دىللاردا سەنەم122-قسىم

文摘   2025-01-22 21:15   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم



ـ-كۆڭۈللىرىنى ئاياپ، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنماي دەردىمىزنى كۆزىمىزدىن ئېلىپ يۈردۇق. مېنى تويلاپ چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن ياتنىڭ ئۆيىدە تۇرغان شۇ مەزگىللىرىمدە بەكمۇ غېرىپسىندىم، ئانامنى كۆرگۈم كەلدى، بۇ ئۆيگە قايتسام بەرىبىر موماممۇ ماڭا سوغۇق، سىلىمۇ ماڭا سوغۇق، مەن بىلەن ھېچقايسىلىرىنىڭ كارى يوق. پەقەت شۇ ئاناملا ماڭا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، مېھرىنى، كۆيۈمىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئانامنى ئىزدىمەي كىمنى ئىزدەيمەن؟ ئۇنىڭ يېنىغا بارغىنىم سىلىگە نىسبەتەن شۇنچىۋالا يامان ئىش ھېسابلىنىپ كەتتىمۇ دادا؟! ئانام بۇ ئۆيدىن كەتكەندە بىز تېخى بالا ئىدۇق، دادا، ئانامنىڭ مېھرىگە قانمىغان... بىز ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ مېھرىگە قانمىغان... بىزنى بالدۇرلا ئايرىۋەتتىلە، ئەمدى بولسىمۇ مەھرۇم قالغان شۇ مېھرى- مۇھەببەتتىن قېنىپ ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن ئانامنى ئىزدىگىنىم بەكلا يامان بوپتۇمۇ؟ ھازىر ئۆيگە ئەكەلگەن بۇ خوتۇنلىرى، بىزنىڭ ئۆگەي ئانىمىز ئۆز ئانىمىز بىزنى ياخشى كۆرگەننىڭ مىڭدىن بىرىچىلىكمۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ بىزنى. ئەجەبا ئۆز ئانىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، بۇ ئۆگەي خوتۇننى ياخشى كۆرۈپ يۈرەيلىمۇ؟ بۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلسە، سىلى نېمىشقا بىزنىڭ ئانىمىزنى ياخشى كۆرەلمەيدىلا؟!... مېھىر دېگەن شۇنداق نەرسە ئىكەن، بۇ كۆڭۈل دېگەنمۇ ئۆزى خالىمىغان ئادەمنى تۆرىگە باشلىمايدىكەن، بىز باشلايلى دېسەكمۇ ئۆگەي دېگەننىڭ ئېتى سوغۇق، قاراشلىرى زەھەردەك، قاپىقى يامان بولىدىكەن، سىلى ئۇنى ياقتۇرسىلا، ياخشى كۆرسىلە بولىدۇ، ئۇنداق قىلما دەپ سىلىنى زورلىيالمايمىز. لېكىن سىلىمۇ بىزنى «ئۆگەي ئاناڭنى ياخشى كۆرەتتىڭ، ئۇنى دەپ ئۆز ئاناڭنى تاشلىۋەتسەڭ بولاتتى» دەپ زورلىيالمايدىلا، ئەگەر نۇركامىل بايۋەتچە «ئانىسىنى تولا يوقلاپ بېرىۋالدى» دەپ رەنجىپ قالغان بولسا ئاجرىشىپ يېنىپ كەلسەم تامامەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا سىلىنىڭ يانلىرىغا ئەمەس، ئانامنىڭ يېنىغا كېتىمەن. كونىلارمۇ دەپتىكەن «ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال» دەپ، ئانامنىڭ يېنىدا قالسام ھېچ بولمىسا ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاغرىتمايدۇ، ئادەم مىڭ يىل ياشامدۇ دادا؟ سىلى نېمىشقا قىسقىلا بۇ ئۆمرۈمدە ئۆزۈم خالىغان ئىشلارنى قىلغىلى قويماي پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە ياشاشقا زورلايدىلا مېنى؟...

ئايچېھرە خېنىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان، لېكىن يەنە بەزى گەپلىرىدىن ئوبدانلا ھارلىق ھېس قىلغان سەيدۇللا باي ئېغىر بېسىقلىق بىلەن قىزىدىن سورىدى:

-گەپلىرىڭىزنى چۈشەندىم قىزىم؟ بەزى ئىشلاردا ھەقىقەتەن توغرا قىلمىغانلىقىمنى بايقىدىم، ئەمما يەنە كۆپىنچە ئىشلاردا مېنى ئەسكى قاتارغا چىقىرىش ئۈچۈن خېلىلا كۈچەپ سۆزلىدىڭىز، شۇنچىۋالا قىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ مەن ئاشۇنچىۋالا يامان قىلىۋەتتىممۇ بالام؟ گەپلىرىڭىزنىڭ ۋەزنىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر كەتكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلمىدىڭىز مۇشۇ تاپتا؟

-مەن بۇ ھېس قىلىشلاردىن قالغان، دادا، سىلى شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى مېنى ۋە ئۈچ ئۇكامنى ئويلاپمۇ قويماي پۈتۈن ئەس- يادىلىرى بىلەن ئايسەنەمنى ئويلىغاچقا، ھازىرغا كەلگەندە ئۇنىڭغا قوشۇپ شەرۋانەمنىڭ سىزىقىدىن چىقالمىغاچقا مەن سىلى ئېيتقان ئۇ ھېس قىلىشلاردىن پۈتۈنلەي قالغان. مەن سىلىنى يامان قىلدى دەپ ئويلىمايمەن، ئەمما بەك ياخشى قىلىۋەتتى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئويلاپ باقسىلا، تۆت بالىلىرىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇپ بەرگەن بىر ئايال ئالدىلىرىدا ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس بولغىيتتى، پەقەت بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى كۆزلەپ قالغانلا يېرى بار ئىدى، شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇمۇ ئانچە بەك يامان قىلىۋەتمىگەن، لېكىن... سىلىنىڭ نەزەرلىرىدە ھەممىدىن يامان قىلغىنى ئاشۇ بولۇپ قېلىپ، بۇ قورۇدىن قوغلىنىپ كەتتى، شۇ چاغدا سىلى بىزنى ئويلاپ باقتىلىمۇ؟ «بالىلارنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماي» دەپ خىياللىرىغا كېلىپ باقتىمۇ؟ ھازىر بۇ ئۆيدە ئاغىچا خېنىم بار، لېكىن قىلچە خۇشاللىق يوق، بۇ ئۆيدە سىلىنىڭ خوتۇنلىرى بار، ئەمما بىزنىڭ ئانىمىز يوق. ھەر قېتىم كەلسەم بوران ئۇچۇپ تۇرغان تۆت تام مېنى خۇددى دۈشمىنىنى قارشى ئالغاندەك سوغۇق كۈلۈپ قارشى ئالىدۇ، نە خۇشاللىق، نە مېھىر- مۇھەببەت تاپالمايمەن، موماممۇ «ھاردىڭىزمۇ؟ ئاچتىڭىزمۇ قىزىم؟» دەپ ئىككى ئېغىز ئەھۋال سورىماقتا يوق، ئەتىدىن كەچكىچە تەربىيە قىلىپ، تاپا- تەنە بىلەن كۆڭلۈمنى مۇزلىتىشنىلا بىلىدۇ، ئىنى- سىڭىللىرىمنىڭ چىرايىدىمۇ قاچانلا قارىسا مەيۈسلۈك، غەمكىنلىك بالقىپ تۇرغان، «نېمە بولدۇڭ؟» دەپ بىر ئېغىز گەپ سوراپ قويسام يىغلاپ تاشقىلى ئارانلا تۇرىدۇ، ئۇلار شۇنداق بولغان يەردە توي قىلىپ ياتنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، ئاشۇ ياتنىڭ ئۆيىدىمۇ قىلچە مېھىر ھېس قىلالمايۋاتقان مەن ئۈچۈن يەنە قانداق بولماقچىدى بۇ ئىشلار؟ شۇڭا مەن پەقەت ئانامنىڭ يېنىدىلا ئەركىن- ئازادىلىك، مېھرى- مۇھەببەت ھېس قىلالايمەن. ئەگەر مېنى چوقۇم «ئاناڭنى تاشلىۋەتمىسەڭ بولمايتتى» دەپ قالسىلا، ئەڭ ئالدى بىلەن سىلى ئۆز ئانىلىرىنى تاشلىۋېتىپ ماڭا كۆرسىتىپ قويسىلا، قانداقسىگە شۇنداق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالسام ئاندىن سىناپ باقارمەن يا.

-ھەددىڭدىن ئاشما ئايچېھرە! نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بايقاپ سۆزلە!

قىزىنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى غورۇرىغا تىك كەتكەن سەيدۇللا باي ئەنە شۇنداق ئاچچىقلىنىپ قاتتىق ۋارقىرىدى. بۇ ئىشتىن چۆچۈپ، ئولتۇرغان يېرىدىن تىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتكەن ئايچېھرە خېنىم قورقۇمسىراپقىنا ئاۋازىنى بايىقىدىن پەسلىتىپ، شىۋىرلاپ سۆزلىدى:

-قانداق دادا، بۇ ئىش سىلىگە تەسمىكەن؟ سىلى مومامنى تاشلىۋېتەلمىگەنگە ئوخشاش، مەنمۇ ئۆز ئانامنى تاشلىۋېتەلمەيمەن، ئەگەر كۈيئوغۇللىرى «مەن بىلەن ئانىسىدىن بىرىمىزنى تاللىسۇن» دەپ قالسا، مەن گەپ يوق ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللايمەن.

سەيدۇللا باي قىزىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئاچچىقىدىن ياندى ۋە بايىقى پېتىدىن چۈشۈپ، سىپايىلىق بىلەن سۆزلىدى:

-ئۇ ئۇنداق دېمەيدۇ قىزىم، ھېچقاچان ئۇنداق دەپ باققىنى يوق، لېكىن سىز ئويلاپ بېقىڭ، يۈزىڭىز كۆيۈپ كېتىپ باشقا قىزلاردىن پەرقلىق ھالدا ئەيىبناق بولۇپ قالدىڭىز، بۇ تۇرقىدا خالىغانلا ئائىلىدىن بىرەرسى سىزنى كېلىن قىلىۋېلىشنى ئېيتىپ ئالدىمىزغا كەلگىنى يوق، پەقەت ئاشۇ نۇركامىل بايۋەتچىلا سىزگە ئۆيلىنىشنى ئىختىيار قىلىپ، سىزنى سوراپ ئالدىمىزغا كەلگەن ئىدى، ئۇ ھەم سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ ئاغىچىلىققا تاللىغان. ئۇنىڭدىن باشقىلىرى سىزگە ئۆيلىنىشنى ئىختىيار قىلمىغان يەردە، ئەمدى ئاجرىشىپ كەتسىڭىزمۇ قايتا لايىق تېپىپ ياتلىق بولالىشىڭىز تەسقۇ ئاخىر؟ ئەر- ئاياللىق تۇرمۇش دېگەن بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش، گېپىنى ئۆزئارا ئىلىك ئېلىش، ئېيتقان يېرىدە تۇرۇش، دېگەن ئىشىنى قىلىشلار بىلەن ئاندىن گۈللەپ ياشناپ بىر ئائىلىگە ئايلىنىدۇ، ئەجەبا سىز ئانىڭىزنى يوقلاش يوللىرىڭىزنى ئازلىتىپ سەل قىسقارتالماي، شۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ مەڭگۈلۈك بويتاقلىقنى تاللىماقچىمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ بەدەل ئەرزىمدۇ؟

-ئەرزىسە، ئەرزىمىسە كارايىتى چاغلىق، دادا،- دېدى ئايچېھرە خېنىممۇ مىيىقىدا سوغۇق كۈلۈپ،- بايا دېدىمغۇ، ئەگەر ئاجرىشىپ كېتىپ قالسام ھەرگىز سىلىنىڭ يانلىرىغا كەلمەي ئانامنىڭ يېنىغا كېتىمەن، مەن سىلىگە ئېغىر چۈشۈپ قالغۇدەك بولسام ئانام مېنى ئېغىرى چۈشتى دېمەي باقىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئانام باقمىغان تەقدىردىمۇ مەدىكارچىلىق قىلىپ بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك جېنىمنى بېقىپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ.

-نېمە دېگىنىڭىز بۇ قىزىم؟ نېمىشقا ئۇنداق ئويلايدىغانسىز؟ مەن ھېچقاچان سىزنى ماڭا ئېغىرى چۈشۈپ قالدى دەپ ئويلىمايمەن، مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭىز ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت ئەمەسمۇ ئەجەبا؟- دېدى سەيدۇللا بايمۇ ئاچچىقى كېلىپ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتكىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئاۋازىنى سىلىق چىقىرىشقا تىرىشىپ.

-ئەمىسە سىلىنىڭ نېمە دېگەنلىرى ئۇ؟ «بۇ ئەردىن ئاجرىشىپ كەتسەڭ سېنى ھېچكىم ئالمايدۇ، مەڭگۈ مۇشۇنداق بويتاق ئۆتۈپ كېتەمسەن؟» دېگەن گەپ «مەن سېنى مەڭگۈ باقامدىم؟» دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟ سىلى شۇنداق دېگەن يەردە مەن بۇنداق ئويلىسام نېمە بوپتۇ؟ گەپنىڭ مۆرىتى كېلىپ قالدى، يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، نۇركامىل بايۋەتچىگە مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن تەگمىگەن، ئەسلىدە دانىيار ئاكامغا ياتلىق بولغۇم بار ئىدى، لېكىن سىلى دانىيار ئاكامغا ئامراق قىزلىرى ئايسەنەمنى بەرمىسىلە ئۇنىمايدىكەنلا، ئۇنى دەپ مېنىڭ بەختىمنى كۆككە سورىۋېتىشنى خالىدىلا، سىلى دانىيار ئاكام بىلەن ئايسەنەمنىڭ چېيىنى ئىچۈرۈپ بېشىنى باغلاپ قويغاندىن كېيىن مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتۈشكە ئىلاجىم بولمىدى. كۆڭلۈم چۈشكەن ئادەم باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىدىغانغا دېيىشىپ تۇرغان يەردە، مېنىڭ يەنە باشقا بىرلىرىدىن بەخت كۈتۈشكە ئىلاجىم بولسۇنمۇ؟ ئۆزلىرى تېگىڭ دېگەندىكىن دەپ شۇ بالىغا تەگدىم، ئەمەلىيەتتە نۇركامىلغا قىلچە كۆڭلۈم يوق مېنىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغۇممۇ كەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسەممۇ ئېرىمدىن ئاجرىشىپ كەتكەندەك ئەمەس، بىر بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ خوش بولىمەن تېخى. گەپنىڭ ھەممىسىنى بۈگۈن ئالدىلىرىدا ئوچۇق ئېيتتىم، ئەمدى ئەيىبلەمدىلا، ئاچچىقلامدىلا، ئۇرامدىلا، خالىغانلىرىچە بولسۇن. ئىشقىلىپ بۈگۈن مۇشۇ ئىشىكتىن چىقىپلا كېتىۋالسام ئۆزلىرى چاقىرمىغۇچە بۇ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپمۇ سالمايمەن...

سەيدۇللا باي بۇ قىزىنىڭ مۇنداق گەپلەرنى دەپ قوشقۇنغا ئولتۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ھەرقانچە بولسىمۇ بىر دادىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنچىۋالا قاتتىق گەپلەرنى قىلىش مېھرىيار خېنىمنىڭ بالىلىرىدىن بىرسىنىڭ قولىدىن كەلمىسە، باشقا ئادەم خالىغاندا قىلالايدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. قىزىنىڭ كۆپىنچە گەپلىرىدىن ئېغىر ھاقارەت ھېس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولغان سەيدۇللا باي ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. ھەتتا «قېرىغىنىمدا مېنى باقىدۇ، يېنىمدا تۇرۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ، مۇشۇ ئۆينىڭ ئىقتىسادىغا مەن بىلەن تەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېگەن ئۈمىدلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىلا تۇنجۇقتى. بۇ تۇرقىدا يەنە ئۇنىڭغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقۇرۇپ يۈرۈشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى- دە، «نېمە بولسا بولسۇن» دېگەن مەقسەتتە گەپ قىلماي جىمىپ كەتتى.

ئۇلارنىڭ پارىڭى شۇ يەردە توختىغاندىن كېيىن، ئىشىك تۈۋىدە خېلىدىن بېرى تامغا چاپلىشىپ گەپ تىڭشاپ تۇرغان بىر گەۋدە شىپىررىدە مېڭىپ ئاستا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يېرىدىن ئايرىلدى. پەتنۇستا چاي ۋە تاتلىق- تۈرۈم كۆتۈرۈپ سەيدۇللا باينىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان گۈلساھىپخانمۇ ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، لوڭ- لوڭ دەسسەپ ماڭغىنىچە دەرۋازىغا قاراپ كېتىۋاتقان نۇركامىل بايۋەتچىنى كۆرۈپ ئىزىدا چىپپىدە توختىغىنىچە «ئاپلا! ئۆي ئىچىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ- دە! كۈيئوغۇلغا ئالاقىدار بىرەر يامان گەپ چىقىپ قالمىغان بولغىيتتى- ھە؟» دېگەن بىر خىيال بىلەن لېۋىنى چىشلەپ قالدى.


(169)


شۇ كۈنى ئايچېھرە خېنىم ئېرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغاندا ئۆيدە نۇركامىل بايۋەتچە يوق بولۇپ چىقتى. شۇ كۈنى يوق بولسىغۇ مەيلى ئىدى. كەچتە كېلەر دەپ ساقلىغىنىغا چۇشلۇق كەچتىمۇ، ئەتىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەتىسىمۇ كەلمەي، ساق ئون كۈنگىچە ئۆيگە پەقەتلا پەيدا بولمىدى. بۇ ئىشتىن ئەجەبلەنگەن ئايچېھرە خېنىم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن سوراپمۇ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى. ئۇنىڭ سوراۋاتقانلىرى بىرياقتا قىلىپ، پۈتۈن ئۆيدىكىلەرمۇ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئىشى بىلەن ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ بىسەرەمجان بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئىشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئايچېھرە خېنىم ئاخىرى دادىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئون كۈننىڭ ئالدىدا دېيىشكەن گەپلىرى ھەققىدە نۇركامىل بايۋەتچە بىلەن سۆزلەشكەن، سۆزلەشمىگەنلىكىنى سورىدى. سەيدۇللا باي تېخى قىزىنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرمەستە، ئۇلارغا چاي قۇيىۋاتقان گۈلساھىپخان ئون كۈننىڭ ئالدىدا دادا- بالا ئىككەيلەن ئۆي ئىچىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىردەم گەپ تىڭشاپ تۇرغاندىن كېيىن، كەينىگە يانغان پېتى دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ھېچكىمگە گەپمۇ قىلمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايچېھرە خېنىممۇ، سەيدۇللا بايمۇ ئارىدا نېمە ئىش بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردى ۋە كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ھەر ئىككىلىسى بېشىنى تۆۋەن سالدى.

شۇ ئىش بولۇپ ئىككى ئاي ئۆتكەندە نۇركامىل بايۋەتچىدىن خەت كەلدى. بۇ خەت ئۇنىڭ دادىسىغا قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، خېتىدە ئۇ ئايچېھرە خېنىمنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيدىن نېمە ئالسا شۇنى بېرىپ، ھەممە نەرسىلىرىنى مەپىگە بېسىپ ئۇنى دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش، ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ قويۇشىنى تاپىلىغان ئىدى. قالغان ئىشلارنى ئۆزى قايتىپ كەلگەندە بېجىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، زادى قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچە ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

باشتا «ئاجرىشىپ كەتسەم بولىدۇ، سىلىنىڭ يانلىرىغا كەلمىسەم ئانامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دەپ دادىسىغا ئوڭچە قوقاق سالغان ئايچېھرە خېنىم، ئېرىنىڭ ئاجرىشىش ھەققىدىكى خېتىنى كۆرگەندە بېشىغا تاغ يىقىلغاندەك غەم ئاستىدا قالدى ۋە بەكلا ئىچى پۇشتى. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە تەگلەپ ئويلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ ئېرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ھازىر دانىيار بايۋەتچىنى ئەمەس، نۇركامىل بايۋەتچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى. لېكىن نۇركامىل بايۋەتچە دادىسىغا يازغان خېتىدە «يالغانچى خوتۇندىن ۋاپا كەلمەيدۇ، ئايچېھرە خېنىم باشتىن باشلاپ ھېچقانداق ئىشتا ماڭا راست گەپ قىلىپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدىن ۋاپا كېلەرمىكىن دېگەننى ئۈمىد قىلالمايمەن، شۇڭا ھەممە ئىش ئۇنىڭ خالىغىنىچە بولسۇن، ئاجراشقۇسى بولسا ئاجرىشىپ كېتەيلى» دەپ يازغان ئىدى. ئېرىنىڭ ئۆيىگە كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا كۆڭلى يېرىم تۇرغان ئايچېھرە خېنىمغا مانا بۇ گەپ تېخىمۇ بەك زەربە بولدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەس- ھوشىنى بىلەلمەي بىر يىقىلغانچە خېلى ئۇزۇنغىچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. قېيىنئاتىسىمۇ ئۇنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرغۇزۇپ دادىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالماي، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بىرلا ياخشى يېرى، ئايچېھرە خېنىم مىجەزى يوق بولۇپ يېتىپ قالغان بۇ كۈنلەردە تېۋىپ ئۇنى تەكشۈرۈپ، ھامىلدار بولغىنىغا ئىككى ئاي بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەردىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر خۇشاللىققا چۆمگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئاجرىشىش ھەققىدىكى قەتئىي تەلىپىگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، مۇشۇ سەۋەبتىن كۆڭۈللەر پاراكەندە ئىدى. (102-باب تۈگىدى)

 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章