دىللاردا سەنەم121-قسىم

文摘   2025-01-21 21:31   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم



ـ-شۇ دەقىقىدە ئۇ ھاياتىدا بۇنىڭدىن ئېغىر تەڭلىك تارتىپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

سەيدۇللا باي گەرچە ياقۇپ گەزمالچىنىڭ شەرۋانەمنى ئىزدەپ بۇ ئۆيگىچە كەلگىنىدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان بولسىمۇ، بۇ ئىشقا شەرۋانەم ياكى قايسى بىرەيلەننىڭ سەۋەبكار ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداق ئىكەن، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ كىملەرگىدۇر ئازار بېرىشكە بولمايتتى. قېيىنئاتىسىنى ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى شەرۋانەمنى ئېلىپ قەسىرگە يېنىپ كېلىپ بولغۇچە ياقۇپ گەزمالچىنىڭ كەينىدىنلا ئىز بېسىپ كىرگىنىگە قاراپ ئارىدىكى ئۆتۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن سەيدۇللا باي بۇ ئەھۋالدا  ئۆزى چىقىپ بۇ ئىشقا بىر جاۋاب بېرىۋەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، شەرۋانەمنى ئەگەشتۈرۈپ مېھمانخانىغا كىردى...

ياقۇپ گەزمالچىنىڭ سەيدۇللا باي بىلەن بولغان ئۇ سۆھبەتنى ئەسلەشكە رايى بارمىدى. شۇ چاغدا قىممەت باھالىق زەر كىيىملەر ئىچىدە گۈلدەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان شەرۋانەمنىڭ سەيدۇللا بايغا سۈركىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن پەقەتلا نېرى كەتمىگەنلىكى، پات- پات سەيدۇللا بايغا قاراپ كۆز بېقىشىپ قويغانلىقى، ئۆزى بۇ قەسىرگە مېھمان بولۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ پىيالىسىگە چاي لىقلاپ قويماي، سەيدۇللا باينىڭ پىيالىسىنى پات- پات تولدۇرۇپ تۇرۇشلىرى ھەقىقەتەن ياقۇپ گەزمالچىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇپ قويغان ئىدى. دەسلىپىدە سەيدۇللا باينىڭ «شەرۋانەم ئىككىمىز توي قىلدۇق، ئەمدى ئۇ بۇ قەسىرنىڭ ئايال خوجايىنى، شۇڭا ئۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كېتەلمەيدۇ، بالىنى قايتا- قايتا ئەۋەتىپ بىزنى تەڭلىكتە قويغىنىڭىزنى كۆڭلىمىزگە ئالمىدۇق، سىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭىز بولمىغاندىكىن بىتۇيۇقلا بۇيانغا كېلىپ قالغىنىڭىزنىمۇ ئېغىر ئالمايمىز، ئەمما بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز، شۇنداقلا سىزنىڭمۇ بالدۇرراق بېشىڭىزنى ئوڭشاپ، مۇۋاپىق بىرەرسى بىلەن توي قىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن گېپى ياقۇپ گەزمالچىنى قىلچە ئىشەندۈرەلمىگەن ئىدى. لېكىن شەرۋانەم ئىككىسىنىڭ پات- پاتلا كۆز بېقىشىپ قويۇپ، كۆزلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغىنىغا قاراپلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەشكىلى بولمايدىغان بىر رىشتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانچە قىلسىمۇ بۇ رىشتىنى ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئىشلارغا كېچىكىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ قەلبى ئازابتىن پۇچىلىنىپ كەتتى...

شۇ ھالەتتە خېلى ئۇزۇن پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولۇنغاندىن كېيىن ياقۇپ گەزمالچى كەتمەكچى بولۇپ ئاستا ئورنىدىن قوزغالدى. ئەمما شۇ تاپتا كىرمەك ئاسان بولغان بۇ ئىشىكتىن چىقىپ كەتمەك ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختىمايۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئىشىكتىن كىشىگە ئېيتىپ چۈشەندۈرگۈسىز ئار- نومۇس ۋە بىر پاتمان خىجالەتچىلىكنى يۈدۈپ چىقىشى، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان تونۇش ۋە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ سىرلىق قاراشلىرىغا مۇۋاپىق بىر جاۋاب بەرگەن ھالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى يولىنى داۋام قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش مەن- مەن دېگەن ئادەمگە ئۇنچە ئاسانلا نېسىپ بولىۋەرمەيتتى. شۇنچە زور نومۇس ۋە سەتچىلىكنى كۆتۈرۈپ كەتكۈدەك غورۇر، چىدام ۋە يۈرەك كېتەتتى. ئەزەلدىن ئار- نومۇسنى، يۈز- ئابرويىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ياقۇپ گەزمالچى جەمەتى ئۈچۈن بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش ئۆلۈمدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن ئۇ بالىلىرىنى دەپ ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر ئىدى...


(167)


ياقۇپ گەزمالچىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، سەيدۇللا باي قەسىردىكى بارلىق خىزمەتكار ۋە مالايلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا بۈگۈن قەسىردە بولغان ئىشلارنى، ياقۇپ گەزمالچىنىڭ شەرۋانەمنى ئىزدەپ بۇ قەسىرگە كەلگەنلىكىنى قەتئىي سىر تۇتۇش، تالا- تۈزدە بىلىپ- بىلمەي بىرەرسىگە دەپ قويۇشتىن ساقلىنىشنى قايتا- قايتا جېكىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا بۇ گەپلەر تالادا پۇر كەتتى. زادى كىمنىڭ شۆپۈك ئېغىزلىق قىلىپ بۇ گەپنى باشقىلارغا دەپ قويغانلىقى، سەيدۇللا باينىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي ئۆزى خالىغانچە ئىش كۆرۈپ ئۇلارنىڭ نامىنى سېسىتىپ يۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىلىپ بولغىچە بۇ گەپلەر تېخىمۇ كەڭرى تارقىلىپ، سەيدۇللا باي جەمەتىنى يۇرت ئىچىدە ئوبدانلا سېسىتىشقا يېتىپ ئاشتى. بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن سەيدۇللا باي گەپ- سۆزلەرنىڭ زادى نەدىن تارالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى قەسىردىكى تېخى يېڭىلا كەلگەن ئىككى خىزمەتكارنىڭ قىزىقسىنىپ بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇ بەڭۋاش تۇغقانلارنىڭ كىمنى كۆرسە شۇنىڭغا دەپ بېرىپ يۈرۈپ يېيىۋەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، قاتتىق قوللۇق بىلەن بىرتەرەپ قىلىپ ئۇ ئىككىسىنى قەسىردىن قوغلىۋەتتى. بۇ ئىشلارغا قاراپ ھەيران قالغان ۋە شەرۋانەم بىلەن دادىسى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغانغا ئەپلىك بىر ئامال تاپقان ئايتۇرسۇن خېنىم مىيىقىدا كۈلگىنىچە كۆڭلىگە نېمىلەرنىدۇر پۈكتى.

شۇ كۈندىن باشلاپ ئايسەنەم خېنىم گېلەمخانىغا بارسا ئۇ «كەشتىخانىغا بارىمەن» دېدى، كەشتىخانىغا بارسا «ئەمىسە مەن گېلەمخانىغا باراي» دېدى ھەمدە شۇنداق دەپ قويۇپ ئۆيدىن چىققان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەسىردە نېمە ئىش، نېمە گەپلەر بولۇنىۋاتقىنىنى، شەرۋانەم بىلەن ئايسەنەم خېنىمغا ئالاقىدار قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۇدۇللۇق مېھرىيار خېنىمغا يەتكۈزۈپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇتراتقۇلۇقىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ بالىلىرىغا ھەر قىسما گەپلەرنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسى ئارىسىدا زىددىيەت تېرىشىغا يول كۆرسىتىپ تۇردى. ئۇلارچە بولغاندا پەقەت مۇشۇنداق قىلسىلا ئايىغىدىن نەسلىك ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۇ ئانا- بالا شورى قۇرىغۇرلارنى قەسىردىن قوغلاپ چىقىرىپ، دادىسىنى ئانىسى بىلەن ياراشتۇرۇپ ئۇنى قەسىرگە ئېلىپ كېتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايتتى.

كۈنلەر ئاشۇنداق ئۆتۈپ، پىلانلار جايىدا تۈزۈلۈپ، جايىدا ئەمەلىيلىشىپ تۇرىۋەردى. بىراق ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىپ، ھەر قېتىم تېرىلغان خاتا چۈشىنىش ۋە جىدەللەر ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ چىرايلىق ئولتۇرۇپ «سىلى، ئۆزلىرى...» بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىشى ئارقىلىق ئايدىڭلىشىپ كېتىپ، ھېچ بىر شەرۋانەم ھەيدىلىپ كەتكىدەك ئېغىر ماجرا بولمايۋاتاتتى. بۇنداق بولىۋېرىشىدىن قاتتىق ئىچى پۇشقان بالىلار ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، تولا چاغلاردا ئاچچىق يۇتۇپ يۈرگەنلىكتىن بارا- بارا چېچىلغاق، ئاچچىقى يامان، مىجەزى چۇس بولۇپ قېلىۋاتاتتى.

كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەرگەنسېرى ئۇلار شەرۋانەمنى خالىغانچە سىلكىيدىغان، ئادەم بار، يوق دېمەي قاتتىق گەپ قىلىدىغان، چوڭ- كىچىكنى ئايرىماي خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇيدىغان، قىلغان گەپلىرىنى، ئىشلىرىنى، ھەتتا ئولتۇرۇش- قوپۇش، تاماق يېيىش، يۈرۈش- تۇرۇشلىرىغا قەدەر قىلچە ياراتمايدىغان بولىۋالدى. شەرۋانەم بۇلارنى بىلىپ تۇراتتى. بىراق ئېرى بىلەن ئۆگەي بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەممە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ سەيدۇللا بايغا دېمەي چىداپ كېتىۋەردى. (101-باب تۈگىدى)

-102باب

يالغانچى خوتۇندىن ۋاپا كەلمەيدۇ


(168)


ئايچېھرە خېنىمنىڭ تولا ئانىسىنىڭ يېنىغا قاتراپ ئۆيدە ئولتۇرماسلا بولۇپ كەتكىنى نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ تاقىتىنى تاشقۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىدىغىنى، ئايچېھرە خېنىم ھەر قېتىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان چاغدا «دادامنىڭ يېنىغا بارىمەن، گېلەمخانىغا بېرىپ ئايسەنەم ئاچامغا ياردەملىشىمەن...» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، يالغان ئېيتىپ ئۆيدىن چىقاتتى. ئانىسى يېڭىلا قازا قىلغان چاغدىمۇ مۇشۇنداق قىلىشتىن باش تارتمىغان، بۇ قېلىقىنى تاكى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا دەل يېرىم يىل بولغاندا نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئاخىرى چىدىغۇدەك تاقىتى قالمىدى. چۈنكى چىرايىنى سەت دېمەي، كۆيۈپ بۇزۇلۇپ كەتكەن دەپ يىرگەنمەي كۆيۈپ- پىشىپ، ئارزۇلاپ   ئالغان بۇ خوتۇنىنىڭ مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىمۇ ئۆزىگە يالغان ئېيتقانلىقى ئۇنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىۋاتاتتى. مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىمۇ يالغان ئېيتقىلى تۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن چوڭ- چوڭ ئىشلارغا كەلگەندە ئۇنى راست گەپ قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتكىلى ھەرگىز بولمايتتى.

نۇركامىل بايۋەتچە خوتۇنىنى مۇشۇ خۇيلىرىنى تۈزەتسىكەن دېگەن ئۈمىدتە خېلى نەسىھەت قىلىپ باقتى. لېكىن ئايچېھرە خېنىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ «مەن ئۇنداق قىلمىدىم» دەپ تۇرىۋېلىپ، يولنى دادىسىنىڭ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپ ئانىسىنىڭ يېنىغا بارغانلىقىدىن قەتئىي تېنىپ تۇرىۋالدى. ئەسلىدە ئانىسىنىڭ يېنىغا بارسىمۇ، دادىسىنىڭ يېنىغا بارسىمۇ بەرىبىر ئىدى. مۇنچىلىك ئىشلارغا نە نۇركامىل بايۋەتچە، نە بۇ ئۆيدىكى باشقىلار خاپا بولۇپمۇ كەتمەيتتى. لېكىن ئايچېھرە خېنىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىرەر كۈن تۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنلا خۇيلىرى باشقىچە ئۆزگىرىپ، ئۆيدىكى چوڭ- كىچىك ھەممىسىگە يانىدىغان، ئىشقا بۇيرىسا قىلمايدىغان، ھەممەيلەنگە قاپىقىنىڭ زىيىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قارايدىغان، گەپ قىلسا تەڭ تۇرۇپ تاكاللىشىدىغان ئوسال خۇيلارنى چىقىرىدىغان بولىۋالاتتى. ئىشلار مۇنداق كېتىۋەرسە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىپ، ئۆيدە جېدەل- ماجرا قۇرىمايدىغانلا بولاتتى. مۇنداق يۈز- ئابرويلۇق چوڭ ئائىلىگە نىسبەتەن كېلىنىنىڭ مۇشۇنداق بىشەم، ئۇرۇشقاق، ئېغىزى بېزەپ چىقىپ قېلىشى تازا قاملاشمىغانلا بىر ئىش ئىدى. كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان، ئۆز بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشكە تېگىشلىك بىر ئايال مۇشۇنداق ئوسال خۇيلۇق چىقسا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

نۇركامىل بايۋەتچە مۇشۇ تەرەپلىرىنى ئويلاپ، بىر نەچچە قېتىم «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ ئۆيدىن چىققان ئايچېھرە خېنىمنىڭ كەينىدىنلا ئۆيدىن چىقىپ سەيدۇللا باينىڭ ئۆيىگە كېلىپ باقتى. بۇ يەردە خوتۇنىنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەپ ئۆيدىن چىققانلىقى، لېكىن بۇ يەردە يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ئىشنىڭ سەل قارىسا بولمايدىغان تەرىپىگە بېرىپ قالغانلىقىنى قېيىنئاتىسىنىڭ سەمىگە قايتا- قايتا سالغانمۇ بولدى. بۇ ئىشلار داۋامىدا سەيدۇللا باي بىر نەچچە قېتىم كۈيئوغلىنىڭ ئالدىدا يۈزى سۆرۈن بولۇپ يەرگە قاراپ قالغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئايچېھرە خېنىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈك بىر سۆزلىشىش قارارىغا كەلدى.

دادىسىنىڭ ئۆزىنى قەسىرگە چاقىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى غەش بولغان ئايچېھرە خېنىم «يەنە مۇشۇ مېنى دادامغا چېقىشتۇرۇپتۇ- دە!» دەپ ئويلاپ بۇ ئىشلارنى نۇركامىل بايۋەتچىدىن كۆردى. چۈنكى خېلىدىن بېرى ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ تولا شۇ ياقلارغا كېتىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جېدەل ئۈزۈلمەيۋاتقىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان ئىدى. ئەزەلدىن ئېغىر- بېسىق، كۆپ ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى، ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى ياخشى كۆرىدىغان نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنىڭ كۆپ نوقسانلىرىغا بىر كۆزىنى قىسىۋېلىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇ ئىشقا كەلگەندە ئوبدانلا رەنجىۋالغان، يەنە كېلىپ خوتۇنىدىن «نېمىشقا ماڭا يالغان ئېيتىسىز؟» دېگەن بىر ئاغرىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا سوئال تاشلاپ تۇرىدىغان بولىۋالغانىدى. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا چىداۋېرىشكە تاقىتى قالمىغان ئېرىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۆزى ھەل قىلىشقا ئىمكانى يەتمەي، ياردەم سوراش يۈزىسىدىن دادىسىغا چېقىشتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ دادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن چاقىرتقانلىقىنى ئالدىن بىلەلمىگەچكە، ئېرىدىن ھېساب ئېلىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ دەرھال قەسىرگە قاراپ يولغا چىقتى.

سەيدۇللا باي سۆزلىشىپ بېقىش ئۈچۈن ئايچېھرە خېنىمنى قەسىرگە چاقىرتقىنى بىلەن، گېپىنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي ئوبدانلا بېشى قاتتى. ئەمما كۆپنى كۆرگەن بۇ كىشى گەپ- سۆزگە كەلگەندە ئۇنچە بەك تېلىپمۇ قالمايتتى. قىسقىلا ئەھۋاللىشىپ ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارنى بىرەر قۇر دېيىشكەندىن كېيىن، گەپ ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا تولا قاترىغانلىقى، نەگە بارىدىغانلىقى سورالغاندا يولنى دادىسىنىڭ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپ يەنىلا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغانلىقى ھەققىگە يۆتكەلگەندە، ئۇ دادىسىنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەستىن گەپكە قوشۇق سالدى:

-بۇ گەپچە كۈيئوغۇللىرىغا بولۇشۇپ سىلىمۇ مەندىن نارازى ئوخشىمامدىلا؟ يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدىكىن ئۆزلىرىگە؟ مەكتەپكە بارىسەن دېگەن ئىدىلە، ماقۇل دەپ باردىم، كۆپ ئۆتمەي يەنە مەكتەپتىن قالىسەن دېگەن ئىدىلە، ئۇ گەپلىرىگىمۇ خوپ دېدىم، شۇنىڭغا تېگىسەن دېگەن ئىدىلە، گەپلىرىنى يىرماي شۇنىڭغا تەگدىم، سىلىنىڭ سىزغان سىزىقلىرىدىن چىقماي مۇشۇ چاغ بوپتۇ، توي قىلىپ بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بولسىمۇ ئۆزۈم خالىغانچە ياشاپ باقارمەن دېسەم، ھېلىمۇ مېنى باشقۇرغۇلىرى كېلىپ ئارام تاپمايدىكەنلا، ئانام بۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقان چاغدا ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ بىزنى نەچچە يىل ئايرىۋەتتىلە، ئاۋۇت چوڭ دادام ئارىغا ئۆزى چۈشۈپ يۈرۈپ ئىككىلىرىنى ياراشتۇرۇپ قويۇپ ئانام بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنمۇ بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا چىراي ئاچماي، ھەر ۋاقىت كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ كەلدىلە، ئويلاپ باقسىلا، ئانىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا بالىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالارمىدى؟ شۇ كۈنلەرگىمۇ ئانام بىلەن بىز چىداپ كەتتۇق، كېيىن ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن يۈزۈم كۆيۈپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە ئانامغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىللىق چىراي ئاچماي ھەممە ئىشنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لېكىن بۇ ئىشلار سۈرۈشتۈرۈلۈپ كەلسە ئۆزلىرىگە قىلچىلىك سەۋەنلىك ئالماي، قاغىدىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق بولىۋالىدىكەنلا، ئۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەيلى ماقۇل، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئانامنى بۇ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىپ ئاندىن كۆڭۈللىرى تىندى، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋە ئىنى- سىڭىللىرىم ئانامدىن تولۇق ئايرىلىپ قالدۇق. سىلى ئۆز ئانىلىرىنىڭ يېنىدا خۇشال- خۇرام ياشاپ كېلىۋاتقان كاتتا بىر باي ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئازابىمىزنى ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەيدىلا، بىز شۇ چاغلاردىمۇ كۆڭۈللىرىنى ئاياپ، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنماي دەردىمىزنى كۆزىمىزدىن ئېلىپ يۈردۇق.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章