سىڭلىم يولدۇشۇمنى ئازدۇرۇپتۇ؟ ئاياللارھېيلسى125-قسم

文摘   2025-01-20 21:22   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



يۇقاردا تەۋسىيە قىلىنغان بەللىك ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ قوشۇۋېلىڭ،ياكى بۇ نومۇرغا تىلفون ئۇرۇڭ15022934483

 

  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم



--گۇلنىسا خانىم،سىزنىڭ ھازىرقى ئازابىڭىزنى چۈشىنىمىز، ھېچقانداق بىر ئانا، ئۆز ئوغلىنىڭ يەنە بىر پەرزەنتى تەرىپىدىن كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك رىئاللىقنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ۋە قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ؟ بەلكىم بەكلا ئازابلانغانلىقىڭىز تۈپەيلىدىن رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايۋاتقانسىز؟ ۋە بەلكىم جىنايەتچىمۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولغاچقا، ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن ئۇنى پاش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانسىز؟ بىراق سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز ئىدى، ئەگەر سىز ئۆز ئوغلىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىلنى قانات ئاستىڭىزغا ئالماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭدىن كىيىن زادى قانداق ئاقىۋەتلەر يۈز بىرەر؟ۋۇجۇدىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدكىلەرگىمۇ قىلچىلىك مېھرى- مۇھەببەت ھەم كۆيۈنۈش دىگەنلەرنى تاپقىنى بولمايدىغان بۇ نۇمۇسسىز ئوغلىڭىز جەمىيەتكە يەنە قانداق ئاپەتلەرنى ئەكىلىپ، قايسى جىنايەتلەرنى سادىر قىلار؟ سىزگە راس گەپنى ئېيتاي، ئوغلىڭىز ھازىرغىچە ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكىنى ئۈچۈن قىلچىلىك پۇشايمان قىلغىنى يوق،ھەتتا ئۇ بارلىق جىنايەتلەرنى سىزگە ئىتتىرىپ،ئەقلىدىن ئادىشىپ قېلىپ، ئاكام ئىككىمىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى دەۋاتىدۇ -

- ئۇ راس شۇنداق دىدىما؟ -نەچچە كۈندىن بۇيان ئەھۋالى تۇراقسىزلىشىپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرۈشنى خالىمىغان گۇلنىسا، ئىرشاتنىڭ جىنايىتىنى ئۆزىگە ئىتتىرىپ قويماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاخىرى ئېشىز ئاچتى.

-سىزنى ئالداپ نىمە قىلىمەن؟ دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راس، ئۇ راستىنلا بەك ھىيلىگەر ھەم شەخسىيەتچىكەن، نەق مەيداندا ئۆلگۈچىدىن باشقا پەقەت ئىككىڭلارنىڭ ئاياق ۋە بارماق ئىزلىرىڭلار بار، ھەر ئىككىلىڭلار ئۆلگۈچى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان،ئەمما بىز بىلىمىز، سىز بىر ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەرقانچە بىنورمال بولسىڭىزمۇ ئۆز ئوغلىڭىزنى ئۆلتۈرىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس،تەقلىدىي  نەق مەيدان ۋە نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن بارلىق پاكىتلار ئىرشاتنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پىچاقنىڭ ئۇرۇلۇش كۈچى ھەم تەلۋىلىك  جەھەتتىن قارىغاندىمۇ،  سىزدەك بىر ياشانغان ئايالنىڭ ھەرقانچە ئەقلىڭىز بىنورماللاشقان ھالدىمۇ بۇنداق قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، ئېنىقكى بۇ قاتىللىقنى يەنە بىر ئوغلىڭىز ئىرشات ئۆتكۈزگەن، ھېسابتا بىز بۇ دىلونى ئاللىبۇرۇن ئېنىقلاپ بولدۇق دىسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما قاتىل پاكىتنى قەستەن بۇرمىلاپ، ئىتىراپ قىلماي تۇرىۋېلىپ، ئىقرار قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغىنى سىزنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىڭىز، گەرچە قاتىل سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسىمۇ، ئۆلگۈچى نۇقتىسىدىن ھەم قاتىلنىڭ بالدۇرراق قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىپ، جەمىيەتكە ئىبرەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئويلۇشۇپ، بىزگە ماسلىشىپ، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ -ساقچى يولداشنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، گۇلنىسا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن ھالىتى نېرى كەتمەيتتى ، قۇلاق تۈۋىدە بولسا، ئىرشاتنىڭ -سەن ئانا بولۇپ بىزگە نىمىش قىلىپ بەردىڭ! سەندەك ئانامنىڭ  بولغىنىدىن نۇمۇس قىلىمەن دىگەن سۆزلىرى ياڭرايتتى.

-مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشىۋالسام بولامدۇ؟ - دىدى گۇلنىسا، بىر ھازا شۇنداق ئېچىنىشلىق يىغلىغاندىن كىيىن، تەستە ئۆزىنى يىغىدىن توختىتىۋالغاندىن كىيىن.

-سىز بەرداشلىق بىرەلەيمەن دىسىڭىزلا، بىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ -

- بەرداشلىق بىرەلەيمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىۋالغاندىن كىيىن، سىلەرگە  ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىمەن، ماڭا ئىشەنگىنىڭلار ھەم كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت، -

- ئۇنداق بولسا، مەن قايتىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بىجرىپ، كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇراي -ساقچى يولداش شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

گۇلنىسانىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق نەق مەيدان،كۆزلىرىگە قان تولغان ئېرىشاتنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئەپتى قايتىدىن ئايان بولدى! ئوڭ قولنى كەسسىمۇ قان چىقىدۇ؟ سول قولنى كەسسىمۇ قان چىقىدۇ،گۇلنىسا ئاللىقاچان ئىككى يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قالدى،دۇنيالىقتا ئەمدى ئۇنىڭ ئىرشاتتىن ئىبارەت مۇشۇ بىرلا ياۋۇز پەرزەنتى قالدى، مەيلى قانچىلىك ئەسكى ياۋۇز بولۇشىدىن قەتئىىينەزەر ئۇمۇ ئوخشاشلا گۇلنىسانىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسى، ئۇنىڭ قانداقمۇ ئۆز -يۈرەك پارىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈسى كەلسۇن؟ قانداق بىر ئانا،ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئۆزى ئەسكى دەپ ئىتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟،شۇ خىياللاردىن كىيىن،گۇلنىسانىڭ كۆز ئالدىدا ئىرشات تۇغۇلغان،ئۆسۈپ يىتىلگەن ئاشۇ جەريانلار بىر -بىرلەپ ئايان بولۇشقا باشلىدى، توغرا، ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا ئەسكى شەخسىيەتچى  بولۇپ تۇغۇلمايدۇ،ئىرشاتمۇ ئەمدىلا تۇغۇلغان چېغىدا،ئىنتايىن ئوماق ھەم سەبىي بىر بوۋاق ئىدى،بالىلىق چاغلىرىدا گۇلنىسانىڭ ئىزىلگەنلىرىگە قاراپ،ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلاتتى، تۇرغۇن مۇدىر تەرىپىدىن خورلۇنىۋاتقان چاغلىرىدا ھەتتا ئۆز بەدىنى بىلەن ئۇنى قوغدىماقچى بولاتتى، شۇ قېتىم گۇلنىسا تۇرغۇن مۇدىر تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان چېغىدا،ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغان ئىرشاتقا كۆزى چۈشۈپ قالدى،ئۇ نۇمۇس ۋە خورلۇقنىڭ كۈچىدىن،ئۆزىگە ياۋۇزلارچە ئېتىلىپ تۇرغان تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىپ باقتى،ئەمما ئۇ تىركەشكەنچە تېخىمۇ جاھىللىىشىدىغان ۋە كۈچكە تولىدىغان تۇرغۇنغا كۈچى يەتمەي، بىر ئامالسىزلىق ئىچىدە،ئىرشاتقا يەنە بىر قېتىم قاراشقا پېتىنالماي بېشىنى يەنە بىر تەرەپكە بۇرۇپ تۇرىۋالدى.ئۇ تۇرغۇننىڭ ياۋۇزلۇقىدىن قۇتۇلۇپ،يەنە بىر قېتىم ئىشىك تەرەپكە قارىغاندا ئىرىشاتنىڭ قايتا كۆرۈنمىدى .

- ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بولمامدۇ؟- گۇلنىسا ھالسىز تەنلىرىنى سۆرەپ،ئىرىشاتنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن،ئۇ پەقەت مۇشۇ بىرلا ئېغىز گەپنى قىلدى.

- ئامالسىزمەن ئوغلۇم!سىلەرنى ئويلىمىسام بولمايدۇ،ئۈچۈڭلار ئۈچۈن چىدىمىسام بولمايدۇ،مىنى كەچۈرگىن،ئەمدى بۇنداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ-خاتالىقنى تۇرغۇن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ،گۇلنىسا ئىرشاتتىن كەچۈرۈم سورىدى، ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن،ئىرشات جىمغۇرلۇشۇپ،بۇرۇنقىدەك گۇلنىسادىن تولا سوئال سورىمايدىغان،ھەرقانچە ئېغىر خورلۇنۇپ، ئۆلگۈدەك تاياق يەپ، قىيا- چىيا قىلسىمۇ، ئۇنى تۇرغۇن مۇدىرنىڭ زوراۋانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىركەشمايدىغان، ھېچچىش بولمىغاندەك كىتاب ئوقۇپ،تىلۋوزور كۆرۈپ،ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ ئولتۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى،شۇنىڭدىن باشلاپ گۇلنىسانىڭ ئۆزىمۇ قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغان،خۇددى ماشىنا  ئادەمدەك بۇ ئائىلىدە يۈز بىرىۋاتقان ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماي،ئۈگۈنۈش ۋە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغان بىر پەرزەنت كۆپەيدى، ئەجەبا،ئىرشاتنىڭ بۈگۈنكىدەك ياۋۇز ھەم بەتبەشرە بولۇپ كىتىشىنىڭ، ئەينى ۋاقىتتىكى گۇلنىسانىڭ خورلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟

ئەجەبا گۇلنىسا ئۇنىڭ سوئالىغا خاتا جاۋاب بىرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ بۈگۈنكىدەك قەبىھلىشىپ كەتتىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇمۇ گۇلنىسانىڭ باللىرىم ئۈچۈن دەپ،ياۋۇز ئەرنىڭ زۇلۇملىرىغا ئۈن-تۈنسىز چىدىغانلىقىنىڭ ئچېىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىدىن بىرىمۇ؟- گۇلنىسا تۇرۇپلا ئۆزىنى ئەيىبكار دەپ ھېس قىلىپ قالدى،راخماننىڭ،ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىدە ھەتتاكى ئىرىشاتنىڭ قېرىندىشىنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا،ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكار دەپ ھېسابلىدى،ۋۇجۇدىنى ئىرشاتقا بولغان ئانىلىق مېھرى-مۇھەببەت قاپلاپ، ئۇنىڭغا قايتا ياشاش پۇرسىتى بەرگۈسى ھەتتا ئۇنىڭ جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ،ئۇنى ئاقلاپ چىققۇسى كەلدى، شۇنداق بولغاندا، بىچارە ھەم ئاجىز گۇلنىسامۇ پات ئارىدا يوقۇلىدۇ، تۇرغۇن مۇدىر بىر تىنىق ئارىسىدا قالدى،ھايات قالسىمۇ ھامان قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ، ئەسلىمىسى ۋە ئائىلىسىگە دائىر ھېچقانداق بىر مەۋجۇتلۇق قالمىغان بۇ يېڭى دۇنيا،ئىرشاتنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتلىرىنى ئۇنتۇپ،ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىشى ئۈچۈن،يېڭي بىر پۇرسەت ئەمەسمۇ؟بەلكىم ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ھاياتنىڭ ھەقىقى قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ،يېڭىدىن ياشاشقا ئىرادە باغلاپ قالار،تۇرغۇن،گۇلنىسا ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ،مېھرى- مۇھەببەتلىك ۋە گۈزەل بىر ھاياتنىڭ ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن نىشان تىكلەپمۇ قالار!،،ئاھ! ساددىلىقنى ھەق-دادىغا يەتكۈزىۋەتكەن ئەقىلسىز گۇلنىسا، ئاھ! جىمى ئادەمگە قۇتقازغۇچى بولىمەن دەپ،ئۆزىنى  چەكسىز تەشۋىش دۇنياسىغا پالاپ، تەپەككۇر مۇستەقىللىقىدىن مۇستەسنا،قارىغۇدەك قەلبى كور ياشاۋاتقان بەخىتسىز ھەم ئامالسىز گۇلنىسا!

-بۈگۈنكى ۋىدىيونى قاچان تارتىمىز قابىل؟- شەمسىيەدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەنچە خانقىزنىڭ تېخىمۇ ئىچى پۇشۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

- يەنە ۋىدىيو تارتامدۇق؟

- تارتماي نىمە قىلاتتىڭ ئەمىسە؟ سەن بىر ۋىدىيو تارتىپ شەمسىيە دىگەن بۇزۇقنىڭ مويىنى تەۋرىتەلىگەندەك يەنە تارتامدۇق دەپ كىتىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي-

- سەن پەقەت بىرلا قېتىم دوۋيىنغا چىقىپ،مەن دىگەندەك قىلساڭ سەن بىلەن كىتىمەن،دىگەن،شەمسىيەنىڭ مويىنىڭ تەۋرەش تەۋرىمەسلىكى بىلەن نىمە ئالاقىسى؟ ئۆزۈڭ مەخپىي چىقىسەن،ھېچكىم سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدۇ، دىگەن،ھېلىمۇ بولدى قىلماي بەش ئالتە ۋىدىيو يوللاپ بولدۇق، بارغانسېرى ھەددىڭدىن ئېشىپ كىتىۋاتىسەن، ناۋادا شەمسىيە بىلەن ھېلىقى رىشىت دىگەن ئادەم بىزگە جاۋاب قايتۇرماي بېرىپلا ئەرز قىلىپ قالسا، توقۇناق بالاغا قالمامدىم مەن؟ ئۇنداق قىلما خانقىز،ماڭىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن، سىنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا،ھېلىمۇ نىمە دىسەڭ شۇنى قىلىپ،ئادەم قىلمايدىغان قىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن قىلىپ بولدۇم،چىرايلىق يۇرتقا قايتىپ،باللىرىمىزنى باقساق بولمامدۇ؟شەمسىيە ساڭا نىمە يامانلىق قىلدى؟نىمىشقا ئۇنىڭغا بۇنچە كىرىشىۋالىسەن، ئۇ دىرىكتور بولسا نىمە بوپتۇ؟بايغا تەگسە نىمە بوپتۇ؟سەن ئۇنىڭغا كىرىشىۋېلىپ زادى نىمىگە ئىرىشتىڭ؟ ئۇنى دىرىكتورلۇقتىن چۈشۈرىۋەتسەڭ سىنى ئاپىرىپ باش دىرىكتور قىلىپ قويامتى؟ياكى ھېلىقى باي ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىپ،سىنى خوتۇنلۇققا ئالامتى؟مۇھەببىتىمىزنى ئويلا،ئائىلىمىزنى ئويلا، باللىرىمىزنى ئويلا،ئاددىي ياشىساق نىمە بوپتۇ؟ بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىشىپ،تىنىچ،خاتىرجەم ياشىساقلا بولمىدىمۇ؟-

- ئۇ سىنىڭ خىيالىڭ قابىل،پۇلۇڭ بولمىسا، نامىراتچىلىق ھەم غۇربەتچىلىك ئىچىدە، ئەتىنىڭ غىمىنى قىلىپ ياشايدىغان ھاياتتا قانداقمۇ خاتىرجەم ھەم تىنىچ ياشىغىنى بولسۇن؟ ۋىدىيو چىقارغۇڭ بولمىسا مەيلى،ئەمما مىنى سەن بىلەن بىللە كەتسۇن دىسەڭ، شەمسىيەگە تىلفون ئۇرۇپ تەھدىت سېلىپ،ئۇنىڭدىن ھەققىڭنى تەلەپ قىلىسەن؟

- نىمىلەرنى دەيدىغانسەن خانقىز،مەن ئۇنىڭدىن قايسى ھەققىمنى تەلەپ قىلىمەن؟  مەن يا ئۇنىڭغا بىر موچەن پۇل تېپىشىپ بەرمىسەم، ساڭا دىدىمغۇ، ئۇ مىنى پالان پۇللۇق داۋالىتىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلىدى دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئولتۇرىۋاتقان ئۆيمىزمۇ ئۇنىڭ تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ھەققىمنى بەر دەپ بارسام،پولاتتەك پاكىتنى چىقىرىپ كۆزۈمگە تىقىۋىتىپ، مانا پۇل دىگەن دەپ، ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتسە قانداق قىلىمەن؟ -

- نىمانچە نادانسەن قابىل، كاللاڭ پەقەت ئىشلىمەمدۇ سىنىڭ؟ ئەجەبا سىنىڭ راس گەپ قىلىدىغان ۋەزىپەڭ بارمىدى؟يالغاننى مىڭ قېتىم دىسە راستقا ئايلىنىدۇ دىگەن گەپنى بىلمەمسەن ئەجەبا؟ ساڭا دىسەم كىشىلەر سىنىڭ گىپىڭنىڭ راس يالغانلىقىنى سىنىڭ پوزىتسىيەرىڭگە قاراپ بىكىتىدۇ،سەن  يالغان ياۋىداقنى، يالغان گەپ قىلىۋاتىمەن دەپ ئەمەس، مىنىڭ گىپىم راس دەپ چىڭ تۇرۇپ قىلالىساڭ، ھامان سىنىڭ گىپىڭ راس بولىدۇ،  ھەممىسى راس بولمىغان ھالدىمۇ،  يېرىمى بولسىمۇ راس بولىدۇ،شۇنچە ئۇزۇن مەن بىلەن بىللە ياشىغان تۇرۇپ، نىمىشقا ساڭا مىنىڭ پوقۇمدىن بىر ئىلىممۇ يۇقۇپ قالمايدىغاندۇ دەيمەن؟، سىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدە ياشىغىنىڭ راس، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىڭ، ئاجراشقىنىڭمۇ راس، ھەتتا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرىۋالغىنىڭمۇ راس، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭگە تىگىشلىك ھەققىڭنى تەلەپ قىلساڭ نىمە بوپتۇ؟ -

- مەن شەمسىيەنى ئىزدەپ بېرىشتىن قورقىمەن، ئەمىسە ئۇنىڭغا تىلفون ئۇرۇپ باقاي-

- تىلفون ئۇرساڭمۇ مەيلى، ئەمما چوقۇم مەن ئۈگەتكەن بويىنچە دەيسەن -خانقىز قابىل دىگەن يىشىل بۆكنى قايىل قىلغاندىن كىيىن،  ئۇنىڭغا شەمسىيەگە تىلفون ئۇرۇپ، نىمىلەرنى دىيىشى كىرەكلىكىنى بىرمۇ بىر ئۈگىتىپ قويغاندىن كىيىن،بۇرنىغا سۇ كىرمەيدىغان ئىشەكچىلىك ئەقلى يوق قابىل،  بۇرۇنقى ئادىتى بويىنچە، -چوقۇم مەن بىلەن كىتىسەن – دىگەن شەرتىگە خانقىزدىن  ماقۇللۇق ئالغاندىن كىيىن، شەمسىيەگە تىلفون ئۇلىدى.

-نەچچە كۈندىن بۇيان دوۋيىننى قولىڭىزغا ئېچىپ قاراپ باقمىدىڭىزمۇ شەمسىيە؟ -

-نىمە؟ ماڭا جىنايىتىڭىزنى ئىقرار قىلغىنى تىلفون ئۇرغان ئوخشىمامسىز يۇمشاقباش ئەپەندىم؟ - خانقىزنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەكسىنچە شەمسىيە قىلچىلىك ھودۇققاندەك ياكى ھەيران قالغاندەك قىلمايتتى.

- قايسى جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىدىكەنمەن،  مەن يا جىنايەت ئۆتكۈزمىسەم؟ قارىغاندا سىزمۇ ئۇ فىلىملەرنى كۆرگەن ئوخشايسىز ھە!  جاھاندا شۇنداقمۇ ئوخشايدىغان ئىشلار بولىدىكەن ھە، ئۆزىڭىزنىڭ ئەپتى-بەشرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ، ئازىراقمۇ تەسىر قىلمىغان ئوخشايدۇ سىزگە، ئەمما، ماڭا تەسىر قىلدى، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن سىزگە بەك كۆپ يول قويۇۋەتكىنىمنى ۋە شۇ سەۋەبتىن بېشىمغا چىقىپ مىنىپ ئوينىغانلىقىڭىزنى چۈشەمدىم، ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن، ئاخماقلىقىمنى چۆرىۋىتىپ، ئادەمدەك، ئەركىشىدەك غورۇرۇم بىلەن ياشاشنى قارار قىلدىم؟ -

- ئاخىرى يىشىل قالپىقىڭىزنى چۆرىۋىتىپ، ئەركىشىدەك ياشاپ باقماقچى بوپسىزدە، خېلى ياخشى ئىش قىلاي دەپتىكەنسىز بوممىسا، ئەمما قانداق قىلامىز؟ خانقىز خانىم سىزنىڭ يىشىل قالپاقنى چۆرىۋىتىشىڭىزگە يول قويارمۇ؟ -

- تۈزۈك گەپ قىلىڭ شەمسىيە، كىم يىشىل قالپاقكەن- قابىل ئازراق تىرىككەندەك بولدى

- كىمنىڭ يىشىل قالپاق ئىكەنلىكى ئۆزىڭىزگە ئاياندۇ-شەمسىيە كۈلۈپ تاشلىدى.

- يىشىل قالپاق بولساممىچۇ،ماڭا بۇ قالپاقنى خانقىز ئەمەس سىز كىيگۈزگەن،بۈگۈن مەن سىز بىلەن گەپ تالاشقىنى ئەمەس،بەلكى سىزدىن ئېرىشىشكە تىگىشلىك ھەقلىرىمنى تەلەپ قىلىپ تىلفون قىلدىم،تولا گەپ ئەگىتمەي،مىنىڭ گىپىمنى دىگىنى قويۇڭ-

- ھەقلىرىم دەپ قويۇڭ؟خۇددى يامانلاپ ماڭغان خوتۇنكىشى ئىرىگە ئېيتقاندەكلا تولدۇرۇم ھەقلىرىم دەپ كەتتىڭىزغۇ قابىل- شەمسىيە يەنە كۈلۈپ تاشلىدى.

- نىمە خوتۇن كىشى بولسا ھەق تەلەپ قىلىپ، ئەركىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلسا بولمامدىكەن،سىزگە دەپ قوياي شەمسىيە،ھازىر دىگەن قانۇندا ئەر-ئاياللار باپمۇ-باراۋەر، ئىرىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىنىڭ مال-مۈلكىڭىزدە مىنىڭممۇ ھەققىم بار

- ئىرىڭىز دەپ قويۇڭ؟ئەجەبا ئاجرىشىپ كەتكىنىمىز يادىڭىزدا يوق ئوخشىمامدۇ؟ ئىسىمدە قېلىشىچە بىز ئاجرىشىپ كىتىشتىن ئاۋۋال،دىيىشىدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىنى دىيىشىپ،ئاندىن ئاجراشقانغۇ دەيمەن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇندىمۇ، مىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى ھەم كىيىنكى مال مۈلكۈمدە سىزنىڭ ھېچقانداق ھەققى ھوقۇقىڭىز بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز؟  ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز مىنىڭ ئۆيۈمگە مېيىپ-مەجرۇھ ھالىتىڭىزدە،ئىككى قولىڭىزنى بۇرنىڭىزغا تىقىپ كىرگەنغۇ دەيمەن

-ئەجەبا مەن كىمنى دەپ،مېيىپ-مەجرۇھ بولۇپ قالغان؟مىنى مېيىپ،مەجرۇھ قىلىپ قويغىنى زادى كىم؟دەل سىز ئەمەسمۇ؟ خىجىل بولماي يەنە مىنى مېيىپ-مەجرۇھ دەپ ئېغىزغا ئېلىۋاتىسىـزغۇ؟

- مىنى دەپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىڭىز، مەن سۈيۈملۈك خوتۇنىڭىز خانقىز خانىمنىڭ قاتىللىق جىنايىتىنى يوشۇرىشىڭىزغا ياردەملىشىپ، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولغان بولغىيدىم؟ياكى بولمىسا،بۇ ئىشلارنى قايتىدىن دىيىشىپ،مەن سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزغا تەلەپ قىلغىنىڭىزغا لايىق ھەق بەرسەم،سۈيۈملۈك خوتۇنىڭىزنى جىنايىتىگە لايىق جازاغا تارتقۇزۇپ باقامدۇق؟

- تولا يالغان سۆزلىمەڭ، مەن گەپتە سىزگە تەڭ كىلەلمەيمەن شەمسىيە،بۈگۈن سىزنىڭ قۇرۇق گىپىڭىزنى ئاڭلىغىنى ئەمەس، ھەققىمنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن سىزگە تىلفون ئۇردۇم،مىنى سۆزلىگىنى قويۇڭ، مىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ،ماكانىم گورۇھىنىڭ بايۋەتچىسى بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالاشقىنىڭىزنى كىم بىلمەيدۇ،مەن گەپنى ئوچۇقلا قىلاي، ماڭا ھاقارەت قىلىپ،غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلغىنىڭىز ھەم، سىزنى دەپ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا 3مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەيسىز،ياكى بولمىسا،سىزنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىڭىزنى ئاشكارلىۋىتىمەن،ئۇ چاغدا، باش دىرىكتورلىقىڭىزدىنمۇ، نام-ئابروي، ئىناۋەتلىرىڭىزدىنمۇ بىراقلا ئايرىلىپ،قاق سەنەم بولۇپ قالىسىز،سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بىرىمەن،ئىككىسىدىن بىرنى تاللاڭ،-

- سۆزىڭىز تۈگىدىمۇ قابىل ئىسىملىك يۇمشاقباش ئەپەندىم،- شەمسىيە ئېغىر-بېسىقلىقىنى يوقاتمىغان ئىدى – دىسەم،دىمىسەم،خانقىز خانىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ماڭا تىلفون قىلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن، ھېلىقى ۋىدىيۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىر قوللۇق سىنارىيە يېزىپ،رىژسورلۇق قىلىپ تارتقانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن، قارىغاندا ھىيلە- مىكىرگە ئۇستا خانقىز خانىم  مىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغۇنۇمنى مەندىن قورقۇۋاتىدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايدۇ؟ رەنجىمەي ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ يۇمشاقباش ئەپەندىم، مەن ئۇنىڭدىن قورقمىدۇم ھەم ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىغان، مەنمۇ  سىلەرگە ئوخشاش تورغا چىقىپ، ئەپتى-بەشرەڭلارنى ئېچىپ، باشقىلارغا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئوبدان بىلىمەن،بىراق،مىنىڭ ئەخلاقىم،ئادىمىيلىكىم ھەم ئائىلە تەربىيەرىم بۇنىڭغا يول قويمايدۇ خالاس،شۇڭا سىلەردەك پەسكەشلەر بىلەم تەڭ بولغۇچە،ئابروي- ئىناۋىتىمنى ساقلاي دەپ جىم تۇرىۋاتىمەن، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان خانقىز خانىمنىڭ ئائىلە تەربىيەسى تايىنلىق،چاكىنا ھەم تېتىقسىز بولغاچقىلا كۆڭلىدە ئاشۇنداق پەسكەش ھىيلە- مىكىرلىرى بىلەن مىنى مەغلۇپ قىلالايمەن دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ،ئەمما ئۇنىڭ بۇ پەسكەش ھىيلە-مىكىرلىرى مىنىڭ مويۇمنىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ، ئەكسىنچە ئاقىۋەت ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىپ بېرىپ،پۈتۈن خەلقئالەمنىڭ ئالدىدا ئەپتى -بەشرىسىنى ئېچىپ،ئۆز -ئۆزىنى شەرمەندە قىلىدۇ خالاس! بوپتۇ خانقىز خانىم قولىدىن كەلگەن نۇمۇسسىزلىقىنى قىلىپ باقسۇن، ۋاقىت  تېخى ئۇزۇن،ئۇ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدىكەنكىن قېنى، كۆرەرمىز – شەمسىيە سۆزىنى تۈگىتىپلا تىلفوننى قويۇۋەتتى.
- شەمسىيەك،ھەي شەمسىيەك،شەمسىيەك – ئاۋاز سىرتىغا چىقرىۋىتىلگەن تىلفوندىن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغان خانقىز قويۇۋىتىلگەن تىلفوننى قابىلنىڭ قولىدىن ئېلىپ،سەت چىرقىراپ كەتتى.

- نىمىشقا كەلدىڭ؟- ئىرشات ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەندە،بىرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،ئاتالمىش قولىدىن جىمى ئىش كىلىدىغان كۈيۈملۈك دادىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتقازغىنى كەلگەنلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، تەنتەنىگە چۈمۈلگەن ئىرشات، كۆرۈشكىنى كەلگەن ئادەمنىڭ گۇلنىسا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، باياتىنقى ھاياجانلىرىنىڭ ئورنىنى سوغاق بىر ئۈمىدسىزلىك ئىگەللەپ، كۈن كۆرمىگەن ئاپتاپپەرەستەك سولۇشۇپلا قالدى.ئۇنىڭچە بولغاندا،گۇلنىسا ئۇنىڭدىن ئىبراھىمنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنىڭ ھېسابىنى ئالغىنى كەلگەن ئىدى.

- نىمە؟مەن سىنىڭ ئاناڭ تۇرسام،يوقلاپ كەلسەم بولمامدىكەن؟- گۇلنىسا ئۇنىڭدا پۇشايمان ئويغاتماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى،شۇڭا ئۇ پۈتۈن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ھەسرەت-نادامەتلىرىنى قەلبىگە مەھكەم كۆمۈۋىتىپ،مۇلايىملىق بىلەن مۇڭلاندى.-سىنىڭ قولۇڭدىن نىمىش كىلەتتى؟كەلسەڭمۇ ماڭا نىمىش قىلىپ بىرەلەيتتىڭ؟جىنايىتىڭنى تونۇپ،بوينۇڭغا ئېلىپ،مىنى  ئاقلاپ چىقالامتىڭ؟- ئىرشات قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، تۆت تەرىپىگە قارىغاچ، گۇلنىسادىن قىلچىلىك تەپ تارتماستىن، ساقچىلارغا ئېيتقان يالغان سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى.

- قۇتۇلدۇرۇپ چىقسام،نىمە قىلماقچىسەن؟ قانداق ياشىماقچىسەن؟- گۇلنىسا ئېرىشاتتىن بىر ئۈمىدنى ئىزدەۋاتاتتى.

- يىشىل شەھەر گورۇھىنى قولۇمغا ئېلىپ، دادامنىڭ ئىزباسارى بولىمەن، ئۇنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ،ئائىلىمىزنىڭ شان-شەرىپىنى نامايەن قىلىمەن؟ -ئېرشات شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق گۇلنىسانى تەسىرلەندۈرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.

-داداڭنىڭ ئىزباسارى بولامسەن؟-گۇلنىسانىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغۇننىڭ قانخور،ياۋۇز ۋە بەدبەشرە ھالىتى پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ تەنلىرى شۈركىنىپ،ئاچچىق ھاياجانلاندى – ئەجەبا،قېرىندىشىڭنىڭ بېشىغا چىققىنىڭ يەتمىدىمۇ؟يەنە ئاشۇ قانخورنى دورىماقچىمۇ سەن؟ئەجەبا ئازىراقمۇ پۇشايمان قىلمىدىڭمۇ؟ -ئادەمنى سەن ئۆلتۈرسەڭ،مەن نىمە دەپ پۇشايمان قىلغۇدەكمەن؟ئەجەبا خىيالىي سىزىم  كىسىلىڭ يەنە قوزغىلىپ قېلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟- ئىرىشات تېخىمۇ جاھىللىشىۋالغاندەك قىلاتتى.

- مىنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ ئىرشات – تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن چەكسىز ئۈمىدسىزلىكنىڭ دەھشەتلىك قەھرىتاننىڭ بۆسۈپ كىرىشى بىلەن، گۇلنىسانىڭ ۋۇجۇدۇدىكى تولىمۇ تەستە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان قەيسەرلىك ئاخىرلاشتى،ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاۋازى تىتىراپ،نەچچە كۈندىن بۇيان يىغا توختاپ باقمىغان كۆزلىرىدىن ئاچچىق ياشلار قويۇلۇشقا باشلىدى.

- سىنى  ئۈمىدلەندۈرىشىمنىڭ نىمە ھاجىتى،  سەندە ئەزەلدىن ئۈمىد دەيدىغان تۇيغۇ بولۇپ باققانمۇ؟ قەلبىڭدىكى ئۈمىدنىڭ قاچانلاردا ئوجۇقۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭغۇ دەيمەن؟ سەندەك قولىدىن ھېچچىش كەلمەيدىغان، ئاجىز بىر ئايالنىك ئېغىزىدىن ئۈمىد دىگەن سۆزنى ئاڭلىسا تولىمۇ بىمەنە ھەم كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن - ئېرشات قاقاھلاپ كۈلدى.

- نىمىشقا؟ زادى نىمىشقا بۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كىتىسەن؟ ئاكاڭ ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان، مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان،ساڭا ھېچچىش قىلىپ بىرەلمىگەن بولساقمۇ،ئەمما  بىز يەنىلا سىنىڭ قېرىنداشلىرىڭغۇ؟-

-، قېرىنداشلىرىڭ؟ ھا، ھا ھا، ئۇنداق ئەسقاتمايدىغان ئۆلۈك قېرىنداشنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشىكەن، سەن ئانا بولۇپ بىزگە ئازاب-ئوقۇبەت ۋە چۈشكۈنلۈڭدىن باشقا نىمە بىرەلىدىڭ؟ قاچانلا قارىسا، يىغلاشقا تەييار تۇرىسەن، قاچانلا قارىسا، ئاغرىق، كىسەل، بىچارە، ھەر قېتىم سىنى كۆرگەن چېغىمدا قانچىلىك بىئارام بولىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ ئەجەبا سىنىڭ بالاڭ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈنلا، سىنىڭ ئاشۇ يارىماس تۇرىقىڭغا داۋاملىق چىداپ، تۈگىمەيدىغان كۆز يېشىڭنى ئېيتىپ، توختىماي دوختۇرخانىغا توشۇپ، تەسەللىي بىرىپ ئۆتۈشۈم كىرەكمىكەن؟ نىمە پايدىسى بۇنداق بىئارام بولۇپ، ئاۋارىچىلىق تارتىپ، دەرت- ئەلىمىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق بىكىرەك خوتۇننى ئۆزۈمگە ئانا قىلىمەن دەپ جاپا تارتىپ ياشىغىنىمنىڭ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، دادامغا ئوخشاش، تاپىدىغاننى تېپىپ، ئوينايدىغاننى ئويناپ، ھېچكىمگە بوزەك بولماي، خەقنى بوزەك قىلىپ، خاندەك، بەگدەك ياشىغىنىم ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئاكاڭ، ئاكاڭ دەپ كەتتىڭ،   ئاكا بولۇپ، ئۇ ماڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدى؟ مەن ئۇ قارا-قورساق بىلىمسىز باللىرىڭنى  ھەتتا ئاكام دەپ ئىتىراپ قىلىشتىنمۇ نۇمۇس قىلىمەن بىلسەڭ! بىلىمسىزلىكىدىن قارىغۇلارچە ھاياجانلىنىشتىن باشقا ھېچچىش كەلمەيدۇ قولىدىن، بىرىمۇ دادامنى دوراپ قالمىغان، ھېچقايسىسىنىڭ ماڭا ئاكا بولالىغۇدەك، رەھبەرلىك ئىقتىدارى يوق، سىنىڭ ئۇ ئوغۇللىرىڭچۇ، ئۆز-ئۆزىگە قىلدى، ھەممىنى -ئىرشات ھاياجانلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. گۇلنىسادىكى ئۇنىڭغا بولغان تونۇش تۇيغۇلار ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى دەھشەتلىك قورقۇنۇچ ۋە يىرگىنىچ ئىگىلەشكە باشلىدى.

- مەن سىنى خاتا ئىزدەپ كەپتىمەن، ئەسلى يېنىڭغا كەلمىسەم بوپتىكەن -، گۇلنىسا يىغىدىن تەستە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئېغىز كىىچك تىندى- ئەسلى ئىپادەڭگە قاراپ بېقىپ، قىلمىشلىرىڭغا پۇشايمان قىلىپ،  ھاياتىڭنى قايتىدىن باشلاشنى ئىرادە قىلساڭ،  ساڭا يەنە بىر قېتىملىق ھاياتلىق پۇرسىتى بىرىش ئۈچۈن، پۈتۈن جىنايەتلەرنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالاي دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بىراق ماڭا بۇ خىياللىرىمنىڭ پۈتۈنلەي خام -خىيال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭ، سىنى يۈرەك -پارەم دەپ بىلىپ، ئەۋلادلىرىم مۇشۇنداقلا قۇرۇپ تۈگەپ كىتەرمۇ دەپ ئېچىنىپ كىتىپتىمەن ، سەندەك دۇنياغا ئاپەت بولىدىغان باشقا-بالا بالايىئاپەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يەنە زۆرۈرۈيتى بارمۇ؟ -گۇلنىسا تىرىك مۇردىلاردەك ئاڭسىز ھالدا ئورنىدىن تۇردى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章