كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
19 | 18 | 17 | 16 | |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
20 -قىسىم
20-قىسىم
دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز قىز! (2)
جەسۇر بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ، غەزەپ بىلەن:
- سىلەر نېمىگە ئاساسەن ماڭا ئۇۋال قىلىسىلەر؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان، ئۇنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم، - دەپ ۋارقىرىدى.
زىلالە ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، نېمىشقا ئۆزىنى قىينايدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەن بولسىڭىز، نېمىشقا مۇھەببەتلەشتۇق دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ؟ - دەپ سورىدى يۇقىرى ئاۋازدا.
نەچچە كۈندىن بۇيان بېسىلىپ قالغان غەزەپ ئوتى سەۋەبىدىن زىلالە ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي :
- مەن بىلەن مۇھەببەتلىشىمەن، كىنو كۆرگىلى بارىمەن دەپ قويۇپ، نەتىجىدە بېرىپ زىبارەنى ئىزدىڭىز...
يەنە ھېلىقى بىلەيزۈكمۇ بار، ئوخشاش پاسوندىكىسىنى سوۋغا قىپسىز، ماڭا بېرىدىغان كىچىككىنە سوۋغاتقىمۇ مۇشۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلامسىز؟ دائىم مېنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىمەن دەيسىز.
مۇشۇنداق قىلسىڭىز قانداق ئىشىنىمەن،ھەر كۈنى يالغان گەپ قىلىپ ھارمىدىڭىزمۇ! - دېدى.
جەسۇر ئۆزىنى ئاقلاپ بولالماي:
- مەن.... بۇنداق ئەمەس، مەن راستتىنلا... - دېدى.
- ھازىرمۇ راست گەپ قىلىشنى خالىمايۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ - دېدى زىلالە ئاچچىق كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ، - مەن تېخى سىزنى قەيسەرگە ئوخشىمايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بەك ساددا ئىكەنمەن، سىلەر ئەرلەرنىڭ ھەممىڭلار ئوخشاش، ھەممىڭلار ئەبلەخ! - دېدى - دە پەلتورىنى ئېلىپ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى.
- زىلالە!
جەسۇر كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ، زىلالەنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان كۆلەڭگىسىگە قاراپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.
چىشىنى چىشلەپ، بۇرۇلۇپ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، ئەكبەرنىڭ ياردەمچىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ:
- ماڭا دەڭە، زىبارە قايسى دوختۇرخانىدا؟ - دەپ سورىدى.
بايا ئىچكەن ئىچىملىك سەۋەبلىك ماشىنا ھەيدىيەلمىگەنلىكتىن، چاپىنىنى ئېلىپ، سوغۇق شامالغا قارىماي مەھەللە دەرۋازىسىغا چىقىپ، تاكسىنى توسۇپ، زىبارە تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىغا كەلدى.
سېسترادىن سوراپ يۈرۈپ، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا زىبارەنىڭ ياتىقىنى تاپتى.
چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
كېسەلخانىدا ئەكبەر زىبارەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى، جەسۇرنى كۆرگەن ئاكا-سىڭىل ئىككىسى تەڭلا بېشىنى كۆتۈرۈشتى.
- زىبارە! - دېدى جەسۇر چوڭ قەدەم بىلەن كىرىپ، - ھازىرنىڭ ئۆزىدە، ئاكىڭىزنىڭ ئالدىدا، گەپنى ئېنىق قىلىڭ، مەن قاچان سىز بىلەن مۇھەببەتلەشتىم؟ - دېدى.
ئەكبەر زىبارەنىڭ كەيپىياتىنى يەنە غىدىقلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىنى توسۇپ:
- جەسۇر، ئۇنى بۇنداق قىينىمىسىڭىز قانداق؟ - دېدى.
- ھازىر مەن ئۇنى قىينىمىدىم، ئەكسىچە ئۇ مېنى قىيناپ بوش قويۇۋەتمەيۋاتىدۇ! - دېدى جەسۇر ئەكبەرنى بىرنى ئىتتىرىپ، - زىبارە، ئازراق بولسىمۇ بۇرۇنقى دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلسىڭىز، گەپنى ئېنىق قىلىڭ، نېمىشقا يالغان سۆزلەيسىز، نېمىشقا مۇھەببەتلەشتۇق دەپ تۇرۇۋالىسىز، مەن قاچان سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشى قىلدىم، قېنى دەڭە، - دېدى.
- بىز ئەسلىدىنلا ياخشى ئۆتۈۋاتقان، - دېدى زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ، - ئالدىنقى قېتىم دېڭىزغا چىققاندا سەيلە كېمىسىدە سىز ، مەن، يەنە ئاكاملا بارئىدۇق، ئەگەر ئۇ كۈنى كەچتىكى ئادەم سىز بولمىسىڭىز، ئەجەبا ئاكاممۇ؟ - دېدى.
- ئۇ كۈنى كەچتە، مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە جىددىي ئىش چىقىپ قېلىپ، يېرىم كېچىدە سەيلە كېمىسىدىن ئايرىلدىم، بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن... - دېدى جەسۇر سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز توختاپ، ئەكبەرگە قارىدى.
ياندا تۇرغان ئەكبەرنىڭ چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ كەتكەنىدى.
جەسۇر ھەقىقىي ئەھۋالنى پەملىگەندىن كېيىن، ئەكبەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، كېسەلخانىغا سۆرەپ چىقتى.
كارىدورنىڭ ئاخىرقى چىقىش ئېغىزىغا بېرىپ، ئەتراپتا باشقا ئادەم يوقلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئەكبەرنى تامغا يۆلەپ تۇرۇپ:
- ئۇ كۈنى كەچتىكى ئادەم سىز... توغرىمۇ؟- دەپ سورىدى.
- كەچۈرۈڭ، جەسۇر، مەن ... - ئەكبەرنىڭ چىرايىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپ، - زىبارەنىڭ ھېلىقى كۈنى كەچتە دېگىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، - دېدى.
جەسۇر يېقىن دوستىنىڭ ئازابلانغان چىرايىغا تىكىلىپ ھەم غەزەپلەندى، ھەم ئامالسىز قېلىپ:
- سىز... سىز ... ئېنىقلا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۇنىڭغا دېمەيسىز؟ - دەپ سورىدى.
- چۈنكى مەن ... - دېدى ئەكبەر بېشىنى چايقاپ، - دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن، ئۇ... ئۇ .... ئۇ مېنى ئاكام دەپ قارايدۇ! - دېدى.
- ئۇنداقتا ئۇنىڭ مېنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا قاراپ تۇرامسىز؟ مېنى قانداق قىلسۇن دەيسىز، زىلالەگە قانداق چۈشەندۈرىمەن... - دېدى جەسۇر بۇرۇلۇپ كارىدوردا تۇرغان زىبارەنى كۆرۈپ، بىردىنلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
ئەكبەرمۇ ئۇنىڭ غەلىتە ھالىتىنى سېزىپ، كارىدور تەرەپكە بۇرۇلۇپ، زىبارەنى كۆرۈپ، چاقماق سوقۇۋەتكەندەك سوغۇق ئەندىكىپ:
- زىبارە، مەن... - دەپ تۇرۇپ قالدى.
زىبارە ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- ئۇ كۈنى كەچتىكى ئادەم جەسۇر ئاكام ئەمەس، سىز شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەكبەر زىبارەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- زىبارە، سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەن... ئۇ كۈنى كەچتە كۆپ ئىچىۋاپتىمەن، شۇڭا... مېنى ئۇرۇڭ، تىللاڭ ، قانداق قىلغۇڭىز كەلسە شۇنداق قىلىڭ... زىبارە، كەچۈرۈڭ! مەن بىر ئەبلەخ، ئۆلگۈر ئەبلەخ! - دېدى ۋە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى قاتتىق كاچاتلىدى.
- ئاكا، بولدى قىلىڭ! - دېدى زىبارە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ، يىغلاپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، - سىز... سىز راستتىنلا مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟- دەپ سورىدى.
- كەچۈرۈڭ، زىبارە. - دېدى ئەكبەر بېشىنى كۈچەپ چايقاپ، - مەن سىزنى ئائىلىمىزگە ئېلىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ياخشى ئاكىڭىز بولۇشنى ئويلىغان، لېكىن ... راستتىنلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن... ئۇ كۈنى كەچتە جىق ئىچكەنلىكىمدىن ئىزچىل پۇشايمان قىلىپ كەلدىم، سىزنىڭ بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن مەندىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كېتىشىڭىزدىن قورقتۇم، شۇڭا ... دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. - دېدى.
زىبارە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا:
- سىز... راستتىنلا مېنىڭ كېسىلىمدىن ... يىرگەنمەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
ئەكبەر بېشىنى چايقاپ:
- مېنىڭ نەزىرىمدە سىز دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز قىز. - دېدى .
زىبارە قولىنى سوزۇپ بوينىدىن قۇچاقلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.
ئەكبەرنىڭ بىر جۈپ كۆزىمۇ قىزىرىپ:
- پەقەت سىزلا خالىسىڭىز، ھالىڭىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىشنى خالايمەن، يېنىڭىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن، ۋەدە بېرەي! - دېدى.
جەسۇرنىڭ يانچۇقىدىكى يان تېلېفون سايراپ كەتتى .
كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن دوختۇرخانىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.
ئەمدى گەپنى زىلالەدىن ئاڭلايلى
شەھەر سىرتىدىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە كەلگەن زىلالە مەركەزدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە، دادىسىنى يۆتكەش ماشىنىسىدىن ئاۋايلاپ چۈشۈردى.
خىزمەتچى خادىملار يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈردى، زىلالە چاقلىق ئورۇندۇقنى ئۆزى ئىتتىرىپ، دادىسىنى كېسەلخانىغا ئېلىپ كىردى.
زىلالە مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ دادىسىنىڭ ئەمدى دورا بىلەن داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ كەسپىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بۇ شەھەردىكى بىر قەدەر ياخشى مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، زىلالەنىڭ مۇسابىقىدە ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىمۇ بۇ يەرنىڭ چىقىمىنى قامداشقا يېتىدۇ.
دادىسىنى كېسەلخانىنىڭ دېرىزىسى ئالدىغا ئىتتىرىپ كەلگەن زىلالە ئېڭىشىپ دادىسىنىڭ ئېغىز ئەتراپىدىكى شۆلگەيلىرىنى سۈرتۈپ:
- قاراڭ دادا، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى يامان ئەمەس ئىكەن، شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
دادىسى سەل تەسلىكتە بېشىنى بۇراپ، قولىنى سوزۇپ قىزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
- ئول...تۇ...رۇڭ! - دېدى.
- ھېچقىسى يوق، دادا، ھارمىدىم. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، - بۇنىڭدىن كېيىن سىز مۇشۇ يەردە ياخشى ئارام ئېلىڭ، ۋاقتىم بولسىلا، يوقلاپ كېلىمەن، بولامدۇ؟ - دېدى.
- ھاجىتى ....يوق... مەن بىلەن... كارىڭىز... بولمىسۇن، ...ياخشى ئوغۇل دوست ... تېپىپ، تۇرمۇشىڭىزنى... ئوبدان... ئۆتكۈزۈڭ، - دېدى دادىسى.
- سىز مېنىڭ دادام، كارىم بولمىسا قانداق بولىدۇ. - دېدى زىلالە ئىككى قولىنى سوزۇپ، دادىسىنىڭ قولىنى يۈزىگە يېقىپ، - يەنە ئازراق ياخشى بولۇپ قالسىڭىز، ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن، ئوغۇل دوستمۇ تاپمايمەن، سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايمەن، - دېدى.
ئوسمان كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى.
بۇ چاغدا، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى دوختۇر-سېستىرالارمۇ كىرىپ كەلدى، بىر نەچچە ئادەم ئوسماننى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا ئالدى.
دوختۇر ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئاددىيلا تەكشۈرۈپ، ئەھۋالنى دەپتەرگە تەپسىلىي خاتىرىلەپ:
- بىز تېز سۈرئەتتە داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىمىز، كونكرېت ئەھۋال بولسا ھەر ۋاقىت سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز. - دېدى.
- بولىدۇ. - دېدى زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ، - بۇنىڭدىن كېيىن دادامنى سىلەرگە تاپشۇردۇم، - دېدى.
- خاتىرجەم بولۇڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى دوختۇرلار ئوسمان ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىمىز، - دېدى دوختۇر.
دوختۇرلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، زىلالە يەنە دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ بىردەم پاراڭلاشتى. ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ئاندىن كېسەلخانىدىن ئايرىلدى.
بۇ يەر شەھەر رايونىغا يىراق بولغاچقا، تاكسى توسۇش قولايسىز ئىدى، زىلالە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، يان تېلېفوندىن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى تەكشۈرمەكچى بولدى.
دۈت... دۈت
ماشىنا گۈدۈكى يېنىك چېلىندى، بىر ماشىنا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىدا توختىدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar