چەمبىرەك پاراڭلىرى

文摘   2024-12-05 23:59   新疆  






ھەر ئادەم چوقۇم ئاددىي بولسىمۇ ئىززىتى بولغان تۇرمۇشتا ياشىشى كىرەك...


-خانقىز



ئۆتكەن ھەربىر كۈن كاتتا بولمىسا مەيلى، لېكىن راھەتلىك بولسۇن!


-مەستۇرە



قۇرۇق يانچۇق سىزگە ھاياتلىقتىكى مىلىيۇن خىل كىشىلەرنى تونۇتىدۇ، شۇڭا قۇرۇق باھانىڭىزنى تاشلاپ تىرىشىڭ!


                   -بۆجەنى



كۆڭلى ياخشىنىڭ كۆزىدىن بىلىسەن، قەلبى ياخشنىڭ سۆزدىن...


-پەرھات ئوبۇلھەسەن



بىر ئادەمنىڭ خاتالىغىنى تۇتىېۋىلىپ ئەيبلەش ئارقىلىق ئۇنى تۈزىگىلى بولمايدۇ، ئەپۇچانلىق ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش بىزنىڭ چىقىش يولىمىز بولۇشى مۇمكىن.


-ئابدىراخمان



ھەممە ئۇۋالچىلىقنى ئىچىمىزگە يۇتىۋەتكەندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىش ئۇقىدىغان ئادەمگە ‏ئايلىنىدىكەنمىز.


                      -مېھرىنىسا



ھەممە ئىشلا ئاسان بولۇشتىن ئىلگىرى قىيىن بولىدۇ.


                      -ئىمران


          

ھەرقانداق مۇھەببەت مەڭگۈ ئىپادىلەپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ، ئىپادىلىگەنسېرى زىرىكىش ئەمەس بەلكى نۇرلىنىش بولىدۇ ھەم تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.


                       -ئاينۇر



ئاياللارنىڭ ئېرىنى ئۆزگەرتىمەن دېيىشى خورازنى تۇخۇم تۇغدۇرىمەن دېگىنىگە ئوخشاش ئىش، شۇڭا سىز ئېرىڭىزنىڭ گېنىنى، قېنىنى، خۇلق- مىجەزىنى، ئەسلى ئائىلىسىنى، جەددى- جەمەتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىڭىز يەتمىگەندىكىن، ئۆزىڭىزنىلا ئۆزگەرتىڭ! چۈنكى توي تۇرمۇشى قارىماققا ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىدەك تۇرغىنى بىلەن، ئۇ ئەسلى بىرلا ئادەمنىڭ ئىشى. «سەن ئۆزگەرسەڭ دۇنيا ئۆزگىرىدۇ» دېگەن راست گەپ ئەسلى! 

ئۆزگەرگەن قىياپەتكە كىرۋېلىش ئەمەس راست ئۆزگىرىمىز! ئوخشاشلا ئەر كىشىمۇ ئايالىنى ئۆزگەرتىمەن بويسۇندۇرىمەن دېمىگىنى تۈزۈك، چۈنكى ھېچكىم توي تۇرمۇشىدا ئەسىمەتخان بىلەن باخشۇنىڭ رولىنى ئېلىشنى خالىمايدۇ!


 -ئانارگۈل


ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章