ماختىماڭ
ئابدۇكېرىم خوجا ئابدۇرېھىم
ياشلىقىم كەتتى توزۇپ ئىشچانلىقىمنى ماختىماڭ،
پۇت - قولى چاققان - چىۋەر «توشقان» چېغىمنى ماختىماڭ.
ئەس- ھوشۇم ئىلكىمدە يوق بارىمنى بەردىم ماختىسا،
بەش قېتىم موللاق ئېتىپ ئۇچقانلىقىمنى ماختىماڭ.
ئاقكۆڭۈل ئىشچان دېدى، ياخشى ئاتالدىم گۈل بېرىپ،
ئالما، ئەنجۈر، ئۈژمىدەك پىشقانلىقىمنى ماختىماڭ.
گۈل بېغىمدا مەن مۇساپىر ئالمىغا ئۆتمەس چىشىم،
تەلمۈرۈپ تامغاق يالاپ قاتقانلىقىمنى ماختىماڭ.
قامىتىم دۆڭدىن ئېگىز، ھەيۋەت كۆرۈنمەيدۇ بويۇم،
باغرىما گۈلزار - چىمەن بوستانلىغىمنى ماختىماڭ.
دەشتى چۆل، سايغا مىسال بىر تۈپ گىياھمۇ كۆكلىمەس،
دۇر- گۆھەر، زەرگە تولۇپ ياتقان تېغىمنى ماختىماڭ.
يۈرىكىم دەيمەن ئۇنى، ئەسلى ئىچىمگە پاتمىغان،
ھۆسنى ئاي، پەزلى پۇراق چاچقان قىزىمنى ماختىماڭ.
مەنزىلىم ئالۋۇن سىڭار، كۆز تەگدى، تۇلپار چاپمىدى،
ئەلنى ھەيران قالدۇرۇپ چاپقان ئىزىمنى ماختىماڭ.
بەك نادان ئەخمەق ئىكەنمەن يولدىمۇ قالدىم ياياق،
دوست قېرىنداش ھەممىنى ساتقانلىقىمنى ماختىماڭ.
كىمكى يالغان ماختىسا بەردىم سىرىمنى دوست بىلىپ،
يوق سۈپەتكە كېرىلىپ ياتقانلىقىمنى ماختىماڭ.
2024-يىل 26-نويابىر.
قىزىل دەريا ساھىلى