل تۇرغۇنجاننىڭ ئۆيىگە باردىم، ئۆيدىكىلىرىدىن سورىسام ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش بولغانلىقىنى، بىزنىڭ ئالدىمىزدا تولىمۇ خېجىل بولغانلىقىنى دەپ ئۆزۈر ئىيتىپ يولغا سېلىپ قويدى، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرالاخان بىلەن توي قىلغانلىقىنى بىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ بارغان بولساممۇ قەتئى كۆرۈشەلمىدىم، شۇ ئارىدا بىر ئاي ئۆتتىغۇ دەيمەن، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئىچىمدىن ھۆ كىلىپ كۆڭلۈم ئاينىپ پەقەتلا بولالمىدىم، مەن بەلكىم يىگەن تاماقلىرىم كۆڭلۈمگە تەگكەن ئوخشايدۇ دەپ بەكمۇ ئېرەنشىپ كەتمىدىم، ئارىدىن ھەپتە ئاي ئۆتۈپ قورسىقىمنىڭ ئاستا ئاستا كۆپۈشۈپ يوغىناۋاتقىلىنى ھېس قىلدىم، سەمىرىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ تاماقلىرىمنى ئازلىتىپ باقتىم ، بىراق قورسىقم كىچىكلەشكە تۈگۈل بارغانسىرى يوغىناپ مانا مەن دەپ بېلىنىشكە باشلىدى، ئاپام بۇنى كۆرۈپ ماڭا باشقىچە قاراپ دوختۇرغا كۆرسۈتۈپ باقايلى دەپ ئۇدۇل مەھەللىمىزدىكى شىپاخانىغا ئېلىپ كىردى، مەنمۇ ماقۇل بولۇپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدىم، دوختۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن
-قىزىڭىزنىڭ بويىدا بار ئىكەن ، ھازىر تۆت ئايلىق بولاي دەپتۇ ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىلمەي يۈرگەن گەپما؟
بۇنى ئاپام ئاڭلاپ جايىدا قاققان قوزۇقتەك مىدىرلىماي بىردەم تۇرۋىتىپ مېنىڭ قولۇمدىن يىتىلىگىنىچە شىپاخانىدىن ئېلىپ چىقىپ تەستىكىمگىلا سالدى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىمنى ئاڭلاپ روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كاللامنىڭ سىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك بىرخىل ھالەتتە تۇردۇم، ئاپام مېنىڭ تەستىكىمگە ئۇرۇپ بۇ بالىنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى، توي قىلماي تۇرۇپ بۇنداق ئىشلار بولسا خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ يۇم يۇم يىغلىغىنىچە مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ سولاپ قويدى، مەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ تۇرغۇنجان بىلەن بولغان ھېلقى كۈندىكى ئىش سەۋەپلىك شۇنداق بولغانلىقىنى بىلدىم، ئاندىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ ئۇدۇل تۇرغۇنجاننىڭ تۇرالاخان بىلەن تۇتقان ئۆيىگە باردىم، مەن كىلىپ تۇرشۇمغا تۇرغۇنجانمۇ ئىشتىن قايىتقان بولسا كېرەك بىز دوقۇرشۇپ قالدۇق، ئۇنىڭغا مېنىڭ بويۇمدا قالغانلىقىنى، قورسىقىمدىكى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىيىتتىم،ئۇ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر گەپنى قىلدى.
-بۇ نەدىمۇ مېنىڭ بالام بولسۇن، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سېنىڭ بالاڭ دەپ ماڭا يىپىشۋالغىلى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ چاقماق سوققاندەك بولۇپ ئۇنىڭ تەستىكىگە كىلىشتۇرۇپ بىرنى سالدىم، ئۇنىڭغىچە سىرىتتىكى ئاۋازنى ئاڭلىغان تۇرالاخان يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ.
-ھەي نېمىش بولدى؟ تۇرغۇنجان نېمە ئاۋاز بۇ؟ ھو ...! ھەي يۈزىڭىزگە نېمە بولدى؟ سىز كىمۇ؟
-مەنما؟ مەن.. مەن تۇرغۇننىڭ بۇرۇنقى لايىقى ، قورسۇقۇمدا ئۇنىڭ بالىسى بار ، ئۇ بالىغا ئىگە بولىشى كېرەك!
ئۇنىڭغا شۇ گەپلەرنى دەپ تۇرىشىمغا تۇرالاخان تۇرغۇنجاننىڭ ياقىسىدىنلا ئالدى.
-ھەي ماۋۇ نېمە دەيدۇ؟ گەپ قىلىڭە! ماۋۇ مەينەتنىڭ دىگەنلىرى راسما؟ ھە ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىز، گەپ قىلىڭە ؟
-نېمە؟مېنى تۇنىماس بولىۋالماقچىما ھە؟ ئۇنداق ئىگە بولالمايدىغان ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭ يوق بولغاندىكىن نېمىشقا ئۇ ئىشنى قىلىسەن ھە ؟ قىلغاندىنكىن ئاخىرغىچە ئىگە بول! سەن مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ قويۇپ، بولالماي قالغىنىڭدا قىلىدىغاننى قىلىپ ھاجىتىڭ تۈگىگەندىن كىيىن مېنى تاشلىۋەتتىڭ دىگىنە ھە ؟
ئۇنىڭغا شۇلارنى دىگەچ ئۇنى يەنە بىر تەستەك سېلىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىشىمغا ، تۇرالاخان قولۇمنى سىلكىپ ئىتتىرۋەتتى.
-ھەي ماۋۇ نېمە دەيدۇ؟ مەن بىلەن توي قىلىپ سىرىتتا ئاشنا ئويناپ يۈردۈڭما سەن ھە ؟ ھەي بۇزۇق سەن ئائىلىسى بار ئادەمنى ئازدۇرۇپ قورسىقىڭغا ئۈندۈرۈپ قويۇپ ئەمدىلىكتە مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى بۇزغىلى كەلدىڭما ؟ مەن سەنلەرنى مۇرادىڭغا يەتكۈزمەيمەن ۋۇ پەسەندىلەر!
-كىم پەسەندىكەن؟ بۇنى ئېرىڭدىن سورا! بۇ ئىپلاس قورسۇقۇمدىكى بالىغا ئىگە بولىشى كېرەك ! سەن بۇ ئىشلارغا ئارلاشما ! مېنىڭ ئىككىڭنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇش نىيتىم يوق، پەقەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن!
-ۋىيي ما بىرنىمىنى، كۆزۈمدىن يۈتە ماڭ ! سەن مەينەتنى يولغا سېلىۋىتىپ ئېرىمدىن ئۆزۈم ئايرىم ھېساپ ئالىمەن! ئۈچۈنجى شەخىس بولۇپ ئائىلىنى بۇزغان ئادەمگە مەن بەكلا ئۆچ ، ۋۇ قاسماق!
بىز بىر بىرىمىزگە گەپ بەرمەي بىر ھازا سوقۇشقاندىن كىيىن تۇرالاخان مېنىڭ قورسىمغىلا تىزلاپ ئىتتىرۋەتتى، ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئورنۇمدىن تۇرالماي يەردە يېتىپلا قالدىم، تۇرغۇنجان ماڭا قاراشقىمۇ پىتىنالماي تۇرالاخاننىڭ دۈشكەللىشىدىن كىرىپ كەتتى، مەن ئورنۇمدىن ئاران تەستە تۇرۇپ ئۆيگە كەلسەم ئاپام تۈڭلۈككە ئارغامچا ئارتىپ ئېسىلۋالغان ئىكەن ، بوينىدىن ئېسىقلىق ھالەتتە تۇراتتى، مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈدۈم ، كۈچۈم يەتمەي ياردەمگە ئادەم چاقىرىشقا باشلىدىم.
-قۇتقۇزۇڭلار، ئادام بارمۇ! تېز ماڭا ياردەم قىلىڭلار! ئاپا جېنىم ئاپا نېمىشقا بۇنداق قىلىغانسەن ! ئاپا .. ئاپا ...
قوشنىلار يۈگۈرۈپ كىرىپ ئاپامنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئاللىبۇرۇن نەپىسى توختاپ بولغان ئىكەن، مېنىڭ قورسىقىمنىڭ يوغان تۇرغىنى كۆرگەن قوشنىلار مېنى بەس بەستە تىللاشقا باشلىدى، مەن ھېچنىمە دىيەلمىدىم، ئاپامنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدىن چىقماي ئولتۇردۇم، شۇ ئارىدا مەندىن توختىماي قانلار كىلىشكە باشلىدى، مەن بۇ قانلارنى نورمال ئادىتىم كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قان كەلسە قاننى تازلاپ بولمىسا ئۆيدىن چىقماي ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇردۇم، ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت بولغاندا قورسۇقۇمنڭ ئاغرىقىغا چىدىيالماي ئۆيدە يىقىلىپ قاپتىمەن، شۇ ۋاقىتتا بىر قىز مېنىڭ ئىشىك ئالدىدا يىقىلىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ دوختۇرغا ئاپىرىپتۇ، ھوشۇمغا كەلسەم كېسەل كارۋىتىدا ياتاتتىم،مېنىڭ ھوشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ دوختۇر بىلەن ھېلقى قىز يېنىمغا كەلدى.
-قىزچاق قورسىقىڭىزدىكى ھامىلە ئۆلۈك ھالەتتە تۇرغىلى بىر ئايدەك بوپتۇ، ھازىرغىچە نېمىشقا دىققەت قىلمىدىڭىز؟ سىزدە قان دىگەندەك نەرسە كەلمىدىما؟
-ھە..!
-بالىنى ئېلىۋىتىش ئۈچۈن بالياتقۇڭىزنىمۇ قوشۇپ ئېلىۋەتمىسەك ھاياتىڭىزغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن،بالياتقۇڭىز بالا بىلەن قوشۇلۇپ سېسىپ كىتەي دەپتۇ، قوشۇلسىڭىز بۇنىڭغا قول قويىۋىتىڭ ، مەن ئوپراتسىيەنى باشلاي، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى، شۇڭا تېز جاۋابىنى بېرىڭ!
دوختۇر ماڭا شۇ تەكلىپنى بەردى، مەن ئاغرىقنىڭ ئازابىدىن ھېچنىمە دىيەلمەي بېشىمنى يىنىككىنە لىڭىشتىپ قويۇپ كۆزۈم يۇمۇلۇشقا باشلىدى، دوختۇر ماڭا ناركۇز ئوكۇلىنى ئۇرۇپ ئۇخلىتىۋەتتى، ئويغۇنۇپ قارىسام يېنىمدا ھېلقى قىز ئولتۇراتتى، مېنىڭ ھوشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ ئالدىمغا يىغلاپقىنا كەلدى.
-ئاخىرى ھوشۇڭىزغا كەلدىڭىز ! قانداقراق تۇرىسىز؟
-مەن.. مەن ! سىز كىم بولىسىز !
-مەن ئونىنچى دادۈيدە ئولتۇرىمەن ، ئىسمىم ئايشەمگۈل، سىزنى بۇ دوختۇر تونۇيدىكەن، ئىسمىڭىزنى خىسلەت دىگەندەك قىلدى، ئىسمىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىقكەن!
ئۇ قىز شۇنداق دەپ ئىللىقىنە كۈلۈپ بېشىمنى سىيلاپ ئولتۇردى، ئۇ باشقا بىرى بولماستىن بەلكى دەل سېنىڭ ئاپاڭ ئايشەمخان ئىدى، مەن دوختۇرخانىدا ئىككى ھەپتىدەك ياتقاندىن كىيىن يېنىپ چىقتىم، ئاپاڭ مېنىڭ يېنىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى،شۇنداق قىلىپ ئاپاڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قالدۇق، ئۇ ماڭا ئۈمۈت، يېڭىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇنجان، ھەم يەنە مېنىڭ ئانا بولۇش شەرپىمدىن ئېلىپ تاشلىغان تۇرالاخان دىگەن پەسەندىلەردىن ، ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسمىمنى رابىگۈلگە ئۆزگەرتتىم، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىمنى كېسىپ كالتە قىلدىم، مەن ئۇلارغا يىقىنلىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم، كىيىن مەن ئاپاڭنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر يىگىتكە ياتلىق بولدۇم، لىكىن مېنىڭ تۇغماس، ئەۋلات قالدۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ خېتىمنى بېرىۋەتتى، ئاپاڭ ماڭا يەنە لايىق تونۇشتۇردى، ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە ساپمۇ ساق يەتتە ئەرگە ياتلىق بولدۇم، لىكىن ئۇلار بىلەن پەقەت بىر ئايدىن ئارتۇق ئۆي تۇتالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن توي قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ، ماڭا قىلغانلىرىدىن ھېساپ ئېلىش ئۈچۈن كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي ھەرخىل ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ يامان ئىشلارنى قىلغانمۇ بولدۇم، چۈنكى مەن ئاياللىقىمدىن، ئانا بولۇش سالاھىيتىمدىن ئايرىلدىم، ماڭا يەنە دۇرۇس ياشاپ نېمە كەپتۇ ھە ؟ كىيىن ئاپاڭ ۋاپاسىز داداڭغا ياتلىق بولدى، قالغان ئىشلارنى سەنمۇ بىلىسەن...
3 - قىسىم
ئەمدى سېنىڭ تويۇڭغا ئارلىشىشىمدىكى سەۋەپكە كەلسەك، مېنىڭمۇ سېنىڭ بەخىتلىك بولغىنىڭنى، ئۆز سۆيگۈنۈڭ بىلەن ئائىلە قۇرىشىڭنى كۆرگۈم بار ئىدى، چۈنكى ئاپاڭ مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر يېقىن دوستۇم، ھەم قېرىندىشىم ئىدى، ئاپاڭ ئاغىرىپ قالغان ۋاقىتتا ماڭا يالۋۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ شۇلارنى دىدى.
-كۆزۈمنىڭ ئوچىقىدا قىزىمنى ھال كۈنى ياخشى بىرىگە ياتلىق قىلغۇم بار ئىدى، مەندەك جاپا تارتىپ قىلىشىنى خالىمايمەن، ئەگەر مەن كېتىپ قالسام سەن مېنىڭ ئورنۇمدا قىزىمغا قاراپ قويغىن،
-ۋايەي نېمە دەيدىغانسەن، ئاغزىڭغا تاش، ئەتراپىمدىكى تونۇشلىرىمنىڭ ئوغۇللىرى خېلى بويىغا يېتىپ قاپتۇ، مەن شۇلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ رامىلەگە ماس كەلگۈدەك بىرىنى تەۋسىيە قىلاي ، ئەگەر رامىلەنىڭ مەيلى بولسا تويىنى قىلىپ قويايلى، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا بۇنداق ۋىدالاشقاندەك گەپ قىلاما ! خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ!
ئاپاڭغا شۇلارنى دەپ ۋەدە بېرىپ ئەتراپدىكى ، چايدىكى خوتۇنلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ قول ئىلكىدە بار، ئەخلاقلىق بىر يىگىتنىڭ ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ كېلىن ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، سۈرۈشتۈسەم بۇ دەل تۇرالاخان بىلەن تۇرغۇننىڭ ئوغلى ئەزمەتجان ئىدى، باشتا ياق دەپ رەت قىلدىم، چۈنكى ئۇ نەچچە قېتىم توي قىلىپ بولغان ئادەم، كىيىن ئىچىمگە جىن كىرىپ ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ۋىجدانىمنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن سەندىن پايدىلاندىم، شۇ كۈندىن باشلاپ ۋىجدان ئازابىدا كېچە-كېچە تۈنەپ يىغلاپ چىقتىم، لىكىن ئاللىبۇرۇن قەدەمنى خاتا بېسىپ بولغان تۇرسام ئارقامغا يېنىشىم مۇمكىنمۇ دەيسەن بالام، شۇنىڭ بىلەن سېنى زورلاپ يۈرۈپ، تىللاپ يۈرۈپ، ھەممە ئىشىڭغا ئارلىشىپ يۈرۈپ تويۇڭنىمۇ قىلىپ قويدۇم، بۇ ئىش ئۈچۈن ئاپاڭنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ يۈزۈم يوق! مېنى كەچۈرگىن جېنىم بالام! ئەمدى ساڭا قويغان شەرتىمگە كەلسەك مېنىڭ ئۇ ئائىلىگە بىر ئاماللارنى قىلىپ كىرىپ، ئاندىن ئۇلاردىن، بولۇپمۇ تۇرغۇن دىگەن ئىپلاستىن بۇرۇنكى كونا ھېساپ كىتاپنى يىغقۇم بار ئىدى، لىكىن قىزىم مەن ئۇ ئۆيگە كىرمىسەممۇ مەيلى، ئۇلاردىن قىساس ئالىمەن دىمىسەممۇ مەيلى، پەقەت سەن مېنى كەچۈرۋەتسەڭ مەن بۇنىڭدىن كىيىن تۇرمۇشۇڭغا ھەرگىز ئارلاشمايمەن بولامدۇ جېنىم بالام؟ مېنى كەچۈرەمسەن؟
رابىگۈل ئاچام شۇلارنى دەپ يىغلاپ تۆكۈلۈپلا كەتكەن ئىدى، رابىگۈل ئاچامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ يىغلاپ كەتتىم، مەن رابىگۈل ئاچامنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرۇپ چىرايىمغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتۈپ دىدىم.
-ئاچا سىزنىڭ بېشىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتۈپتۇ، بەلكىم بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز خالاپ قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۆتكەن پىتى بولسۇن ،لىكىن ئاچا ،سىز ئۇ ئائىلىگە چوقۇم كىرىشىڭىز كېرەك! مەن بىر ئامال قىلىپ سىزنى ئېلىپ كىرىمەن، لىكىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولايلى، بۇنىڭدىن كىيىن سىز مېنىڭ ئاتاق ئاپام بولۇپ مېنىڭ ئارقامدا تۇرۇڭ ، شۇنداق قىلساق بولامدۇ ئاچا؟
رابىگۈل ئاچامغا شۇ تەكلىپنى بېرىپ كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم، رابىگۈل ئاچام ئاغزىنى ئۆمچەيتكىنىچە يىغلاپ مېنى باغرىغا باستى.
-جېنىم بالام ، ئاپپاق قىزىم ، ماقۇل، ماقۇل، سەن نېمە دىسەڭ شۇ بولسۇن، جېنىمنى ئالىمەن دىسەڭمۇ ياق دىمەيمەن، پەقەت سەن مېنى كەچۈرۋەتسەڭلا مەن ھەرقانداق گىپىڭنى ئاڭلاشقا ۋەدە بېرەي، رەھمەت ساڭا جېنىم بالام، ھۈ ھۈ ھۈ ....
رابىگۈل ئاچام بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى قۇچاقلاپ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇق كۈنلەرنى ئەسلەپ بىر ھازا يىغا-زارا قىلىشتۇق، يىغىمىزمۇ تۈگەپ كۆز ياشلىرىمىز قۇرۇپ كۆزىمىزدىن تامچىگە چاغلىق نەرسە چىقمىغاندىن كىيىن ساراڭغا ئوخشاش ئۆز ئۆزىمىزگە كۈلۈپ رابىگۈل ئاچام ئېلىپ كەلگەن تاماقتىن يەپ توينىڭ ئىشىنى مەسلىھەت سېلىشتۇق، مەن رابىگۈل ئاچامغا بىز تونۇيدىغان، ۋە تونىمايدىغان مۇشۇ ناھىيەدىكى، ھەم يېزىدىكى كونا تونۇش دوست-يارەنلەردىن باشلاپ ھەممىنى چوقۇم تويغا تەكلىپ قىلىشىنى ئېيىتتىم، رابىگۈل ئاچاممۇ ماقۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلىدىغانلىقىنى، مېنىڭ بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرىمەي ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى پۇختا قىلىپ يۈرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى، مەن ئەزمەتجاننىڭ خەۋىرىنى ساقلاپ تېلىفۇندىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم، كۆڭلۈمدە ئەگەر ئەزمەتجاننىڭ ئۆيدىكىلىرى قوشۇلمىسا قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئۇ ئۆيگە مەن چوقۇم قايتىپ بېرىشىم كېرەك! لىكىن ، لىكىن ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قالسا مەن بۇنداقلا بارسام مېنىڭ يەنە ئېزىلىپ ، خورلۇق تارتىشىم تۇرغانلا گەپ،ئەگەر ئەزمەتجان تېلىفۇن قىلىپ مەن ئويلىغان جاۋاپنى بەرمىسە قەتئىيلىكىمنى بىلدۈرۈپ باشقا ئاماللارنى قىلساممۇ چوقۇم ئۆزۈمنىڭ پىلانلىرى بويىچە تويۇمنى چوڭ ئۆتكۈزۈپ، خەلقى ئالەمگە تويۇمنىڭ داغدۇغا بىلەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىززەت ھۆرمىتىم بىلەن چوڭ كېلىنلىك سالاھىيتىم بىلەن ئۇ ئۆيگە قايتىشىم كېرەك، بولمىسا مېنىڭ ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيتى بولسۇن، ھازىر ئاپامدىن ئايرىلىپ قالدىم، بۇنىڭ سەۋەپكارى مېنىڭ بۇزۇرۇك قىيىنئاپام، ئۇ زەھەردىن سېسىق گەپلەرنى دەپ مېنى سەتلەپ شۇ ئىشلارنى دىمىگەن بولسا بەلكىم ئاپام ھازىر مېنىڭ يېنىمدا بولىشى ئېنىق ئىدى، شۇڭا مەن بۇ قېتىم قايتىپ بارغاندا ئەزمەتجانغا ، يەنى ئېرىمغا ۋاپادار ياخشى خوتۇن بولۇپ، قىيىنئاپامنىڭ ئالدىدا ياخشى كېلىن بولۇپ پۇرسەت كەلگەندە ئاپامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سورىقىنى قىلماي قويمايمەن! ھەم يەنە پاتىمە دىگەن خوتۇنمۇ بار، ئۇ بەئەينى قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بۆرىنىڭ ئۆزى، بېشىمغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەل پاتىمە! ئۇ ئېرىدىن كۈنلەپ مېنىڭ پېيىمغا چۈشۈپ ئېرى بىلەن تۇرغان ھالىتىمنى سۆرەتكە تارتىۋالمىغان بولسا، مېھمانخانىغا كىرىپ مېنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىمنى ، مېھمانخانىغا كىرگەن سىن كۆرنۈشلەرنى تارتىۋىلىپ قىيىنئاپامغا، ھەم ئۆيدىكىلەرگە كۆرسەتمىگەن بولسا قىيىنئاپاممۇ ئاپامغا ئۇ گەپلەرنى قىلىپ ، ئاپامنى مەندىن ئۆمۈرلۈك ئايرىماس بولغىيتتى، شۇڭا مەن ئەمدى ئۇ ئائىلىگە قايتىپ بارسام ھەرگىز بوزەك بولمايمەن، مەنمۇ شۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئۆزىنىڭ مېيىدا ئۆزىنى قورۇپ ئىچىمدىكى ئازاپلىرىمنى تۈگەتمىسەم ئاپامغا ، ۋە ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمەيمەن، ھەر قېتىم ئاپام يادىمغا يەتكەندە ، ئاپامنىڭ ماڭا يېزىپ قالدۇرغان خېتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.
-مېنىڭ دۇنيادا سەندەك مەينەت، لەنىتى، نەس باسقۇر قىزىم يوق! سېنى بالام دىيىشتىنمۇ نومۇس قىلىمەن! سېنى تۇغالماي قىينالغان ۋاقتىمدا ئۆلتۈرۈپ چۈشۈرۈپلىۋەتسەم بوپتىكەن! سېنى نەرىمدىنمۇ تۇغقان بولغىيتتىم، ئىسىت ئىسىت!
مۇشۇ گەپلەر خۇددى ئاپام يېنىمدا تۇرۇپ ئىيىتقاندەك قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرايتتى، مەن ئاپامغا ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىمدىن مەھرۇم قالدىم، مېنىڭ ئۇ ئىشلارغا مەجبۇرلانغانلىقىمنى ، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ خالاپ ئۇنداق قىلمىغانلىقىمنى ئىيىتقۇم بار ئىدى، لىكىن ، لىكىن دىيەلمىدىم، مېنىڭ بۇ بۇلغانغان تېنىمنىڭ ماڭا كېرىكى يوق! شۇڭا مەن چوقۇم ئويلىغانلىرىمنى قىلىشىم كېرەك! ئاپامنىڭ نەرسىلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتىم، كىيىملىرىنى ئىچىمگە چوڭقۇر تارتىپ ھىدلىدىم، خۇددى ئاپام ھېلىلا ئۆيگە كىرىپ، جېنىم بالام بۇنداق ئولتۇرۇپسەنغۇ، يۈرە، سىرىتقا چىقىپ كىرەيلى دەيدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ئىشىككە تەلمۈردۈم، مەن بۇ خىل ھالەتتە ئۆتۈۋاتقىلى ساپمۇ ساق قىرىق بەش كۈن بولدى، لىكىن بۇلار ئەمدى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ! مەن ئاپامنىڭ كارخانىسىنى ماڭغۇزۇپ ئاپامنىڭ ئىسمى بىلەن ماركا بېسىپ چىقىرىپ ئاپامنىڭ نامىنى ھەرگىز ئۆچۈرۈپ قويمايمەن! ھاياتلا بولىدىكەنمەن چوقۇم قىلماقچى بولغانلىرىمنىڭ ھەممىنى قىلىشىم كېرەك! شۇ خىياللار بىلەن كەچمۇ كىرىپتۇ، بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئۆلۈكتەكلا جايىمدىن مىدىرلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم، بىر چاغدا تېلىفۇنۇمنىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ قارىسام ئەزمەتجان ئىكەن، بىردەم تۇرىۋىتىپ تېلىفۇننى ئالدىم.
-ۋەي ! رامىلە ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئۇزاقتا ئالدىڭىزغۇ؟ ئالدىراشمۇ ياكى ئازراق ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ بىز بىر پاراڭلاشساق بولاتتى.
-ياقەي ئالدىراشقۇ ئەمەس! قېنى سۆزلەڭ قۇلقۇم سىزدە.
ئۇنىڭغا سوغۇققىنە شۇنداق دىدىم، ئۇ تەمرىتەپ گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدى بولغاي كېكەچلەپ ئاخىرى گەپ قىلدى.
-رامىلە بۇ مۇنداق ئىش! مەن ئاپامغا سىز دىگەن تەكلىپنى ئۆزۈمنىڭ پىكىرىدەك قىلىپ دىگەن ئىدىم، ئاپام قەتئى قوشۇلمىدى، قۇدىمىز كېتىپ ئارقىسىدىن توي قىلساق ياخشى بولمايدۇ، رامىلەنىڭ يۈزىگىمۇ بىزنىڭ يۈزىمىزگىمۇ سەت دەيدۇ، قانداق قىلساق بولا بۇ ئىشلارنى ، چوڭ توي قىلىپ سىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەتمىسەم مەن بىلەن بىللە كەتمەمسىز؟
مەن ئەزمەتجاننىڭ گىپىگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ بەرمەي جىممىدە تۇردۇم، ئۇمۇ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى،
-رامىلە سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنى ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىيىتقان ئىدىڭىز، ئەگەر مېنى راستىنلا ياخشى كۆرسىڭىز مېنىڭمۇ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ باقسىڭىز قانداق بولا؟ بۇنداق دىسەم مېنى شەرت قويدى دىمەڭ، چوڭلار توغرا كۆرمەي قوشۇلمىسا مەن زورلاپ قىلالمايمەندە، شۇڭا...
-سىزدىن سوراپ باقاي ، شۇ ۋاقىتتا سىزگە شۇنچە يېلىنىپ يالۋۇرسام گىپىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىيىتقان، توغرا سىز دىگەن مېنىڭ ئېرىم، سىزنى بۇرۇن چۈشەنمىگەندە ياخشى كۆرمىگىنىم راس! لىكىن كىيىن سىزنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم، بولدىلا قۇرۇق ئىشلارنى دىيىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايلى، مەن ئالدىدىمۇ سىزگە دىدىم ، ئىشەنمىسىڭىز ھازىرلا ناھىيەگە كىلىڭ، ئاندىن مەن بىلەن كوچىغا چىقىپ مېنى يىراقتىن كۈزتۈپ بېقىڭ، باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكىنى ئۆز قۇلقىڭىز بىلەن ئاڭلىسىڭىز مېنىڭ نېمىشقا چوڭ توينى قىلىپ ئىززەت ھۆرمىتىم بىلەن بۇ يۇرتتىن كېتىمەن دىگىنىمنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىسىز، شۇنداق قىلساق بولامدۇ ؟
ئەزمەتجانغا شۇلارنى دەپ باشقا گەپ قىلماي جاۋاپ كۈتۈپ تۇردۇم، ئۇ كېكەچلەپ گىپىنى تاپالماي قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ھازىرلا چوقۇم كېلىڭ دەپ چىڭڭىدە تۇرىۋالدىم، ئۇمۇ ماقۇل بولۇپ ئارىدىن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئۆينىڭ ئالدىغا كەپتۇ، مەن ئۇنىڭغا ماشىنىسىنى ھەيدەپ يېراقراق جايغا توختىتىپ قويۇپ كوچىدىكى غەيۋەتكۇر خوتۇنلارغا يېقىن جايدا مېنى كۈزتۈپ باشقىلارنىڭ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاشنى ئىيىتتىم، ئۇ تەستە ماقۇل بولۇپ مەن دىگەندەك قىلدى، مەن بۈگۈن ئەزەلدىن كەيمەيدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىمنى كىيىپ، سۇس گىرىم قىلىپ ، چاچلىرىمنى ئوڭشاپ ھېلقى خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدىن ئايىغىمدىن تاراق-تاراق قىلغان ئاۋازنى چىقىرىپ كۈچەپ دەسسەپ ماڭدىم.
-ھەي قاراڭلار ماۋۇ ساراڭغا، ۋىيەي ۋىيەي، ئاۋۇ مېڭىشلىرىنى قانداق قىلاي، ھازىر ئېرى يوق ئەمەسمۇ، خەقلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قايسى بۇلۇڭ پۇشقاقتىن بىرەر بايقۇش ئۇچىراپ قالار دەپ ماڭغان چېغىۋا!
-ۋۇيەي قوشنام ، ئېرى تاشلىۋەتكەن بۇ بۇزۇقنى كىممۇ يارتىپ قارايدۇ دەيسىلەر ھا ھا ھا...
-ھەي ئۇنداق دىگىنىڭلار بىلەن بۇ قاسماقنىڭ ئاۋۇنى باشقىلارغا بېرىۋىتىپ، ئارقىسىدىن يوشۇرۇنچە تىقىشتۇرۇپ توي قىلىۋالغانلىقىنى جىق ئادەم بىلمەيدۇ، ئەرلىرىمىزگە ياخشىراق كۆز قۇلاق بولمىساق بۇ مەرەز بىزنىڭ ئەرلەرنىمۇ ئازدۇرۇپ يۈرمىسۇن، ھەي سەن ئاۋۇ بۆلجۈرگەن بۇرۇن ئېرىڭغا ياخشىراق قارا، بولمىسا بۇنى ئەتە ئۆگۈن يېڭى خوتۇنۇم دەپ سېنىڭ كەشىڭنى توغۇرلاپ قويمىسۇن يەنە ھا ھا ھا...
كوچىدىكى خوتۇنلار بىر بىرىگە گەپ بەرمەي مېنى سەتلەپ قىلمىغان گىپىنىڭ چالىسىمۇ قالمىغان ئىدى، توساتتىن ئەزمەتجان يۈگۈرۈپلا كىلىپ ئارىدىكى سېمىزراق كەلگەن قېرى داققالنى تارتىپلا تۇرغۇزدى.
-ۋۇ سېسىق قېرى ، سەن كىمنى ھاقارەتلەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ھە ؟
-ۋۇيەي تارتە قولاڭنى! ھامما ئاچاڭنىڭ ئېشتان بېغىغا ئېسىلغاندەك ئېسىلىدىكەنسەنيا سەن ھە ؟ ئۆزەڭ كىمۇ؟ ئاق پىشماق سېرىق تۈك!
-مەنما ؟ مەنما؟ مەن! مەن سەن گىپىنى قىلىۋاتقان رامىلەنىڭ ئېرى بولىمەن، مېنىڭ خوتۇنۇمنى ھاقارەتلەيدىغانغا سەنلە ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قېلىشتىڭ ؟ يوقىلىشە ماڭ! بولمىسا بىرەرسىڭنى يارلاندۇرۇپ قويۇشۇم مۇمكىن! ۋۇ پەسەندى مەينەتلەر...
ئەزمەتجان شۇلارنى دەپ ئۇلارنى توخۇنى قوغلىغاندەك قوغلاپ كەتكۈزىۋەتتى، ئۇ خوتۇنلار ئەزمەتجاننىڭ ئۆزىنى ئېرى دەپ سۆزلىگىننى ئاڭلاپ بىر بىرسىنىڭ قۇلقىغا كۇسۇرلاپ ئىتتىرىشىپ كېتىشتى، مەن ئەزمەتجانغا ئەمدىغۇ بىلگەنسىز دىگەن مەنىدە قاراپ تۇردۇم، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى.
-كەچۈرۈڭ رامىلە! مېنى كەچۈرۈڭ! سىزنى ئۇۋالچىلىقتا قويۇپتىمەن، سىز توغرا دەپسىز، سىزنى بۇ خىل ھالەتتە ئېلىپ كەتسەم ئارقىڭىزدىن گەپلەر بولىنىدىغىنى تۇرغانلا گەپكەن، شۇڭا مەن قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئاپامنى بۈگۈن چوقۇم قايىل قىلىپ مۇشۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتكۈزۈپ مۇشۇ ناھىيەدە بىر توي قىلىپ ئىززەت ھۆرمىتىڭىز بىلەن سىزنى كۆچۈرۈپ كېتىمەن، ماڭا ئىشىنىڭ! مەن چوقۇم سىزنى نائۈمۈتتە قويمايمەن، بۇ ناكەس خوتۇنلارنى بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىۋاستە تىلغا ئالالماس قىلىۋىتىمەن! مېنى كەچۈرۈڭ رامىلە، راستىنلا كەچۈرۈڭ!
ئۇ شۇلارنى دەپ ماڭا تەسەللى بېرىپ كېتىپ قالدى، مەن ئۆيگە كىرىپ رابىگۈل ئاچامغا تېلىفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى دىدىم، بۇلارنى ئاڭلاپ رابىگۈل ئاچاممۇ خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ماڭا قولداش قىلىدىغان قىزنىڭ گىپىنى قىلغىنىدا ، مەن دىلنۇرنى تەۋسىيە قىلدىم، ئۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى، مەن توي قىلىپ بارغاندىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا ئويغا چۆكۈشكە باشلىدىم، ئويلاۋېرىپ كاللامنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ تەڭ قېتىشقا باشلىدى، شۇنداق قىلىپ بۈگۈنمۇ ھېچ ئىش قىلماي ئۆيدىن سىرىتقىمۇ چىقماي ئۆتۈپ كەتتى، كەچ بولغاندا ئەزمەتجان تېلىفۇن قىپتۇ، مەن بۇ قېتىم ئىتتىكلا ئالدىم.
-رامىلەرىم سىزگە بىر گەپنى دىسەم بولامۇ؟
-قېنى دەڭە!
-ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟ بىز ئۆگۈنلۈككە توي قىلايلى...
ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاستىدىكى جەدۋەل ئىچىدىن ئېچىپ كۆرۈۋېلىڭ ھەمدە دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ! ئاپتورنىڭ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرى سالونىمىز ئارقىلىق داۋاملىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!