توي ۋە سۈيقەست12-قسىم

文摘   2025-01-24 21:02   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 


12-قىسىم

_ بولدى. مەن ئاۋۇ 3000نى ئالماي. سىزگە ياردەم قىلاي. ئەمدىغۇ قوشۇلىدىغانسىز..

_ نېمىشقا ماڭا ياردەم قىلغۇڭىز كەپ قالدى، ھەيرانمەن..

_ چۈنكى بۇنداق تۇرىۋەرسىڭىز ئۇلار داۋاملىق سىزنى بوزەك قىلىۋېرىدۇ..

_ بۇنداق چىڭ تۇرىشىڭىزدا باشقا سەۋەب يوقتۇ ھە..

_ سىزچە يەنە قانداق باشقا سەۋەب باردۇر..

_ بىلمەيمەن. لېكىن بەكلا چىڭ تۇرىۋاتىسىز..

_ شۇڭا، قوشۇلامسىز قوشۇلمامسىز.. ئېنىقىنى دەڭە..مەن مۇلازىمەت ھەققى ئالمايمەن..لېكىن سىز چوقۇم پۇل خەجلىشىڭىز كېرەك..

_ قاراڭ، مانا گەپ يەنە پۇلغا تاقالدى..مەقسىدىڭىز مېنى ئۆزگەرتىش ئەمەس پۇل تېپىش..

_ پۇلنى ماڭا ئەمەس، ئۆزىڭىزگە خەجلەيسىز، ئۆزگىرىش ئۈچۈن خەجلەيسىز..

_ مائاشىم ئاز چىقسا قانداق قىلىمەن..يېنىمدىكىنىڭ ھەممىنى ئىجارە ھەم تويغا خەجلىدىم..

_ پەقەتلا يوقمۇ؟

يەرگە قارىدىم.

_ ئۈندىدارىڭىزغا قاراڭە..

ئۇ ئۈندىداردىكى مەن يوللىغان دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەققىنى قايتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا پۇل يوللاپ قويغانىدى.

_ بۇ نېمە؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز..

_ خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنى قەرز بېرىمەن.. ئاجراشقاندا قايتۇرۇپ بېرىسىز..

_ مېنى ئادەمگەرچىلىككە قەرز قىلماقچىمۇ..

_ ياق. پەقەت سىزنى ئۆزگەرتمەكچى.. ئاۋال پۇلنى ئېلىڭ، ئاندىن قانداق قىلىشنى دەپ بېرىمەن..

پۇلنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا قارىدىم.

ئۇ تېلىفوننى قولىغا ئالغاندىن كېيىن بىر نەرسىنى ئېچىپ ماڭا سۇندى.

_ مۇشۇلاردىن ئىككى قۇر تاللاڭ..

_ ۋوي، نېمانچە قىممەت كىيىملەر بۇ..ساراڭ بولدىڭىزمۇ..كۈندە خىزمەتكە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن بۇنچە قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى..

_ خىزمەت ئورنىڭىزدا دۈشمىنىڭىز بار.. ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشىشىڭىز كېرەك..

_ ياق. مەن ئالمايمەن..قايتۇرۇپ بېرەي.. تولا كىنولارنى دورىماڭ..تۇرمۇش دېگەن تۇرمۇش.. بۇ پۇلنى ماڭا بەرمىدىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە قايتۇرۇشۇم كېرەك..

ئۇ تېلىفونىنى قولۇمدىن ئالدى.

_ بولدى، ئۆزۈملا ئېلىۋېتەي..سىزگە قويۇپ بەرسەم مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ ئولتۇرغۇدەكسىز..

ئۇ تېلىفوندا بىردەم مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، ماڭا سۇندى.

_ مانا ماۋۇ ئىككى قۇر كىيىمنى ئېلىۋەتتىم..ھېساۋاتىنى سىزگە يوللاپ قويدۇم. قەرز ھېسابلانسۇن..

_ بۇ بەك رەڭلىككەن. تۈنۈگۈنمۇ رەڭلىك كەيگىنىم ئۈچۈن شىركەتتە شۇنداق ئىشقا ئۇچرىدىم، مېنىڭ ئۇنداق رەڭلىك كەيگۈم يوق..باشقىلار ئامال بار مېنى بايقىمىسىكەن دەيمەن..

_ ھەيرانمەن. مۇشۇ مىجەزىڭىز بىلەن قانداقمۇ ئىشخانا مۇدىرلىقىنى قىلىپ باشقىلارنى باشقۇرغانسىز..

_ باشقۇرۇش بىلەن كىيىنىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن..

_ مەن قارىسام بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قېتىملىق ئايرىلىپ كېتىش ئىشىدىن كەپ چىقىپتۇ..بۇنداق قىلماڭ. ئۇ ئەرزىمەسلا بىر ئادەم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇنداق قىينىماڭ..

_ مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم..

_ ئۇنتۇپ كەتسىڭىز نېمىشقا ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن دەپ توي قىلىسىز، نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى دېرىكتورغا دېمەيسىز.. ئاغزىڭىزدا ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇنى قوغداۋاتىسىز..شىركەتتىن كېتىشنى خالىماسلىقىڭىزمۇ بەلكى شۇ سەۋەبتىندۇر..

_ جۆيلىمەڭ، ئۇنىڭ ئايالى بار.. مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم..

_ ئاغزىڭىزدا شۇنداق دەپ تۇرىسىز، لېكىن كۆزلىرىڭىز ھەممىنى دەپ بېرىۋاتىدۇ.. سىز يەنىلا ۋاز كېچەلمەيۋېتىپسىز.. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلىفون پاراڭلاشقان ھالىتىڭىزگە قاراپمۇ ھېس قىلدىم. ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالدىماڭ..

_ مېنى نېمىش قىلسۇن دېمەكچى..نېمىشقا تۇرمۇشۇمغا بۇنداق كىرىشىۋالىسىز..

_ ئۇنىڭ ئايالى بار. ئۇنتۇپ كېتىشتىن سىرت ئۇنىڭدىن ياخشى ياشىشىڭىز كېرەك..پەقەت مۇشۇلا ئۇنى ئۇنتۇش ۋە يېڭىشنىن ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى..

  يۈزۈمنى تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدىم.

_ مەن قانداق قىلىمەن..ئۇ بىردىنبىر يۈرگەن ئادىمىم، توي قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئادىمىم..بۇ ئىش ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى..دېرىكتورنى كۆرسەملا نېمىشقا ئۇ مەندىن ھەر جەھەتتە مۇنەۋۋەر دەپ قالىمەن..بۇ چىدىماسلىقمۇ ياكى ھەۋەس قىلىشمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن..

_ سىزگە بىر ئىشنى دەپ بېرەي. بۇرۇن مەنمۇ بىر قىزنى ئۆزۈمدىن ئارتۇق ياخشى كۆرگەن.. لېكىن ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى. مەنمۇ قىز ئاياللارغا ئۆچ بوپ كەتكەن..

_ ئۆزىڭىزمۇ شۇ دەرتنى تارتىپ بېقىپ تۇرۇپ نېمىشقا مېنى توغرا چۈشەنمەيسىز..

_ مېنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇممۇ مەندىن پايدىلىنىۋېلىپ ئارقىدىن توي قىلدى..

_ ھەي، نېمىشقا، نېمىشقا بىز كۆڭلىمىزدىكى ئادەملەر بىلەن توي قىلالمايدىغانمىز..ئويلىساملا يۈرىكىم بىئارام بولىدۇ..

_ چۈنكى بىز چىن كۆڭلىمىز بىلەن مۇھەببەتلىشىمىز، لېكىن ئۇلار مەقسەتلىك بىزگە يېقىنلىشىدۇ..

_ بىر ئادەم بىزنى ياخشى كۆرمىسە ھامان بىر سەۋەبنى تاپالايدىكەن.. ئۇ مېنى ئۆزىڭىزنى ياسىمايسىز، پۇلىڭىز يوق دەيدۇ..مېنى قوغلاشقاندا ئۇنداق دېمىگەن، يۈرگەندە ئۇنداق دېمىگەن...

_ شۇڭا بۇنىڭ سەۋەبچىسى بىز ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرگەندە ھەرقانداق سەۋەبنى باھانە قىلىپ ئايرىلىپ كېتەلەيدۇ..ھېچكىم ئايرىلىپ كەتكەندە مەن ناچارتىم دېمەيدۇ، سەۋەبنى قارشى تەرەپتە قويغاندىلا ئاندىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇ..

_ شۇنداقتۇر بەلكى..لېكىن مېنىڭ دېرىكتورۇمغا يەتمەيدىغىنىم راست..مېنىڭ ئېسىل ماشىنام يوق، ئىقتىدارىم يوق..ئۇنىڭدەك ياش ھەم چىرايلىق ئەمەس..

_ بەلكى ئۇمۇ سىز ئويلىغاندەك مۇكەممەل ئەمەستۇر.. خاتالىقنى ئۆزىڭىزدە قويماڭ..ئەگەر بۇ ئىشلار سەۋەب بولغان بولسا يىگىتىڭىز سىز بىلەن ئىككى يىل يۈرمىگەن بولاتتى..بۇ پەقەت پۇلنىڭ ئۇنى مۇھەببەتتىن بەكرەك مايىل قىلغانلىقىدىن..قاراڭ..ئۇ ئويلىغىنىغا ئېرىشتى، ئايالىنىڭ ئېسىل ماشىنىسىنى ھەيدىدى، شىركەتتە ھوقۇققا ئېرىشىپ نۇرغۇن ئادەمنى باشقۇرىۋاتىدۇ... بۇ مۇھەببەت ئەمەس، پايدىلىنىش..

_ ئەمىسە ماڭا دەڭە، مۇھەببەت دېگەن زادى نېمە؟

_ مەن جاۋابىنى بىلگەن بولسام شۇ قىزنى تۇتۇپ قالالىغان بولاتتىم..

ئىككىلىمىز جىمىپ كەتتۇق. ھەر ئىككىمىز بۇنىڭغا مۇكەممەل جاۋاب بېرەلمەيتتۇق. چۈنكى بىز مۇھەببەتتە مەغلۇب بولغانلارتۇق.

تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يۈزلەندىم.

_ ئىككىنچى قەدەمدە نېمە قىلىمىز؟

_ چېچىڭىزنى يۇيىۋېلىڭ، ئاندىن دەپ بېرىمەن..

_ بۇ..قانداق گەپ؟ مېنى سىرتقا چىقىڭ دېمەكچىما؟

_ ئاۋال چېچىڭىزنى يۇيۇڭ...

سۇخانىغا كىرىپ چېچىمنى يۇيغۇچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ چىقتىم. ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق كۆڭۈل بۆلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمىدۇ، ياكى مېنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ..

چېچىمنى يۇيۇپ چىقىپ مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.

_ بۇ؟!

_ ياخشىمۇسىز ئاچا، مەن سىزگە ئوبراز لاھىيلەپ بەرگىلى كەلدىم..

«يولدىشىم»غا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم.

_ سىز سىرتقا چىقالمىغاچقا ئوبراز لاھىيلەيدىغان ئادەمنى ئۆيگە چاقىرىپ كەلدىم،_ ئۇ قىزغا قارىدى،_ چېچىنى ئۆزىگە ماسلاشقان ھالەتتە ياساپ قويۇپ بەك كالتە بولۇپ كەتمىسۇن...

_ بىلىمەن ئاكا..

قىز مېنى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ چېچىمنى بۇزۇشقا باشلىدى.

_ نېمش قىلىۋاتىسىز، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ...

_ ھەدە، ماڭا ماسلىشىپ بېرىڭ..چېچىڭىزنى يۈز شەكلىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ كېسىپ قويىمەن، ئاندىن سىزگە ماسلىشىدىغان گىرىمنى قىلىپ قويىمەن..

_ مەن ئۆيدىن سىرتقا چىقمايمەن..بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق..

_ مەن گىرىمنى قىلىپ چېچىڭىزنى ياساپ قويغاندىن كېيىن بۇندىن كېيىن شۇ ئۇسۇلدا قىلسىڭىز بولىدۇ..

ئادەتتە بۇنداق ئاۋارچىلىقلارنى ياخشى كۆرمەيتتىم، لېكىن قىز چېچىمنى ياسىغانسىرى ئۆزۈمگە راستىنلا ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدىم.

ئۇ گىرىمنى پۈتتۈرۈپ چېچىمنى كۆپتۈرگەندىن كېيىن ئەينەكتىكى ماڭا قارىدى.

_ رازى بولدىڭىزمۇ ھەدە..

ئۆزۈمگە قاراپ ھەيران قېلىۋاتاتتىم، گىرىم سۇس چاچمۇ ئۇنچە قالايمىقان بولمىسىمۇ، لېكىن راستىنلا ئۆزگەرگەنىدىم. تۇيۇقسىز ئۆزۈمگە ھەم چىرايلىق ھەم جەزبىدار بىلىنىشكە باشلىدىم. ئۆزىگە ماسلاشقان ھالەتتە ياسىنىشنىڭ ئاياللارغا بۇنچە ئىشەنچ بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

_ بەك چىرايلىق بوپتۇ..رەھمەت!قانچە پۇل؟

_ ھېساۋاتنى يولدىشىڭىز قىلىۋەتتى..

قىزچاق چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاستا سۇخانىدىن چىقتىم. سافادا تېلىفونغا قاراپ ئولتۇرغان ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

_ ما..مانا، ئەمدى ئۆزىڭىزنى تېپىپسىز..بۇ ھالىتىڭىز ھەرگىزمۇ دېرىكتوردىن كەم ئەمەس..

_ بۇ چاچ پوسۇنىنى سىز تاللىغانمۇ.. راستىنلا ئوبراز لاھىلىيگۈچى بولسىڭىز بولغۇدەك..

_ ياقەي..مەن پەقەت تورغا قاراپ سىزدەك چىراي شەكلىگە قانداق چاچنىڭ يارىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم..

_ كۆپ رەھمەت..بۇنىمۇ قەرزگە ھېسابلاپ قويۇڭ..

_ بۇلا ئەمەس، توردىن ھەرخىل يۈز ئاسراش بويۇملىرىنى بۇيرۇتۇپ قويدۇم..

_ قىممەت ئەمەستۇھە..مېنى قەرز قىلىۋەتتىڭىز..مائاشىمنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان بولدى..

_ ئۆزىڭىزگە خەجلىدىڭىز ماڭا ئەمەس..

_ بوپتۇ مەيلى، قول كەسمىگۈچە قان چىقماس دەپتىكەن..بۇمۇ مەيلى..

*                             *                             *                           

ئۈچ كۈندىن بېرى ئۇنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن پۇتۇمنىڭ ئىششىقى بىر ئاز يانغاندەك بولدى، مۇھىمى كەيپىياتتىممۇ ياخشىلىنىۋاتاتتى. كەيپىياتىمنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تېرەممۇ سۈزۈلۈپ قالغاندەك، ئۆزۈمنىڭ گۈزەللىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

ئۇ ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا پۇتۇمدىكى تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قوياتتى. ھەر قېتىم بۇنداق قىلغاندا يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرى تېزلىشىپ كېتەتتى. بۇنى پەقەت ئۆزۈمدىكى جىددىيلىشىش دەپ قارايتتىم.

سەھەردە ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنىڭ قاتتىق چېكىلىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.

_ تەييارلىق قىلىڭ. بىر يەرگە بارىمىز..

ھاسسا تاياق بىلەن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم.

_ نەگە؟ نەگە بارىمىز؟

_ سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىمەن. تەييارلىق قىلىڭ..

_ پۇتۇم بۇنداق تۇرسا.. قانداق بارىمەن..

_ ماڭمايسىز.. ماشىنىدا ئولتۇرسىڭىزلا بولدى...

نەگە بېرىشنى بىلمىسەممۇ تۈجۈپىلەپ ياساندىم ۋە ئىشىك ئالدىغا كەلدىم.

_ بولدى، تەييارلىقىم پۈتتى، ماڭايلى..

_ بەك چاققانكەنسىز،_ ئۇ ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

ھاسسا تاياق بىلەن «يولدىشىم»غا ئەگىشىپ لېفىتكە چىقتىم. ئارقىدىن چىققان بىرەيلەننىڭ ئىتتىرىشى بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ قىزىرىشقا باشلىدىم.

لېفىت ئېچىلىشى بىلەن «يولدىشىم» مېنى كۆتۈردى. ئۇ ھەر قېتىم مېنى كۆتۈرگەندە يۈرىكىم ئاجايىپلا غەلىتە ھالەتتە ئېغىشاتتى.

ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ئەچىقىپ بىنا ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكىنى ئاچتى، بۇ نۆۋەت شوپۇرلۇق ئورنىدا دوستى يوق ئىدى.

_ دوستىڭىز كەلمەپتۇغۇ..

_ شۇنداق. بۈگۈن سىزنى ئۆزۈم ئايلاندۇراي دەپ ماشىنىسىنى سورىدىم..

_ رەھمەت سىزگە..

ئۇ ماشىنىنى ھەيدىدى. تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشۇم بولۇپ، ھاياجانلىنىۋاتاتتىم.

ئۇ ماشىنىنى شەھەر سىرتىغا قارىتا ھەيدىدى.

_ نەگە بارىمىز؟ بەك يىراقمۇ قانداق..

_ سىز گەپ قىلماي جىم ئولتۇرسىڭىزلا بولدى..

ئۇدۇلدىكى قارىغىنىمچە ئۇيقۇغا كېتىپ قالدىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ سىلكىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.

_ كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. كەلدۇق...

كۆزۈمنى ئېچىپ ئالدىمدىكى ئەتراپى دەرەخلەر بىلەن تولغان ئاجايىپ چىرايلىق كۆلنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، چۈش كۆرىۋاتقاندەك ئىدىم.

_ بۇ؟ بۇ راستمۇ؟_ بېشىمنى قاتتىق سىلكىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆلگە قارىدىم. كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە راست ئىدى.

ئۇ مېنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزدى.

_ چىرايلىقمىكەن؟

ھاياجاندىن ئاغزىم گەپكە كەلمەي قالدى.

_ بەك..بەكلا چىرايلىقكەن..

_ كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام-داداملار بىلەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتاتتۇق.. بۇ يەر شەھەردىن بەك يىراق شۇڭا سىزنى بالدۇر ئويغىنىۋەتتىم..

ئۇ قولۇمغا بىر خالتىنى تۇتقۇزدى، ئىچىدە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بار ئىدى.

_ ناشتىلىق قىلىۋېلىڭ..

_ بۇ يەر راستىنلا بەك گۈزەلكەن، ھېلىغىچە ئوڭۇم ياكى چۈشۈملىكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن..

_ يەيدىغان نەرسىدىن بىرنى ئاغزىڭىزغا سېلىپ باقسىڭىز تېتىسا ئوڭىڭىز تېتىمىسا چۈشىڭىز..

نەرسىنى ئاغزىمغا ئېلىپ تەمىنى تېتىتىم.

_ بۇ يەر ماڭا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى بەرگەن..شۇڭا پەقەت ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن..

_ كىچىك ۋاقتىڭىزدا بېلىق تۇتقان بولسىڭىز، ئائىلىڭىز خېلى ياخشىكەن ھە..
_ ياقەي.. بىز ئۆزىمىز ماشىنا ھەيدەپ ئەمەس، چوڭ ئاپتوبوستا كېلەتتۇق.. بۇ ئەتراپتا بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيى بار ئىدى..شۇڭا..

_ نېمىلا بولسا ئىشقىلىپ گۈزەل ئەسلىمىڭىز باركەن..بەختلىككەنسىز..

ئۇ يەردىن بىر تال تاشنى ماڭا تۇتقۇزغاندىن كېيىن مېنى كۆتۈردى ۋە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى.

_ نېمە قىلىۋاتىسىز..توختاڭ..مەن قورقۇپ كېتىۋاتىمەن..

ئۇ كۆلنىڭ قىرغىقىغا كېلىپ توختاپ، مېنى يەرگە قويدى ۋە بىلىكىمدىن تۇتىۋالدى.

_ ئىچىڭىزدە ئۆزىڭىز نەپرەتلىنىدىغان ئادەمنى دەپ تاشنى كۆلگە قارىتا ئېتىڭ، ئۇ چۆكۈپ كېتىدۇ..سىزنىڭ قاراڭغۇ ئەسلىمىڭىزمۇ ھەم..

ئۇ مېنىڭ كىمنى دەيدىغانلىقىمنى بىلەتتى.

قاتتىق بىرنى ۋاقىرىۋەتكەندىن كېيىن تاشنى كۆلگە تاشلاپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئىككىمىز تۇيۇقسىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قارىشىپ قالدۇق. يۈرىكىم تېخىمۇ تېز سوقۇپ كېتىپ باراتتى.

«ياق. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ بولمايدۇ» ئۆزۈمگە شۇنداق ئەسكەرتەتتىم. لېكىن ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنۈشنى توختىتالمايۋاتاتتىم.

  بېشىمنى ئاستا باشقا ياققا قاراتتىم.

_ مېنى بۇ يەرگە ئەكەلگىنىڭىزگە رەھمەت. قايتايلىمۇ..

ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىقارغاندىن كېيىن، ماشىنىنى قوزغاتتى. يۈرىكىمنىڭ سوقۇش رېتىمى يول بويى ئاستىلاپ باقمىدى. بۇ دەل ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى ئاكاشنى كۆرگەندىكى سوقۇشقا ئوخشايتتى. مەن ئالدىمدىكى بۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلاتتىم. لېكىن يەنە بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىم  ئېچىشاتتى.

_ بۈگۈن بەك خوشال بولدۇم، راستىنلا يۈرىكىمدىن تاشنى ئېلىپ چىقىرىۋەتكەندەك بوپ قالدىم..._ دېدىم ماشىنا توختىغاندا ئۇنىڭغا قاراپ.

_ ياقتۇرغان بولسىڭىزلا بولدى، يول كىراسىنىمۇ ھېساۋاتقا يېزىپ قويدۇم..

_ ھاھا..ماقۇل..چوقۇم خاتىرلەپ قويۇڭ. مەنمۇ خاتىرلەپ مېڭىۋاتىمەن..

ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ لېفىت ئالدىغا ئەكەلگەندە ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ پەقەت دوستلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن ئۇنىڭدەك بىر رومانتىك ھەم كېلىشكەن يىگىتنىڭ مېنى كۆتۈرگىنىدىن خوشال ئىدىم.

   لېفىت ئېچىلىپ ئىچىدىن قولىدا بىر نەرسە كۆتۈرگىنىچە چىققان ئاپامنى كۆرۈپ ئىككىلىمىز جىددىيلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章