توي ۋە سۈيقەست6-قسىم

文摘   2025-01-18 21:16   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 



-
6-قىسىم

_ كۆپچىلىك. ئىشخانا مۇدىرى ئالماشتى. سىلەرگە يېڭى ئىشخانا مۇدىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي..

دېرىكتورنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ بىزگە قاراپ تۇرغان سابىق يىگىتىمنى كۆرۈپ داڭ قاتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

_ ياخشىمۇسىلەر خىزمەتداشلار، مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشتۈم. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىمەن. كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىلەر..

ھەممەيلەن چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. بىر مەنلا قول كۆتۈرمەي تۇراتتىم. شۇ تاپتا تۈنۈگۈن مېنى گۇمانغا سالغان، تەنە گەپ قىلغان خىزمەتدىشىمغا قارىيالمايۋاتاتتىم.

سابىق ئوغۇل دوستۇم دېرىكتور بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن زالدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى. ياندىكى خىزمەتدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ قىزىق ئىش ھە..ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ئەكېلىپلا ئىشخانا مۇدىرى قىلغىنى نېمىسى..

_ بە..بەلكى خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرىدۇ..

_ ھەرقانچە بولسىمۇ خىزمەتكە چۈشكەن كۈنىلا ئىشخانا مۇدىرى قىلىپ قويماسلىقى كېرەكتە..قاراپ تۇرۇپ سىزنى چۈشۈرىۋېتىپ ئۇنى ئورنىڭىزغا دەسسەتكىنى نېمىسى..

خىزمەتدىشىمغا كۈلۈپ قاراپ قويدۇم.

_ مەن تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت..لېكىن ھېچقىسى يوق، دېرىكتورنىڭ يىگىتى بولمىسىمۇ، ھامان باشقا بىرسى شۇ ئورۇنغا ئولتۇراتتى..

_ بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نەرسە دېمەك تەس..قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ دېگەن شۇدە..

_ بولدى، ھېچقىسى يوق..تىرىشساق يەنە ئۆسىمىز..

_ نەدىكى گەپنى قىلماڭە.. بۇ دېرىكتور ئۈستىمىزگە يولدىشىنى، تۇققىنىنى باشلىق قىلىپ قويسا ئۆسۈش مۇمكىنمۇ..ئائىلە كارخانىسى بولىدىغان بولدى-دە..

_ بولدى بولدى..غۇدۇرماڭ..ھازىرقى خىزمىتىمىزمۇ ياخشى..

_ سىز...خىزمەت ۋاقتىدا گەپ قىلماڭ،_ ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆرۈلۈپ ياندا ماڭا قاراپ تۇرغان يىگىتىمنى كۆردۈم. ھېلىغىچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ پەقەت ماڭىلا تىكىلىپ تۇراتتى. «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ» دېگەن شۇدە..

_ كەچۈرۈڭ مۇدىر،_ ئاستا ئىگىلىپ قويۇپ، كومپىيۇتېرغا قارىۋالدىم.

_ ئىشخانامغا كىرىپ ماڭا خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ..

ئۇ ئالدىمدا مېڭىپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.

_ قىزىق ئىش. سىز ئىشخانا مۇدىرى ۋاقىتتا ئايرىم ئىشخانىڭىز يوقتى..بۇ يىگىت كەپلا ئايرىم ئىشخانىسى بوپتۇغۇ.._ خىزمەتدىشىم يەنە غۇدۇراپ قويدى.

_ ئۇنداق قىلماڭ. ئۇ باشلىقنىڭ يولدىشى. ئايرىم ئىشخانىسى بولسا ھېچقىسى يوق..

خىزمەتدىشىمنىڭ مۆرىسىنى بېسىپ قويۇپ سابىق يىگىتىم ھازىرقى ئىشخانا مۇدىرىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۇ كەڭرى ئىشخانىدا يالغۇز ئولتۇراتتى.

_ كېلىنچەك.. ياخشى تۇردىڭىزمۇ..،_ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى.

_ مانا بۇ شىركىتىمىزدىكى خادىملارنىڭ تىزىملىكى ۋە ۋەزىپىسى.._ ھۆججەتنى ئۈستەلگە قويدۇم،_ مۇشۇنىڭغا قاراپ خىزمەتداشلار بىلەن تونۇشىۋالسىڭىز بولىدۇ.. خىزمەت دوكلاتىنى ئۇلار ھەركۈنى كەچتە توپقا يوللايدۇ..

_ ھاھا..،_ ئۇ كۈلۈپ كەتتى،_ بەك كەسپىيغۇ سىز، خۇددىي راستەك..

_ باشقا گەپ بولمىسا مەن چىقاي مۇدىر..

ئارقامغا ئۆرۈلدۈم.

_ ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن توي قىلدىڭىز شۇنداقمۇ؟

جايىمدا توختاپ قالدىم.

_ خىزمەتتىن باشقا گەپنى قىلىشمايلى..

_ بۇ يەردە سىز بىلەن مەنلا بار..ئارقامدىنلا توي قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى..مېنىڭ دېقىتىمنى بۇرىماقچىما؟ ھاھا..مېنى پۇشايمان قىلدۇراي دېگەنما..نېمانچە نادانسىز ھە..

ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ سىز پۇشايمان قىلغۇدەك ۋىجدانى بار ئادەم بولسىڭىز بۇنداق قىلمايتتىڭىز.. سىزگە دېسەم ۋىجدانسىزلىقىڭىزنى بالدۇر بايقىغاچقا سىز بىلەن ئارلىشىۋېتىپ تۇرۇپ ھازىرقى يولدىشىم بىلەن تونۇشقان.. چۈنكى بىر كۈنى ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم...

يالغان سۆزلىرىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتاتتىم. ئۇ مۆرەمدىن ئىتتىردى.

_ سەن بۇزۇق، مەن بىلەن ئارلىشىۋېتىپ تۇرۇپ باشقىسى بىلەن ئارلىشىپ يەنە نومۇس قىلماي خاتالىقنى مەندە قويدۇڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئەخلاقىدىمۇ چاتاق بار..

_ ھاھا..شۇنداق. ئەخلاقتا چاتاق بولسا نېمە بوپتۇ..ئەخلاق سورىقىنى كىم سورايدىكەن؟! قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بولدىغۇ..نۇرغۇن ۋاپاسىز ئادەملەر بار، شۇلارمۇ يەتكۈچە ناچارلىقنى قىلىپ يەنە خوشال ياشاپ يۈرمەمدۇ..مەن قىلسام نېمە بوپتۇ.. ئىككىمىز توي قىلمىغاندىن كېيىن، مېنىڭ تاللاش ھوقۇقۇم بارغۇ..

ئۇنىڭ گېپىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەردىم، لېكىن بۇ يۈرەك سۆزۈم بولمىغاچقا تىترەپ كېتىپ باراتتىم.

_ ھاھا.. مېنى دوراۋاتامسەن؟مەن بىلەن ئۆچلىشىمەن دەپ ئويلىما.. ساڭا پايدىسى يوق..ھازىر خىزمەت ئورنۇڭدىن چۈشتۈڭ..يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ خىزمەتتىنمۇ ئايرىلىسەن..

 _ قانداق؟! بۇ شەھەردە بۇ شىركەتتىن باشقا يەردە خىزمەتچى ئالمامدىكەن.. بۇ شىركەت بولمىسا نەپسىم توختاپ قالامدىكەن..سىز ھېچنېمە قىلالمايسىز..پەقەت سىزدەك ئىچى تار ناچار ئادەملەرلا ئايال كىشىنىڭ نەرسىسىنى تالىشىدۇ..

_ ھاھا،_ ئۇ ئالدىمغا كەلدى،_ توي قىلىپ گېپىڭ يوغىناپ قاپتۇغۇ..ئۇرغۇلىرىڭ باشقىچە.. بۇ مېنىڭ ئايالىمنىڭ شىركىتى، ھېچقانداق نەرسە سېنىڭ ئەمەس..مەن تالاشمىدىم، بۇ ئەسلىمۇ ماڭا تەۋە نەرسىلەر، قايتۇرىۋالدىم خالاس..

_ ماڭىمۇ لازىمى قالمىغان، سىزگە بەردىم..ئېلىڭ..مەندىن ئۆچ ئالىمەن دەپ بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقتى. بوپتۇ. سىز بۇرۇن خىزمەت قىلىپ باقمىغان..بۇ ئىشلارنى قاملاشتۇرالماي، مەندىن مەسلىھەت سورىماڭ..

_ ھاھا..ماۋۇ چۈپرەندە نېمە دەيدۇ.. سەندىن نېمىنى مەسلىھەت سورايتتىم..ئايالىم بۇ يەرنىڭ باشلىقى تۇرسا، سەن چۈپرەندىنىڭ نېمە ئىشى..

_ ئايالىڭىز دېرىكتور، ئەگەر ھەممە ئىشقا يېتىشەلىگەن بولسا، ئىشخانا مۇدىرى دەپ بىر خىزمەت ئورنىنى بېكىتمىگەن بولاتتى..

_ ئىچىمنى پۇشۇرماي كۆزۈمدىن يوقال، ساڭا دەپ قوياي.. مەن بىلەن قەستلىشىمەن دەپ ئويلىما..بولمىسا سېنى خىزمەتتىن ھەيدەيمەن..

_ شۇنداق قىلىڭ. مەن ئاخىرغىچە ماسلىشىمەن..

_ قانداق؟! خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش جايىدىمۇ؟

تۇيۇقسىز كىرگەن دېرىكتور گېپىمىزنى ئۈزۈپ قويدى.

_ ھە، دېرىكتور، يېڭى مۇدىرغا خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتىمەن..

_ شۇنداقمۇ؟! ياخشى بوپتۇ..ئۇ يېڭى خىزمەتكە چۈشكەچكە شىركەتنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ناتونۇش. كۆپرەك ياردەم قىلىپ قويۇڭ...

_ دېرىكتور، مۇدىر بەك ئەقىللىقكەن، مېنىڭچە ئىتتىكلا چۈشىنىۋالىدۇ..

_ سىزنىڭ تەجرىبىڭىز بار.. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىڭ. بۇنىڭغا مەن مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرەي..

_ بولىدۇ،_ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىغا سابىق يىگىتىمگە قاراپ غەرەزلىك كۈلۈپ قويدۇم.

ئىشخانىدىن قايتىپ ئۇدۇل تازىلىق ئۆيىگە كىردىم-دە، تىترەشلىرىمنى بېسىپ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق گەپ قىلالايدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىدىم.

«غەيرەت قىل. سەن چوقۇم ئۇنى يېڭەلەيسەن» ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمگە مەدەت بېرىپ قويغاندىن كېيىن تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم.

ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىكنى ئېچىپ سافادا ئولتۇرغان«يولدىشىم»نى كۆردۈم. ئۇ يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

_ ئولتۇرىۋېرىڭ. يېقىندىن بېرى ئىشتىن بالدۇر چۈشىۋېتىپسزدە..

_ شۇ..شۇنداق..

_ بوپتۇ، ئارام ئېلىۋېرىڭ.._ يان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

_ تاماقنى تەييار قىلىپ قويدۇم.._ دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا.

_ بۇنداق قىلماڭ...ئۆزىڭىزنىڭكىنى تەييار قىلىپ يەۋەرسىڭىز بولىدۇ.. مېنى تاماققا ساقلىماڭ..

_ ھېچقىسى يوق، ئىشتىن بالدۇر چۈشكەچكە..

تاماقنى ئېلىپ ئۈستەل ئالدىغا كەلدىم.

_ ئىككىمىزنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىمىز ئوخشىمايدىكەن.. شۇڭا بۇندىن كېيىن يالغۇز تاماق يەۋېرىڭ مەن توغرا چۈشىنىمەن..

_ يالغۇز تاماقنى بەك ئۇزۇن يەپ كەتتىم..راست دېسەم جىقراق تاماق ئەتسەم ئەتراپىمدا جىق ئادەم باردەك خوش بولىدىكەن..

بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم. ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى يالغۇزلۇقنى ھېس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتىم.

_ مەيلى ئەمىسە..جىقراق ئېتىڭ..مەن يېيىشىپ بېرىمەن..

كۈلۈپ قويدۇم. ئۇ چىرايىمغا سىنچىلاپ قارىدى.

_ بۈگۈن كەيپىياتىڭىز ياخشىدەك تۇرىدۇ..بىرەر خوشاللىق بارمۇ نېمە..

_ خىزمەت ئورنۇم تۆۋەنلىدى..مەن ئەمدى ئىشخانا مۇدىرى ئەمەس..

_ لېكىن بۇ چىرايىڭىز خىزمەت ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئادەمدەك ئەمەسقۇ..

_ ھاھا..ئۇ ئورۇنغا سابىق يىگىتىم ئولتۇردى.. قىزىقمىكەن..

تەنە ئارىلاش كۈلۈپ قويدۇم.

_ ھەي. تازىمۇ ئوڭايسىز ھالەتتە قاپسىز، لېكىن تۇرمۇش ئادەمنى مۇشۇنداق تاۋلايدۇ..ئىشىنىمەن..چوقۇم يېڭىپ كېتىسىز..

_ دېرىكتور ئۇنى تەربىيلەپ قويۇڭ دەيدۇ..

_ ئۇنى ئەزەلدىن ئىشلەپ باقمىغان دېگەنتىڭىزغۇ..

_ مەن ئۇنى تونىغاندىن بېرى ئۇششاق تىجارەت قىلدى..ئىشخانا خىزمىتى قىلىپ باقمىدى..

_ ئەمىسە بۇ ئورۇنغا نېمىشقا ئولتۇرىدۇ..

_ بەزى ئىشلار شۇنداق بولىدىكەن.. مەن قۇبۇل قىلدىم..

_ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟

_ ئۇ خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ مەندىن ئۆچ ئالماقچى بولىۋاتىدۇ..شۇڭا مەنمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمىسەم بولمىغۇدەك...

_ بۇ قانداق گەپ ئەمدى..ئۆچنى سىز ئالسىڭىز بولىدىغۇ..ئۇ نېمە ئۆچنى ئالىدىكەن..

_ مەن ئۇنىڭغا يۈرىۋاتقان مەزگىللەردىلا سىز بىلەن ئارلاشقان دېدىم..

_ نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز، سىز ئۇنداق قىلمىغان تۇرسىڭىز..

_ ئەمىسە نېمە دەيمەن؟! سېنى ياخشى كۆرگەچكە چىدىماي ساڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن توي قىلدىم دەمدىم؟

_ ھەي..لېكىن ئۇنداق ناچار ئەرلەر مۇشۇ سەۋەبتىن سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزدىن قۇسۇر تاپىدۇ..

_ مەيلى، ئۇنىڭ بىلەن ئىشىمىز ئاخىرلاشتى..مەندىن قانداق قۇسۇر چىقارسا كارىم يوق..

تاماق يەۋاتقان قولۇم تىترەپ كەتتى.

_ ئاغزىڭىز ئۇنداق دېگەن بىلەن قولىڭىز تىترەۋاتىدۇ..يالغان سۆزلىمەڭ. مەن قارىسام ئۇنى يەنىلا ئۇنتۇپ كېتەلمەيۋاتقاندەك تۇرىسىز..

_ ئۇنتۇپ كېتىمەن.. بۇ دۇنيادا ئۇنتىمىغۇدەك قانچىلىك دەرت بار.. ئۇ توي قىلغان ئەر، مەن توي قىلغان ئايال..چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك..

يولدىشىم بىلىكىمنى تۇتتى. چۆچۈپ ئۆزۈمنى تارتتىم.

_ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ قويىۋېتىڭ..

_ سىزنى بىر يەرگە ئاپىراي...

ئۇنىڭ تارتىشى بىلەن ئىشىكتىن چىقتىم.

ئۇنىڭ بىلەن ياندىكى يول قارشىسىدىكى بىر تار كوچىغا كىردۇق. بىر ئۆيدە تۇرۇپ قورقمىغان ئادەم بۇ كوچىدا ئۇنىڭدىن قورقىۋاتاتتىم.

_ سىز نېمىش قىلماقچى؟ مېنى نەگە ئاپىرىسىز؟

ئۇ گەپ قىلماي قولۇمدىن تارقىنىچە ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭغاندىن كېيىن يورۇقلۇققا چىقتۇق. بۇ بىر ئېگىز يەر بولۇپ، بۇ ئورۇندىن پەستىكى يوللارنى كۆرگىلى بولاتتى.

_ بۇ؟ بۇ قەيەر...

_ بۇ مەن دائىم كېلىدىغان جاي..چىرايلىقمىكەن؟

_ بەكلا چىرايلىقكەن.._ ئەتراپقا تويماي قاراشقا باشلىدىم،_ بۇنداق يەرگە كەپ باقماپتىكەنمەن..

_ كۈچەپ تىنىۋەتكەندىن كېيىن قانغۇچە ۋارقىرىۋېلىڭ..ئىچىڭىزدىكىنى چىقىرىۋېلىڭ..

ۋارقىرىماقچى بولۇپ كۈچىدىم، لېكىن نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم.

_ قاراڭ..مانا مۇنداق.. ھەي...

ئۇ قولىنى ئېچىپ كۈچەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم.

_ كۈلمەي سىزمۇ سىناپ بېقىڭ. راستىنلا يېنىكلەپ قالىسىز..

قولۇمنى ئېچىپ ۋارقىراشقا باشلىدىم.

_ ئا...ئا...._ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدىم.

بىردەم يىغلىۋالغاندىن كېيىن يېنىمغا قارىدىم. ئۇ پەسكە قاراپ جىمىپ كەتكەنىدى.

_ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ..ۋارقىرىمامسىز..مېنى ۋارقىرىغۇزۇپ قويۇپ ئۆزىڭىز جىم بولىۋالدىڭىزغۇ..

ئۇ ماڭا كۈلۈپ قارىدى.

_ ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ.. بۇرۇنقى يىگىتىڭىز، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقىڭىز..سىزنى قىينىغانلار..يەنە مەن..

ئۇنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ قويغىنىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجرىشىپ ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلسەممۇ، نېمىشقىدۇر يېقىن تۇققىنىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بىئارام بولىۋاتاتتىم.

_ شۇنداق..ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ..بىركۈنى ئىككىمىز ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىمىز.. بۇرۇن بىرسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆي ئىجارە ئالغانتىم دەپ ئەسلەپ قالىمىز..

ئىككىمىز زورىغا كۈلۈپ قويدۇق.

ئۇ يەردىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن يولدا بىللە مېڭىشقا باشلىدۇق.

_ بىر گەپنى دېسەم بولارمۇ..

_ قېنى دەڭ..

_ سىز باشتا ماڭا بەكلا كەسكىن ھەم قوپال بىلىنگەنتىڭىز..لېكىن سىزنىڭ ئەسلى كىچىك بالىدەك گۆدەك ھەم ئاقكۆڭۈللىكىڭىزنى ھېس قىلدىم..

_ راستىمنى دېسەم، سىزمۇ دەسلەپتە ماڭا سەل شاللاق مەيدانى يوق كۆرۈنگەن..قانداق قىزبالا ئەركىشىنى ئۆزى ئۇچرىشىشقا چاقىرىپ توي قىلىمەن دەيدۇ..ئاپىڭىزنىڭ گېپىنى دېمىگەن بولسىڭىز بۇ قىز ساراڭكەن دەپلا ئويلايتتىم.

ئۇ كۈلۈپ كەتتى.

قىزىرىپ يەرگە قارىدىم.

_ ئادەم مۇھەببەتتىن ئازار يېگەندە كاللىدىن تولۇق كېتىدىكەن..

_ قارارىڭىزدىن پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟

_ شۇنداق..لېكىن شۇ ئالدىراپ چىقارغان قارارىم تۈپەيلىدىن بىر دوستقا ئېرىشتىم..سىز بولمىسىڭىز بايىقىدەك چىرايلىق مەنزىرىنى كۆرەلمەيتتىم..شۇڭا زىيان تارتماپتىمەن..

_ مەنمۇ شۇ..سىزنىڭ قارارىڭىز تۈپەيلىدىن ئانا مېھرىگە ئېرىشتىم.. گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ..

_ ۋاقىتلىق ئەمەس..بىز ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن داۋاملىق كېلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ..

_ ئاپىڭىز ئاجرىشىپ كېتىشىمىزگە چىدامدۇ..

_ بىلمەيمەن. ئاڭغىچە ئۇرۇشۇپ قالدىم، مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەس دەپ تۇرارمەن..

_ چوڭلارنى بۇنداق ئالداش تازا توغرا ئەمەس.. ئاپىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ..

جىمىپ كەتتىم. ئاچچىقتا چىقارغان قارارىمنىڭ ماڭا قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، لېكىن ئۇ ماڭا قاراڭغۇ ھەم قورقۇنۇچلۇق بىلىنەتتى.

_ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن. بۇ ۋاقىتنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ..سابىق يىگىتىڭىزنى قانداق باپلاشنى سىزگە ئۆگىتىپ قوياي..مەن ئەرلەرنى سىزدىن بەك چۈشىنىمەن..

_ شۇنداقمۇ؟ بەك ياخشى بولدى..ئەمىسە كېلىشتۇق..

ئۇنىڭغا قولۇمنى تەڭلىدىم.ئۇ قولۇمنى سىقىپ قويدى. ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلىقىمىز باشلانغاندەك تۇراتتى.

ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھمانخانىدا تەييار تۇرغان يولدىشىمنى كۆردۈم.

_ مېڭىشقا تەييارلىنىپ بوپسىزغۇ..

_ شۇنداق. ناشتىڭىزنى قىلىڭ، خىزمەتكە مەن ئاپىرىپ قوياي..

_ لېكىن ماشىنىڭىز يوق تۇرسا..

_ بىر دوستۇمنى چاقىرىپ قويدۇم. ھېلى كېلىدۇ. شۇ ماشىنىدا ئاپىرىپ قويىمەن..يىگىتىڭىز كەلگەندە ئاندىن ماشىنىدىن چۈشىسىز..

ناشتىلىقنى قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەستە تۇرغان ئېسىل ماشىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

_ ۋاي بۇ بەكلا ئېسىل ماشىنىكەنغۇ..

_ باشقىنى ئويلىماي چىقىڭە..

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتىم. ماشىنا شىركەت بىناسى ئالدىدا توختىدى. ياندىلا توختىغان دېرىكتور بىلەن سابىق ئوغۇل دوستۇمنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ يولدىشىم قولۇمنى تۇتتى.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章