توي ۋە سۈيقەست4-قسىم

文摘   2025-01-16 20:50   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 



-
4- قىسىم

ئۇ گۈلنى كۆتۈرگىنىچە يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۆرۈلۈپ ئارقىسىدىن قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئۇ بىر ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، كېتىپ قالدى. جايىمدا قېتىپلا تۇراتتىم. نېمىگىدۇر بىئارام بولىۋاتاتتىم.

«ئۇ سېنىڭ يولدىشىڭ ئەمەس، سىلەر پەقەت ئۈچ ئايلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتتە خالاس» ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ قويۇپ قارشى يۆلىنىشكە ماشىنا توستۇم.

ئۆيگە قايتىپ سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە باشلىدىم. توي قىلغىنىمغا بىركۈن بولمايلا ئىچىم تىتىلداپ كېتىپ باراتتى. بەلكى بۇ مېنىڭ ھەقىقىي توي قىلماي توختاملىق توي قىلغىنىم ئۈچۈن بولسا كېرەك.

تېلىۋېزور ئالدىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەندە چىراغنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاشخانىغا چىقىپ ئۇ ئەتكەن تاماقنى ئىسسىتتىم.

تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم. «ئۇ شۇ تاپتا كىم بىلەن بىرگىدۇ؟! يوغان گۈل كۆتۈرۈپ ماڭغىنىغا قارىغاندا قىز دوستى باركەندە..لېكىن نېمىشقا ماڭا قىز دوستۇم يوق دەيدۇ..نېمىشقا بۇ توينى قىلىدۇ؟!» كاللامنى سىلكىۋەتتىم.«نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ، ئۇ سېنىڭ ھېچنېمەڭ ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلاشمايمەن دەپ گەپ باشلىغىنى ئۆزۈڭ، ئۈچ ئايدا ئاجرىشىمەن دېگىنى ئۆزۈڭ. نېمىشقا ئۇ توغرىلىق ئويلايسەن» تاماقنى ئېلىپ مېھمانخانا ئۈستىلىگە قويدۇم-دە يېيىشكە باشلىدىم.

تاماقنى يەپ بولۇپ تەخسىنى يىغۇشتۇرىۋاتقاندا ئىشىك ئېچىلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆردۈم.

_ قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ تاماقتىن يەنە بىر ئاز بار...ئىسسىتىپ بېرەيمۇ؟

_ ياق بولدى،_ ئۇ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

_ قىز گۈلنى قۇبۇل قىلمىغان ئوخشىمامدۇ...كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ.._ بوشقىنە كۈلۈپ قويدۇم.

ئۇ ماڭا ھەيرانلىقتا ئۆرۈلدى.

_ سىز كۆردىڭىزما؟

_ ھەئە..يوغان بىر گۈلنى كۆتۈرۈپ خوشال ھالدا ئالدىراش ماڭغىنىڭىزنى كۆردۈم..

_ شۇنداق..بۈگۈن يوغان گۈل سېتىۋالدىم..

_ قىز دوستىڭىزغىمۇ؟

_ ئاپامغا..

جايىمدا تۇرۇپ قالدىم. نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتاتتىم.

_ ئاپامغا؟

_ ھەئە...بۈگۈن ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.. ھەر يىلنىڭ مۇشۇ كۈنى ئاپامنىڭ بېشىغا گۈل قويىمەن..

ئىچىمنى ئاجايىپ بىرخىل ئاچچىق سېزىم ئىگەللىۋالدى. لېكىن قانداق چىقىرىۋېتىشنى بىلمەيتتىم.

_ كەچۈرۈڭ..مېنى كەچۈرۈڭ..مەن تېخى قىز دوستىغا گۈل ئالغانمىكىن دەپتىمەن..

_ ھېچقىسى يوق.._ ئۇ سوغۇقلۇق بىلەن جاۋاب بەردى.

_ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئاپىڭىزنىڭكىدىن بۇرۇن تەبرىكلەپسىز...بىلمەي قاپتىمەن..سىزگە كۆپ رەھمەت..

_ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئاپام بىلەن بىركۈندە بولغاچقا بەكرەك دېقىتىمنى قوزغىغان..شۇڭا ئېسىمدە چىڭ تۇتىۋاپتىمەن..

_ سەت بولدى، بايىقى چاقچىقىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ..

_ ھېچقىسى يوق.. مەن كىرىپ ئارام ئالاي..بۈگۈن چارچاپ قاپتىمەن..

ئۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قاچىنى كۆتۈرگىنىمچە ئاشخانىغا كىردىم. ئىچىمدىكى ئاچچىق سېزىم مېنى بىئارام قىلىۋاتاتتى. ئۇ گەرچە مېنىڭ ھېچنېمەم بولمىسىمۇ، ياشلا تۇرۇپ ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇنىڭغا قارىساملا ئىچىم ئېچىشاتتى.

قاچىلارنى يۇيغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارىۋاتقا چىقتىم. ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئويلاۋاتاتتىم.

خىيالىمغا ئۇنىڭ ئۆيۈمگە ئاپام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كىرگەن ھالىتى كېلىپ قالدى.

*                            *                          *

_ نەدە سىز؟ مەن ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئەپ بولدۇم، نېمىشقا ۋاقتىدا كەلمەيسىز.._ تېلىفوننى تۇتىۋېلىپ ئۇنى ئالدىرىتىشقا باشلىدىم.

_ سەت بولدى ساقلىتىپ قويدۇم..

ئالدىمدا پەيدا بولغان، ساقال _ بۇرتى پاكىز ئېلىنغان كاستيۇم كەيگەن ھالىتىگە قاراپ، ئۇنىڭ مەن بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم.

_ ۋوي، بۈگۈن بەك ئالاھىدە بوپ كېتىپسىزغۇ..

_ ئاپىڭىزنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان تۇرسام، ياخشى تەسىر قالدۇرمىسام بولماس...

_ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت..

ئۇنىڭ قولىغا ئۆزۈم تەييارلىغان نەرسىلەرنى تۇتقۇزدۇم.

_ مانا مۇشۇلارنى ئەكىرسىڭىز بولىدۇ.. ئاپام سوراپ قالسا بىز يېقىندا تونۇشتۇق دەڭ ..مەن چوقۇم ئۇنى بەختلىك قىلىمەن دەڭ..

_ ھەي..لېكىن ئاپىڭىزنى بۇنداق ئالدىساق قاملىشامدۇ..

_ قاملىشىدۇ..قالغىنىنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن..

ئۇنىڭ بىلىكىدىن يېتىلىگىنىمچە ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. ئاپام بولسا مېنىڭ «بولغۇسى يولدىشىم»نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيدە تەييارلىق قىلىپ ساقلاۋاتاتتى.

ئىغىر بىرنى تىنىۋېتىپ ئىشىكنى چەكتىم. ئاپام ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتى.

_ كەلدىڭلارمۇ؟_ ئاپام كىرىۋاتقان يىگىتنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ سابىق ئوغۇل دوستۇمنى كۆرگەنىدى.

ئاپام چاندۇرماي توختاملىق يىگىتىمنى ئۆيگە باشلىغاندىن كېيىن مېنى ئايرىم ئۆيگە چاقىردى.

_ بۇ سەن ماڭا سۈرىتىنى كۆرسەتكەن بالىغا ئوخشىمايدىغۇ..

_ يېڭى تونۇشقان يىگىتىم ئاپا..بەك ياخشى.. تويىمىزنى قىلماقچى بولىۋاتىمىز..

_ نېمىشقا ئەمدى، بۇرۇنقىسىچۇ؟

_ ئاپا..ئارتۇق سۇئال سورىمىغىن..مۇشۇ بالا توي قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىقكەن..

_ توي دېگەن قىلىمەن دەپلا قىلىدىغان ئىش ئەمەس..ئۇ بالا بىلەن ئۇزۇن يۈرگەنتىڭغۇ..مۇشۇنداقلا يەنە بىرسى بىلەن توي قىلامسەن..يىگىتىمنى ئەكېلىمەن دېسەڭ ماڭا كۆرسەتكەن يىگىتنى ئەكېلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن..

_ ئاپا، ساڭا مېنىڭ بەختىم كېرەكقۇ ھە..

_ ئەلۋەتتە..

_ ئۇنى ئۇنتۇپ كەت، بۇ بالا بەك ياخشى....ئاتا-ئانىسى يوق،يالغۇز، مېنى ئاسرايدۇ.. شۇنداق ياخشى..

ئاپام ماڭا ئۇزۇن قاراپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر تىنىپ قويدى.

¬_ بولدى ئاپا، مەندىن ئەنسىرىمەي ئۇنىڭ بىلەن ياخشى پاراڭلاش..

ئاپامنى ئىتتىرگىنىمچە مېھمانخانىغا چىقتىم. ئۇ يەنە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپامغا سالام بەردى.

_ ئاپا، سەت بولدى، سالامغا قۇرۇقلا كەپ قالدىم.

ئۇ مەن ئالغان نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويدى. ئاپام نەرسىلەرگە قارىماستىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

_ قەيەردە خىزمەت قىلىسىز؟

_ بىر شىركەتتە ئىشلەيمەن..

_ ھە..تونۇشقىنىڭلارغا قانچىلىك بولدى..

_ ئىككى ئاي..

ئاپام ماڭا قاراپ قويدى.

_ شۇنداقمۇ؟..قىزىمنى تولۇق چۈشىنەمسىز..

_ ئاپا، قانداق سۇئال بۇ..چۈشەنمىسە مەن بىلەن توي قىلىمەن دەمدۇ..

ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ تاماقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا تىزدى.

_ ماۋۇلارنى تېتىپ بېقىڭ ئوغلۇم..ئاددىي بولۇپ قالدى..

ئۇ تاماقلارنى تېتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم.

ئۇ تاماقنى يەپ بولۇپ ئاپامغا قارىدى.

_ بەك ئوخشاپتۇ..ئاپام ئەتكەندەك.._ ئۇنىڭ ئاۋازى بوشاپ كەتتى.

_ تويمىغان بولسىڭىز مەن يەنە ئەپ بېرەي، قازاندا يەنە بار..

_ ياق بولدى، تويدۇم، لېكىن بىر تەلىپىم بار ئىدى...

ئاپام ئىككىمىز ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدۇق.

_ مەن تاماقنى ئېلىۋېلىپ كەچتە يېسەم بولارمۇ؟!

قىزنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەن يىگىت ئۈچۈن بۇ تولىمۇ ئەدەپسىزلىك ھېسابلىناتتى. لېكىن ئاپام ئىككىمىز نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتاتتۇق.

_ ھە..ئەلۋەتتە بولىدۇ بالام، ئېلىۋېلىڭ..مەن تەييار قىلىپ بېرەي..

ئاپام تاماقنى سۇلياۋ قاچىغا سېلىپ ئەپچىقتى.

_ مانا..ئېلىۋېلىڭ..

_ ئاپا، بايا ماۋۇنى بېرىشنى ئۇنتۇپتىمەن.._ ئۇ بىر شارپىنى ئۈستەلگە قويدى. بۇ شارپا مەن بەرگەن نەرسىلەر ئارىسىدا يوق ئىدى.

_ ئاپا، مەن يەنە كېلىمەن..بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم..

_ مەنمۇ شۇ..ئەمدى جىقراق كېلىپ تۇرۇڭ..مەن تاماق قىپ بېرىمەن..

ئۇ ئاپام بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئىشىكنى ئاچتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زالغا چىقتىم.

_ ئۇ شارپىنى قانچىگە ئالدىڭىز؟ مەن ھېساۋات قىپ بېرەي..

_ بولدى، ھاجىتى يوق، بۇ ئاپىڭىزغا قىلغان سوۋغىتىم بولسۇن..

_ ئاپامنىڭ بەزى سۇئاللىرىدىن رەنجىمەڭ..

_ ياق. مېنىڭچە ئۇ كۆپ سۇئال سورىمىدى..ھەرقانداق ئانا قىزىنىڭ خاتا ئادەم تاللاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.. مەن توغرا چۈشىنىمەن. يەنە بۇ،_ ئۇ قولىدىكى تاماقنى كۆتۈردى،_ ئاپىڭىزغا رەھمەت ئېيتىپ قويۇڭ...

_ سىزگە يارىغان بولسىلا بولدى..

_ تۇنجى قېتىم كىرىپلا تاماق ئەپ ماڭدىم، سەت بولدى..

_ ھېچقىسى يوق.. بۇمۇ بولغىنى..تېخىمۇ تەبىي بولدى...

_ ئاپىڭىزنىڭ تامىقىنىڭ تەمى ئاپامنىڭكىگە ئوخشايدىكەن..شۇڭا ئەپ كەتكۈم كەلدى..

_ ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئاپام تاماق ئەتكەندە سىزگە ئاپىرىپ بېرەي..

_ بولدى، رەھمەت،_ ئۇ پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدى،_ مەن ماڭاي، سىز كىرىپ ئاپىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ، مېنىڭچە ئۇنىڭ سىزدىن سورايدىغان كۆپ سۇئاللىرى بار..

_ ماقۇل، يولدا دېققەت قىلىڭ، مەن ھېلىلا تېلىفون ئۇرىمەن.. مېنىڭچە چانمىدى..

ئۇ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىردىم. ئاپام قاچا-قۇچىلارنى يىغۇشتۇرىۋاتاتتى.ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى قاچىنى ئالدىم.

_ سەن ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟ راست گەپ قىلە..

_ ھەئە..ئۇ بەك ياخشى ئاپا.. بىز تونۇشقىلى ئۇزۇن بولغان..مۇناسىۋىتىمىزنى مۇقىم قىلغىلى بىر ئاي بولدى..

_ شۇنداقمۇ؟ بايا تېخى تونۇشقىلى ئىككى ئاي بولدى دەۋاتمامدۇ..

_ يا..ياقەي..سەن ئۇنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدۇڭ.. شۇڭا خاتا دەپ قويدى..

ئاپام ماڭا غەلىتە قاراپ قويدى.

_ بۇرۇنقى يىگىتىڭ بىلەن زادى نېمىش بولدى؟

_ ھېچ ئىش يوق ئاپا...ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم.. مىجەزىمىز چىقىشماي قالدى..

_ شۇنچە ۋاقىت ئارلىشىپ، تويغىمۇ پۈتۈشۈپ مىجەزىمىز چىقىشمايدۇ دەپ ئايرىلىپ كەتكەن بارمۇ... نېمىشقا ياخشى پاراڭلىشىپ باقمايسەن..

_ ئاپا،_ ئاپامغا قارىدىم،_ ساڭا مېنىڭ بەختىم كېرەكقۇ ھە..

_ ئەلۋەتتە..

¬_ 30ياشتىن بۇرۇن توي قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىسەنغۇ...

_ شۇنداق، لېكىن..

ئاپامنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.

_ ئاپا، مەن چوڭ بولدۇم، نېمىنىڭ توغرا نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن..سەن كىچىكىمدىن مېنىڭ قارارىمغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن..مۇشۇ قېتىم ماڭا ئىشەنگىن بولامدۇ..

ئاپام بېشىمنى سىيلىدى.

_ مەن يېشىڭ چوڭىيىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەمەس، سېنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر يىگىتنى تاپتى دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن تويۇڭغا ئالدىرىدىم.. ياشنى بېسىم قىلىپلا توي قىلىمەن دېمە..مۇھەببەتلىشىپ مىجەزىنى تولۇق چۈشىنىپ ئاندىن تاللىساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن..

_ ئۇنداق ئەمەس، بۇ يىگىت بەك ياخشىكەن.. شۇنداق چىقىشىپ قالدۇق. ئۇزۇن يۈرۈپ نېمە قىلىمەن..توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەتلەشسەممۇ ئۈلگۈرىمەنغۇ..  ئەنسىرىمىگىن..

قاچىنى ئاشخانىغا قويغاندىن كېيىن ئېغىر بىرنى تىنىۋالدىم. ئاپامنىڭ كۆڭلىنىڭ تۇيغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن ئۇنىڭغا يىگىتىمنىڭ تويى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈپ مېنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتالمىدىم.

ئاستا چىقىپ ئاپام تىككەن ياستۇقنى قولۇمغا ئالدىم.

_ بۇ تويۇمغا ئاتاپ تىككەن ياستۇققۇ..نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆيگە ئەپ كېتەي..

_ ئۆيى بارمىكەن؟

_ ھەئە..ئۆيى بار..پۇلى بار، مىجەزى ياخشى..ئۆزى ياش، ھەم كېلىشكەن.. بۇ قېتىم توغرا ئادەمنى تاللىدىم ئاپا، مەندىن خاتىرجەم بول...

كۆزۈمدىن ئېتىلىپ چىقىشقا ئاز قالغان ياشنى زورىغا تۇتىۋالدىم.

_ بايا ئۇ بالىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، تاماقنى ئەپ كەتكىنىگە قاراپ ئاپىسىنى بەك سېغىنىپتۇ دەپ ئويلىدىم..كۆڭلى يۇمشاق بالىدەك قىلىدۇ..

_ شۇ.. ئاپىسى 15يىل بۇرۇن تۈگەپ كېتىپتىكەن..

ئاپام ئۇ سوۋغا قىلغان شارپىنى قولىغا ئالدى.

_ ماۋۇ شارپا بىز ياش ۋاقىتلاردا مودا بولغان شارپىتى..بۇ يىگىت ئۇزۇن ساقلىغاندەك قىلىدۇ..ياش ۋاقتىمدا ئالالمىغانتىم، كۆرۈپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى..

_ شۇنداقمۇ؟!

نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇنىڭ نېمىشقا تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا ئاپامغا بۇنچە قىممەتلىك نەرسىنى سوۋغا قىلغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

_ ئاتا-ئانىسى يوقكەن، مېنى ئاسرايدۇ دېمەي، يالغۇزكەن، مەن مۇھەببىتىمنى بېرىمەن دە.. مەن قارىسام بۇ يىگىت ئانا مۇھەببىتىگە بەك مۇھتاجدەكلا قىلىدۇ..پاتپات ئەكەل..مەن تاماق قىپ بېرىمەن..

_ ماقۇل ئاپا.. تويدىن كېيىن داۋاملىق ئەكېلىمەن..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ زالغا چىقىپ ئۇنىڭغا تېلىفون ئۇردۇم.

_ قانداق؟ ئاپىڭىز نېمە دەيدۇ؟ يارىماي قالمىغاندىمەن؟

_ ئاپام سىزنى بەك ياقتۇرۇپتۇ..خېلى قاملاشتۇردىڭىز..رەھمەت! ئاۋۇ سوۋغا ئاپىڭىزنىڭمۇ؟

_ سىز قانداق بىلدىڭىز؟

_ ئاپام بەك خوش بولدى، لېكىن ئۇ ئاپىڭىزنىڭ شارپىسى تۇرسا، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟

_ ئاپىڭىزنىڭ تامىقىغا ئېيتقان رەھمىتىم بولسۇن..بۇنى كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالماڭ..ئەنسىرىمەڭ، بۇنىڭغا پۇل ھېسابلىمايمەن..

ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلىفوننى قويدۇم. بۈگۈنكى ئۇچرىشىش مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە قاملاشمىغاندەك قىلاتتى. ئاپام بىلەن بولغۇسى يولدىشىممۇ بىر-بىرىدىن رازىدەك قىلاتتى.

*                            *                          *

توي رۇخسىتى ئۈچۈن بىر ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن شىركەتكە كەلدىم. ھەممەيلەن بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

_ ۋوي، كېلىنچەك كەلدىڭىزمۇ؟ كۈنلىرىڭىز ياخشىمۇ.._ ياندا ئولتۇرىدىغان قىز خىزمەتدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ ياخشى..رەھمەت. شۇنداق كۆڭۈللۈك..

_ دېرىكتور بىلەن ئىككىڭلار ئالدى-كەينى توي قىلىپ كەتتىڭلار دېسە.. ھە راست، شېرىنئاي ساياھىتىنى چەمبىرەككە يوللىمىدىڭىزمۇ..

نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.توختاملىق تويدا نەدىمۇ شېرىن ئاي ساياھىتى بولسۇن..

_ ھە..سۈرەتلەرنى مەخسۇس بىرسىگە تارتقۇزغان،تېخى يوللاپ بەرمىدى،يوللىسىلا چىقىرىمەن..شۇ چاغدا كۆرۈڭ..

_ ئىشقىلىپ سىزگە مەن بەك ھەيران..توينى بەكلا تۇيۇقسىز قىلدىڭىز.. ھەممىمىز ھەيران قالدۇق..

_ تۇيۇقسىز دېگىلى بولمايدۇ. يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولغان تۇرسا..

_ يىگىتىڭىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمىز..دائىم ئەكەپ قويغان بىلەن بىرەر قېتىممۇ كۆرسەتمىگەنتىڭىز..كېنىشكە سۈرىتىڭلارنى كۆرۈپ بىلدىم..بەك كېلىشكەن بالىكەن..

_ رەھمەت،_ ئاستا كومپىيۇتېرغا قارىدىم. ئۇنىڭ يەنە باشقا سۇئاللارنى سورىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.

_ ياخشىمۇسىز دېرىكتور،_ يېنىمدىكى خىزمىتىمنىڭ ئىگىلىشى بىلەن ئۆرۈلدۈم. دېرىكتور ئىشىكتىن كىرىۋاتاتتى. ئارقىدىنلا كىرگەن سابىق ئوغۇل دوستۇمنى كۆرۈپ، قايتىدىن كومپىيۇتېرغا قارىۋالدىم.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章