كۆڭۈلگە چاقچاق || 1-قىسىم نەس باسقان تۇنجى قەدەم

文摘   2024-12-15 23:50   新疆  



3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
=
=-=





(1 -قىسىم)


نەس باسقان تۇنجى قەدەم


1


ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەپەر تەييارلىقىنى باشلىۋەتتىم. ئالغىنىم چۈشتىن كېيىننىڭ بېلىتى بولسىمۇ، ئەمما ئىجارە ئۆينى قايتۇرىدىغان، ئارتۇقچە نەرسىلەرنى قوشنىلارغا بېرىۋېتىدىغان، بۇ يەردىكى ئاغىنىلىرىم بىلەن خوشلىشىدىغان بىر تالاي ئىشلىرىم بولغاچقا سەھەرراق تۇرىۋالدىم. قارىسام ئۇنى ئېلىپ، بۇنى قويۇپ دېگەندەك، كىيىملىرىممۇ ئىككى چامادانغا لىقلا كەلگۈدەك بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تاشلىۋېتىشكە قىيمايدىغانلىرىممۇ كۆپرەك بولغانلىقتىن، كىرا كەتسىمۇ مەيلى دەپ يۇرتقا ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ ھەممىنى چامادانغا قاچىلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوبدانلا بىر ئائىلىنىڭ يۈك- تاقىسىدەك لىقلا ئىككى چامادان نەرسىلەرنى يۈدۈپ يولغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم.

ئاپام بىلەن سىڭلىمغا بىر قېيدىۋالغىنىمچە قايتمىغىلى ئون يىل بولغان يۇرتۇمنى ھەر ئويلىسام يۈرىكىم جىغلا قىلاتتى. يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىنى، ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرمىسام بولمايدىغانلىقىنى دېمىسەم ھەتتا بۇ قېتىممۇ قايتقۇم يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام بىلەن سىڭلىممۇ مېنى بۇ يىللاردا ئۇنتۇپلا كەتكەن بولۇپ، مەندەك بىر ئوغلىنىڭ، ئاكىسىنىڭ بارلىقىنى يادىدىن چىقىرىپ قويغاندەك بىرەر قېتىم تېلېفون ئۇرۇپمۇ قويمايتتى. شۇلارنى ئويلىساممۇ بىر پۇتۇم ئالدىمغا تارتسا، يەنە بىر پۇتۇم كەينىمگە تارتىپ، مەن بىلەن بىللە ئۇلارغا قېيداپلا تۇراتتى. ئامال يوق، ھامان بىر يەردە مۇقىم ئورۇنلىشىپ، خوتۇن ئېلىپ، بالا- چاقىلىق بولۇپ، مۇقىم ئائىلە قۇرمىسام بولمىغانلىقى ئۈچۈن بوينۇمدىن باغلاپ سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ئۆز يۇرتۇمغا كېتىۋاتاتتىم.

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئىستىپا بېرىۋەتكەن خىزمىتىمنى ئويلىساممۇ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشاتتى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئون يىل ئىشلىگەن خىزمىتىم، يەنە كېلىپ باشلىقىممۇ، خىزمەتداشلىرىممۇ مېنى ئىنتايىن قوللايتتى ھەم ياقتۇراتتى. خىزمىتىم، مائاشىم مۇقىم، جاپاسى يوق، پاكىزە ھەم ئازادە ئىدى. پەقەت مۇشۇ تۇرمۇش قۇرۇش مەسىلىسى، يىلدىن- يىلغا چوڭىيىپ كېتىپ بارغان يېشىملا ھەممە ئىشلارغا خۇددى دوقا ماڭلايدەك ئۈسۈپ يوللىرىمنى توسۇپ تۇراتتى. شۇنداق بولغاندا «مۇشۇ يەردە قېلىپ يىلتىز تارتىمەن» دېگەن خىيالىمنىمۇ ئاستا- ئاستا ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتاتتىم.

شۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئېڭىمدىن ئۆتكۈزگەچ، ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن مەن ئۇزۇن يىل تۇرغان ئىجارە ئۆيگە قىيالماسلىق ئىلكىدە قايتىدىن نەزەر تاشلىدىم. ئۆي ئىچىدىكى سەرەمجانلار، تام ۋە تۇرۇس خۇددى مېنى تونۇمايدىغاندەك، «نەگە بارساڭ بار» دېگەندەك سوغۇق بىر نەزەردە قاراپ تۇراتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بەرىبىر بۇ يەرگە مۇساپىر، پەقەت خىزمەت سەۋەبىدىن كېلىپ ئۇزۇن يىل ئولتۇرۇپ قالغان. مېھماننىڭ ھامان كەتمىكى بولىدۇ، تۇرمۇش ئۆزۈمنىڭ بولغان بىلەن ئۆي بەرىبىر ئىجارە، كېتىدىغان چاغدا ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن «ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇردۇڭ، ئەمدى يوقالساڭ بولىدۇ» دېمەي ئۇنىڭغىمۇ نېمە چارە؟

كەيپىياتىم ئىنتايىن غەش ھالدا دۈمبەمگە ئاسىدىغان سومكامنى سىڭايانچىلاپ مۈرەمگە ئارتىۋالدىم، ئاندىن ئىككى چاماداننى ئىككى قولۇمدا سۆرەپ ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن، ئىشىكنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تاقاپ ئاچقۇچنى چىقاردىم. ئۆي ئىگىسى بىرىنچى قەۋەتتە ئولتۇراتتى، پەسكە چۈشكىنىمنى كۆرسىلا ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىشى ئېنىقلا ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا بۇ يەردىن كېتىدىغانلىقىمنى، ئۆينى قايتۇرماقچى بولغانلىقىمنى تۈنۈگۈن ئاخشام ئېيتىپ قويغان ئىدىم. دېگەندەك بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ ھويلىدا توختىشىم بىلەنلا ئۆي ئىگىسى ئايال ئاشخانىسىدىن يۈگۈرۈپ چىققىنىچە ھۆل قوللىرىنى پەشتامىسىغا سۈرتكەچ مەندىن ئەھۋال سوراپ، يولدا يېگۈدەك، ئىچكۈدەك نەرسە ئېلىۋالغان، ئېلىۋالمىغانلىقىمنى سوراپ كەتتى. بىر ھېسابتا بۇمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق ئىدى. توساتتىنلا كۆڭلۈم ئىللىپ، ئىچ- ئىچىمدىن يېقىملىق بىر كۈلكە يامراپ چىقتى. مۇشۇ چاغدا كۆڭلۈمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىمۇ شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۆي ئىگىسى ئايال بەرگەن جاۋابىمدىن سۆيۈنۈپ، «توختاپ تۇرۇڭ» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، بىر سۇلياۋ خالتىدا لىقلا نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى ۋە:

-شاكىر، بۇلارنى يولدا يەرسىز شىنجاڭلىق ئۇكام، دۇكاندىن ئازراق ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى، ئاندىن ئىچىملىك سۇ ئەكىرىپ قويغان ئىدىم، ماڭغان چېغىڭىزدا تۇتقۇزۇپ قويارمەن دېۋىدىم، ھەرنېمە بولسا ئۆيدە بار ۋاقتىمدا يولغا چىقىپسىز، سالامەتلىكىڭىزگە بەكلا دىققەت قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، يولدا نەرسە- كېرەكلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ جۇمۇ، بارغاندىن كېيىن ماڭا ساق- سالامەت بېرىپ بولغانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، ئەگەر بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ قالسىڭىز مېنى ئىزدەپ تۇرۇڭ، يەنە ئىجارە ئۆي لازىم بولسا ھەر ۋاقىت سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، ئۇزۇن يىل بىر قورۇدا بىللە تۇرۇپتۇق، خۇددى ئۆز ئىنىمدەكلا بولۇپ قاپتىكەنسىز، سىزنىڭ ھويلىغا كىرىپ چىقىشىڭىزغا، مەندىن ئەھۋال سوراشلىرىڭىزغا كۆنۈپلا قاپتىكەنمەن، ئەمدى سىز يوق، قانداقمۇ كۆنەرمەن؟ غېرىبسىنىپ قالىدىغان بولدۇم جۇمۇ، بولدى، بۇ گەپلەرنى دەپ ۋاقتىڭىزنى ئالماي، بالدۇرراق يولغا چىقىڭ، يولدا لازىم قىلغۇدەك نەرسە- كېرەكلەر بولسا ئايرودۇرۇمغا كىرىشتىن بۇرۇن ئېلىۋېلىڭ، ئايروپىلانغا چىقىپ بولغاندا ئىككى يېنىڭىزغا قاراپ قالماڭ يەنە،- دېدى ۋە خۇددى ئۆز ئاچامدەك قوللىرىمنى تۇتۇپ يېتىلەپ يولغا مەن بىلەن بىللە چىقتى.

مەن يۇرتۇمدىن بۇياققا ماڭىدىغان چاغدا مېنى ئۇزىتىپ قويغۇدەك، قوللىرىمنى مۇشۇنداق تۇتۇپ مەن بىلەن بىللە خېلى بىر يەرلەرگە بىللە بارغۇدەك ھېچكىمىم بولمىغان ئىدى. ئۇ چاغدا بار- يوقى بىر تاللا سومكامنى مۆرەمگە ئارتىپ ئۆيدىن خېلى يىراقلاپ كېتىپ بولۇپ كەينىمگە قارىسام، ماڭا خوش دېگىلى چىققان ئاپاممۇ ئاللىقاچان ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بولغان ئىدى. شۇ چاغدا قانچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانلىقىنى ھازىر ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. ئەمما بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە، ئۆي ئىگىسى ئايال خۇددى ئۆز قېرىندىشىمدەك ماڭا شۇنچىلىك ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، مېنى بۇ ئىككىنچى يۇرتۇمدىن ئۆز يۇرتۇمغا ئۇزىتىپ قويماقچى بولىۋاتىدۇ. «بۇ مۇھەببەتلىك مۇئامىلىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن» دەپ ئەھدە قىلدىم ئىچىمدە.

فاڭ ئاچام بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان تور تاكسىسىغا ئولتۇرۇپ ئايرودرومغا قاراپ ماڭدىم. جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ كەينى ئەينىكىدىن فاڭ ئاچامغا قارىسام، ئۇ تېخىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماشىنا ماڭغان تەرەپكە بويۇنداپ قاراپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ئىختىيارسىز يۈرۈكۈم شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى، پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئاستا شىۋىرلىدىم:

-خوش فاڭ ئاچا، خەير- خوش مېھرى سوغۇق ئۆيۈم، خەير- خوش شاڭخەي!...


2


شاڭخەيدىن ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە چۈشكەندىن كېيىن يۇرتقا قايتىشقا ئالدىرىماي، بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇشنى ئويلاپ ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان بېلەتنى قايتۇرىۋەتتىم- دە، مېھمانخانىغا چۈشتۈم. ئەپسۇسكى، بېلەت قايتۇرغان چاغدا يول بويىدىكى ئاممىۋى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يانفۇندا مەشغۇلات قىلغانلىقىم ھەمدە بېلەتنى قايتۇرۇپ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپلا بىر چاماداننى سۆرەپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن، يەنە بىر چاماداننى شۇ يەردە ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر چامادانىمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم. گەرچە ئۇ چاماداندىكىسى بەك مۇھىم قىممەتلىك نەرسىلەر بولمىسىمۇ، ياخشى كۆرىدىغان كىتابلىرىم، ئايىغىم ۋە كىيىم- كېچەكلىرىم ئىدى. بۇ نەرسىلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن بولسام خېلى بىر مەزگىل ئىشلىتىشىمگە يېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاماداننى تېخى يېڭىلا سېتىۋالغان ئىدىم ۋە بۇ چاماداننىڭ شاڭخەيدىكى سېتىلىش باھاسى بۇ يەردىكىگە قارىغاندا ئىككى- ئۈچ ھەسسە قىممەت ئىدى. شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى، ئەمما خېلى ئۇزۇن ئىزدەپمۇ تاپالمىغاندىن كېيىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدىم. راست ئەمەسمۇ؟ «ئانچە- مۇنچە كىيىم- كېچەكلەر، ئەسكى- تۈسكى كىتابلار قاچىلانغان بىر چاماداننى يۈتتۈرۈپ قويدۇم» دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىڭ تېخى ئورنى بولمىسا.

چامادانىمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە نەچچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن قايتىشنى قارار قىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم، لېكىن بۇ پۇشايماننىڭ پايدىسى يوق ئىدى. بىر چاماداننىڭ يوقلىقىنى ياتاققا تىزىملىتىپ كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، قولۇمدىكى چاماداننى جايلاشتۇرۇۋېتىپ ئاندىن ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىمنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپلا چىققان ئىدىم، شۇڭا ياتاققا قايتماي، كوچىلاردا مەقسەتسىزلا ئايلىنىپ يۈردۈم. لېكىن بۇ شەھەردە ئاللىقاچان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان نەچچە ساۋاقدىشىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچ بىر تونۇش- بىلىشلىرىم ۋە دوستلىرىم يوق ئىدى. نەگىلا بارسام يالغۇز، نېمىلا ئىش قىلسام يالغۇز، ھەتتا تاماق يېسەم، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرسەممۇ يەنىلا يالغۇز ئىدىم. خۇددى ئىگىسى يوق ئىت- مۈشۈكلەرگە ئوخشاش، ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان، ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايدىغان ھالەتتە پۈتۈنلەي يالغۇز- يېگانە ئىدىم.

مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئۈرۈمچىدە نەچچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن يۇرتقا قايتىشنى قارار قىلغانلىقىمدىن ئىككىنچى قېتىم پۇشايمان قىلدىم. بەرىبىر ھالىمنى سوراپ قارشى ئالىدىغانغا ھېچكىمىم بولمىغاندىن كېيىن بالدۇرلا يۇرتۇمغا كەتسەم، ئاشۇ چاماداننى ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە قويۇپ غېرىبسىندۇرۇپ، ئاخىرى يۈتتۈرۈۋېتىپ يۈرمىسەممۇ بولىدىغان نېمە. بېلەت قايتۇرىمەن دېمىگەن بولسام شۇمۇ قالار ئىدى ھە يېنىمدا؟!

ئۆزۈمنى ئەيىبلەش تۇيغۇسىدىن كېيىن تېخىمۇ بىسەرەمجان بولۇپ كەتتىم، گويا ئالدىمدا بىرەيلەن ئۆرە تۇرىۋېلىپ ماڭا قولىنى شىلتىپ توختىماي تىللاۋاتقاندەك، ئىچ- ئىچىمدىن بىر سىقىلىش، بىر بىزارلىق ئۆرلەپ چىقاتتى. ساۋاقداشلىرىمنى ئىزدەي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما نەچچە يىللاردىن بېرى پەقەتلا ئىزدەپ باقماي، ئەمدى «ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدىم، قارشى ئالامسەن؟» دەپ ئىزدىگىلى يۈزۈم كۆيۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ناخۇش بىر كەيپىياتتا ياتاققا قايتىپ ئۇخلاپ، ئەتە ئەتىگەندە بېلەت ئېلىپلا يولغا چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرۈپ كەتتىم.

ئۈرۈمچى بىلەن بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئارىلىقى ئازراقلا يول ئىدى، شۇڭا ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ئاۋارە بولغۇچە پويىز بىلەنلا كېتىۋېلىشنى ئويلاپ، پويىز ئىستانسىغا باردىم. بېلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن چىقىدىغان پويىز كەلگۈچە ئانچە- مۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ پويىز ئىستانسىسى كۈتۈش زالى يېنىدىكى دۇكانغا قاراپ ماڭدىم. نەچچە قەدەم مېڭىشىم بىلەنلا تۇرقىدىن ۋەيرانچىلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شۇنچىلىك بىچارە بىر قىز بىلىكىمگە ئېسىلىپ قالدى:

-ئاكا، قارىسام ياخشى ئادەمدەك تۇرىسىز، ماڭا بىر ياردەم قىلىڭ بولامدۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىر ياردەم قىلىڭ، بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قالدىم، قانداق قىلىشىمنى بىلمەيمەن...

قىز كېلىپلا قولۇمغا ئېسىلىپ، يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ شۇ گەپلەرنى قىلىپ لېۋىنى چىشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقى ھەقىقەتەنمۇ بەك بىچارە ئىدى.

-نېمە ئىش بولدى؟ قانداق ياردەم قىلىمەن سىزگە؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭ ئۈستىبېشىغا باشتىن ئاياغ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن.

-قوشنا يۇرتتىن بۇ يەرگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كېلىپ بىرمۇنچە پۇل تاپقان ئىدىم، دېيىشكەن ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئىش بېشى بىلەن ھېسابلىشىپ پۇللىرىمنى ھەم يۈك- تاقلىرىمنى ئېلىپ ئۆز يۇرتۇمغا كېتىۋالاي دەپ پويىز ئىستانسىغا كەلگەن، بىراق... نەرسىلىرىمنى قويۇپ قويۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققۇچە ھەممە نېمەمنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ، بايىدىن بېرى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدىم...

-پۇلۇم بىلەن يۈك- تاقلىرىمنى ئىزدىشىپ بېرىڭ دېمەكچىمۇ سىز؟- دېدىم ئالدىراپلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي.

-ياق، ئۇنى ئەمدى تاپالمايدىغان ئوخشايمەن، ئىزدەۋاتقىنىمغا ساق ئۈچ سائەت بولدى، ھېچ يەردىن ئىز- دېرىكىنى قىلالمىدىم، سىز ئىزدىشىپ بەرسىڭىزمۇ تاپالمىساق بىكار ئاۋارە بولىمىز، دېمەكچى بولغىنىم... مەن تېخى يۇرتۇمغا كېتىدىغانغا بېلەت ئالمىغان، ھەممە پۇلۇم يۈتۈپ كەتكەن يۈك- تاقلىرىمنىڭ ئارىسىدا بولغاچقا يېنىمدا بېلەتكە يەتكۈدەك پۇل يوق... ھەتتا بىر ۋاق تاماق يېگۈدەكمۇ پۇلۇم يوق، مۇمكىن بولسا. ماڭا ئازراق پۇل قەرز بېرىپ تۇرارمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئاكا، خۇش بولۇپ قالاي ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز، يۇرتۇمغا كېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەردىن پۇل ئېلىپ چوقۇم پۇلىڭىزنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەتتىم...

-بۇ... ئۇنىڭدا قانداق بولىدۇ؟

-بولىدۇ، ھازىر مەن سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى قوشۇۋالسام، يۇرتۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن شۇ ئۈندىدارىڭىزغا پۇل ئۇرۇپ بەرسەم بولىدىغۇ، ياردەم قىلىڭە جېنىم ئاكا، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆيۈمگە كېتىۋالاي، كىچىك بالام بار ئىدى، قېيىنئاپامغا تاشلاپ قويۇپ كەلگەن ئىدىم، بالامنى كۆرگۈم كېلىپ ساراڭ بولايلا دېدىم...

-ئەمىسە قېيىنئاپىڭىزدىن پۇل سورىسىڭىز بولىدىكەنغۇ، بالىڭىزنى بېقىپ تۇرالىغۇدەك ئادەم بار يەردە سىزگە پۇل ئۇرۇپ بەرگۈدەك ئادەم چىقماي قالامتى؟

-ۋاي شۇ قېيىنئاپام يەتمىشكە كىرىپ قالغان ئايال، ئوغلى ئىككىمىز ئىشلەپ ئۇنى ھەم بىر ئۆينى باقاتتۇق، قېيىنئاپام شۇ مېنىڭ بالامغا قاراپلا تۇرالايدۇ، ئۈچ- تۆت تال توخۇسى بار، شۇنى باقالايدۇ، ماڭا ئۇرۇپ بەرگۈدەك پۇلىنى نەدە ئۇ بىچارە ئايالنىڭ؟ ئېرىم بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمەن، نېمە ئىش بولدىكىن، تېلېفونى پەقەتلا ئۇلانمايۋاتىدۇ، شۇ تاپتا جىددىيلىشىپ ساراڭ بولايلا دېدىم. خوش بوپ قالاي بىر ياردەم قىلسىڭىزچۇ ماڭا! ياخشىلىق دېگەن يەردە قالمايدۇ، مەن كېيىن بۇ ياخشىلىقىڭىزغا نەچچە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇراي، ئالدى بىلەن شۇ يۇرتۇمغا بىر كېتىۋالساملا بولاتتى...

قىز شۇ گەپلەرنى دەپ كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئېلىپ ماڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ تۇردى. ئەمدى ئۇنىڭغا راستىنلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. كەيپىياتىم ئەسلىدىلا ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قىلىش بىلەن كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. ئىختىيارسىز مۈرەمدىن ئارتىلدۇرۇپ بېقىندىۋالغان سومكامنى چاماداننىڭ ئۈستىگە پۇختىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن يانچۇقۇمدىن پورتمالىمنى ئېلىپ ئاختۇرغاچ:

-سىزچە نەچچە پۇل بەرسەم يېتەر؟- دەپ سورىدىم.

-ھە؟ ئۇ... ئالتە يۈز... ھەياق، بىرە مىڭ يۈەن بولسا يېتىپ قالارمىكىن...

-نېمە؟ بايىلا تېخى «قوشنا يۇرتتىن كەلدىم» دەۋاتاتتىڭىز، قوشنا يۇرت بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارىلىقى ھېچقانچە ئەمەستۇ؟ شۇ يەرگىمۇ مىڭ كويغا بېلەت ئالامسىز؟

-ۋوي... ئەمدى... ئەمدى شىنجاڭدىكى ھەممە ۋىلايەت- ناھىيەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ «قوشنا يۇرت» دەپلا قويىمىزغۇ بىلىسىز، ئەمما ئارىلىق خېلى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يېسەم، يەنە كېلىپ بۈگۈن پويىزغا چىقساممۇ يۇرتقا كەچكىچە بېرىپ بولالمايمەن دەڭە، ئەتە بىر كۈن تاماق يەپ پويىزدا مۇقىم ئولتۇرىدىغان گەپ تېخى، ھە شۇڭا...

-مۇنداق دەڭ، ھە بوپتۇ، ئەمىسە ئۈندىدارىمنى قوشۇۋالامسىز؟ مانا پۇل، ساناپ ئېلىڭ.

مەن شۇنداق دېگىنىمچە مىڭ يۈەن پۇلنى قىزغا ئۇزاتتىم. ئۇ پۇلنى ئېلىپ كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن، خۇشاللىقتىن قېن- قېنىغا پاتماي قالغان ھالدا يانفونىنىڭ سىكانىرلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ مېنىڭ يانفونۇمغا سوزدى. ئۈندىدارىمىزنى قوشۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باش شەكلىگە ئىختىيارسىز دىققىتىمنى ئاغدۇردۇم. ئۇ ئۈندىدارىغا كوچا لۈكچەكلىرىدەك تاماكىنى يانتۇ چىشلىگەن، چاچلىرىنى قىپقىزىل بوياپ ئاتتۇرىۋالغان ھەم شۇنىڭ ئۈستىگە بىر دانە ئايالچە شەپكىنى مايماق كىيىۋالغان، پۈتۈن كىيىم- كېچەكلىرى خۇرۇمدىن بولغان ئاجايىپ سەتەڭ مودا بىر قىزنىڭ رەسىمىنى باش شەكىل قىلغان ئىدى. باش شەكىلگە سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز نەزىرىمنى كۆز ئالدىمدا تۇرغان ماۋۇ ئىشلەمچى قىزغا ئاغدۇردۇم. قارىسام چىرايلىرىنىڭ بىر يەرلىرى باش شەكىلدىكى رەسىمگە ئوخشاپمۇ قالاتتى، ئەمما ئۈستىباشلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ۋەيرانە توپا- تۇمان ۋە كونىراپ كەتكەن كىيىملىرى ئۇنىڭ بۇ رەسىمدىكى قىز ئەمەسلىكىنى چورتلا ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بىر يەرلىرىدىن كۆڭلۈم غەش بولغان بولسىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ قىزغا:

-ياردەم قىلماي دېسەم قىيىن كۈندە قالغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ كارىم بولماسلىقىغا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، ئەمما ھەممىمىزگە تۇرمۇش ئوخشاش، ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس، شۇڭا يۇرتىڭىزغا بارغاندىن كېيىن ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ئەھۋالنى دەپ، ئامال بار پۇلۇمنى تېزراق ئۇرۇپ بېرەرسىز جۇمۇ،- دېدىم.

-ماقۇل، ماقۇل، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن، سىزنىڭ ھەققىڭىز مەندە قالسا مەنمۇ خاتىرجەم بولالمايمەن، پۇلىڭىزنى ئېلىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىسەم قېيىنئاپاممۇ مېنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، مەن دېگەن ياخشى ئائىلىنىڭ بالىسى، شۇڭا ئۆز ئەمگىكىمىزگە تايىنىپ پۇل تاپىمىز دەپ بۇ يۇرتلارغا كەلگەن، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداق بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم. رەھمەت سىزگە ئاكا، يۇرتقا بارغاندىن كېيىن ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنىڭ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمەن، ماڭا بەك چوڭ ياردەم قىلدىڭىز، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن چىرايلىق ئاكا، رەھمەت سىزگە!

قىز ماڭا يېنىش- يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن قىيالماسلىق نەزىرىدە كەينىگە پات- پات قاراپ قويۇپ، بېكەتنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش كۆزنىكى تەرەپكە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ خۇش بولۇپ كەتكەن ھالىتىگە قاراپ ئىختىيارسىز مېنىڭ كۆڭلۈممۇ ئىللىپ قالدى. ئۇ دۆۋىلىشىپ تۇرغان بىر توپ كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولغۇچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاستا مۆرە سومكامنى قولۇمغا ئېلىپ چاماداننى سۆرەپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. ئىككى قەدەم ئالغىنىمنى بىلىمەن، ساقچى فورمىسى كەيگەن بىر كىشى قولۇمغا كاپپىدە ئېسىلىپ:

-بايا بىرەيلەن سىزنى «بىر ئالدامچى قىزغا پۇل بېرىپ تۇرغىلىۋاتىدۇ» دەپ مەلۇم قىلغانىدى، ئۇ قىزغا پۇل بەردىڭىزمۇ، ياقمۇ؟- دەپ سورىدى.

-ئا... ئالدامچى؟... ياق، ئۇنداق ئەمەستۇ؟ ئالدامچى ئەمەستۇ ئۇ قىز؟

دۇدۇقلاپ قالغىنىمدىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى. شۇ ھالدا كۆز ئالدىمدىكى بۇ ساقچى كىشىگە ھەم ئۇنى باشلاپ كەلگەن تازىلىقچى ئايالغا ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن تىكىلدىم.


1-قىسىم تۈگىدى، داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ، ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا باش- ئاخىرىغا چىراي ئىپادىسى قوشۇپ يولىمىسىڭىز ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ.

ھەر قانداق بىرەيلەننىڭ بۇ ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشى چەكلىنىدۇ! 


HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章