ياشاشنى ئاسانلاشتۇرماق ئۈچۈن بەزىدە سۆزسىز، بەزىدە كۆزسىز، بەزىدە ئەقىلسىز بولماق زۆرۈر...
-خەيرىگۈل
قاچاندىن باشلاپكى بىلمىدىم، ئارزۇلىرىم شۇنچىلىك ئاددىيلىشپ كەتتى. خۇشاللىقتىن ئۈمىد كۈتمەس بولدۇم، پەقەت ئۇشتۇمتۇت ئاۋارىچىلىق يۈز بەرمىسىكەنلا دەيمەن.
-لەيلا
دۇنيا سېنى مەينەت كىشىلەردىن ۋە مەينەتچىلىكلەردىن قۇتقۇزماقچى بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىز سۆز- ھەرىكەتلىرى بىلەن بىشارەت بېرىدۇ. شۇ بىشارەتتىن كېيىن سەن ئۆزۈڭنى تېپىۋالساڭلا يوللىرىڭ ئوچۇق، قەلبىڭ ئازادە بولىدۇ.
-مەھلىيا
تونۇشلار رىب چەينەك قىززىق چىيىمىزغا رازى ناغىدياملوب، ئەمما ياتلار رىب ئىستاكان سوغۇق ەگزىمىيۈس مىننەتدار جاھان بۇ.
-مەستۇرە
ئەتراپىڭىزدىكى بەزى قوڭالتاقلار سىزنىڭ ئاجىز بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەك كۈچلىنىپ كەتسىڭىز تەبئىلا كۆزىگە سىغماي قالىسىز.
-بىرسى
كىشى قەلبى كۈچلەنگەندە ئازابنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالايدىغان بولىدۇ...
-رەشىدە
بىلمىگەننى ئۆگەنگىن، چۈنكى بىلمەسلىك بىزنى نۇرغۇن ھوزۇر ۋە راھەتتىن قۇرۇق قويىدۇ.
-ئۇچقۇن
ئېغىزدىكىنى ەككەرۈي كۆمدۇق، ىنىكىتكەرۈي نەرگىمۇ كۆمەرمىز.
-مۇھەببەت
قانائەتچان بول، ھەرنەرسىنىڭ يېتەرلىكى ساڭا ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇسسۇزلۇق بىر ئىستاكان پاكىز سۇ بىلەن قانىدۇ.
-زۇبەيدە
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!