نويابىردىكى يالغۇزلۇق
ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى
قەدىمىم سەرسانە،كوچىلار تىمتاس،
تاپىنىم ئاستىدا كۆيمەكتە ئاق قار.
قار كېچىپ مۇڭداشقان دەملىرىمىزنى،
بىلمىدىم، سېغىنىپ باققانسەنمۇ يار.
يولۇمنى يورۇتۇپ باقىدۇ چىراغ،
قەلبىمدە يورۇغان غۇۋا ئۈمىدتەك.
نېمە ئۇ ۋاز كېچىش؟ ئىشەنسەڭ جېنىم،
ئاھ! سېنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم بەك...
ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ زېمىستانغا ھە؟
ئىزدىمەس باھاردەك سۆزلىرىڭ مېنى.
بىلمەمسەن؟ سوغۇقنىڭ دەردىدىن كۆرە،
يامانغۇ يۈرەكنىڭ مۇزلاپ كەتكىنى...
2024-يىلى 30-نويابىر ئۈرۈمچى