توي ۋە سۈيقەست11-قسىم

文摘   2025-01-23 22:12   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 


 

11-قىسىم

«يولدىشىم» دېرىكتورۇمنىڭ نومۇرى بېسىلغان تېلىفوننى ماڭا سۇندى.

_ ۋەي. گەپ قىلىڭ..

_ بۇ..نېمە قىلغىنىڭىز..

_ ئېلىڭ. ئىچىڭىزدىكىنى دەڭ..

تېلىفوننى قولۇمغا ئالغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

_ گەپ قىلىڭ..نېمە ئىش بار؟

_ دېرىكتور، بۇ مەن..

_ ھە. بىلدىم. قانداقراق بوپ قالدىڭىز؟

_ دوختۇر دورا بەردى. پۇتۇمنى تېڭىۋالدىم..ھازىر ئارام ئېلىۋاتىمەن..

_ ھە بوپتۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ. سىزنى مۇشۇ ئىشقا زورلىمىغان بولسام بۇنداق بولمايتتى..

_ دېرىكتور. بىر ئىشنى سوراي دېگەنتىم. مېنىڭ بۇ مەزگىلدىكى دەم ئېلىشىمنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟

_ خىزمەت ئۈستىدە يارىلاندىڭىز، شۇڭا مائاشىڭىزدىن تۇتمايمىز...

_ رەھمەت دېرىكتور. لېكىن بايا ئىشخانا مۇدىرى، يېرىم مائاشىڭىزنى تۇتىمىز دېگەنتى..

_ ئۇنداق ئەمەس. لېكىن جازا ھەققىڭىز بار..

_ نېمە جازا ھەققى؟

_ خىزمەتكە بويسۇنماي كەتكىنىڭىز ئۈچۈن..

_ دېرىكتور. مەن يارىلانغان تۇرسام..نېمىشقا بۇنىڭغا جازا قوللىنىسىلەر..

_ خىزمەتكە ماسلاشماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتكىنىڭىز ئۈچۈن..

_ پۇتۇمنى ۋاقتىدا تاڭمىساق چاتاق چىقىدىغان تۇرسا، ئۇ فىلىمنىڭ ھەربىر گېپىگە ئاۋاز بەرسەم ئەڭ ياخشى تېڭىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىمەن..بۇ ئادالەتسىزلىك..

_ پۇتى قايرىلىپ كەتكەنگە بۇنچە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق..يا سۇنۇق بولمىسا..بۇنى باھانە قىلماڭ..سىزنىڭ يېقىندىن بېرى خىزمەت پوزىتسىيەرىڭىزدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ..

_ دېرىكتور. مەن توي رۇخسىتىدىن باشقا رۇخسەت سوراپ باقمىدىم..مۇشۇ بىر قېتىم سورىغانغا بۇنى خىزمەت پوزىتسىيەسىگە باغلىساڭلار بولمايدۇ..مەن ئىزچىل ياخشى ئىشلەپ كەلدىم..

_ ئەمىسە ماقۇل. سىزگە جازا پۇلى ھېسابلىمايلى. تازلىقچى ئايالنى ھەيدىۋېتىمەن..بۇنى سىزنىڭ خاتالىقىڭىز دېمىسەك خاتالىقنى ئۇنىڭغا ھېسابلايلى..

_ ئادەم قىينىغانلىققۇ بۇ..تازلىقچى ھەدەمنىڭ ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بىلىسىزغۇ...

_ ئەمىسە قانداق قىلىمىز سىز دەڭە..خىزمەت ئۈستىدە يۈز بەرگەن خاتالىقنى مۇشۇنداق يوق قىلامدۇق..بۇ شىركەتنى كېيىن قانداق باشقۇرىمەن...

ئېغىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردۇم.

_ بولىدۇ. ئەگەر ئىككىمىزدىن چوقۇم بىرسى جازالانسا مەن جازالىناي..تازلىقچى ھەدەمنى ئىشتىن بوشاتماڭ..مەندىن جازا پۇلى تۇتساڭلار مەن رازى...

_ بولىدۇ. ئەمىسە مائاشىڭىزدىن تۇتۇپ قالىمەن..

دېرىكتور تېلىفوننى قويىۋەتتى. ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يولدىشىدەك رەھىمسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىنىدىن كۆڭلۈم يېرىم ئىدى.

_ نېمىش بولدى؟ ئېغىرلىشىپ كەتتىڭىزغۇ...

_ بۇ تېلىفوننى ئۇرغىنىمىزنىڭ نېمە رولى بولدى..نېمىشقا ئۇرىسىز..

_ ئۇ نېمە دەيدۇ..كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسقۇ..

_ ئۇ يا سىزنىڭ مائاشىڭىزدىن تۇتىمەن. يا تازلىقچىنى ھەيدەيمەن دەيدۇ...ئۇ مېنىڭ تازلىقچى ئايالغا ئىچىمنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلىدۇ..شۇڭا مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ..

_ ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن بۇ جاھاندا.. نېمىشقا بۇنداق ناچار ئادەم شىركەت ئاچىدىغاندۇ..

_ ئۇ ئەسلى بۇنداق ئەمەستى. مېنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىم بىلەن توي قىلىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ئۇ كەلگەندىن بېرى شىركەتتىكى ئىشلار ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ..

_ ئەسلى ناچار بولمىسا.. ناچار ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمايدۇ. يەنە كېلىپ ناچار ئادەم ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيەسى بىلەن ناچار ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدۇ..

ئۇنىڭغا ئاچچىقتا قاراپ قويدۇم.

_ ئەمىسە مەنچۇ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن..

_ ئۇ سىز بىلەن بىر يولدا بولمىغاچقا ئايرىلىپ كەتتى...

_ بولدىلا، دېيىشمەيلى، مۇشۇ تېلىفوننى كۆرگۈممۇ يوق..

تېلىفوننى ئاچچىقىم بىلەن ئۈستەلگە قويدۇم.

_ ۋوي، ئۇنداق قىلماڭ. بۇ مېنىڭ تېلىفونۇم..

تۇيۇقسىز ھەيران قالدىم.

_ بۇ..مېنىڭ دېرىكتورۇمنىڭ نومۇرى سىزدە نېمىش قىلىدۇ..

_ ھە..م..مەن سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ ئېلانىدىن قوشىۋالغان..سىزگە بىرەر ئىش بولسا يەنە دېيەلمەي قالىدۇ ئۆزۈم دېيىشىمەن دەپ..يەنە بىرگە بۇرۇنقى يىگىتىڭىزگە تەھدىد ئىشلىتىش ئۈچۈن..

_ شۇنداقمۇ؟!_ ئۇنىڭغا غەلىتە قاراپ قويدۇم،_ سىزمۇ پۇلى كۆپكەن، چىرايلىق ئىقتىدارلىقكەن دەپ قىزىقىپ قالمىغانسىز ھە..

_ ئۇ توي قىلغان يولدىشى بار ئايال. قالايمىقان گەپ قىلماڭ..

_ مېنىڭ ھېچقانداق ئەركىشىگە ئىشەنچىم قالمىدى..لېكىن مەيلى، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بەرىبىر راست ئەمەس.. نېمە ئىش قىلسىڭىز مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق..

يانغا قارىدىم.

_ ۋوي. نېمىش بولدى؟ سىز راست ئايالىمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىسىزغۇ..

_ ئۇنداق ئەمەس. كەچۈرۈڭ..بۇ دېرىكتورۇم بەك مۇنەۋۋەر بولغاچقا يىگىتىمنى تارتىۋالدى..يۈرىكىمدە داغ قالدى. سىز تېلىفون نومۇرىنى خاتىرلىۋالدىم دېسىڭىز شۇ ئىشقا باغلاپ ئويلاپ كېتىدىكەنمەن..

_ قاراڭ. ئۇ يىگىتىڭىز ئەسلىمۇ بولىشى يوق ناچار ئادەمكەن. ئۇ دېرىكتورىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، پەقەت پۇلىنى دەپلا ئارلاشقان گەپ.. مەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن..

_ شۇنداقمۇ؟_ ئاچچىق بىرنى كۈلۈپ قويدۇم،_ ھەممە ئەرلەر ناچار ئەرنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ..

_ ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ.. مەن راستىنلا ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن..

_ مەيلى. ئوخشىسىڭىزمۇ ئىككىمىز يا ئاشىق-مەشۇق. يا ھەقىقىي ئەر-ئايال ئەمەس..

_ شۇنداق. لېكىن بىز دوستقۇ، دوستقىمۇ ئىشەنمەمسىز..

_ بولدىلا، بۇ ئىشنى دېيىشمەيلى، نېمىلا دېسەك ئاقمايدۇ، مەن دېرىكتورۇمغا ھەرقايسى جەھەتلەردە يەتمەيمەن، ھازىرقى ئەرلەر ئەمەلىيەتچىل، ھەممىسى پۇلى بار، ئىقتىدارى بار ياش قىزلارغا ئامراق..

_ يۈرىكىڭىز ئۈمىدسىزلىككە توشۇپ كېتىپتۇ.. بۇنداق قىلماڭ..

_ ئۇنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدىلا..ئۇ مېنى ئۆزىڭىزگە كۆيۈنمەيسىز، ئىقتىدارىڭىز يوق، ياسانمايسىز، ياش ئەمەس..ھېچقايسى جەھەتتە دېرىكتورغا يەتمەيسىز دېدى..

_ شۇڭا بۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىشىڭىز كېرەكمۇ..

_ بولدىلا، ماڭا دەرس ئۆگەتمەڭ بولامدۇ..ئەسلىمۇ كەيپىياتىم بۇزۇلۇپ تۇراتتى..
_ نېمىشقا دېرىكتورىڭىزغا ئاۋۇ يارىماسنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىڭىز ئىكەنلىكىنى، سىزگە بېسىم قىلىۋاتقىنىنى دېمەيسىز..سىزگە شۇنى دېسۇن دەپ تېلىفوننى بەرگەن تۇرسام..

_ دېگەننىڭ نېمە پايدىسى، ئۇلار ئەر-ئايال، مەن بىر ئاددىي خىزمەتچى خالاس..قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ، سىزچە ئۇ مېنى دەپ يولدىشىنى بىر نەرسە دەرمۇ؟!

_ ھېچ بولمىسا يولدىشىغا ئىشەنچى قالمايدۇ..ئاياللارنىڭ كۈنلەش تۇيغۇسىنى سىز چۈشەنمەيدىكەنسىز..ئۇ يولدىشىنىڭ يەنە بىر قىزبالا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ..شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ..

_ باشقىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ مەن نېمە پايدىغا ئېرىشىمەن.. يەنە كېلىپ ئۇ مەن بىلەن يولدىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلسە مېنى ئىشتىن بوشىتىدۇ..مەن 30غا كىردىم، خىزمەت تاپمىقىم تەسكە توختايدۇ..

_ ئەسلى تومۇرىڭىزنى ئۇلار تۇتىۋالماپتۇ، سىز بىلىكىڭىزنى زورلاپ ئالدىغا سۇنۇپسىز.. مۇشۇنداق ئىشەنچسىز تۇرسىڭىز ئەلۋەتتە بوزەك قىلىدۇ-دە..

_ شۇنداق. مەن ئىشەنچسىز، مەن قورقۇنچاق بولدىمۇ..بۇ يەردە نەچچە يىل ئىشلىدىم..دېرىكتورۇممۇ ماڭا ئامراق، تۆۋەنلىگەن مائاشىممۇ باشقا شىركەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى..شۇڭا چىدىشىم كېرەك.. يېڭى شىركەتكە بارسام ماڭا بۇنداق مائاش بەرمەيدۇ..يېڭى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيمەن، باشقىلارغا بوزەك بولىمەن..ئۇنىڭدىن نېمە كۈن كۆرسەم مۇشۇ يەردە تۇرغىنىم ياخشى..

_ نېمىشقا بۇنداق ئويلايسىز، 30 ياش بولغانغىلا ئۈمىدسىزلىنىش كېرەكمۇ، يەنە كېلىپ، سىز باشقا يەرنىڭ سىزنى قەدىرلەپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز.. دېرىكتورىڭىزنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى  سىزنى ياخشى كۆرگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئىشلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن..سىزدەك ئادەملەر بىر ئېغىز ياخشى گەپ ئاڭلىسا ئېشەكتەك ئىشلەيدۇ..ئۇ ياخشى گەپنىڭ ئەڭ ئاددىي مەبلەغ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق قىلىدۇ..

_ سىز..شىركەت باشقۇرۇپ باققاندەك گەپ قىلىسىزغۇ..كىنونى جىق كۆرۈپ كەتتىڭىزمۇ نېمە..

_ پۇلۇم يوقلىقىغا قاراپ مېنى ھېچنېمە بىلمەيدۇ دەپ قاپسىزدە..مەنمۇ ئانچە مۇنچە كىتاب كۆرىمەن..

_ چۈشەندىم. ماڭا مۇشۇنچىلىك مەسلىھەت كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت.. لېكىن مېنىڭ كۆپ تاللىشىم يوق..بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا دەپتىكەن..بۇمۇ بىر سىناقتۇر بەلكى..

_ سىناقنى قۇبۇل قىلىشلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتۈش كېرەك.. سىز ھازىر پەقەت سىناقكەن دەپلا قويىۋاتىسىز، لېكىن قانداق ئۆتۈشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز..

_ كىتابى گەپلىرىڭىزدىن زېرىكتىم..

ھاسسا تاياقنى ئېلىپ ياتاق ئۆي تەرەپكە ماڭدىم.

_ مەن سىزگە ياردەم قىلاي..بىز ئاجراشقۇچە..بولمىسا سىز ئاجراشقاندىن كېيىن تېخىمۇ تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك قىلىسىز..دوست بولغىنىم ئۈچۈن شۇنداق قىلاي دەۋاتىمەن..

ئۇنىڭغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم.

_ كەچۈرۈڭ. مېنىڭ سىزگە ئارتۇق بەرگۈدەك 3000يۈەن پۇلۇم يوق.. بۇ ئايلىق مائاشىمدىن قانچىلىك تۇتۇلىدىغانلىقىمۇ بىلمەيمەن. بولدى. ماڭا ياردەم قىلماڭ.. ئارىمىزدىكى ھېساۋات كۈندىلىك چىقىم بىلەن ئاشۇ 10مىڭدا توختاپ قالسۇن..

ئاچچىقىمدا ئۆرۈلۈپ ياتاق ئۆيگە كىردىم-دە، ھاسسىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېتىپ كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.

ئۆزۈمنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ سۆزلىرى خاتا ئەمەس ئىدى. لېكىن دېرىكتورۇمنىڭ نومۇرىنى ئۇنىڭ تېلىفونىدا كۆرگەندىن باشلاپ ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىدىم. ئۇنىڭمۇ  بۇرۇنقى يىگىتىمدەك مەندىن ئاتلاپ دېرىكتورۇمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.

يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقىۋاتاتتى. ئاستا سول تەرىپىمنى تۇتۇپ باقتىم.

«سەن ئۇنى كۈنلەۋاتامسەن؟! ياق. بۇ مۇمكىن ئەمەس. سىلەر پەقەت توختاملىق ئەر-ئايال،ئاراڭلاردا بىر ئۆيدە تەڭ ئولتۇرۇش، تاماقنى بەزىدە بىللە يېيىشتىن ئارتۇق مۇناسىۋەت يوق. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ بولمايدۇ» دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە. لېكىن يۈرىكىمنىڭ بىئاراملىقى پەقەتلا توختايدىغاندەك قىلمايتتى.

«ياق. بۇ ياخشى كۆرۈش ئەمەس، يۈرىكىڭدە دېرىكتورغا يېقىنلاشقان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ قالدى، شۇڭا مۇشۇنداق بولدۇڭ. بۇ ياخشى كۆرۈش ئەمەس» ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ قويۇپ تېلىفونغا قارىدىم. «يولدىشىم» ئۇچۇر يوللاپ قويغانىدى.

«مېنى پۇلنى دەپلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ، پەقەت سىزگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇنداق ياشىسىڭىز ئۇلار سىزنى مەڭگۈ بوزەك قىلىدۇ. سىز مەڭگۈ قورقۇپ ياشايسىز. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سىزنى خىزمەتتىن ھەيدەش خىيالى بولسا، قانچە دەرتكە چىدىسىڭىزمۇ ھەيدەيدۇ، بۇنداق قىلماڭ. بۇ دۇنيانى ئۇلار باشقۇرمايدۇ. سىزنىڭ يەنە نۇرغۇن تاللىشىڭىز بار»

  گەرچە شىركەتتە ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىككە كۆڭلۈم يېرىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، يېنىمدا ماڭا مەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن خوشال بولىۋاتاتتىم.

  ياتاق ئۆيۈمدە قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. بايا ئاچچىقتا قىلىپ قويغان گەپلىرىم ئۈچۈن خىجىلچىلىقتا ئۆيدىن چىقالمايۋاتاتتىم.

_ تاماق پىشتى. چىقىپ يەۋېلىڭ..

سىرتتىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا ھاسسا تاياققا تايىنىپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتىم-دە، ئۇ ماڭا قارىمىغاندا سۇخانىغا كىرىپ قولۇمنى يۇيىۋالدىم.

ئۇنىڭ تامىقىنى تېز يەپ ئۈستەل ئالدىدىن ئايرىلىشىنى كۈتىۋاتاتتىم.

_ بولدى، قەستەن ئۇزۇن تۇرماي قايتىپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن بۇرۇنقى يىگىتىڭىزدەك ئۇششۇق ئەمەس. سىزدىن رەنجىمىدىم..

ئوڭايسىز ھالەتتە سۇخانىدىن چىقتىم ۋە ئاستا ئۈستەل ئالدىغا كەلدىم.

_ كەچۈرۈڭ بايا مەن..

_ بولدى، ھېچقىسى يوق. كىم مېنى باشتا پۇلنىڭ گېپىنى چىقارسۇن دەپتۇ..

_ سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا. بەلكى مەن مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدىغاندىمەن..

_ قورقماڭ. مەن پىسخىكىچى ئەمەس. سىزگە كىتابى گەپ قىلسام قۇبۇل قىلالمايدىكەنسىز..لېكىن بۇ ھايات ئەسلى ھەرخىل قېقىلىپ سوقۇلۇشلار، يىقىلىپ پۇتلۇشۇشلار بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ.. يىقىلىشتىن قورقسىڭىز يول ماڭمىسىڭىز بولىدۇ..

_ قاراڭ، يەنە كىتابى گەپنى باشلاپ كەتتىڭىز..

_ بۇرۇنقى يىگىتىڭىز نېمىشقا سىز بىلەن يۈرۈپ تۇرۇپمۇ شۇ دېرىكتورنى تاللاپ، ھەتتا تويغا پۈتۈشۈپمۇ سىزگە دېمەيدۇ..چۈنكى ئۇ سىزنىڭ قارشى تۇرالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ..

_ ئەمىسە قانداق قىلسام بولاتتى، قارشى تۇرساممۇ ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان تۇرسا..

_ قاراڭ. دەل مۇشۇ ئىدىيە.ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقا قىزلار بولغان بولسا چوقۇم دېرىكتورغا بۇ ئىشنى دېگەن، ئۆزى ئېرىشەلمىسىمۇ لېكىن تويىنى بۇزغان بولاتتى...

_ ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلمىگەن ئادەم راستىنلا تاختا بېشىدا تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىكەن..سىزچە مەندەك بىر ئاددىي قىز ئاشۇنداق نۇرغۇن خىزمەتچىسى بار دېرىكتورنىڭ تويىنى بۇزالارمەنمۇ..قىزىق گەپتە بۇ..تۇخۇمنى تاشقا ئۇرساق تۇخۇم چېقىلىشى ئېنىق..

_ نېمىشقا ئۆزىڭىزنى چوقۇم تۇخۇم دەپ قارايسىز..

_ سىز راستىنلا توردا پىسخىكا دەرسى ساتسىڭىز بولغۇدەك..كاللا يۇيالايدىكەنسىز..لېكىن مېنىڭ كاللام يۇيۇلمايدۇ..ھەقىقەت دېگەن ھامان ھەقىقەت. دېرىكتور مەندىن باي، مەندىن ئىقتىدارلىق ھەم مەندىن ياش، چىرايلىق..قانداقلا قىلسام مېنىڭ يېڭىلگىنىم يېڭىلگەن..شۇڭا بۇ ئىشقا ئۆزۈمنى زورلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق..

_ سىزچە ئۇ تۇغۇلۇشتىن شۇنداق باي تۇغۇلۇپ قالغانمىدۇ..

_ بىلمەيمەن. بەلكى شۇنداقتۇ...

_ ئۇمۇ بەلكى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ مۇشۇ كۈنگە ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن..ئۇ قىلغاننى سىزمۇ قىلالايسىز.. ئۆزىڭىزگە پەقەت ئىشەنچىڭىز يوقكەن..

_ سىز بۇ نەچچە كۈن ئىشقا بارماي توختىماي كاللا يۇيىدىغان نەرسىلەرنى كۆرىۋاتامسىز نېمە..

_ بۇ كاللا يۇيىدىغان نەرسە ئەمەس.. ھەم بۇنى كىتابتىن كۆرىۋالغىنىم يوق..

_ مەن سىزدەك باتۇر ئەمەس، ھەم بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچەلمەيمەن.يەنە كېلىپ مېنى ئۆزگەرتىش ھەققىڭىزگىمۇ چىقىش قىلالمايدىغاندەك تۇرىمەن..بۇ شىركەت ئولتۇرسام تۇرسام مەندىن پۇل تۇتىمىز دەپلا تۇرىۋاتىدۇ..

  ئۇ قوشۇقى بىلەن قاچامدىكى تاماقنى چىڭ بېسىۋەتتى.

_ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز قانداق يەيمەن..

_ ھازىر يەپ بېقىڭە..

ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ قوشۇقنى قاچىدىكى گۈرۈچكە سالدىم. ئالدىدا ئالغاندىن قىينىلىۋاتاتتىم.

_ گۈرۈچ يۇمشاق چېغىدا ئاسانلا قوشۇققا چىققان، شۇڭا سىز ھېچقانچە كۈچىمىگەن، ھازىر گۈرۈچ قاتتىق بولغاندا قوشۇق سېلىشتا كۈچەۋاتىسىز..

_ بۇ قانداق لوگىكا ئەمدى..

_ ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ، باشقىلارنىڭ قوشۇقىغا ئاسانلا چىقىدىغان ئولجا بولۇپ قالماڭ. بەك يۇمشاق بولسىڭىز قوشۇققا ئاسانلا چىقىپ قالىسىز..

كۈلۈپ كەتتىم. لېكىن ئۇنىڭ بۇ دېگىنى خاتا ئەمەس ئىدى.

_ بولدى. مەن ئاۋۇ 3000نى ئالماي. سىزگە ياردەم قىلاي. ئەمدىغۇ قوشۇلىدىغانسىز

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章