تەبەسسۇم || بەك بىچارىكەنسىلەر…

文摘   2024-12-09 23:51   新疆  





بەك بىچارىكەنسىلەر


ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


بەكلا كۈلگۈم كېلىدۇ…

نېمە جاپا سىلەرگە؟ 

سۆيمىگەننى سۆيىمەن دەپ 

كۆيمىگەنگە كۆيىمەن

كۈتمىگەننى كۈتىمەن دەپ 

بىكاردىنلا خەقكە مەن ساڭا ئاشىق دەپ؟…

قىزىق بولامدىكەن؟ 

نەرى قىزىقتۇردىكىن سىلەرنى، پەقەت كۆڭۈل دەۋاسى قىلىپلا يالغانچلىق ئىچىدە جان قىينايدىكەنسىلەر!…


مانا بىز ياخشى! 

سۆيمىسەك ئوچۇق دەيمىز، قانداقتۇ كۆڭۈل دەۋايىمىز يوق! 

ئۆزىمىزنى سۆيسەك كۇپايە، كىملەردىندۇر تامايىمىز يوق! 

سىلەردەك كۆيگەن بولىۋېلىپ ئالدىمايمىز

سۆيگەن بولىۋېلىپ رەنجىتمەيمىز

نائېنىق بەختنى پولاڭلىتىپ يالغانلاردىن كۆڭلىنى ئۇتمايمىز!

كۆڭلىنى ئۇتۇپ بولۇپ بارچە دەردىگە ئۆزىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالمايمىز! 

شۇ قەدەر بىچارىسىلەركى،

پەقەت سىلەرگە ئىشەنگەن ئىنسانلارنىلا ئالدىيالايسىلەر!…


ئادەم ئۆزى بولۇپ ياشىسا ئەڭ راھەت ئەسلى! 

كۆيمىسە ئارتۇق زورۇقمىسا

سۆيمىسە يالغانلىرى بىلەن ھەريەردە پېتىراپ يۈرمىسە

ئاشۇ ئالدىۋېلىشلىرى بىلەن ئۆزىنىمۇ، خەقنىمۇ بىچارە ئەتمىسە…

نە بولۇركى، شۇ يالغانلىرىدىن ۋىجدانى زەررىچە كۆيۈشسە!…


مىڭنى قىلساڭلارمۇ بىچارىسىلەر!…

بەكلا بىچارە! 

شۇ كۆيۈش، سۆيۈش، كۈتۈشلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەيكى…

يالغانلىرىڭلاردىن كۈلكەڭلار قىستىمايدىغان

خۇدىكىڭلار كەلمەيدىغان 

يۈرىكىڭلار ئۆرتەنمەيدىغان

ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ساددىلىقىنى

ئىشەنچىنى

مېھرى - مۇھەببىتىنى ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدىغان

شۇ قەدەر بىچارىسىلەر! 


ئەسلىدە سىلەرگە ئىچىمىز ئاغرىسا توغرا بولاتتى 

پارازىتلارچە ياشىغىنىڭلارغا ھېسداشلىق قىلساق ياخشى بولاتتى! 

ئەپسۇسكى، ئۆزىمىزگە ئىچ ئاغرىتىپ قالدۇق، 

قەلبىمىزنى قوغدىيالمىغىنىمىز ئۈچۈن 

كىچىككىنە مېھىرلەر تاماسىدا سىلەرگە ئالدانغىنىمىز ئۈچۈن 

يالغان كۆڭۈل دەۋايىڭلارنىڭ قۇربانى بولغىنىمىز ئۈچۈن 

ئۆزىمىزگە ئىچىمىز ئاغرىدى!…

بۇمۇ توغرا! 

ئەڭ يېقىن كۆرگەنلىرىمىزدىن

دەل سىلەردىن كېلىۋاتقان كۆڭۈل جاراھىتىنى مۇشۇنداق ئەملىمىسەك قانداق قىلىمىز؟ 

زادى قانداق قىلىمىز! 


ۋادەرىخا! 

ئاجايىپ ئاجىز ۋە ئاجايىپ بىچارىكەنسىلەر!…

پەقەت سىلەرگە ئىشەنگەنلەرنىلا ئالدايدىغان!…


2021-3-31






HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章