چەمبىرەك پاراڭلىرى

文摘   2024-11-29 00:00   新疆  






قوللىرىم قۇپقۇرۇق، بارچە يۈكلەر يۈرىكىمدە، ھەممە ئىشلار «ياخشى»، ياخشى ئەمەسلىرى ئىچىمدە...


-زەينەپ



كىملەرنى قەدىرلەپ، ‭ىنرەلمىك‬ ئەزىزلەشنى سەن بېكىتمەيسەن، ئۇلار ئۆزلىرى ئۆز ھەرىكەتلىرى ‭قىلىقرائ‬ بېكىتىپ بېرىدۇ.


-ناتىۋان



‎دۇرۇس ئادەملەر سايىسىنىڭ مايماق چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ.


                   -سەزگۈر



ئىشەنگىن، مىڭ ‏‭رالتالۈكشۈم‬‏ ئىچىدىمۇ سېنى ساقلاۋاتقان ‏‭لەزۈگ‬‏ بىر نەتجە بولىدۇ…

-خەيرىگۈل



بار- يوقنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان، يىراق- يېقىنغا بېرىپ باققان، قىيىن- ئاساندىن ئۆتۈپ باققان،يېقىنلىرىدىن، ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ باققان، ئوڭ- تەتۈر ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ باققان كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيادا ھەيران قالغۇدەك، ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتكۈدەك، ھەسەت، ھەۋەس ئوتلىرىدا ئۆزىنى قىينىغۇدەك، كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگىدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ. قەلبى تېنچ ياشاش دېگەننى شۇلاردىن كۆرىسىز.

-كىرورەن



‏بىز ۋاپا ھەققىدە سۆزلىگەنلەرنى ئەمەس، ۋاپانى ياشاپ كۆرسەتكەنلەرنى سۆيۈپ كەلدۇق.


                      -راززاق



بىزگە مۇھەببەت داۋرىڭى سالىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەر ئېغىز گېپىدە، ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىدە لىققىدە مۇھەببەت چىقىپ تۇرىدىغان ھەمراھ كېرەك!...


                      -مەريەمگۈل خۇشخۇي


          

كەيپىياتىڭ ياخشى بومىسا بالدۇر ئۇخلىۋال، بەلكىم چۈشلىرىڭ گۈزەلدۇر…


                       -ئاينۇر



ھەممە نەرسە ئۆتۈپ كېتىدۇ دېيىلدى، ئەمما ئۆمۈرنىڭ، ھاياتنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى ئېيتىلمىدى…


 -ساھىبجامال


ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章