ئابلىكىم مەتسېيىت || يالغۇزمەن

文摘   2024-12-20 00:45   新疆  


يالغۇزمەن


ئابلىكىم مەتسېيىت


باياشات چاغدا دوستلاشتۇق،

تەلەي تانغاندا يالغۇزمەن.

نىچۈن ئۈنسىزكى خوشلاشتۇق،

ئاياغ چانغاندا يالغۇزمەن.


گۈرۈلدەپ كۆيگۈنۈم ئازدەك،

كۆڭۈلگە ياقمىدىم سازدەك،

بېلىقلار يەكلىگەن غازدەك،

سۇسىز قالغاندا يالغۇزمەن.


جېنىمدەك كۆرگۈنۈم كەتتى،

كېچىپ باغرىمنى قان ئەتتى،

جانان سالغان جاراھەتنى،

ئەلەم تاڭغاندا يالغۇزمەن.


قاراپ قالدىم دېرىزەڭگە،

بېشىم ئەگكەندە تۆت تەڭگە،

ھايات ئاتلىق يامان جەڭدە،

چېپىپ ھارغاندا يالغۇزمەن!...




HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章