ئابدۇكېرىم خوجا ئابدۇرېھىم || بولمىدى

文摘   2024-12-01 21:53   新疆  


بولمىدى


ئابدۇكېرىم خوجا ئابدۇرېھىم


(ئەنۋەر ئابلا سەلكىننىڭ شۇ ناملىق غەزىلگە تەخمىس)



ۋەدىسى قوزغار گۇمان پۈتسەممۇ گىريان بولمىدى،

ئۆركىشى چۆللەر تامان، چۆكسەممۇ ئوكيان بولمىدى،

جان ئالالماس سەل - قىيان كۆكسۈمگە پەيكان بولمىدى.

بىر كېلىپ سۆيگەن جانان دەردىمگە دەرمان بولمىدى،

ئەيلىدى باغرىمنى قان، قەلبىمگە مېھمان بولمىدى.


ھۆسنىدىن گۈللەر پەرىشان ئەس - ھۇشۇم كەتتى قايان؟

ھۆر پەرىمۇ ياكى ئىنسان، تىل كېكەچ يەتتى بايان،

نازغىشى كۆكتە ئايان، يامغۇر تۆكەر پەيلى يامان،

كەلدى تار ئالەم - جاھان، يالغۇز قويۇپ كەتتى قايان،

تاغ ئېشىپ مەنزىل تامان، يەتمەككە ئىمكان بولمىدى.


مەست - گاراڭ يۈرسەم بۇيان، كۆردۈڭمۇ ئەپتىمنى ئويان؟

مەسخىرەڭ سالدى توغان، ئىشقىمغا ئەسلا يول راۋان،

سەن ئۈچۈن ئاشسام داۋان، ئالدى ھاياتمۇ ئىمتاھان،

سېغىنىش ئۆرتەپ شۇئان، بولدى چىرايىم زەپىران،

قىينىلىپ ئاز قالدى جان، ئۆلمەكتە پەيمان بولمىدى.


بولدى قەدرىم پەيسىمان، قالمامدۇ سۆيگۈمدىن نىشان،

تۈندە پەريات ئەيلىبان، مىڭ پارە بولغايمۇ جاھان،

ئاي - قۇياش بارغاي قايان، چولپان ئۆچەرمۇ باغرى قان،

لەيلىگەچ دىلدا تۇمان، ھۇۋلار ئىچىمدە جۇت - بوران،

بەرگىسى تۆككەچ خازان، باغىمدا رەيھان بولمىدى.


ئەھدى قەسەملەر ئاينىغان، باغدا مەشۇق قالمىغان،

گۈل پورەكلەپ بىخسىغان، ئاشىق يۈرەككە باسمىغان،

ۋىجدان سوراققا بارمىغان، دارغا ھىجران ئاسمىغان،

ئاھ، ئۇرۇپ چەكسەم پىغان، ئاقتى يېشىمدا سەل - قىيان،

باغرىدا يىلتىزلىغان سۆيگۈم باراقسان بولمىدى.


2024-يىل 8-نويابىر.

قىزىل دەريا ساھىلى.




HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章