ئۆزۈڭنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلۋالغان شۇ دەل ئۆزۈڭ، يا ئاق كۆڭلۈڭ، يا ئارتۇق سۆزۈڭ، ياكى قارىغۇ كۆزۈڭ.
-پەزىلەت
سۆيگۈنى سېتىۋالالمايسەن، بەلكى ئۇنى سېنى سۆيگەن بىر قەلبتىن ھەدىيە سۈپىتىدە ئالالايسەن.
-جۈرئەت
سەن اغڭىقىلياب، كىلىخەب ئىكەنلىكىڭگە، دۇنيادا بىردىنبىر ەگڭىكىلنەكىئ ئىچ- ئىچىڭدىن، نىدڭۇدۇجۇۋ ئىشىنەلىسەڭ، ەممەھ گۈزەللىك ۋە سەن نەگنەشىئ شۇ نەرسىلەر ىنېس ئىزدەپ كېلىدۇ.
-ئالماس
ياشاپ ھاياتنىڭ يېرىمىغا كەلدۇق، ئىسراپ قىلغۇدەك ئۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز يوق، سىزنى قېرىندىشىم دېگەنلەرگە كۆيۈپ ياشاڭ! سىزنى دوستۇم دېگەنلەرگە ئىگىلىپ ياشاڭ! سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلەرنى قەدىرلەپ ياشاڭ!
-تۇرسۇنگۈل
سىز مەيلى قانچىلىك سەمىمى بولۇڭ، كىشىلەر ھامان سىزگە ئۆز تەبىئىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.
-ئەتىرچى
ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز توغرا يوسۇندا مۇھەببەت بېرەلىگۈدەك بولغان ۋاقتىڭىزدا كىشىلەرنىڭ سىزنى ياقتۇرۇش، ياقتۇرماسلىقى بىلەن زىيادە ھەپىلىشىپ كەتمەيسىز.
-مەرھابا
ھەر زامان خەنجەرنى ئاغرىيدىغان يېرىڭگە تىقىپ قوچۇيدىغانلار دەل سېنىڭ ئاغرىيدىغان يېرىڭنى بەش قولدەك بىلدىغان ھەم سەن ئەڭ ئىشەنگەن، ئەڭ يېقىن كۆرگەن كىشىلىرىڭدۇر.
-مەستۇرە
ئىشلىرىمىزغا مۇھەببەت ئارلاشقانلىقى ئۈچۈن ھاياتىمىز مەنىلىكتۇر…
-ئاينۇر
بەخت ئۆزىدە بارىدىن چەكسىز ھوزۇر ئالماقتۇر.
-شېرىنئاي
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!