ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا تاپشۇرما، سەن سەن بولغىنىڭ ئۈچۈنلا پەرقلىقسەن!
-سەفىيە
كىشى غەملىرىنى خالغان ئادەمگە تۆكمەيدۇ، پەقەت ئۆزى ئىشەنگەن ئادىمگىلا تۆكىدۇ.
-ئابىدە
ئۈستەلدە قەھۋەسى بولمىغان كىشىنى قانداقمۇ قەھۋەخور دېگىلى بولسۇن؟
ھەر ھېكايىڭىزنىڭ بىر گۇۋاھچىسى بولسۇن، مەيلى قەھۋە، مەيلى قەلەم، مەيلى ئادەم...
-مەريەم
ھەرقانداق مۇھەببەت مەڭگۈ ئىپادىلەپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ، ئىپادىلىگەنسېرى زېرىكىش ئەمەس بەلكى نۇرلىنىش بولىدۇ ھەم تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.
-ئاينۇر
ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ھاۋاغا ئوخشايدۇ، تۇتالمايسىز، پۇرىيالمايسىز، ئەمما ھېس قىلالايسىز.
-ھەبىبە
ھېچ نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس، نە كۆڭۈل، نە ئۆمۇر...
-شەبنەم
كۆڭلىمىز چىرايىمىزدىن چىرايلىق، بىزگە شۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
-گۈلچى قىز
مەن ئاسان تەسىرلىنىمەن، ئاددىي نەرسىلەرگە قانائەت قىلىمەن، بۈگۈن سىز ماڭا ياخشلىق قىلسڭىز، ئەتە مەن سىزگە ھەسسىلەپ قايتۇرۇشقا تېرىشىمەن. مەن قانائەت ۋە ئەخلاقنى ئۆزەمگە ھەمراھ قىلىپ ياشاۋاتىمەن، دەپ قارايمەن.
-زۇليار
اداينۇد ئەزەلدىن پىلېكزىسقۇيۇت قالدىغان يەلەت يوق. پەقەت باشقىلار ناغىديەملىب تىرىشچانلىقلا بار.
-ئايگۈزەل
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!