ئايالىڭىزنىڭ ھەققىنى ئاشنىڭىزغا بۇزماڭ؟ ئاياللارھېيلسى123-قسم

文摘   2025-01-18 21:16   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم



---نىمىشقا ئۇنداق بولغۇدەك، ھېسابتا سىزمۇ بىر زىيانلانغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۇرغۇننىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھوقۇقىڭىز تامامەن بولۇشى كىرەك-ئەنۋەر شۇنداق دەپ،شەپكىسىنى ئېلىۋىتىپ، چېچىنى تاراپ قويدى - تۇرغۇن ھازىرچە تېخى ھايات،  ئەمما مېڭىسىگە قان چۈشكەندىن باشقا، يەنە بەدىنى كۆپ يەردىن سۇنۇپ، پەي ۋە يۇلۇن زەخمىلنىپتۇ، ئەھۋالى بىر قەدەر ئىغىر، دوختۇر ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تەس، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ھالدىمۇ، نورمال ئاڭنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ناتايىن -دەپ ئېنىق ئېيتتى، ئەمما بىز يەنىلا دوختۇرلاردىن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامال بار ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلدۇق، مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ھېسىياتتا، ئەمەلىيەتتە سىزگە ئېغىر كىلىشىدىن ھەم تۇرغۇن مۇدىرنىڭ زىيانكەشىلىكىگە ئۇچرىىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ، سىزگە ئېيتمىغان بىلەن، ئۇنىڭ دىلوسىنى تەكشۈرىۋاتقىنىمىزغا خېلى ئۇزۇن بولدى، ھەم تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن قەبىھ ۋە رەزىل جىنايەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق،  ئۇنى ھازىرغىچە دەرھال قولغا ئالماي قۇيۇۋىتىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سەگەكلىشىپ،پاكىتقا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، جىنايەت پاكىتلىرىنى توپلاشقا يىتەرلىك شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن ئىدى، ئالدىنقى قېتىم بىز بۇرۇن ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن سىدىق دىگەن بالا ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئوغۇرۇقچە ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان، بىراق بايقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن،  توك ساقلاش ئىقتىدارى بار، مىكرو تىپتىكى ئاڭلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەچكە، پەقەت بىر قېتىملا پايدىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، توكى تۈگەپ، ئىتىلىپ قالدى، كىيىن سىدىق يەنە باشقىسىغا ئالماشتۇرماقچى بولغان چېغىدا، كونا ئۈسكۈنىنى تاپالمىغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرغۇن بارغانسېرى ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەچكە، بايقىلىپ قالغان  بولۇشىدىن ئەنسىرەپ ئورنىتالمىغان، ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىم رەھىمەنىڭ ياردىنى بىلەن بۇ دىلونى بىراقلا پاش قىلدۇق، ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇنچىۋالا ۋاقىت ھەم زېھنىمنى سەرپ قىلغان بۇ دىلونىڭ، باش جىنايەتچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشىشىنى خالىمايمەن، بۇ جەھەتتە مىنىڭ ئارزۇيۇم خۇددى سىزگە ئوخشاش،يەنى تۇرغۇننىڭ ئەسلىگە كىلىپ،قانۇننىڭ سورىقىغا تارتىلىپ، قىلمىشلىرى ئۈچۈن، بىرمۇبىر جاۋابكار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. -

-ئۇنىڭ بۇ قەدەر رەزىل ئادەملىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، شۇ تاپتا، ئۆزۈمنى قانچىلىك يارىماس، ھەم كارغا كەلمەس ھېس قىلىۋاتقىنىم پەقەت بىر ئۆزۈمگىلا ئايان، ئەينى چاغدا، دادام ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال تۇرغۇنغا -ئۇنتۇپ قالما، مىنىڭ يەنە ئۆزى قىز بولسىمۇ، ئوغۇلبالىدىن قېلىشمايدىغان بىر قىزىم بار، ئۇ ھامان بىركۈنى مىنىڭ ئىنتىقامىمنى ئېلىپ، سەندەك ھايۋان تاغىىسىنى چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزماي قويمايدۇ -دەپتىكەن، بىراق، مەن كالۋا ھازىرغىچە تۇرغۇننىڭ دادامغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر،ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇم بىلەن بولۇپ ئۆتۈپ، دادامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەي يۈرۈپتىمەن،مەن نىمە دىگەن كالۋا، نىمە دىگەن دۆت، نىمە دىگەن ۋاپاسىز، نىمە دىگەن  ئاڭقاۋ،ھېچ بولمىسا، تۇرغۇننىڭ  ھوشىغا كىلىپ، بىر قېتىم بولسىمۇ، سوت مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈلمىسەم، قەلبىمدىكى ئەيىبلەش سادالىرى ۋە غەليانلار مەڭگۈ بېسىقمايدۇ-شەمسىيە ئۆزىنى بېسىۋالالماي، كەلكۈندەك تۇيۇقسىز يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن ياشلىرىنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز قالدى.

-بولدى يىغلىماڭ شەمسىيە، ئارزۇيىڭىز چوقۇم  ئەمەلگە ئاشىدۇ، دوختۇرلار تىرىشىۋاتىدۇ، قالغىنىغا مانا مەن بار، سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلىشقا تەييارمەن -  ئەنۋەر شەمسىيەنىڭ مۆرىسدىن چىڭ قاماللاپ ئۆزى تەرەپكە تارتىپ، بېشىنى مەيدىسىگە ياتقۇزدى، ئاندىن چاچلىرىنى يەڭگىل تارىدى. ئاھ! شەمسىيە ئۆزىنى بۇنداق بىخەتەر ھېس قىلىپ باقمىغىنى قانچىلىك ئۇزۇن بولغان ھە! نىمە دىگەن ئىللىق، نىمە دىگەن خاتىرجەم، نىمە دىگەن بەختىيار تۇيغۇ بۇ! مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇيغۇنىڭ ئىچىدە ياشىغىنى بولغان بولسا، نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى ھە!

-بىز نىمىلەرنى قىلىپ كەتتۇق ئەنۋەر، - نەچچە سىكونتلۇق ئىللىقلىقتىن كىيىن، شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ قوللىرىنى ئىتتىرىپ، ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرىۋالدى - باللىرىمغا قاراپ باقمىغىنى ساق 24سائەت بوپتۇ، مەن بېرىپ باللىرىمغا قاراپ باقاي -

- مەن سىزنى  ئاپىرىپ قوياي -ئەنۋەرمۇ قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ قويغاندەك يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ، نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. شەمسىيە ئۇنى بۇرۇنقىدەك رەت قىلمىدى.

-شەمسىيە، سەن ھازىر قەيەردە؟ - شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ ماشنىسىغا چىقىپ،ئەمدىلا قوزغىلىپ تۇرىشىغا ئەلقۇتتىن كەلگەن تىلفوننى تاپشۇرىۋالدى -

- مەن ھازىر ساقچىخانىدىن ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتىمە، سىز قايتىپ كەتمەكچىدىڭىزغۇ؟

- ئەسلى بۈگۈن چۈشتىن كىيىننىڭ بىلىتىنى ئالغان ئىدىم، بىراق بەزى ئىشلاردىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم -

- مىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىمدىن خەۋەر تېپىپسىزدە ئاكا، ھېچقىسى يوق، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، قالغان ئىشلارنى ئۆزۈم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن، مۇھىم ئىشلىرىڭىزغا دەخلىسى يەتمىسۇن،ئاشۇ بىلەت بىلەنلا قايتىپ كىتىۋېرىڭ - نىمىشقىكىن شەمسىيە ئەلقۇت ئۆزىگە كۆيۈنگەنسېرى قەلبىدە پەيدا بولۇۋاتقان قەرزدارلىق تۇيغۇسىدىن بىئارام بولاتتى، ئەمما ئەنۋەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىنچە بولۇپ، ئۆزىمۇ تۇيماستىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغلىرىدا تولىمۇ تەبىئىي بىر ئاڭدا، ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتى.

- نىمە دەۋاتىسەن شەمسىيە؟ سىنى كىم تۇتقۇن قىلىۋالدى؟ -

- تاغام تۇرغۇن بولمامدۇ ئەلقۇت ئاكا،تاس قالدىم ئۇنىڭ قولىدا ئۆلگىنى، ئەمما ھازىر ياخشى، ساقچىلار دەل ۋاقتىدا كەلگەچكە قۇتۇلۇپ قالدىم-

- تۇرغۇن تۇتۇلدىمۇ؟ -

- ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا، جان تالىشىۋاتىدۇ؟ -

- ئۇنداق بولسا ياخشى بوپتۇ، تۈنۈگۈندىن بۇيان تاراتقۇلارغا قاراپ باقتىڭمۇ؟

- ياق تېخى، بۈگۈن ئەتىگەن كارتامنى قايتىدىن تولۇقلاپ بىجىردىم، بەكلا پاراكەندە شۇڭا تىلفونغا قارىغۇدەكمۇ ۋاقتىم بولمىدى، نىمە ماكانىم گورۇھىغا بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، كۆرمىگەن بولساڭ، ھامان كۆرىسەن ھەقىچان، سەن ھازىر قەيەردە، يالغۇزمۇ، مەن يېنىڭغا باراي دىگەن، سەندىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم -

- يېنىمدا بىر دوستۇم بار، ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتىمەن -

-ئۇنداقتا ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاپ تۇراي-

- ئەلقۇت ئاكا، راستىنلا ھاجىتى يوق، سىز خاتىرجەم قايتىپ كىتىۋېرىڭ -

- سىنىڭ خاتىرجەم بولغىنىڭنى كۆرمىسەم، ھەرگىز كەتمەيمەن، مەن بۇ بىر مەزگىلدە يەنىلا يىشىل شەھەردە قېلىشنى لايىق تاپتىم، ھېلى ئۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندە بەك ھودۇقۇپ، ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمە، ھەممە ئىشلارنىڭ چارىسى تېپىلىدۇ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، سەل تۇرۇپ، ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا كۆرىشەيلى -

-شەمسىيە ماڭا ئاكام بار دىمىگەنتىڭىزغۇ؟ - ئەنۋەر شەمسىيەگە بۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئاكىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، بىر ئىشلاردىن ئازىراق ئەنسىرەپ قالغاندەك قىلاتتى.

- رىشىت  دادامنىڭ ئوغلى، ئەلقۇت ئاكام، بىز كىچىكىمىزدە  بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئۇنى ئاكا دەپ چاقىرىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئاكامغا ئوخشاش-شەمسىيە ئەنۋەرنىڭ باشقىچە چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئاتايىتەن ئۆز ئاكامدەك دىگەن سۆزنى قەستەن قوشۇپ قويدى.

- ھە، مۇنداق دەڭ، ئەمىسە، مۇناسىۋىتىڭلار خېلى ياخشىكەندە، رىشىت  تاغىڭىز ماكانىم گورۇھىنىڭ لىدىرى شۇمۇ؟ -

- شۇنداق، ئۇنى تونۇيدىكەنسىزدە -
- يىشىل شەھەردە ئۇنى تونۇمايدىغان ئادەممۇ بولامدۇ؟ ئۇ دىگەن تۇرغۇن مۇدىردىن قېىلىشمىغۇدەك كاتتا ئەرباب تۇرسا، ئۇنىڭ چەتئەلدە بىر تەتقىقاتچى ئوغلى بار دەپ ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقۇتقۇ دەيمەن، سىزنىڭ ئەلقۇت ئاكام ، رىشىت دادام دىگەنلىرىڭىزگە قاراپ شۇلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم، ئەلقۇتقا ئاجايىپ ھۆرمىتىم بار،يېقىندا بىر ژورنالدا مەخسۇس سىتوندا ئۇنى تونۇشتۇرغان مەزمۇننى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىرقانچە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ ئۇدا تونۇشتۇرغان فىلىملىرىنى كۆرگەن، ئەلقۇت ھەقىقەتەن يىشىل شەھەرنىڭ پەخرى بولۇشقا مۇناسىپ، پۈتۈن ھاياتىنى تەتقىقات ئىشلىرىغا ئاتىغان مۇتەخەسىس - ئەنۋەر ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي ئەلقۇتنى ماختاپ كەتتى.

-ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدىمۇ پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەۋەس  ئوبىكتى ئىدى، سىنىپىدىكى بالىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ ھەتتا ئوقۇتقۇچىللىرى ئۆتكەن دەرىسلەردىنمۇ يوچۇق تېپىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، دەرس ۋاقتىنى توشقۇزىۋىتىدىكەنتۇق. -شەمسىيە سۆزلەۋېتىپ، ئەلقۇت بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تاراتقۇ ۋەقەسىگە قىزىقىپ،يانفوننى قولىغا ئېلىپ ئاچتى.

- جەمىيتىمىزدە شۇنداق بىر نۇمۇسسىز خوتۇنلار بار،ساق ۋاقتىدا ياراپ ئەر قىلىپ، ئاغرىق ۋاقتىدا ئىرىدىن تېنىپ تاشلىۋىتىدىغان، كىسەل ئىرىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ،تالادا باشقا ئەرلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ،ئاشنا ئاداش ئوينايدىغان،ئۇلار كۈندۈزى ئاتالمىش مۇنەۋۋەر كارخانىچى،ئىسىلزادە ئايال ئوبرازىغا كىرىۋېلىپ،ئاخشىمى قاراڭغۇ چۈشمەي تۇرسا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەپتى -بەشرىسىنى ئېچىپ، باي غوجاملارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، نۇمۇس قىلماستىن، تاڭ ئاتقۇچە ياتاقمۇ-ياتاق قاتراپ يۈرۈيدۇ،بەلكىم يۇقاردا دىگەنلىرىمگە ئىشەنمەسلىكىڭلار مۇمكىن،ئەمما بۇ مىنىڭ ھەقىقى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىم،ئەگەر مىنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلىغۇڭىز بولسا،ئىنكاس رايونىدا 66رەقەملىرىنى يوللاپ قويۇپ، دىقىتىڭىز  مىنىڭ كىيىنكى فىلىمىمدە بولسۇن - شەمسىيە دويىننى ئېچىپلا،مۇناسىۋەتلىك قىززىق نۇقتىلاردىن 2.3نى سىيرىسشىغىلا، 4.سىگە كەلگەندە،ئۆزىگە تولىمۇ تونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ توختاپ قالدى،گەرچە قابىل  چىرايىنى توسۇۋىتىپ،ئاۋازىنى ئۆزگەرتىشكە ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما،ئۇنى تونۇيدىغانلىكى كىشى،سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ قابىل ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايتتى،شەمسىيە  يۈرىكى كۆكرەك قەپىزىدىن سەكرەپ چىقىپ كەتكۈدەك جىددىيلىشىپ،باش بەتكە كىرگەندىن كىيىن، باشقا فىلىملەرنى سىيرىپ كۆرۈشكە باشلىدى.

-مىنىڭ بۇ چىرايلىق خوتۇنۇم،ئەسلى بۇرۇنقى  ئايالىمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى، ئەينى چاغدا،مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئايالىم ئارقىلىق توردا تونۇشۇپ قالغاندىن كىيىن، ئۇ ماڭا ھەركۈنى دىگۈدەك  -ئىرىم مەس كىرىپ مىنى دۇمبالايدۇ، باللىرىمنى خورلايدۇ، تاپقان پۇلىنى ئۆزى يالغۇز خەجلەيدۇ، مىنىڭ ھەم بالىلارنىڭ نىمە يەپ، نىمە ئىچىشىمىز بىلەنمۇ قىلچىلىك كارى بولمايدۇ،دىگەندەك سۆزلەر بىلەن، بۇرۇنقى يولدىشى توغرىسىدا ئاغرىنىپ بەردى، ئۇنىڭ  كۈندە شۇنداق ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ،  بارا-بارا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ھەم پات-پات تەسەللىي بىرىپ قويدۇم، كىيىن ئۇ ئايالىم ئىككىمىزنى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن قىزىقتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى، ئايالىم ئىككىمىز كۆپ ئويلىمايلا ئۇنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشىلىدۇق،  ئەسلى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئايالىم دوستىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمايمەن دەپ، خىزمەتكە باشچىلاپ چۆكۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقاندا، ئۇ ھېلى ئۇچۇر يازسا، ھېلى تىلفون قىلىپ دىگەندەك، مىنىڭ يالغۇز قالغان پۇرسىتىمدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىگە بولغان ھېسداشلىقىمدىن پايدىلىنىپ، بارا-بارا ئەقلىمدىن ئازدۇرماقچى  بولدى، مەن بىز بۇنداق ئىشنى قىلساق بولمايدۇ دەپ قاتتىق ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغان چېغىمدا، ئايالىڭ مىنىڭ ئىرىم بىلەن چىقىشىۋاپتۇ، دەپ، ساقتا ئىسپاتلار بىلەن مىنى ئىشەندۈرۈپ، ئۇلار ئاشنا ئوينىسا بولىدىكەن، بىز بىر-بىرىمىزگە تەسەللىي بەرسەك نىمە بوپتۇ،  دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، ئاخىرى مىنى ئۆزىنىڭ ئاسىي ھېسىياتلىرىغا باش ئەگدۈردى، شۇنداق قىلىپ،  مەن بارا-بارا ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالدىم، شۇ چاغلاردا ئۇ مىنى ئۆزىنىڭ يالغان ياۋىداقلىرى بىلەن پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىۋالغان ئىدى.مەن  ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ، ئەقلىمدىن شۇ دەرىجىدە ئېزىپتىكەنمەنكى، ئاشۇ تۈلكە جىن بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن، باللىرىم، ئائىلەم، ھەم شۇنچە يىللىق قەدىناسىمغا قىلچىلىك ئىچ ئاغرىتماستىن، ئايالىمنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم،ئەينى چاغدا ئەتراپىمدىكى ئادەملەردىن  تالاغا قارىغان ئەر ئانداق بولىدۇ، مانداق بولىدۇ، ھامىنى پۇشايمان قىلىدۇ دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، مىنىڭ بەختىمگە كۆزى قىزارغاچقا شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئۇ تۈلكە جىن بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەندىم، ئەسلى مەن ئالتۇندەك ئايالىمغا بولغان ساداقىتىمنى يوقىتىش بەدىلىگە، ئەرلەرنى ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدىغان،ۋاپا-ھەم ساداقەتنى قىلچىلىك قەدىرلىمەيدىغان، ئاياللىق پەزىلەت ۋە ئانىلىق مېھرى-مۇھەببەتنى تامام يوقۇتۇپ بولغان، بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ ناز-كەرەشمىللىرىگە ئالدىنىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى تۇتقۇنغا ئايلىنىپتىكەنمەن ئەمەسمۇ؟

بىز توي قىلغاندىن كىيىن، مەن مەيلى نىمىلا قىلاي، ئۇ پەقەتلا ياراتمايتتى، ھەمىشە بۇرۇنقى ئىرىگە سېلىشتۇرۇپ،  قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدىكەن دەپ كەمسىتەتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ نۇمۇسسىزلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن،  بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنى مىنىڭ ئىرىمگە چاپلاپ تۆھمەت قىلمايدىغان بولساڭ،  سەندىن ئاجرىشىپ كىتىمەن دەپ تەھدىت سالاتتى،بىز ئەرلەر ئازساق، شۇنداق ئازىدىكەنمىزكى، ئازغان چېغىمىزدا كۆزىمىزگە ھېچكىم، ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن، ئۇنىڭ بېسىم قىلىشلىرى بىلەن مەن، شۇنچە يىللىق قەدىناس ئايالىم ھەم باللىرىمنىڭ ئانىسىغا قىلچىلىك يۈز خاتىرە قىلماستىن، ئۇنى ھېلىقى چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ بۇرۇنقى ئىرىگە چېتىپ قارا چاپلىدىم، نەچچە قېتىم ئادەم كۆپ جايلارغا ئاپىرىپ ھاقارەتلىدىم، ھەتتا، ئۇرۇپ تىللاپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللاردا خورلۇدۇم،دەپسەندە قىلدىم، تەھدىت سالدىم،  ئىشقىلىپ، مىنىڭ ھېلىقى چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ ئېغىزىدىن نىمە گەپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر توغرا خاتاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماستىن، قەتئي ئىجرا قىلدىم.ئۇ ھەمىشە بۇرۇنقى ئىرىنى كارغا كەلمەيدۇ، تالادا بۇزۇقچىلىق قىلىۋېرىپ، ئەرلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ھەم بەك مەينەت دەپ تىللاپ بىرەتتى، بارا-بارا مىنىمۇ شۇنداق تىللايدىغان، داۋاملىق كەمسىتىپ سۆزلەيدىغان بولۇۋالدى،  شۇنداق چاغلاردا ئۇنى بۇرۇنقى خوتۇنۇمغا سېلىشتۇرۇپمۇ قالاتتىم، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمغا قىلغان يۈزسىزلىكلىرىمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئوبدان  بىلەتتىم، بىراق بۇ چاغدا مەن پۇشايمان قىلىشقا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ئىدىم، چۈنكى مەن سەھرالىق دەپ ياراتماي تاشلىۋەتكەن بۇرۇنقى  ئايالىمنى، مىنىڭ چىرايلىق خوتۇنۇم يارىماس دەپ تاشلىۋەتكەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ئاللىبۇرۇن قۇلقىغا گۈل قىلىپ، قىستۇرۇپ بولغان ئىدى. توي قىلىپ بىللە ئۆتكەن ۋاقتىمىزنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ خۇي-پەيلىنىمۇ ئاز-تولا چۈشىنىپ قالدىم، ئۇنىڭدە ئەرلەرگە نىسبەتەن بىر قانماس نەپىسنىڭ بارلىقىنى بىلدىم،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مىنى ھاقارەتلەشلىرىمۇ بارا-بارا چەكتىن ئاشقىنى تۇردى.ھەركۈنى كەچ كىرىشىگىلا تالاغا چىقىپ كىتىدىغان، تىلفون، ئۈندىدار، ھەممە نەرسىسىگە قۇلۇپ سېلىۋېلىپ، ماڭا كۆرسەتمەيدىغان، ھەمىشە ئوغۇرلۇقچە تىلفون پاراڭلىشىدىغان بولۇۋالدى، نەگە باردىڭ، نەدە تۇردۇڭ دەپ سورىسام،ۋاقىراپ -جاقىراپ  ئېغىزىمنىمۇ ئاچۇرمىدى،مەندە نىمە ئامال، بىر چىرايلىق ھەم پەزىلەتلىك خوتۇنۇمنى قان يىغلىتىپ ، ئېرىگە ۋاپا قىلماي ماڭا بۇزۇلغان بۇزۇق خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتقاندىن كىيىن، بۇ كۈنلەرنى كۆرۈشۈم ماڭا ھەق، دەپ ئۆتتۈم، كۈن ئۆتكەنسىرى مىنىڭ چىرايلىق يېڭى خوتۇنۇم بارا-بارا ھەددىدىن ئېشىپ، ھەتتا باللىرىنى ماڭا تاشلاپ بىرىپ، كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بولۇۋالدى، ئۇنىڭ تالادا نىمىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا،  تالاغا ئاشكارلىنىپ كەتسە، سەت تۇرمىسۇن دەپ، ئۈنۈمنى ئىچىمگە يۇتتۇم، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن بۇ چىرايلىق خوتۇنۇمنى مەلۇم بىر ياتاققا كىرىپ كىتىۋاتقان نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىپ،  كەتمەيمەن دىسە قولىدىن تارتىپ ئۆيگە ئېلىپ كىتىمەن دەپ چوڭ يولدا تالاش تارتىش قىلىۋاتقان نەق مەيداندا، ئۇدۇلدىن بىر ماشنا بىزگە ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى، مىنىڭ بۇ نۇمۇسسىز خوتۇنۇم بۇنى كۆرۈپ، مىنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارى بولماستىن، مىنى ئىتتىرىپ ئۆزىدىن ئاجرىتىپ،  يولنىڭ چىتىگە ئۆزىنى ئېتىپ قۇتۇلدى، مەن قۇيۇندەك كىلىۋاتقان ماشنىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنىمۇ ئويلاشمىدىم، شۇ چاغدا، مەن ئاللىقاچان  بۇ ماشنىغا سوقۇلۇپ، ئازغۇن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەن يۈز كىلەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدىكى جىنايىتىمنى يۇيۇشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدىم، شۇلارنى ئويلىغاچ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم، قاتتىق بىر سوقۇلۇشتىن  كىيىن ھوشۇمنى يوقاتتىم، كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن، مەن ئۇنى دەپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن، ئۇنى چوقۇم قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولىدۇ، ئۆز-ئۆزىنى  ئەيىبلەپ، ماڭا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما نەدىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ بىر خام -خىيال ئىكەنلىكىنى مەن شۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە مەجرۇھقا ئايلانغانلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن ھېس قىلدىم، مەن دوختۇرخانىدا شۇ ھالدا ياتسام، ئۇ سودا قىلىمەن، پۇل تاپىمەن دىگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ چىقىپ كىتىپ، مەن بىلەن كارى بولمايتتى، نىمە يەيمەن، نىمە ئىچىمەن،نىمە قىيىنچىلىقىم بار؟ ياق، ياق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كارى يوق، ئۆزىنىڭ  ئويۇنىنى  ئويناپ، تاماشاسىنى قىلىش بىلەن ئالدىراش، ماڭا ئىچ ئاغرىتىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەسلا ۋاقتى يەتمەيتتى،ئازاب تارتتىم دەپتىمەن،ئەسلى كىسەل ئازابى ھېچنىمە ئەمەسكەن، مىنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك كۈنلىرىم، ئۇ مىنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، ئاندىن ھەقىقى باشلاندى، مىنىڭ بۇ چىرايلىق خوتۇنۇم، مىنى ئۆيدە شۇ ھالداياتقۇزۇپ قويۇپ، ئوينىغۇسى كەلسە خالىغاندا چىقىپ كىتەتتى، باللىرىم ئۇششاق بولغاچقا، مىنىڭ چوڭ كىچىكلىرىمگە ئىگە بولالماي،  ياتقان  ئورنۇمغىلا چىقىرىپ ياتاتتىم بۇنداق چاغلاردا، ئۆز-ئۆزۈمدىن شۇنچىلىك سەسكىنىپ كىتەتتىمكى، شۇ مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدىلا جېنىم چىقىپ كىتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كىتەتتىم، ھېلى قاچان ئۆلىسەن، جېنىمغا جاپا تاپا -دەپ ۋاقىرىسا، ھېلى،سىنىڭ نەرىڭ بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلىۋالساڭ بولمامدۇ دەپ، ھاقارەتلەيتتى، ئىشقىلىپ، شۇ كۈنلەردە قانچىلىك خورلانغانلىقىم بىر ئۆزۈمگىلا  ئايان، تالاي قېتىم، بىر ئۇخلاپلا، قايتا ئويغانمىسام دەپ ئارزۇ قىلىپ كىتەتتىم، ئەمما، جان دىگەن بەك چىڭ نىمىكەن، ئۆلىمەن دىگەنگىلا ئۇنداق ئاسان چىقىپ كەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ سىرتتا باشقا ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەتتىم، ھەتتا مىنىڭ كۆز ئالدىمدىلا، مىنى ئاڭلىسۇن دىگەندەك، جېنىم، ئاشىقىم، سۆيگۈنۈم دەپ، باشقا ئەرلەر بىلەن ئەركىلەپ تىلفون پاراڭلىشىپ كىتەتتى، شۇنداق چاغلاردا ئۈنۈمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، بۇقۇلداپ خېلى بىر ھازاغىچە يىغلاپ كىتەتتىم، بىلەتتىم، ھازىر مەن  ئاشۇ بۇرۇنقى ساددا، ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ھەم مۇلايىم ئايالىمغا قىلغان يۈزسىزلىكلىرىمنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتتىم،شۇڭا قانچىلىك ئازابلانساممۇ،  يەنىلا بەرداشلىق بىرەتتىم، ئۆزۈمگە بۇ كۈنلەرنى تېخى ئاز دەپ ئويلايتتىم، بىركۈنى ئۇ جىددى ھالدا قايتىپ كىرىپ، تۇيۇقسىزلا ماڭا ئاجرىشىپ كىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گەرچە ئۇنىڭ جاۋاب بىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنىلا سەۋەبىنى سورىغۇم كەلدى. ئۇ ماڭا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ، يىشىل شەھەردىكى مەلۇم چوڭ ئۆي-مۈلۈك گورۇھىنىڭ بايۋەتچىسى بىلەن تېپىشىپ قالغانلىقىنى، دەرھال ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ،  چوڭ گورۇھنىڭ ئايال خوجايىنىغا  ئايلانغۇسى بارلىقىنى، ئۇ بايۋەتچىنىڭ، مەندىن ئاجرىشىپ كىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا، دادىسىغا دەپ، ئۇنىڭغا چوڭ گورۇھنىڭ باش دىرىكتورلۇق خىزمىتىنى ئېلىپ بىرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ھەمدە، ئاجرىشىش ئىشىدا مان تەشەببۇسكار بولمىسام، مېيىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاجرىشىش ئىشىمىزغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى شۇڭا، ئاجرىشىش ئەرزىنى مىنىڭ سۇنۇشۇم كىرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر قوشۇلمايدىغان بولسام، مىنى كۈندە خورلاپ، تۇغۇلغۇنۇمغا تويغۇزىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەھدىت سالدى، ئۆزۈمنىڭ ھالىم ئۆزۈمگە ئايان، يىتىم باللىرىم بىلەن مەجرۇھ تىنىمنى سۆرەپ ياشىمىقىمنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما خورلانغان غورۇرۇمنى ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ، تىرىك قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ماقۇل بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىپ ئەرزى سۇنۇپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىم، مىنىڭ ئۇ چىرايلىق خوتۇنۇم، ماڭا قىلغان نۇمۇسسىزلىقلىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ خىجىل بولماقتا يوق، مەندىن ئاجرىشىپلا، ئاشنىسنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ، چوڭ گورۇھنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ، ھوزۇر سۈرۈشنى باشلىۋەتتى، مەن بولسام، چەكسىز پۇشايماننى مەھكەم باغاشلاپ، كەلگۈسۈمگە بولغان ئىشەنچىم تامام يوقۇلۇپ، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتاتتىم، شۇنداق ئېغىر كۈنلىرىمدە، مەن ياراتماي، زۇلۇم سېلىپ، مەجبۇرى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاشۇ سۈيۈملۈك بۇرۇنقى خوتۇنۇم، يېنىمغا قايتىپ كىلىپ، مىنى ھەم باللىرىمنى باغرىغا ئالدى، مىنى بوۋاق بالىنى باققاندەك بېقىپ، پەرۋىشلەپ، ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى، ئەسلىدە، مىنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنۇم، ھېلىقى چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن، ئۇ نۇمۇسسىز خوتۇن، ئۇنى بىركۈنمۇ ئارامىدا قويماي، ھەركۈنى دىگۈدەك پاراكەندە قىپتۇ، بۇرۇنقى ئىرىنى ئالداپ كۈشكۈرتۈپ، ئۇنى خورلاپتۇ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىرىمۇ، بۇ نۇمۇسسىز خوتۇنىغا قېيداپلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاچقا،ئۇنىڭغا پەقەتلا ياخشى مۇئامىلە قىلماي، يەنە ئاشۇ نۇمۇسسىز خوتۇنغا تارتىشىپ يۈرۈپتۇ، ئۇ نۇمۇسسىز خوتۇن بولسا، بۇرۇنقى  ئىرىنىڭ مال-مۈلكىنى كۆزلەپ ئۇنى داۋاملىق ئالداپ، بۇرنىدىن يىتىلەپ، ئاخىردا ئۆزى قۇرغان قاپقانغا دەسسىتىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىۋىتىپتۇ، ئازابقا چىدىمىغان ئۇ ئەر ئاخىرى ئىگىز بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋاپتۇ!  دىمەك، كىيىن ئايالىم مىنىڭ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تېپىپ، قەدىناسلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ، يېنىمغا قايتىپ كەپتۇ، مانا بۇ مىنىڭ ھەقىقى كەچۈرمىشلىرىم، سۈيۈملۈك ئەرلەر، مىنىڭ كەچۈرمىشلىرىمدىن ئۆرنەك ئېلىڭلار، ھەرگىز ئايالىڭلارغا خىيانەت قىلىپ، نۇمۇسسىز 3-شەخىسلەرنىڭ ئىپلاس قوينىغا ئۆزۈڭلارنى ئېتىپ، ھاياتىڭلارنى نابۇت قىلىدىغان خاتا قەدەمنى باسماڭلار، شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئايالىغا خىيانەت قىلىپ، تالادىكى بۇزۇق ئاياللارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئەرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشى بولمايدىكەن، ماڭا ئوخشاش ھامان كىسەل كارىۋىتىدىغا چىقىپ مېيىپ، مەجرۇھ ھالدا ياتقىنىدا، خورلۇنۇپ، خارلىنىپ، يالغۇز قېلىپ، ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدىكەن، بىزگە ۋاپا قىلىدىغىنى، ھەقىقى كۆيۈنىدىغىنى،  يەنىلا ئاشۇ قەدىناس خوتۇنلىرىمىزكەن، مەندىن سىلەرگە ئىبرەت بولسۇنكى،  ھەرگىز، ھەرگىز، قەدىناس ئايالىڭلارنى يىغلاتماڭلار، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بۈگۈن ياش ئاققان بولسا، ھامان سىلەرنىڭ يۈرۈكۈڭلاردىن قان ئاققۇزىدىغان كۈنلىرىڭلار كىلىدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالمايدىغان ئۆمۈرلۈك ھەسىرەتكە قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ئاياپ، ھەربىر قەدىمىڭلارنى ئەقلىڭلار بىلەن بېسىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاخىردا، ھېلىقى ئىپلاس خوتۇنغا دەيدىغىنىم، ئالدىراپ خۇشال بولۇپ كەتمە، ئاز كۈندە ياشلىقىڭ ئاخىرلىشىپ، ئىشەنگەن چىرايىڭ سولاشقاندا، سەن يىغلاتقان مەندەك ئەرلەرنىڭ ئۇۋالى ئۈچۈن، بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، كوچىدا قالىدىغان كۈنلىرىڭمۇ كېلىدۇ –

ئايالىمغا دەيدىغىنىم -سۈيۈملۈك خوتۇنۇم،مىنى كەچۈرگىنىڭىزگە رەھمەت، مەن بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىمدا، چوقۇم مېھرى-شەپقىتىڭىزگە ئات-ئىشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ، جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن –

ئاھ! ماۋۇ ماز، تېتىقسىز،لاۋزا قابىلنىڭ،نۇمۇسسىز خوتۇنى  خانقىزنىڭ توقۇپ چىققان ھېكايىسىنى  قىلچىلىك  نۇمۇس قىلماستىن دوۋيىندا ئوقۇپ چىقىۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان!


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章