كۆڭۈلگە چاقچاق || 2-قىسىم بوران ئۇچقان قەدىناس ئۆي

文摘   2024-12-17 00:07   新疆  



3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
=
=-=





(2 -قىسىم)


بوران ئۇچقان قەدىناس ئۆي


ساقچى كىشى جىددىي تەلەپپۇزدا قايتۇرۇپ سورىدى:

-شۇ پۇل بەردىڭىزمۇ، بەرمىدىڭىزمۇ؟

-ھ... ھە، بەردىم، لېكىن قەرز بېرىپ تۇردۇم.

-بۇنىڭ پەرقى بارمۇ؟ ئۇ بەرىبىر پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، بېرىۋەتكەنگە ھېساب ئەمدى.

-نې... نېمىشقا؟... قانداقسىگە؟...

-سىز پۇل بەرگەن ئۇ قىز بۇ يەرلەردە پەيدا بولۇپ قېلىپ خەقنى ئالداپ پۇللىرىنى ئېلىۋېلىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، قۇيۇندەك پەيدا بولۇپ شامالدەك غايىپ بولىدۇ، ئۇ پەيدا بولغان يەرلەرگە ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ بولغۇچە بىردەمدە يوقاپ كېتىدۇ، ھازىرمۇ مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئادەم باشلاپ كېلىپ بولغۇچە سىزنى ئالداپ پۇلىڭىزنى ئېلىپلا تىكىۋېتىپتۇ ئەنە. بۇ قېتىممۇ تۇتالمايدىغان بولدى- دە ئەمدى،- دېدى تازىلىقچى ئايال يېنىدىكى ئادەمگە گەپ قىلىشقا پۇرسەت بەرمەي كۆزلىرىمگە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ.

ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم. ئەمما تېزلا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ:

-بەكلا ئارتۇق ئويلاپ قالدىڭلارمۇ قانداق؟ خەق قىيىن كۈندە قالغانلىقىنى ئېيتىپ، قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ مەندىن پۇل قەرز ئالدى، ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى قوشىۋالدىم، يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ پۇلنى ماڭا ئۇرۇپ بېرىدىغان بولدى، مانا، ئىشەنمىسەڭلار كۆرسىتەي ھە.

شۇنداق دەپ ھېلىقى قىزنىڭ ئۈندىدار پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئېچىپ ئۇلارغا كۆرسەتتىم. ئېكران يۈزىدە «قارشى تەرەپ سىزنىڭ دوستىڭىز بولدى، پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ» دېگەن خەت بىر چىرايلىق جىلمىيىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ ھېلىقى ساقچى:

-ئۇنداقتا خەت يېزىپ بېقىڭە، نېمىلا دېسىڭىز دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بېقىڭ، جاۋاب قايتۇرامدۇ قېنى؟- دەپ قالدى.

مەن ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، ھېلىقى قىزنىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىگە ئەھۋال سوراپ ئاۋازلىق گەپ قىلدىم. ئەمما ئاۋازىم قارشى تەرەپكە بارمايلا ئۇ تەرەپتىن «قارشى تەرەپ سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەس، ئۇچۇر يوللىنىشقا ئامالسىز» دېگەن خەت سەكرەپ ئالدىمغا چىقتى. بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھەم ئاچچىقىم كەلگەن ھالدا تۇرۇپلا قالدىم. ئەمدى بايىقى قىزنى «ئالدامچى ئەمەس» دەپ ئاقلاپ ئالدىمدىكىلەر بىلەن زاكۇنلىشىشنىڭ قىلچىلىك ئورنى قالمىغانىدى. ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا ئالدانغىنىمنى تەن ئېلىپ، بېشىمنى تۆۋەن سالدىم.

ساقچىنىڭ تەكلىپ بېرىپ يول باشلاش بىلەن ۋوگزال ساقچىخانىسىغا كەلدۇق. بۇ ئىش توغرۇلۇق دېلو تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلگەندە ساقچى مەندىن ئۇ قىزغا قانچە پۇل بەرگەنلىكىمنى، نېمىلەرنى دېيىشىپ، قانداق ئەھۋالدا بەرگەنلىكىمنى قايتا- قايتا سوراپ خاتىرە قالدۇردى. بۇ ئىشلاردىن تولىمۇ ئىچىم پۇشقان ھالدا ئۇنىڭ سورىغىنىغا ئۇدۇللۇق جاۋاب بېرىپ سوراقنىڭ تېزراق تۈگىشىنى ئارزۇلاپ تاقەتسىزلىنىپ كەتتىم. قارىسام بۇلارنىڭ سورايدىغانلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، يازىدىغان قەغەزلىرىمۇ ۋاراق ئاتلىتىپ ھېچ توختىمايۋاتاتتى. ئاخىرى ئىچىم سىقىلىپ چىدىماي مۇنداق دېدىم:

-بولدى قىلايلىمىكىن بولمىسا، ئۇمۇ ھېچقانچە پۇل ئەمەس، يەنە كېلىپ پۇل دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ قولىنىڭ كىرى، ئۇنچىلىك پۇلۇمنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە...

-«پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى» دەپ قويۇڭ، ياخشى ئويلايدىكەنسىز بولمىسا. ئاشۇ قولنىڭ كىرىنى تېپىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولغىيتتىڭىز؟ ئالغىڭىز بار نەچچە بىر نەرسىلەردىن قىسىلىپ، خەجلىگۈڭىز بار كۆپ بىر كۆڭۈل خۇشلۇقلىرىدىن ئۆزىڭىزنى يىغىپ تۇرۇپ ئاندىن يىغقان بولغىيتتىڭىز؟ مەن بىلسەم ھېچكىم پۇلنى يولدىن سۈپۈرىۋالمايدۇ، مۇشۇنداق قولىڭىزدىكى ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇلىڭىزنى ئالدامچى سوقۇپ كەتسە «پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى، ئالدامچى ئېلىۋالسا يەنە ئىشلەپ تاپىمەن» دەپ ئولتۇرىدىغان سىزدەك ئادەملەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن بىزنىڭ خىزمىتىمىز كۈندىن كۈنگە جاپالىق بولىۋاتىدۇ، ئاشۇ ئالدامچىغا ئالدىنىپ پۇللىرىڭىزنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ يۈرمەي ھوشيارراق بولغان بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاشۇ پۇلنى ئاتا- ئانىڭىزغا، ئىنى- سىڭىللىرىڭىزغا خەجلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاشۇلار خوش بولۇپ قالار بولغىيتتى؟

ساقچىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قاملاشمىغانلا بىر گەپ قىلىپ سالغىنىمنى ھېس قىلىپ خىجالەتتىن يەرگە قارىۋالدىم. شۇ چاغدىلا ئۇ مىڭ يۈەن پۇلنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ بۇ نەچچە يىللاردىن بېرى ئايلىق مائاشىم سەككىز مىڭ يۈەن بولغىنى بىلەن، ئىشقا كېچىكىپ قالغىنىم، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىگىنىم سەۋەبىدىن شۇنىڭ بىرەر مىڭ يۈەنىنى تۇتۇپ قالسا خۇيۇم تۇتۇپ نەچچە كۈنلەرگىچە ئاچچىقىمنى يۇتالماي قالاتتىم. ئەمدى كېلىپ ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن نەدىكى بىر كەلگۈندى ساختىپەزلەر ئالداپ قويۇپ كەتتى دېسە!...

-بىز  سىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىڭلارنى، مال- مۈلكىڭلارنى قوغداپ بولالماي ئاۋارە، سىلەر يوقىلاڭ بىر ئاقكۆڭۈللىكىڭلار سەۋەبىدىن كەلسە- كەلمەس پۇل بېرىپ قويۇپ، خەقكە ئالدىنىپ قولۇڭلاردىكى تەييار ناننى تونۇمايدىغان ئالدامچىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئاۋارە، ئەمدى تېخى ئۇ ئالدامچىنى تېپىپ تۇتۇپ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرەيلى دېسەك «بولدىلا مەيلى، ئىزدىمەيلى، پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى...» دەپ قويۇڭ! ئۇ قولنىڭ كىرىگە سىزنىڭ ئىچىڭىز ئاغرىمىسا بىزگە ھېچقانچە گەپ، يامان يېرى ئاشۇ ئالدامچىنى بىر نەچچە كۈن ياخشى جان بېقىپ، كېيىنكى قېتىملىق ئولجىنى سوقۇشنى پىلانلاشقا ئوبدان بىر خىراجەت بىلەن تەمىنلەپ قويدىڭىز. ئەمدى... ماۋۇ ئىشنى مۇنداق قىلايلى قاراڭ، ئەگەر «پۇلۇمنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىڭلار»  دېسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى توشقۇزۇپ، تېلېفون نومۇر، ئادرېسلىرىڭىزنى بىزگە تەمىنلەپ بېرىڭ، ئالدامچى تۇتۇلغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىۋالغىنى دەلىللەنسە بىز سىزگە ئۇچۇر قىلىپ پۇلىڭىزنى قولىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز، ئەگەر «ئالدامچىنى ئىزدىمىسەڭلارمۇ مەيلى  پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدىغان ئىشىڭىز بولسا ماۋۇ جەدۋەلگە قول قويۇۋېتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

مەن ساقچى كىشىنىڭ دېگىنى بويىچە بارلىق ئۇچۇرلىرىمنى توشقۇزۇپ تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراپ، ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنىم ئۈچۈن يېنىش- يېنىشلاپ ناماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ساقچىخانىدىن يېنىپ چىقتىم. قارىسام پويىز قوزغىلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالغان ئىكەن، ئالدىراپ پويىزغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بىردەم بولسىمۇ نېرى تۇرۇش ئۈچۈن دېرىزە رامكىسىغا يۆلىنىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.


3


«غەربكە ساياھەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا قاشتاش يۈزلۈك توشقاننىڭ تېگىمەن دەپ تۇرىۋېلىپ تاڭسىڭنى تۇتىۋالىدىغان قىسمىغا كەلگەندە ھەقىقىي مەلىكە ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچقاندا «ئېسىمدە قالغان يول بىلەن مېڭىپ ئوردىغا كەلدىم» دېگەن بىر گەپنى قىلاتتى. مانا ھازىر مەنمۇ نەق شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئېسىمدە قالغان يول بىلەن مېڭىپ ئۆز ئۆيۈمگە كەلدىم. بىراق ئۆيلەرنىڭ ھەممە ئىشىكى قۇلۇپلانغان بولۇپ، بىزنىڭ ئۆيگە تەۋە بىرمۇ ھاياتلىقنىڭ نىشانىسى باردەك قىلمايتتى. دەرۋازا يوچۇقىدىن كۆزۈمنى تىقىۋەتكۈدەك بولۇپ سىنچىلاپ قارىغىنىمدا ھويلا- ئاراملار توپا بېسىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ قۇرۇغان شاخ، يوپۇرماقلىرىمۇ ھويلا ئىچىگە سۇۋارى تۆكۈلگەن بولۇپ، بوران ئۇچۇپ، خۇددى ئادەم ئولتۇرمىغىنىغا بىرەر يۈز يىل بولغان تاشلاندۇق كەپىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. تۇيۇقسىز كۆڭلۈم قايتىلاردىن يېرىم بولدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاپام بىلەن سىڭلىم بۇ ئۆيۋاقىلارنى بەكلا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تاشلاپ قويۇپ، بىر قېتىممۇ قەدەم باسمىغاندەك قىلاتتى. ئەينى چاغلاردا «بۇ ئۆينى سېتىۋېتىپ، شەھەرگە كىرىپ بىنادىن ئۆي ئېلىپ ئولتۇرايلى» دېسەم ئۇنىماي، «دادىڭىز بىلەن تۇتقان ئۆي، ئۆز قولۇم بىلەن تۇتقان ئۆي، سېتىۋېتىشقا كۆزۈم قىيمايدۇ» دەپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. مانا ئەمدى مۇشۇنداق تاشلاپ قويۇپ يىللاپ- يىللاپ بىر يوقلاپ كەلمەسلىككە ئەجەب كۆزى قىيىپتۇ دېسە؟

شۇلارنى ئويلاپ سەل جۇدۇنۇم ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۈننىڭ يورۇقىدا ئۆي ئىچىگە كىرىۋېلىشنى ئويلاپ، «ئاپام قوشنىلاردىن بىرەرسىگە بولسىمۇ ئاچقۇچنى ھاۋالە قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى پەرەز قىلىپ يان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. دېگەندەك، تام قوشنىمىز ساۋۇر ئاكام مېنى بەكمۇ تەستە تونۇغاندىن كېيىن، ئۈستىباشلىرىمغا چىمچىقلاپ بىر ھازا قاراپ قوللىرىمنى تۇتۇپ خېلى ئۇزۇن تەپسىلىي ئەھۋال سورىدى. ئاندىن قورايدەك قوللىرى ئارىسىدا مىجىلىپ كېتىۋاتقان يۇمشاق قوللىرىمنى قويۇپ بەرمەي تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

-ئاپىڭىز بىلەن سىڭلىڭىز بۇ ياقلارغا كەلمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بولدى بالام، مەن ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئاچقۇچىڭلارنى ساقلاپ، ئايدا بىرەر قېتىم ھويلا- ئاراملىرىڭلارغا قاراپ قويۇپ تۇرىۋاتقان ئىدىم، بىراق يېقىندىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغانلىقتىن ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ بولالمىدىم، سىز ھەر نېمە بولسا قايتىپ كەپسىز، ئەمدى كەتمەي مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ، بۇ ئۆيلەر بەكلا تاشلىنىپ قالدى، بىرەرسىڭلار بولسىمۇ ئولتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساڭلار تۈگىشىپلا كېتىدىغان چىراي، ئادەم ئولتۇرمىغان ئۆي ئاسان كونىراپ كېتىدۇ، مۇنداق تاشلاپ قويساڭلار ئۆيۋاقىلارنىڭ ئىسراپى تۇتقاندا ئادەم ئۆي- ماكانسىز قالىدىغان گەپ بالام.

بوۋاي ھەقىقەتەن توغرا دەيتتى. مۇشۇ ئۆيۋاقىلارنى تاشلاپ قويۇپ باشقا يۇرتقا كەتكەندىن بېرى مانا ساق ئون يىل مابەينىدە ئۆي- ماكانسىز ھالدا خەقنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ، مۇساپىرلارچە ھايات كەچۈرۈپ يۈرمىدىممۇ؟ شۇنداق قىلاي مۇمكىن بولسا ئاپاممۇ قايتىپ كەلسۇن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ ئۆيۋاقىلاردا كۆكلەپ، مۇشۇ يۇرتلاردا ياشاپ قالايلى. 

شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن بوۋاينىڭ گەپلىرىنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا يېنىش- يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىپ ئۆيگە چىقماقچى بولدۇم. شۇ چاغدا ئۇ يەنە قوللىرىمنى قويۇۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان ھالدا: 

-چىقسىڭىز چىقىڭ بالام، ئەمما ئاچىڭىز ھېلىلا تاماق ئېتىپ تەييار قىلىدۇ، چىقىپ نەرسىلىرىڭىزنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە ئىسسىق ئىچكىلى كىرىڭ، گۇڭۇر- مۇڭۇر بىردەم ئولتۇرايلى،- دېدى.

بوۋاينىڭ قىزغىن تەكلىپىگە، مېھرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ چىقتىم. ئەمما نېمىسىنى دەيكى، بۇ ئۆينىڭ مېنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغۇدەك، ئەدناسى كاسامنى قويۇپ بىردەم ئولتۇرغۇدەكمۇ يېرى يوق ئىدى. ھەممە ياق توپا- تۇمانچىلىق، ئۆي ئىچىنى سۇۋارى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتكەن، قاياقلاردىندۇر چاشقان سۈيدۈكى سېسىق پۇراپ تۇرغان، تام بويلىتىپ تاشلانغان ئۇزۇن پەردىلەرنى بىر قەۋەت توپا باسقان، ئۆي ئىچىدىكى گىلەم، يوتقان- كۆرپە ۋە بارلىق بىساتلارنىڭ ئەسلى رەڭگىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە توپا بېسىپ كەتكەن ئىدى. ئۆينىڭ بۇ ئەھۋالىدا نەرسە- كېرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۆزۈم ئورۇنلىشىۋالغۇدەك ئازراقمۇ ئىمكانىيەت يوق ئىدى. قاياققا قەدەم ئېلىپ نەگە پۇت قويۇشۇمنى بىلمىگەن بۇ قورۇ جايلار ئىچىدە نېمە قىلارىمنى بىلمەي ھاڭۋاققىنىمچە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم. ئاندىن پىغانىمنى تۆكۈشنى مەقسەت قىلدىممۇ ياكى ئۇلارنى سېغىندىممۇ، ئىشقىلىپ ئىختىيارسىزلا ئاپامغا تېلېفون قىلدىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ باقمىغىنىمغىمۇ بىرەر يىلدەك بولۇپ قالغانىدى. ئاپام بىلەن سىڭلىممۇ مېنىڭ قېيدىۋالغىنىمدىن ئۆتەر قېيدىۋېلىپ، ئۇلارنىڭمۇ مېنى ئىزدىمىگىنىگە خېلى ۋاقىتلار بولغان ئىدى.



2-قىسىم تۈگىدى، داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ، ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا باش- ئاخىرىغا چىراي ئىپادىسى قوشۇپ يولىمىسىڭىز ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ.

ھەر قانداق بىرەيلەننىڭ بۇ ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشى چەكلىنىدۇ! 


HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章