ئورمانلىقتىكى تۇغۇت
سۈتتەك ئايدىڭ، ئېغىر ئەلياتقۇ مەزگىلى.
چەت- چېتىگە كۆز يەتكۈسىز مەھەللىدىكى بارلىق ئۆيلەرنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغان بولۇپ، گۆرۈستان جىمجىتلىقىغا چۆككەن قىشلاقنىڭ ئۇيقۇسى جان شۈركۈنگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىدى. پەقەت ئاندا- ساندا قاۋاپ قويىدىغان ئىتلار بىلەن ناگاندا بىر ھۇقۇيتىپ قويىدىغان ھوقۇشنىڭ ئاۋازىلا بۇ جىمجىتلىقنى پات- پات بۇزۇپ تۇراتتى. بۇ ئاۋازلار بىلەن كېچە سۈكۈناتىغا مەھكۇم بولغان مەھەللە تېخىمۇ سۈرلۈك، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ تۇيۇلاتتى. ئادەم بويىدىن پەقەت بىر غېرىچلا ئېگىز قىلىپ سېلىنغان، خۇددى ھەممىسىنى بىرلا ئادەم ياسىغاندەك ئۈستى شادا رىشاتكىلىق، ئاستى نېپىز شالنى بىر- بىرىگە جىپسىلاپ ئۆرۈك يىلىمى بىلەن پۇختا چاپلاپ ئېتىلگەن ئوپمۇ- ئوخشاش ئەگىن دەرۋازا قويۇلغان پاكار سوقما تاملىق بۇ ئۆيلەر كۈندۈزى سىرتىدىن قارىغاندا ھەممىسى ئوخشاش ھەم يېقىشلىق كۆرۈنگەن بىلەن، كېچىسى ئىگىسىز تاشلىنىپ قالغان ساتما كەبى سوغۇق ھەم غېرىب كۆرۈنۈپ، كىشگە باشقىچە سۈرلۈك بىلىنەتتى.
يېرىم كېچە بولغىنىغا قارىماي ئەنە شۇ ئۆيلەردىن بىرىنىڭ باغ ئىشىكى ئاستا ئېچىلىپ، زىلۋا بويلۇق، تال- تال ئۆرۈم چاچلىرى بېلىدە سويلاپ تۇرغان، ئورۇقلۇقى ۋە بەستىنىڭ ۋىجىكلىكىگە يات ھالدا كەڭرى كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، بەدىنى ئازادە ئۇزۇن كۆينەك ھەم كاسىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان چوڭ پىنجەكنىڭ ئىچىدە لاغايلاپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاۋاق بىر قىز ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. قىزنىڭ ھەر قەدىمىدە تولغۇنۇپ بىئارام بولۇشلىرىدىن، يەڭگىل ئىڭرىشى ۋە نەرىنىدۇر ئاۋايلاپ مېڭىشلىرىدىن قارىغاندا مىجەزى يوقتەكمۇ قىلاتتى. ئۇ شۇ تەرزدە باغ ئىشىكىدىن چىقىپ، ئاۋايلاپ مېڭىپ ئېتىزلىق ئوتتۇرىدىكى سۇسىز ئېرىققا چۈشتى ھەمدە ئىككى قاسنىقىدا غۇچچىدە ئۈجمە شاخلىرى باراقسانلاپ كەتكەن ئېرىق ئىچىدە قەدىمىنى تېزلىتىپ يۈرۈپ كەتتى. گەرچە سۈتتەك ئايدىڭ بولسىمۇ، باراقسان شاخلار يۆگەپ تۇرغان ئېرىقتا ئۇنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەمنىمۇ شۇنچىلىك تەستە قىينىلىپ ئېلىشلىرى، ھەر دەقىمىدە نەرىدىندۇر سانچىلىپ مېڭىسىگە بېرىپ توختاۋاتقان، قەدەمسېرى ئېغىرلاۋاتقان ئاغرىقلىرى جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى.
خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئېرىق تۈگەپ، ئېتىز يولى ئوچۇقچىلىقى كۆرۈندى. قىز ئىنجىقلاپ كۈچىنىپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە ئېرىقتىن چىقتى ۋە ئېتىز يولىدىن ماڭماي، يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قوناقلىق ئېتىزىغا چۈشۈپ، ئادەم بېلىگە كەلگۈدەك قوناق مايسىلىرى ئارىسىدىن ماڭدى. قوناقلىقنىڭ تۆت ئەتراپىدا نە ئېرىق، نە دەل دەرەخلەر يوق بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز يىراقلارغىچە سوزۇلغاندەك قىلاتتى. قىز گاھ مايسىلارنى پۇتلاپ دەسسەپ، گاھ مايسا ئارىلىقىدىكى رەت ئىچىدىن ئاۋايلاپ مېڭىپ ئۇزاپ كەتتى. تەخمىنەن بىر چۆگۈن چاي قاينىمىچىلىك ماڭغاندىن كېيىن قوناقلىق تاختىمۇ ئاخىرلىشىپ، قىز جىغان، جىگدە، قۇمۇش، سۆكسۆك، يۇلغۇن دېگەندەك دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر قالايمىغان ئۆسۈپ، ماندا ۋە باشقا ياماشقۇچى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىلەپ چىرمىشىپ كەتكەن كەڭرى بىر چاتقاللىققا چىقىپ قالدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ چاقاللىققا كېلىپ باققان بولۇپ، قىش پەسلىدە ئاساسان قويلىرى مۇشۇ يەرگە ھەيدەپ كېلىپ بېقىپ، كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە، قويلار راسا تويۇپ قورساقلىرى ناغرىدەك پولتىيىپ چىققاندىلا ئاندىن ئۆيىگە قايتاتتى. يەنە كېلىپ ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ شېرىن دەملىرىنى، قىزغىن مۇھەببەتلىك پەيتلىرىنى دەل مۇشۇ چاتقاللىقتا ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، بۇ جاي ئۇنىڭغا ناتونۇش بولمايلا قالماي، يەنە تولىمۇ مېھىرلىك تۇيۇلاتتى ھەم ئۇ بۇ يەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇشقا بولمايتتى. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئىشلىرىنى بىجىرىپ تۈگىتىپ، كەلگەن يولى بىلەن جىممىدىلا مەھەللىسىگە قايتىپ، ئۆيىگە كىرىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يېتىپ ئۇخلاپ، ئەتىگەندە ھەردائىمقى ئادىتىگە ئوخشاش ئانىكىسى ئويغىتىپ بەش پاتمان كايىپ چالۋاقىغاندىلا ئاندىن كېرىلىپ ئەسنەپ ھوجرىسىدىن چىقىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇ پىلاننى بەك ئۇزۇندىن بېرى قىلغان ۋە ماڭىدىغان يوللىرىدىن تارتىپ كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەممە ئىشنى يىپقا مارجان تىزغاندەك خىيالىغا رەتلىك تىزىۋالغان ئىدى. شۇ پىلانلىرى بويىچە قىلسىلا بۇ ئىشتىن چاتاق چىقمايدىغانلىقىغا، ئەلە- مەھەللىنىڭ ئالدىدا يامان ئاتاققا قالمايدىغانلىقىغا، تويلىشىپ بارماقچى بولغان يېڭى ئۆيىگە قۇيرۇق سۆرەپ بېرىپ قېلىپ سۆرۈن تەلەت بولغۇسى قېيىنئانىنىڭ قولىغا قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
قىز شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ چاتقاللىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كەڭرى كەتكەن ئورمانلىققا قاراپ مېڭىۋەردى. ئورمانلىقنىڭ تېگى قويۇق بېدە تېرىلغان بىنەملىك بولۇپ، ئورمان ۋە بېدىلەرگە يېڭىلا سۇ باشلانغاندەك قىلاتتى. قىزنىڭ يازلىق نېپىز چورۇقى ھە دېگەندە سۈيى تېخى تولۇق سىڭىپ كېتەلمىگەن لايلىق ئېتىزدا تېيىلىپ، يىقىلىپ كېتىشكە ئاران- ئاران تۇراتتى. بىر تەسلىكتىن قۇتۇلاي دەپ شۇنچە جاپانى تارتىپ كېتىۋاتقىنىغا قوشۇلۇپ بۇ يولنىڭ تېخىمۇ جاپا بولىۋاتقىنى ئۇنىڭ يىغلىغۇسىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، بار كۈچىنى پۇتىغا يىغىپ چىڭڭىدە دەسسەپ، تەڭپۇڭلۇقىنى تەستەك ساقلاپ ماڭدى. لېكىن كۈچىنى پۇتىغا يىغىپ يەرگە چىڭ دەسسىگەنسېرى قورسىقى تېخىمۇ بەك ئاغرىپ، ھېلىلا جاننى ئالىدىغاندەك قىينايتتى. ئالاھەزەل بەش يۈز ماڭدامچە ماڭغاندا ئاندىن ئورمانلىق ئاخىرلىشىپ، خوشنا مەھەللىنىڭ پاكار سوقما تاملىق ئۆيلىرى كۆرۈندى. قىز كۆڭلىدە «ئورماندىن بەك ئىچكىرىلەپ مېڭىپ مەھەللىگە يېقىن كېلىۋالغان ئوخشايمەن، كەينىمگە ئازراق ياناي، بىرەرسى تۇيۇپ قېلىپ رەسۋا بولماي يەنە!» دېگەنلەرنى ئويلىدى ۋە كەلگەن يېرىدىنلا كەينىگە يېنىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى. بىراق نەچچە قەدەم ماڭار- ماڭمايلا لايغا تېيىلىپ ئارقىچىلاپ قاتتىق يىقىلدى. شۇ يىقىلىش بىلەن تەڭ ئۇنى ئەسلىدىمۇ قىيناپ تۇرغان ئاغرىق مىڭ بولۇپ، جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاغرىق دەستىدىن لېۋىنى چىشلىگىنىچە تولغۇنۇپ كەتتى. خېلى كۈچىنىپ تىركىشىپ باقتىيۇ، ئورنىدىن تۇرالىشىغا كۆزى يەتمىدى ھەم كۈچلۈك ئىنجىق ئارىلاش بوش ئىڭرىۋەتتى. شۇ چاغدىلا خېلىدىن بېرى چىداپ ئىچىگە يۇتىۋاتقان ياشلىرى كۆزلىرىدىن تېشىپ، ئاۋازىنى چىقارماسلىققا تىرىشىپ بېلىكىنى چىشلىگىنىچە ئۆكسۈپ كەتتى.
ئاغرىق ۋە ئىنجىق بارغانسېرى كۈچەيدى. قىزنىڭ كۆزىگە قىزىللىق تىقىلىپ، مېڭىسى چاراسلاپ كەتتى. ئاغرىققا چىدىماي تولغىنىپ كەتكەنسېرى ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ۋارقىرىغۇسى كەلدى. بىراق ۋارقىراپلا تاشلىسا باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىپ ئىشنى بۇزۇشىدىن ئەنسىرەپ يەنىلا بەرداشلىق بەردى. ئۇ شۇ لايلىق ئىچىدە تولغۇشۇپ يېتىپ كۆينىكىنى يۇقۇرىسىغا قايرىپ، ئاندىن قىينىلىپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە تامبىلىنى سالدى. تامبالنى سېلىپ پۇمداقلاپ بىرياندا قويغاندىن كېيىن، بېشىدىكى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۆز قولى بىلەن تىككەن، تولا يۇيۇلۇپ رەڭگىنى يوقاتقان، كونىراپ كەتكەنلىكتىن تاشلىۋەتسىمۇ بىرەركىم نەزەر كۆزىنى سېلىپ قويمايدىغان گېلەم دوپپىسىنى ئېلىپ مىجىقلاپ چىڭڭىدە چىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئاغرىقنىڭ بېسىمى سەل يەڭگىللىگەندەك، تېنىگە بىر ئاز ماغدۇر كىرىپ قالغاندەك بولدى. بىراق بۇ ماغدۇر كىرىشنىڭ خىيالى سېزىم ئىكەنلىكىنى، ئىشنىڭ قىيىنىنىڭ تېخى ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلمەيتتى.
ئاغرىق توختاپ قېلىپ بىردەمدىن كېيىنلا يەنە قاتتىق تولغاق بىلەن تەڭ تۇتتى. قىزمۇ بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشىپ، ئۆزىنى ھەريان ئۇرۇپ تىپچەكلەپ كەتتى. ئۇ نە بىر ياردەمچىسىز، ئۈمىدسىز، ئىشەنچسىز ھالدا ئۆلۈكىنىڭ مۇشۇ ئورمانلىقتا قېلىشىدىن ۋايىم يەپ ئىزتىراپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇ چەكسىز ئازاب ۋە پۇشايمان ئىلكىدە سۆيگەن يارىنى ئەسلىدى. شېرىن- شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ كەلتۈرۈپ ئىپپىتىگە تېگىپ قويۇپ، ئۇدا بىرەر يىلچە ھېلى يېرىم كېچىلەردە باغقا، ھېلى قوي باقىدىغان چاتقاللىققا چىللاپ كۆڭۈل خوشى قىلپ يۈرۈپ، ئاقىۋەتتە «بويۇمدا قاپتۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن، «ئەتە كەچتە چاتقاللىقتا كۆرۈشۈپ مەسلىھەت قىلايلى» دەپ قويۇپ شۇ كەتكىنىچە قىزنى ئىككىنچىلەپ ئىزدەپ قويمىغان ۋاپاسىز ئېزىزنى ئويلىدى.
-ھۇ ئىتنىڭ بۇرنىدىن چۈشكەن رەزگى...- دەپ تىللىدى قىز ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك بوش ئاۋازدا ئىڭرىغاچ،- ئادەم دېگەنمۇ شۇنداق يۈزسىز، شۇنداق تاش يۈرەك بولىدىكەن... قورسىقىمغا ئۈندۈرىدىغاننى ئۈندۈرۈپ قويۇپ يەر يۇتقاندەكلا يوقاپ كېتىۋالغىنىنى قارا... «ساڭا مەيلىم بار، سېنى چوقۇم ئالىمەن» دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغانكەن... مەن نادان دۆتلىكىمدىن... شۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۆزۈمنى بۇلغاپ، ھەممە نېمەمنى دوغا تىكىپ يۈرۈپتىمەن... ئەمدى قورسىقىمدىكى بۇ رەزگى شۇمنى تۇغىمەن دەپ جېنىمنى سېلىپ بېرەرمەنمۇ؟... ئۆلۈكۈم ياقا مەھەللىنىڭ بۇ سوغۇق ئورمانلىقىدا قالارمۇ؟... بېدە ئورۇغىلى ياكى ئات باغلىغىلى كەلمىسە بۇ يەرلەرگە ھەپتە- ئايلاردا بىرەرسى كەلمەيدۇ، ھېچكىم كەلمەي، ھېچكىم كۆرمەي قالسا ئۆلۈكۈم مۇشۇ يەردە سېسىپ چاشقانلارغا يەم بولارمۇ؟ ئاھ مېنىڭ نومۇسلۇق ھاياتىم!... خەپ ئېزىز خەپ!... نېمە پوق يەپ ساڭا ئىشىنىپ ئۆزۈمنى تۇتقۇزۇپ قويار بولغىيدىم!؟...
قىز شۇلارنى دېگىنىچە ئۈنسىز بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئاغرىق ھېچ پەسلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنچە ئاغرىق تارتقىنىغا چۇشلۇق بالىمۇ ھېچ تۇغۇلاي دېمەيتتى. ئەنە شۇ تەزردە ساق ئىككى ئاش پىشىم قىينالغاندىن كېيىن جاننى ئالىدىغاندەك قاتتىق بىر تولغاقلىق ئاغرىق بىلەن تەڭ بىر بوۋاقنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، سۈكۈنات ئىلكىدە ياتقان ئورمانلىقنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. بوۋاقنىڭ كۈچلۈك يىغىسى ئورماننىڭ نەلىرىدىدۇر مۆكۈپ قايسىبىر دەرەخلەرنىڭ ئېگىز شاخلىرىغا قونۇپ ئولتۇرغان ھۇقۇش ۋە باشقا قۇشلارنى چۆچۈتىۋەتكەن بولسا كېرەك، قىز يەڭگىگەن يەرگە يېقىنلا بىر دەرەختىن قانداقتۇر بىر قۇش پالاقشىپ ئۇچقىنىچە يىراقلاپ كەتتى. ئورماننىڭ چەت بۇلۇڭلىرىدىن بىر ھۇقۇشنىڭ سۈرلۈك سايرىشى ئاڭلىنىپ، ئەمدىلا روھى ۋە جىسمى تىنچىغان قىزنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. قىز قورققىنىدىن ئالاق- جالاق بولۇپ، بوينىنى سوزۇپ ئەتراپىغا قارىدى. ئەتراپتا ھېلىھەممۇ ئىنسى- جىن كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يالغۇزلۇقتىن، يېنىدا ھېچكىم يوقلىقىدىن قورقمايتتى. بىراق بايىقى قۇشنىڭ ئۇچۇشى بىلەن ھۇقۇش ئاۋازى ئۇنى ئوبدانلا قورقۇتۇپ جېنىنى ئالغىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسىنىڭ توختىماي قىرقىراپ يىغلىشى تېخىمۇ قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، ھېلىلا بۇ يەرگە گۆررىدە ئادەم ياغىدىغاندەك، ئاندىن ئۆزى بىر پۈتۈن رەسۋاچىلىق ئىچىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كېتىدىغاندەك بىر ساراسىمە بېشىدا ئەلەڭلەپ تۇراتتى. ئۇ شۇ قورقۇنچ ئىچىدە ئاستىنقى بەدىنىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، يەرنى تىرەجەپ كۈچىنىپ ئورنىدىن تۇردى. ئاندىن يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بايا پۇمداقلاپ بىريانغا ئېلىپ قويغان تامبىلىنى سىيپاشتۇرۇپ تېپىپ كىيدى. تامبالنىڭ قېلىن رەختى تۇغۇت چىقىرىندىلىرى ۋە قان يۇقى پۇتلىرىنى سىيپاپ يۇقۇرىغا كۆتۈرۈلگەندىلا ئۇنىڭ ئاغرىقتىن چاراسلاپ كېتىۋاتقان بېلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. قىز تامبىلىنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن ئۇچىسىدىكى ئىككى قات ماتادىن ئارىسىغا نېپىز پاختا ئېلىپ تىكىلگەن قېلىن پىنجىكىنى سېلىپ لايلىق يەرگە يايدى. ئاندىن يەردە پىلتىڭلاپ يېتىپ يىغلاۋاتقان بوۋىقىنى ئەپلەشمىگەنلا بىر ھەرىكەت بىلەن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ، تېزلىك بىلەن پىنجەك ئۈستىگە ياتقۇزدى. پىنجەكنىڭ ئىككى قانىتىنى قايرىپ بوۋاقنى يۆگەشكە تەمشىلىپ بولۇپ توختاپ قالدى ۋە سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن توڭلاپ تىترەپ كەتكەن ئورۇق قولىنى بالىنىڭ جان يېرىگە سوزدى.
-قىزكەن- دە! ئېسىت بىچارە بالام!...- دەۋەتتى ئۇ ئىختىيارسىز چوڭقۇر خۇرسىنىپ.
شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنى ھېلىقى پىنجەكتە يۆگەپ قويغان قىز لاي بىلەن بۇلغىنىپ مىچىلداپ كەتكەن كۆينىكى بىلەنلا كەلگەن يولىچە مېڭىپ كەينىگە ياندى ۋە ئامالنىڭ بارىچە ئىتتىك مېڭىشقا تىرىشىپ، ئورمانلىقتىن چىقىپ چاتقاللىق ئارىسىغا شۇڭغۇپ غايىپ بولدى. يېڭىلا تۇغۇلغان، تېخى كىندىكى كېسىلمىگەن، ئانا سۈتىدىن بىر ئوتلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن تەلەيسىز قىز بوۋاق ئاشۇ يەردە ئورمانلىقنى چاڭ كەلتۈرۈپ ئىڭڭەلەپ يىغلىغىنىچە قالدى.
ئاياغ مەھەللە ئۆرە- تۆپە
قىز ئورمانلىققا كەلگەن چاغدا قانچە قىينىلىپ، قانچە جاپا- مۇشەققەتتە كەلگەن بولسا، كېتەر چاغدا كەلگەن چاغدىكىگە قارىغاندا يەڭگىل، ئاسان ۋە تېز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئۇ كەينىگىمۇ قارىمىدى، خېلى بىر يەرلەرگىچە قۇلىقىغا ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرغان بالىسىنىڭ يىغىسىغىمۇ قۇلاق سالمىدى. چۈنكى ئۇ ئەنسىرىدى، كەينىگە قاراپ سالسا بالىسىغا كۆزى قىيماي ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىشىدىن، يىغىسىغا دىققىتىنى بېرىپ يېنىدا بىردەم تۇرسا بۇ ئىشلار ئاشكارا بولۇپ خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلۈشىدىن قورقتى. ئۇ يۈرىكىگە تاش قويۇشى كېرەك ئىدى. كۆيگەن ۋە سۆيگەنلەردىن ئالتە پاتمان ۋەدىلەرنى بېرىپ ئىپپىتىگە چېقىلىپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە لەۋزىدە تۇرماي ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋالغان ھېلىقى ئېزىز دېگەن ناكەس تېرىغان بۇ پېشكەلچىلىكلەرنى داۋاملىق ئۆزى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى. ئەگەر بۇ بالىنى ئۆز ئۆيىدە تۇغۇپلا قويسا ياكى كۆتۈرۈپ شۇ ئۆيگە قايتسا دادىسى ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. ھېلىمۇ ھە دېگەندە ئانىسىنى «ئوغۇل تۇغماي ھەممە بالىنى قىز تۇغدۇڭ» دەپ دۈشكەلەپ، ئارا كۈندە ئالتە قېتىم ئۇرۇپ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان دادىسى رەيھانەم، شەرۋانەم، ئامانەمدىن ئىبارەت ئۈچ قىزىنى تاناۋىنى تارتىپ راۋۇرۇس باشقۇرۇپ، دادىسى ماقۇل دېمىسە نەپەسمۇ ئالالمىغۇدەك ھالدا قورقىتىۋېتىپ باراتتى. ئەلۋەتتە، بالىنى ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇش ئانىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس. ئەمما پۈتۈن ئالەم كىشىلىرى بىلىدىغان بۇ ھەقىقەتنى پەقەت مۇشۇ مەتنۇر ياغاقلا بىلگىلى ئۇنىماي، بىلسىمۇ قايىل بولماي تۇرىۋالاتتى. ئۈچ بالىسىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭمۇ ئوغۇل ئەمەسلىكى ئازابلاپ قويامدۇ ۋە ياكى خوتۇنىنى يارىماس دەپ قارامدۇ، ئىشقىلىپ «قىز تۇغدۇڭ» دېگەن بىرلا ئەيب بىلەن خوتۇننى ئۇرغىنى ئۇرغان ئىدى. شۇ تۈپەيلى كۆپ رىيازەت تارتىپ كەتكەن ئايىمخان ئۈچىنچى قىزىنى يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئېغىر قات بولمىدى. شۇ يىللار مابەينىدە ئۈچ قىزىنى چوڭ قىلىپ، چوڭ قىزى رەيھانەمنى ئاياغ مەھەللىگە ياتلىق قىلىش داۋامىدىمۇ بۇ ئوغۇل تۇغمىغانلىق جەدۋىلى ئىزچىل داۋاملاشتى. ئەمدى شەرۋانەمنىڭ تويىنى قىلىدىغانغا توغرا كەلگەندىمۇ دادىسى ئىزچىل ئانىسىنى ئۇرۇپ دۈشكەلەپ، ئوغۇل تۇغۇشنى بىلمەيدىغان دەپ ئاھانەت قىلىپ خېلىلا يۈرىكىنى ئەزدى. شۇنداق تۇرسا، تالادىن تېپىۋېلىپ ئامالنىڭ يوقىدىن تۇغۇپ تاشلىغان بىر بالىنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كىرسە، ئۆلتۈرۈۋەتمىسىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا بىرنېمىلەرنى قىلىۋېتىدۇ دادىسى...
شۇ خىياللار بىلەن ئامالنىڭ بارىچە قەدىمىنى تېزلەتكەن قىز ئاخىرى باش توخۇ چىللىغان مەزگىلدە باغ ئىشىكىدىن ئاستا قىسىلىپ ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ يېرىم كېچىدە ئۆيدىن چىققانلىقىنى، قەيەرگە بېرىپ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، يەنە قايسى يول بىلەن قانداقلارچە قايتىپ كېلىپ باغ ئىشىكىدىن كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئىنسى- جىن بىلمەي قالدى.
(2)
ئاياغ مەھەللە.
چۈشى بىلەن ئۇيقۇچىلىق ئارىلىقىدىكى ئېسەڭگىرەشتە يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك تولىمۇ غۇۋا، ئىنتايىن پەس بىر يىغا ئاۋازى قۇلىقىغا كىرىپ قالغان ياشانغان بىر موماي خېلى ئۇزۇنغىچە بۇ يىغا ئاۋازىنى تىڭشاپ ياتتى. تولۇق ئېچىلمىغان ئۇيقۇ بىلەن خىيال بىرلىشىپ بۇ يىغىنى ھەرخىل قىياسلار ئىچىگە تاشلاپ قويۇۋاتاتتى. بىر تۇرۇپ ياتلىق قىلىپ قوشنا يېزىلارغا ئۇزىتىپ قويغان قىزلىرىنىڭ بالىلىق ۋاقتىنى موماينىڭ يادىغا سېلىپ قويسا، يەنە بىر تۇرۇپ خوشنىسىنىڭ ئېغىر ئاياغ كېلىنىنى يەڭگىگەنمىدۇ دېگەن قىزىقىشقىمۇ باشلاپ قوياتتى. ئەگەر خوشنا ئۆيدىكى كېلىن قىز يەڭگىگەن بولسا، يارتا پارالىچ بولۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ ئانچە چىقالمايۋاتقىلى يىللار بولۇپ كەتكەن قېيىنئانىسى بۇ تۇغۇت ئىشىدا قىينالغانمىدۇ؟ ئۇ ئۆيدە كېلىننىڭ قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرى ئەر كىشى، تۇغۇت ئىشلىرىغا قولى كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئايال كىشىدىن پەقەت شۇ قېيىنئانىلا بار، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى ھېلىقى. شۇنداق بولغاندا بۇ بىچارە مۇشۇ يېرىم كېچىدە تۇغىمەن دەپ ئۆزى يالغۇز نېمە جاپالارنى تارتىپ كەتكەندۇ؟...
شۇلارنى ئېڭىدىن ئۆتكۈزگەن موماي ئاستا يانغا ئۆرۈلۈپ ئېرىگە قاراپ باقتى. بوۋاي بىر تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى. تالادىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنىڭ بوۋاينىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزالمىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇ بوۋاينى ئويغىتىشنىمۇ ئويلاپ باقتى، ئەمما خوشنا ئۆيگە چىققاندىن كېيىن بەرىبىر بوۋاينىڭ ھېچقانداق ئىشقا كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزى يالغۇز چىقىپ بېقىشنى نىيەت قىلدى ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىندى.
موماي ھويلىغا چىققاندا شەرق تەرەپتىن ئاسماننىڭ قورسىقى ئاقىرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھال تاڭ ئېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇ نېپىز يازلىق پىنجىكىنى ئۇچىسىغا كىيىپ، قىسقا تۈكلۈك سۆسەر تەلپىكىنى بېشىغا قوندۇرۇپ ئاستا ئەگىننىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدى. ئەمما ئۆينىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغاندا بوۋاق بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئەمەس، ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورمانلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلاندى. ئىككى يان تەرەپتىكى خوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قارىۋىدى، ھېچقايسى ئۆينىڭ روجەكلىرىدىن چىراغ يورۇقىغا چاغلىق بىرەر نۇرنىڭ چۈشمىگەنلىكى ئايان بولدى. خوشنىلىرى چىرىغىنى ياندۇرمىغان بولسا تېخى ئورنىدىن تۇرمىدى، دېگەن گەپ. يىغا ئاۋازىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن كەلمىگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە خوشنا كېلىننىڭ ھازىرچە يەڭگىمىگەنلىكى ئېنىق. ئۇنداق بولسا جان- جەھلى بىلەن يىغلاۋاتقان بۇ بوۋاق زادى كىمنىڭ؟ قەيەردە يىغلاۋاتىدۇ؟ بۇ مەھەللە كىشىلىرى شۇنچىلىك تارقاق ئولتۇراقلاشقان تۇرسا، مۇشۇ بىر نەچچە ئۆيدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى نەچچە ئون قەدەم يىراقلىقتا تۇرسا، يەنە كېلىپ ھېچكىمنىڭ ئۆيىدە يېڭى تۇغۇلغان بالا بولمىسا، بۇ يىغا ئاۋازى زادى قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟...
شۇلارغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرغان موماي پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قۇلاققا ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپنى ياخشىلاپ تىڭشىدى. مەيلى ئۇ قانچىلىك كۈچەپ تىڭشىسىمۇ بۇ ئاۋاز يەنىلا شۇ ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتاتتى. بۇ ھالدىن مەڭدىگەن موماينى ئۇششاق تەر باستى، ئۇ چۆچۈپ سەل قورققىنىچە كەينىگە ياندى ۋە ئۇدۇل كىرىپ پەنەر چىراغنى ياندۇرۇپ چىراغپايغا ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىراپ بوۋىينى ئويغاتتى.
موماي سۆزلەپ بەرگەن ئالامەتلەرنى ھېچقانداق قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەن بوۋاي ئاخىرى چالا ئۇيقۇچىلىقتا كۆزلىرىنى يېپىپ ئاچقۇدەك بولۇپ خوتۇنىغا ئەگىشىپ يولغا چىقتى. موماي بايىلا چىراغپايغا ئېلىپ قويغان چىراغنى كۆتۈرگىنىچە ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. ئىككىيلەن بىرلىكتە پايپاسلاپ مېڭىپ ئورماننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار لايلىق ئورمانلىقتا يەر تېرەجەپ مېڭىپ مىڭ تەسلىكتە بىرھازا ئىزدەشتۈرۈپ يىغا ئاۋازى كېلىۋاتقان جايدىن بوۋاق بالىنى تاپقاندا بالا توڭلاپ تىترەپ كەتكەن بولۇپ، تىپچەكلەۋېرىپ بايا ئانىسى يۆگەپ قويۇپ كەتكەن پىنجىكنىمۇ تېپىپ ئېچىۋەتكەن ئىدى. بوۋاي بىلەن موماي بۇ قاراڭغۇ كېچىدە، سوغۇق ئورمانلىقتا كىچىككىنە بىر پىنچىكنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ پىلتىڭلاپ يىغلاۋاتقان، يېڭىلا تۇغۇلغان بۇ يالىڭاچ بوۋاقنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.
شۇ كۈنى تېخى تاڭ ئاتماي تۇرۇپلا ئاياغ مەھەللە دەۋرەپ كەتتى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزۈپ، ئاڭلىمىغانلارمۇ ھايال ئۆتمەيلا خەۋەر تېپىشىپ، قوتانلىرىدا قاچان تاڭ ئاتاركىن دەپ يەم- خەشەك ۋە سۇغا زار ھالدا ئاران كېچىنى تاڭغا ئۇلىغان قوي- قوزىلىرى بىلەنمۇ، ئۆيلىرىدە ئاچ- زېرىن قالغان بالىلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي، ھەممىسى ئۇدۇل بوۋاق بالا بايقالغان ھېلىقى ئورمانلىققا چېپىشتى. بەزىلىرى بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى ئىزدەپ پۈتۈن ئورماننى كېزىپ چىقىشتى. ئەپسۇسكى، ئورماننىڭ تېشىدا ئاز- تولا يورۇق چۈشكەن بىلەن، ئورمان ئىچى قاپقاراڭغۇ بولغاچقا ئۇلار ئاياغ ئىزىنىڭ قەيەردىن قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي، لايلىقتا تولا دەسسەپ پېتىقداپ يۈرۈپ ئەسلىدىكى ئاياغ ئىزلىرىنىمۇ بۇزۇپ ۋەيران قىلىۋەتتى. نەچچە- نەچچىلىرى بالىنى مۇشۇ يەرگە تۇغۇپ تاشلاپ قويۇپ كەتكەن ھېلىقى نائىنساپ يۈزسىز ئانىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ تاناۋىنى تارتىپ قويۇش ئۈچۈن خېلى بىر يەرلەرگىچە ئىزدەپ ماڭدى.
بالىنىڭ يېڭى ئاتا- ئانىسى
بالىسىنى ئورمانلىققا تاشلاپ قويغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ ئەكىلىپ قەھرىمانغا ئايلانغۇسى كەلگەن كىشىلەر تۇشمۇ- تۇشتىن ئىز بېقىشقا باشلىدى. ئىز بېقىشنى خالىمىغانلىرى بوۋاي بىلەن مومايغا ھە- ھۇ دېيىشىپ، بالىنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەيتتى.
-كىندىكىنى كېسىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي تاشلاپ قويۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا بەكمۇ تاش يۈرەك ئايال ئوخشىمامدۇ؟- دەيتتى بىرلىرى ياقىسىنى چىشلەپ، بېشىنى چايقاپ.
-ھە دەيمەن، بالىنىڭ كىندىكى كېسىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىككى- ئۈچ ئاش پىشىم مۇشۇنداق ياتسا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدىكىنە ئۇ ئايال؟- دەيتتى يەنە بىرى ئالدىنقىسىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ-
-ھازىر گەپنىڭ مۇھىمى بۇ ئەمەس جۇمۇ خالايىق، ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى تېپىلماي قالسا بۇ بالىنى كىم باقار ئەمدى؟ تۇراپكام بىلەن ئەپىزىخاچام ياشىنىپ قالدى، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئاران چىقىۋاتقاندا كىچىك بىر بوۋاقنى قانداق باقىدۇ؟ بىزلەر ئېلىپ كېتىپ باقايلى دېسەك ئەھۋالىمىزمۇ ئاران كېتىپ بارىدۇ، جان سانىمىزغا يەنە بىر جان قوشۇلسا يۈك ئۈستىگە يۈك دەڭلار، قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى بۇ ئىشنى؟...- دەيتتى كىمدۇر بىرى بۇ بالىنى بېقىش ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك.
-ۋاي ھېلىتىنلا ئاق يەردە تۈگمەن تالاشماي قاراڭلا، يا ئانىسى تېپىلار، يا باققىلى بىركىم چىقار، ھازىرچە ئۇ گەپلەرنى قويۇپ ماۋۇ بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ پاكىزلاپ ئاندىن بىر ئېغىزلاندۇرايلى بۇنى!...
ياشتا چوڭراق بىرەيلەننىڭ شۇ گەپنى قىلىشى بىلەن ھەممەيلەن پاتپاراق بولۇشۇپ، بىرى داكا بىلەن ئۇستۇرىغا، يەنە بىرى مېغىز، گۈلە- قاقلارغا يۈگۈردى. كۆپ تۇغۇت كۆرگەن، قولى ئەپچىلراق بىرەيلەن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ، داكىلاپ چىرايلىق تاڭدى. ئاندىن ئەپىزىخان موماي يېنىدىكىلەر تەڭلىگەن گۈلە، قاق، قەنت، ياڭاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سۇيۇق چايناپ ئۇماچلاپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۇچىغا ئاۋايلاپ چىقىرىپ بالىنىڭ كىچىككىنە ئېغىزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئېغىز تېگىشكە ئۈلگۈرمىگەن بوۋاق ياخشى نىيەتلىك، ئاقكۆڭۈل بۇ كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ھاياتىدىكى تۇنجى لوقمىغا ئېغىز تېگىپ، رىزقىنى شۇنىڭ بىلەن باشلاپ كەتتى...
بالا بىلەن ھەپىلىشىپ، ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ يۈرۈپ كۈن چۈشكە يېقىنلىدى. بالىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر، ئىز ئىزلاپ قەھرىمان بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلار شۇنچە كۆپ ئىدىيۇ، پۈتۈن مەھەللە كىشىلىرى ئورمان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپاسلاپ يۈرۈشكەن شۇ دەمدە مەھەللە بويىچە پەقەت بىرلا ئائىلىدىن ھېچكىم بۇياققا كەلمىدى. بۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى بىردىنبىر باي ئائىلە - سەيدۇللا باينىڭ ئائىلىسى بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى چوڭ- كىچىك، قېرى- ياش، خىزمەتچى چاكارلاردىن باشلاپ ھېچكىممۇ تالا- تۈزدىكى ئۇششاق گەپ- سۆزلەرگە، كەلدى- كەتتى ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشىنىلا بىلىپ خەقنىڭ ئىشىغا كۆۇۈلشىمەيدىغان، «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ» دېسە «توختاڭ! مانتامنى يەۋالاي» دەيدىغانلاردىن ئىدى. شۇڭىمۇ، پۈتۈن مەھەللىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن «ئورمانلىقتا نامەلۇم بوۋاق پەيدا بولۇپ قېلىش» مەسىلىسى پەقەت مۇشۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭلا قۇلىقىغا يەتمىگەن ئىدى. بۇ ھالدىن بىخەۋەر چاكارلىرىغا سەل كايىپ قالغان سەيدۇللا باي ھويلىدا كىمگىدۇر ۋارقىراپ سۆزلەۋاتاتتى:
-ئەتىگەنلىك ناشتىدىمۇ ئانىكامنىڭ ھوزۇرىغا سۈت ئەكىرىپ بەرمەپسىلەر، ھېلىغىچە سۈت ئىچمەپتۇ، ئانىكامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس تۇرسا، كۈنىگە ئىككى ۋاق سۈتنى چوقۇم ئىچمىسە بولمايدىغان تۇرسا، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار بار تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ بىپەرۋالىق قىلامسىلەر؟!
-يا... ئۇنداق ئەمەس، بېگىم، بىزمۇ شۇنىڭغا ئالدىراپ تىت- تىت بولۇۋاتقىلى نە ۋاق، لېكىن شۇ... ئەپىزىخاچام سۈت ئەكەلمىدى، بۈگۈن كالىسىنى ساغقىلى ۋاقتى يېتىشمىگەنمىدۇ ياكى ئاغرىپ قالغانمىدۇ شۇ موماي، مۇشۇ چاغقىچە كەلمەيۋاتىدۇ، ھازىر تېخى بالىلاردىن بىرەرسىنى ئۆيىگە ماڭدۇراي دەپ تۇرۇۋېدىم، رەنجىمىسىلە بېگىم، يا بولمىسا سۈت قاپاقنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈملا ئېلىپ كېلىمەن، ھايال قالماي جۆندەيمەن بۇ ئىشنىمۇ، كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا...
باش خىزمەتكار گۈلساھىپخان ئەنە شۇنداق خىجىللىق بىلەن قول باغلاپ نەچچە تازىم قىلىپ ئۈلگۈردى. ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسى بىلەن ئاچچىقى سەل يانغان بايمۇ ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى ۋە بۇسۇغا ئالدىغا بېرىپ بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ، يەنە جايىدا توختاپ قالدى ھەم كەينىگىمۇ بۇرۇلماي شۇنداق دېدى:
-بولدى، سىز بارماڭ، قەمبەرگە دەپ قويۇڭ، ئېتىمنى توقۇپ تەييارلاپ قويسۇن، مەھەللىنى چۆرگىلىگەچ ئۆزۈم بېرىپ كېلەي، ئۇزۇندىن بېرى شۇلار تەمىنلىگەن سۈتنى ئىچىپ كېلىۋاتىمىز، ئاناممۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇ ئايالغا رەھمىتىمنى بىلدۈرگەن ئىككى تەڭگە ئارتۇق بېرىپ كېلەي، ئېغىلدىكى ئىنەكلەرنى بۇقىغا قويساق، موزايلىسا سۈت ئۆزىمىزدىن چىقىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇ ئايالغا ھاجىتىمىز چۈشمىسە ئايلاپ- يىللاپ كۆرۈشمەيمۇ يۈرگۈدەكمىز، مۇشۇ باھانىدا ھال سوراپ كېلەرمەن، باشقا ئىشى بولمىسا قەمبەر ئۆزىنىڭ ئېتىنىمۇ تەييارلاپ مەن بىلەن بىللە بارسۇن!
-خوپ بېگىم، ھازىرلا يەتكۈزەي.
گۈلساھىپخان شۇنداق دەپ بايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئالدىراپ باغقا چىقىپ كەتتى.
قەمبەر دېگىنى گۈلساھىپخاننىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، گۈلساھىپخان بۇ قەسىردە باش خىزمەتكار، قەمبەر بولسا قەسىرنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. قەسىرنىڭ ئالدى- كەينى، چوڭ- كىچىك بارلىق ئىشلىرى قەمبەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشى بويىچە يۈرۈشەتتى. سەيدۇللا بايمۇ نەگىلا بارسا ئۇنى ئېلىۋالاتتى ۋە ھەممە ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ، شۇنىڭ مەسلىھەتى، كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش تۇتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ھەم ياش جەھەتتە ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى بىلەن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى، قەدىناس دوستى ئىدى.
سەيدۇللا باي چىلان تورۇق ئېتىغا مىنىپ، قەمبەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىق تەرەپكە كەلگەندە، پۈتۈن مەھەللە كىشىلىرىنىڭ ئورمانلىق ئەتراپىدا يىڭنە ئىزدەۋاتقاندەك يەر بېقىشىپ، نېمىلەرنى دېيىشىپ كۇسۇرلىشىپ لاغايلاپ يۈرۈشكەنلىكىنى بايقىدى. ئۆزىنى كۆرۈپمۇ ئانچە ئېرىشمىگەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز بۇ ئىشنىڭ تېگى- تەكتىگە قىزىقىپ قالدى ۋە بىر چەتتە غۇژمەكلىشىپ غەيۋەتلىشىپ ئولتۇرغان ئاياللاردىن سورىدى:
-چىرايلىق ئولتۇرۇشۇپسىلەر سىڭىللار، بۇ يەردە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە؟ نېمە ھەممىڭلار يولغايۇ- ئورمانلىققا چىقىۋالدىڭلار؟
سەيدۇللا باينىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئىسەنكىرىگەن چوكانلار باشتا ئۇنىڭغا تېڭىرقاپ قاراشتى ۋە دەررۇ ئەقلىنى تېپىشىپ، پالاقشىغان پېتى كېلىپ بايغا سالام بەردى ھەم بىر- بىرىگە گەپ بەرمەي چۇۋۇرلىشىپ سۆزلەپ، بۇ ئىشلارنى ئۆز ئاغزى بىلەن بايغا يەتكۈزۈشكە ئالدىراپ كېتىشتى. ئىشقىلىپ سەيدۇللا باي ئۇلارنىڭ توختىماي چۇۋۇرلاپ سۆزلەپ يەتكۈزۈشلىرىدىن بوۋاقنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالى، كىشىلەرنىڭ ئورمانلىقتا نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانلىقىدىن تولۇق خەۋەر تاپتى. ئەلۋەتتە، سەيدۇللا بايمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، بۇ ئىشقا قىزىقماي قالمىدى. ئۇ سالاپىتىنى قىلچە بۇزماستىن ئېتىدىن چۈشۈپ، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قەمبەرگە تۇتقۇزدى ۋە ئىككى قولىنى كەينىگە قىلىپ، سالماق قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئورمان ئېرىقىنىڭ لېۋىدە بالىنى ئېغىزلاندۇرۇپ ئولتۇرۇشقانلارنىڭ يېنىغا باردى...
ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەستە سەيدۇللا باي يەنىلا قەمبەرنى ئەگەشتۈرۈپ، چاپىنىنىڭ بىر پېشىگە يۆگەپ ئېلىپ ھېلىقى بوۋاقنى ئۆز ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدا ئېغىزلاندۇرغانلار چايناپ يېگۈزگەن نان بىلەن قورسىقىنى توقلاپ سەل ماغدۇرغا كەلگەن بوۋاق باينىڭ قۇچىقىدا بىر تاتلىق ئۇخلاپ ياتاتتى. باي ھەتتا ئېتىدىن ئىرغىپ چۈشكىچىمۇ بالىنى ھېچ بىرەرسىگە ئۇزاتماي، شۇ پېتى كۆتۈرگەن ھالدا خوتۇنىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىردى.
ئېرىنىڭ سۈتچى ئايالغا پۇل بېرىپ رەھمەت ئېيتىپ كېلىمەن دەپ كېتىپ، تۇيۇقسىز نامەلۇم بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىدىن ھەيران قالغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىم ئويچان كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە تىكىلدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى ئەتلىمە گۆش ھالىتىدە غەمسىز ئۇخلاپ ياتقان بوۋاققا قاراپ چۆچۈپ كەتتى:
-ۋىيەي! نەدىن تاپتىلا بۇ بالىنى؟ چىقىپ كېتىپ بىردەمدىلا بالا كۆتۈرۈپ كىرىپلىيا؟ تالادا مەندىن باشقا خوتۇنلىرى يوق بولغىيتتى بېگىم ھە؟
-چىك ئاھاااااي،- دېدى سەيپۇللا باي نارازىلىق بىلەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،- ئادەمگە ئۇنداق ئۇۋال قىلمىسىلا ئاغىچا خېنىم، مەن ئۇنداق قاچىسىدا ئاچ تۇرسا يەنە خەقنىڭ قاچىسىغا قارايدىغانلاردىن ئەمەس...
سەيدۇللا باي شۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن مەھەللىنىڭ ئورمان تەرىپىگە بارغاندا كۆرگەنلىرىنى، ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ بالىنى شۇ كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ھەم ئۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خوتۇنىغا سۆزلەپ بەردى.
-ھە... شۇنداقمۇ بوپتۇ دەيلى ماقۇل، لېكىن سىلى بۇ بالىنى نېمىشقا ئۆيگە ئېلىپ كەلدىلە؟ خىياللىرىدا «بۇنى بېقىۋالايلى» دېمەيدىغانلا ھە؟- دەپ سورىدى مېھرىيار ئاغىچا خېنىم تەججۈپلىك كۆزلىرىنى ئېرىدىن ئۈزمەي.
-شۇ، بېقىۋالايلى دېمىسەم نېمىشقا كۆتۈرۈپ كېلىمەن؟ سىلى بىزلەرنىڭ بالىسىزلىقىمىزغا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى بۇ بالا، تەقدىردە شۇنداق بولسا بۇ بالىنىڭ رىزقى بىزنىڭ ئۆيىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، باققىلى قۇربى يېتىدىغان، «ماۋۇنى مەن تۇغدۇم» دەپ كىشىلەرگە ئاشكارىلىيالايدىغان بىرەرسىنىڭ بالىسى بولغان بولسا ئورمانلىققا تاشلىۋەتمەي ئېلىپ كېتىپ ئۆزى باقار بولغىيتتى، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بالا ئېلىپ قېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان بىرەر ناتىۋاننىڭ پۇشتى ئوخشايدۇ، خەق ئۇنىڭدىن قۇتۇلالماي، بىز بالىسىزلىقتا ئاھ ئۇرۇپ ئازاب چېكىپ يۈرگىچە ئېلىپ قالايلى دەپ ئەكەلدىم، بۈگۈندىن باشلاپ سىلى ئانا بولسىلا، مەن دادىسى بولاي، چىرايلىققىنە ئېلىپ قېلىپ بالا ئېتىۋالايلى!
ئېرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قوي كۆزلىرىگە ياش ئالغان مېھرىيار خېنىم مىچچىدە تۆكۈلگىنىچە دادخاھلاندى:
-سىلىزە، مېنى «توي قىلغان ئون ئىككى يىلدىن بېرى بىرمۇ بالا تۇغمىدىڭ، مېنى ئەۋلادسىز قويدۇڭ» دەپ، ئاخىر مۇشۇ ئاھانەتنى ماڭا راۋا كۆرۈپتىلىدە؟!... مۇنداق قىلغۇچە ئۆز قوللىرى بىلەن قارنىمنى چۇۋۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىلە بولماسمىدى؟ گۈلدەك ياشلىقىمدا، تەن قۇۋۋىتىمنىڭ بارىدا ئۆزۈم بالا تۇغالماي خەقنىڭ بالىسىنى بېقىپ... بۇ ئىزانى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرەرمەن؟... ۋاي مېنىڭ شور پەشانەمەي!...
بىر چىرايلىق چۈشەندۈرۈۋاتسا خوتۇننىڭ يولسىزلارچە قىلغان بۇ گەپلىرى سەيدۇللا بايغا ياقمىدى. ئۇ ھېلىغىچە قۇچىقىدا غەمسىز ئۇخلاپ ياتقان بوۋاققا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، خوتۇنىغا قوشۇمىسىنى راۋۇرۇس تۈرۈپ، ئاچچىق بىلەن كايىدى:
-ماقۇل ئەمىسە، قوللىرىدىن كەلسە سىلى ئۆزلىرى تۇغۇپ ئاندىن «ماۋۇنى مەن تۇغدۇم» دېسىلە، ئىككىمىز بىللە باقايلى، ئۇنىڭغىچە بۇ بالىنى مەن ئۆزۈم دادىسى بولۇپ باققاچ تۇراي، سىلى ئانىسى بولغىلى ئۇنىمىسىلا ئۇنىڭغا مەيلى، ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇ ئۆيۈمدە مۇشۇ بالا پاتقۇدەك كىچىككىنە بوشلۇق چىقىدۇ.
سەيدۇللا باي دەيدىغانلىرىنى تۈگىتىپ، بايا قانداق كىرگەن بولسا يەنە شۇنداق ئۆرۈلگىنىچە ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىۋاتقاندا مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ دەمدەردەك بۇقۇلداپ تۆكۈلگىنى ھويلىغىچە ئاڭلاندى.
ئوغلى قەمبەردىن سەيدۇللا باينىڭ ئاتا- ئانىسىز بىر بوۋاقنى بېقىۋالىمەن دەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان گۈلساھىپخان پايپاسلاپ دەھلىزگە كېلىپ بولغۇچە، بايمۇ خوتۇنىغا دەيدىغانلىرىنى دەپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ بولدى. ئۇ جىددىيلىشىپ ھودۇقۇپ يېتىپ كەلگەن گۈلساھىپخاننى كۆرۈپلا قولىدىكى بالىنى ئىشارەت قىلدى ۋە:
-بۈگۈندىن باشلاپ ئۆيىمىزگە كىچىك بىر جان قوشۇلدى، سىز ھازىرلا پۈتۈن مەھەللە كىشىلىرىدىن سوراپ كىمنىڭ ئۆيىدە تۇغۇتلۇق ئايال بار شۇنى ئۇقۇپ، مۇۋاپىق بىرەرسى بولسا ئۆيگە باشلاپ كېلىڭ، بالىغا ئېنىك ئانا بولۇپ كۈنىگە ئۈچ- تۆت ۋاق ئېمىتىپ بەرسۇن، ئايلىقىغا پۇل بېرەيلى، ياكى كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ بېقىپ بېرىمەن دېسە تېخى ياخشى، ئاندىن، مەخسۇس بىر ئۆينى ھۇجرا قىلىپ تەييارلاپ مۇشۇ بالىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلارنى ئىشقا سېلىپ بالىنى ياخشى بېقىپ ئوبدان قاتارغا قوشمىساڭلار بولمايدۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاغىچا خېنىمنىڭ بالىغا قارايدىغانغا رايى يوق ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا بالىغا سىلەر غەمخورلۇق قىلىڭلار، ئاتا- ئانىسىز بىچارە بوۋاقكەن، بېقىپ بالا قىلىۋالاي، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بالىنى ئۆز تەربىيەمگە ئالىمەن، مېنىڭ ئاتىدارچىلىقىم ئاستىدا ماڭا قىز بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
-ھە؟... خوپ بېگىم، باش ئۈستىگە!
سەيدۇللا باي چاپىنىنىڭ بىر پېشىگە يۆگەپ كۆتۈرۈۋالغان بالىنى ئاۋايلاپ گۈلساھىپخاننىڭ قۇچىقىغا سۇندى. گۈلساھىپخان دەماللىققا كىچىككىنە ئەتلىمە گۆش قىپيالىڭاچ بالىنى قانداق كۆتۈرۈشنى بىلمەي ھودۇقۇپ قالغاندىن كېيىن، بىر ئاماللارنى قىلىپ تىترەپ تۇرۇپ ئاستا قۇچىقىغا ئالدى. ئاندىن ئۇنى مەيدىسىگە تېڭىپ كۆتۈرگىنىچە سەيدۇللا باينىڭ ئانىسى سائادەت خېنىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
سائادەت خېنىم تۆت بالا بىلەن تۇل قالغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ياتلىق بولماي، بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ بىر- بىرلەپ ئۇچۇرما قىلىپ، ھازىر شۇ بالىلىرىنىڭ بېقىشى ئاستىدا راھەت كۆرۈپ ئارام ئېلىپ يېتىۋاتقان تولىمۇ سائادەتلىك، ئاقكۆڭۈل مېھىرلىك ئايال ئىدى. مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنى ئەنە شۇ سائادەت خېنىم ئۆزى تاللاپ ئامراق ئوغلى سەيدۇللا بېگىمگە ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلار توي قىلغىلى ئون ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى. سائادەت خېنىم نەچچە قېتىم ئۇلارنى ئاجراشتۇرۇۋېتىپ ئوغلىنى قايتا ئۆيلەشنىمۇ ئويلىشىپ باقتى. ئەمما تۇغۇش ۋە تۇغماسلىق ئۆزىنىڭ ئىلكىدە بولمىغان بىچارە بىر ناتىۋاننى مۇشۇ تۈپەيلى ئاھانەت قىلىپ ئۆيدىن ھەيدىۋەتسە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق باش كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلىقىنى، قانداق ياشايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا بۇ ئاچچىقىدىن ياندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەيدۇللا باي بىلەن مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بىر- بىرىگە ئامراق ۋە ئىجىل ئىدى. شۇ بالىسى يوقلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەممە جەھەتتىن مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. ئەمدى بۇ بالىنى بېقىۋېلىش مەسىلىسىدە «ئاغىچا خېنىمنىڭ بالىغا قاراشقا رايى يوق ئوخشايدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئۆزى بۇ بالىنى بېقىۋېلىشقا ئاغىچا خېنىم قارشى، پەقەت سەيدۇللا باي ئۆزىنىڭ قارارى بويىچە بۇنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كەلدى، دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. شۇنداق بولغاندا بالىنى دەرھال ئەكىرىپ سائادەت خېنىمنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈۋالمىسا، سەل تۇرۇپ بېگىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بۇ بالىنى «ئاپىرىپ تاشلىۋەت ياكى بىرەرسىگە بېرىۋېتىپ كەل» دەپ بۇيرۇسا، گۈلساھىپخانغا ماقۇل دەپ يۇۋاشلارچە ماڭماي ئامال يوق ئىدى...
(3)
شەرۋانەم كۈندىكى ئادىتى بويىچە ئانىسى ئويغىتىپ نەچچە قېتىم كايىپ، ئىشىكنى مۇشتلاپ ھېرىپ قالغاندىلا ئاندىن ئورنىدىن تۇرغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئاڭغىچە ياغاچ تەڭنە ۋە چېلەكلەرگە ئېلىپ ئەكىرىپ قويغان سۇ بىلەن بەدىنىنى پاكىز يۇيۇپ سۈرتۈپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، ئۈستىبېشىنى ئوڭشىغاندىن كېيىن سەل ئادەم ئىسكەتىگە كىردى. شۇنداقتىمۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى ماغدۇرسىزلىق ھەم توختىماي قانسىراپ تۇرۇش سەۋەبىدىن چىرايلىرى تاتىرىپ، شۇنداقلا ئىتتىرىپ قويسىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۇ سالامەتلىكىدىكى، مىجەزىدىكى ئەھۋاللارنى ئۆيىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بەكلا تىرىشتى. كۈندىكى ئادىتى بويىچە شاخ سۈپۈرگىنى ئېلىپ چىقىپ ھويلا ۋە يوللارنى پاكىزە سۈپۈردى، ئارقىدىنلا ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئېرىقتىن چېلەكلەپ سۇ توشۇپ، بايا سۈپۈرگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە تەكشى سۇ چېچىپ چىقتى. شۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغۇچە چېكىسىدىن ئۇششاق تەر تامچىلىرى سارقىپ، بېلى سۇنۇپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ ئارام بەرمىدى. ئۇ ئايلىنىپ يىقىلىپ قالاي دېگەندە ئاران ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ سۇپىغا ئۆزىنى تاشلىدى. ئەمما ئۆي ئىچى پىرقىراۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئىچ- ئىچىدىن بوخسۇپ چىقىۋاتقان ھاردۇق ۋە ئاغرىق دەستىدىن پۈتۈن بەدىنى زىڭىلداپ كەتتى.
4-بۆلۈم 3-باب تۈگىدى، داۋامىنى ئاستىدىكى جەدۋەلدىن ئېچىپ ئوقۇغايسىز! ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!
بىرىنچى بۆلۈمل
3-باب | 2-باب | 1-باب |
6-باب | 5-باب | 4-باب |
9-باب | 8-باب | 7-باب |
12-باب | 11-باب | 10-باب |
15-باب | 14-باب | 13-باب |
18-باب | 17-باب | 16-باب |
21-باب | 20-باب | 19-باب |
24-باب | 23-باب | 22-باب |
27-باب | 26-باب | 25-باب |
30-باب | 29-باب | 28-باب |
1-بۆلۈم تۈگىدى | 31-قىسىم |
ئىككىنچى بۆلۈم
ئۈچىنچى بۆلۈم
تۆتىنچى بۆلۈم