ئىككىمىزنىڭ ئارىسى…
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
تاغلارنىڭ تالقان بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانمىدىم ساڭا؟
ۋە ئۇنچە ئالدىراپ چېقىلمايدىغانلىقىنى،
كېرەك بولسا ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە جىسمىدىن يۇغۇرۇلغان كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاندىن چۇۋۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانمىدىم؟ ئېسىڭدە بولسا، سۆيگۈمدىكى ئىرادەمنى شۇ تاغقا ئوخشاتقاندا دېگەن ئىدىم ساڭا! دىققەت قىل، ئاسرا، ئاۋايلا، چېقىلمىسۇن، چۇۋۇلمىسۇن، تالقان بولۇپ كەتمىسۇن دېگەن ئىدىم ھەم!…
ئاياغ ئىزىڭغا قاراپ كەينىڭگە يانغىنىڭنى كۆردۈم. كاشكى يېنىۋېلىشىممۇ مۇمكىن دەپ قويغان بولساڭ باشتا، سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىم ئۇنچە زور بولمىغان بولسا، ئىشەنچىم تولۇپ تۇرمىغان بولسا، ماڭىمۇ يانغىدەك ئىمكان قالغان بولسا ئىدى ھەم…
قوللىرىمىز تېگىشىپ تۇرىدۇ، ئەمما قەلبىمىز بىر - بىرىدىن مىڭ چاقىرىم يىراق، كاشكى قەلبلەر يىراقلىشىپ كەتمىگەن بولسا ئەتىمىزنى ئىللىتار ئىدى ئۇ قوللار… ئۇ قوللار… تېخى ئەمدىغىنا ئىلگىرى مۇشۇنداق تۇرغاندا ئاللىقاچان چىڭ گىرەلىشىپ بولىدىغان بۇ قوللار…
كۆزلىرىڭدىن ئۆزۈمنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتىمەن، توغرىسى، سەن كۆزلىرىڭ بىلەن مېنى كۆرسەتمەيدىغان بولۇپسەن ماڭا… شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېنى يوقاتتىم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئارىمىزنى پەيدا قىلدىڭ…
كەلگەندە كېتىمەن دېمىگەنتىڭ ماڭا، كەتكەندە خويمۇ دېيەلىدىڭ كېتىشلىرىڭنى. غېرىبسىنىپ قالدى ئىككىمىزنىڭ ئارىسى، خۇددى پادىلىرىنى ئۇزىتىپ قويغان غېرىب يايلاقتەك، بالىسىنى ئۇزىتىپ قويغان يالغۇز ئانىدەك، زىمىستانغا مەھكۇم بولغان سوغۇق دالىدەك…
قەلبىمنىڭ ياپراقلىرى تۆكۈلۈپ كەتتى…
يالىڭاچ قالدى سەندىن مېھىر سۈمۈرىۋاتقان كۆڭۈل شاخلىرىم…
ئىچىمنىڭ ئەستەرلىرى سۆكۈلۈپ كەتتى…
كۆرۈنۈپ قالدى قۇراق - قۇراق ئازابلىرىم…
ئىشەنچىمنىڭ بەللىرى پۈكۈلۈپ كەتتى…
ئۆلۈپ قالدى مۇھەببەتلىك ئارمانلىرىم…
ئاھ دېدىم!…
خۇددى سەن يوق چاغلاردا ھېچ بىر تۇغۇلۇپ ياشاپ باقمىغاندەك…
قۇرۇدۇم…
تومۇرلىرىمدا قان دىدارى ئاقمىغاندەك…
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى يەۋاتقىنىمدا چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلىدى ئىككىمىزنىڭ ئارىسى…
سېنى سەن بولغىنىڭ ئۈچۈن سۆيەتتىم، ئەمدى مېنى سۆيگىنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن بەلكىم. كېتىشلىرىڭدىن ئۇلغىيىدۇ ھەسرىتىمنىڭ كەلكۈنلىرى، سېغىنىشلىرىمدىن چاراسلاپ كۆيىدۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسى…
كۆڭۈل يېقىنلىغانچە يوقايدىغان بۇ ئارىلىق قانداقچە تولدۇرغۇسىز ھاڭغا ئايلاندى؟
سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەنچە كۆرۈنمەيدىغان بۇ مۇساپە نېمىشقا كۆز، دىل، سۆز يەتكۈسىز ئۇزىراپ كەتتى؟…
يىغلىما دېمە، يۈزسىزلەر كەبى يۈزۈڭگە تۈكۈرەلمەيمەن! ئۆزۈمدىم ئالىمەن بەرگەن ۋە قەدىرلەنمىگەن كۆڭۈلنىڭ ھېسابىنى. ئۆزۈمدىن سورايمەن خار بولغان سۆيگۈنىڭ ئەپۇسىنى!… ئەمما بىلىسەن، شۇنىڭدىمۇ نە مۇھەببەتكە، نە دوستلۇققا ئۇلىشالمايدۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسى…
بىر كۈنلەردە…
سەن ئۇنتۇلغان، مەن ئەسلەنگەن سۆيگۈمىز ئارزۇلانغان يىراقتىكى بىر كۈنلەردە ئازابلىق پۇشايمانلىرىڭغا ھەدىيە قىلارمەن بەلكىم،
ساڭا سەدىقە، ماڭا يادىكار قالغان ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى…
2020-9-9 خوتەن، يۇرۇڭقاش