توي ۋە سۈيقەست8-قسىم

文摘   2025-01-20 21:22   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 



-
8-قىسىم

_ بولدى كېلىشتۇق،_ ئۇنىڭ بىلەن يەنە قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق.

يولدىشىم بىلەن تاماقنى يېگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.

_ ئەتىدىن باشلاپ، مەن سىزنى خىزمەتكە ئاپىرىپ قويىمەن. چوقۇم قوشۇلىشىڭىز كېرەك..

_ ئاپتوبوستا ماڭايلى..دوستىڭىزنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋەرسەك قاملاشمايدۇ.

_ ئەنسىرىمەڭ 3000نىڭ 1000نى ئۇنىڭغا بېرىمەن..

_ لېكىن بۇ ھەركۈنى بېرىپ كېلىشكە يەتمەيدۇ..ئادەمگەرچىلىككە قەرز بوپ قالىمىز..

_ ۋايجان، ئۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن. سىز مەن دېگەندەك قىلسىڭىزلا بولدى..

_ ماقۇل. ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ..

يولدىشىم ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتۇق.

سەھەردە يولدىشىمنىڭ ئىشىك چېكىشى بىلەن ئويغاندىم. يۈز- كۆزۈمنى يۇيغاندىن كېيىن ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ تەييارلانغان ناشتىلىققا قول تەڭلىدىم، ئۇ قولۇمنى توستى.

_ يېمەي تۇرۇڭ..ئاۋال سۈرەتكە تارتىسىز..

_ ۋايجان، نېمە ھاجىتى..ئىشقا ئالدىرايمەن..

_ مەن دېگەندەك قىلىڭ. سۈرەتكە تارتىپ، يولدىشىم ئېتىپ بەرگەن تاماق بەك ئوخشاپتۇ دەپ چىقىرىڭ..سابىق يىگىتىڭىز كۆرسۇن..

_ بۇنداق چىقارساممۇ بىكار، ئۇ كۆرمەيدۇ..ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى يۇيىۋەتكەن..

_ چىقىرىۋېرىڭ، باشقا خىزمەتداشلار كۆرسىمۇ ھېساب. بۈگۈن بېرىپ ئۇنىڭغا بىر ھۆججەتنى ئۈندىداردىن يوللاپ بېرىمەن دەپ قاچىلىۋېلىڭ..

_ ساراڭمۇسىز..نېمىشقا ئۇنى قاچىلىغۇدەكمەن..ياق..

_ بۇنچە ئەھمىيەت بەرگىنىڭىزگە قارىغاندا ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە..

_ ياق، ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ نەچچە قېتىم دەيمەن..

_ ئەمىسە بۈگۈن چوقۇم ئۈندىدارىنى قاچىلاڭ. بىرىنچى ۋەزىپە مۇشۇ..

ئۇنىڭغا قاپىقىمنى تۈرۈپ قويدۇم. لېكىن سابىق يىگىتىمگە بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلماي ئامالىم يوق ئىدى.

يولدىشىم ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدى.

_ ھەي، قىزبالىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرسە بولمايدۇ..

ئۇ كىيىم ئىشكاپىمنى ئاچتى.

_ شۇنچە جىق رەڭلىك كىيىملىرىڭىز تۇرۇپ، نېمىشقا ئادەتتە رەڭسىزلا كىيىنىپ يۈرىسىز..

_ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن..خىزمەتكىلا بېرىپ كېلىپ، باشقا يەرگە بارمىغاندىن كېيىن..

_ ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھازىر دۈشمىنىڭىز دەل شىركەتتە، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز كۆرۈنسىڭىز بولمايدۇ..

ئۇ ئىشكاپىمدىكى بىر سېرىق كۆينەكنى ئالدى.

_ بۈگۈن بۇنى كىيىڭ.. ئاندىن چېچىڭىزنى ئېگىز تۈگىۋېلىڭ..

_ ۋاي ياق. بۇ بەك رەڭلىك..ئۇلارنىڭ ماڭا دېقىتى چۈشۈپ قالىدۇ..

_ دېقىتى چۈشۈپ قالسۇن دەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىز.. مەن دېگەندەك قىلىڭ..

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سېرىق كۆينەكنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ باقتىم. كۆينەك راستىنلا ياراشقاندەك قىلاتتى. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى رەڭلىك كىيىنىپمۇ باقمىغانىدىم.  

چېچىمنى ئېگىز تۈگۈپ گىرىم قىلغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا چىقتىم. يولدىشىم ماڭا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۈلدى.

_ ئەمدى ھەقىقىي ئاياللارغا ئوخشىدىڭىز..بۈگۈن ئۇنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىڭ...

_ توي قىلغان ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ نېمىمۇ قىلارمەن..

_ مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالايسىز..

يولدىشىم ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسىغا چىقارغاندىن كېيىن ئارقا ئورۇندا يېنىمدا ئولتۇردى.

ماشىنا شىركەت بىناسى ئالدىدا توختىدى. يولدىشىم چۈشمەكچى بولغان قولۇمنى تۇتىۋالدى.

_ ۋاي نېمە قىلىۋاتىسىز..مېنى چۈشكىلى قويۇڭ..

_ ئۇلار تېخى كەلمىدى.. كەلگەندە چۈشۈڭ..

_ تۈنۈگۈن بىر قېتىم قىلغاندىن كېيىن بولدى، بۇنداق قىلماڭ، ئۇلار دېگەن باشلىق كېچىكسە ھېچقىسى يوق، مەن كېچىكسەم پۇل تۇتىدۇ..

ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كۈچلۈك قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن ئارقامغا ئۆرۈلدۈم. بۇ ماشىنا تۈنۈگۈنكى ماشىنا ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىمۇ ئالماشقانىدى. شوپۇرلۇق ئورنىدا سابىق يىگىتىم ئولتۇرغان بولۇپ، دېرىكتور يېنىدا ئولتۇراتتى.  

تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ بىلىكىمدىن تۇتىشى بىلەن ئۆرۈلدۈم. يولدىشىم ماڭا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.

_ يالغۇز چۈشۈپ كەتمەڭ دېسەم ئۇنىمايسىز..

 زورلاپ كۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ ماقۇل، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ تۇرسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ..

ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلگىنىمىزچە ئۆزىمىزنىڭ پىلانىنى دېيىشىۋاتاتتۇق.

دېرىكتور ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن بىزگە قاراپ كۈلدى.

_ بۈگۈنمۇ بالدۇر كەپسىلەرغۇ..ۋوي بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز..

_ رەھمەت دېرىكتور..شۇ ..يولدىشىم ئەكەپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالدى..

دېرىكتور يولدىشىم ئىككىمىزگە قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن سابىق يىگىتىم ماشىنىدىن چۈشتى ۋە دېرىكتورنىڭ بىلىكىدىن تارتتى.

_ ماڭايلى جېنىم..

ئۇلار لېفىتكە قاراپ ماڭغاندىن كېيىن يولدىشىمغا ئۆرۈلدۈم.

_ قاراڭ..خەقنىڭ بىزنىڭ بىللە كېلىش كەلمەسلىكىمىز بىلەن پەقەتلا كارى يوق..

_ كارى بولدىمۇ بولمىدى بۇنى سىز بىلمەيسىز.. ئۇلار بىلەن كىرىپ كېتىڭ. مەن كەچتە كېلىمەن، خوش

يولدىشىم ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئاستا لېفىت ئالدىغا كەلدىم. لېفىت ئالدىدا ئادەم كۆپ بولۇپ دېرىكتور بىلەن سابىق يىگىتىم تېخى لېفىتكە چىقمىغانىدى.

_ بۈگۈن فىلىم ئىشلەيدىغانلار تارتىدىغانلار كېلىدۇ. بىرەيلەن شىركەتنى تونۇشتۇرۇپ بېرىشى كېرەككەن..مېنىڭچە سىز شىركەتنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىسىز، يەنە كېلىپ بۈگۈن بەك چىرايلىق ياسىنىۋاپسىز نەقلا چۈشكىدەكسىز.. شۇڭا فىلىمغا سىز چىقىڭ..

دېرىكتورغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدىم.

_ مەنما؟ دېرىكتور چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز، مەن ئەزەلدىن فىلىمگە چىقىپ باقمىغان..

_ جىددىيلەشمەڭ، بۇ بىزنىڭ شىركەتنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس فىلىم، كىنو ياكى ئېلان ئەمەس..پەقەت شىركەتنىڭ بۆلۈملىرىنى ۋە ئەمىلىي ئەھۋالىنى ئازىراق سۆزلەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ..مەن چوڭ زىيارەتكە چىقىمەن. بىر خىزمەتچى شىركەتنى چۈشەندۈرىدۇ..

ماڭا قاراپ قاپىقىنى تۈرىۋاتقان سابىق يىگىتىمگە قاراپ قويدۇم. ئۇ بۇ فىلىمگە مېنىڭ چىقىشىمنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.

_ بولىدۇ دېرىكتور، ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت. مەن چىقاي..

_ ماقۇل. كىرىپ شىركەتنىڭ ماتېرياللىرىنى رەتلەپ تەييار قىلىپ قويۇڭ..ئىشخانا مۇدىرىغىمۇ ئۆگىتىپ قويۇڭ..ئۇ مۇشۇ باھانىدە شىركەتنى بەكرەك چۈشىنىۋالسۇن..

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ.. ئىشخانا مۇدىرى ماسلاشسىلا مەندە چاتاق يوق..

سابىق يىگىتىمگە قاراپ زورىغا كۈلۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئىچىدە مېنى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.

لېفىت ئېچىلىپ ئۈچىمىز ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق. سابىق يىگىتىم بىردەم ئايالىنىڭ چېچىنى ئوڭشىسا، بىردەم قولىنى سىقىمداپ قوياتتى. مەن بولسام بۇ ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشاتتىم.

شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ماتېرياللارنى رەتلەشكە باشلىدىم. سابىق يىگىتىم يېنىمغا كەلدى.

_ رەتلەپ بولغان بولسىڭىز يېنىمغا كىرىڭ..

_ بولىدۇ مۇدىر..ھازىرلا كىرىمەن،_ ماتېرياللارنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. ئۇ كونا ئادىتى بويىچە ئىشىكنى تاقىدى.

_ ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار خاتا ئويلاپ قالىدۇ..

_ خىزمەت پارىڭى قىلىۋاتقاندا ئىشىكنى يېپىۋېتىش نورمال ئىشقۇ..

ئۇنىڭغا قارىماي ماتېريالنى ئۈستەلگە قويدۇم.

_ ئەمىسە مەن باشلاي.. ماۋۇ شىركىتىمىزنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چىقارغان مەھسۇلاتلىرى، ماۋۇ بىز ھەمكارلىشىپ باققان شىركەتلەر..

ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئۈستۈمدىن ئاستىمغىچە قاراشقا باشلىدى. جىددىيلىشىۋاتقان بولساممۇ ئۇنىڭغا تەمكىن كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتىم.

_ نېمىش بولدى؟ بۈگۈن باشقىچە ياسىنىۋاپسىزغۇ..

_ كىيىنىشىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن..خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلىشايلى..

_ ئەزەلدىن رەڭلىك كەيمەيدىغان ئادەم بۈگۈن رەڭلىك كىيىۋاپسىز، مېنىڭ دېقىتىمنى بۇراي دېگەنما؟

_ بۇرۇن سىزنىڭ كونتروللىقىڭىزدا رەڭلىك كىيىپمۇ باقماپتىكەنمەن. يولدىشىم مېنىڭ رەڭلىك چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشۈمنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا كەيدىم.قانداق بولماپتۇما؟

_ ھاھا..شۇنداقمۇ؟!_ ئۇ ماڭا غەرەزلىك قاراشقا باشلىدى،_ بۈگۈن فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئايالىمغا چىرايلىق كۆرۈنەي دەپ قىلغانسىز تايىنلىق..ھاھا..
_ دېرىكتور مېنى ئۆزى تاللىدى..قانداق قىلىمىز، مەن شىركەتنى سىزدىن ياخشى چۈشىنىمەن..

_ بوپتۇ، مەن بىر نەرسە دېمىدىمغۇ..فىلىمگە چىقسىڭىز مەن ئەلۋەتتە خوش بولىمەن..

_ ھە راست.. دېرىكتور ئۈندىدارىڭىزنى قاچىلىشىمنى ئېيتقان..

_ ھاھا..شۇنداقمۇ؟! ماقۇل..سىزنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتەي..

ئۈندىدارنى چىقىرىپ ئۇنى قوشتۇم. قولۇم تىترەپ كېتىپ باراتتى.

_ قولىڭىز بەك تىترەيدىغۇ..قورقىۋاتامسىز؟

_ نېمىدىن قورققۇدەكمەن.. بىز خىزمەت مۇناسىۋىتىدە بىر-بىرىمىزنى قوشىۋاتىمىز..بۇنىڭ قورققۇدەك نەرى بار..

_ يولدىشىڭىزغا مەن دېگەن گەپنى دېدىڭىزمۇ؟!

_ سىزگە دېدىمغۇ، يولدىشىمنىڭ ئىشى بىلەن مېنىڭ كارىم يوق..ئۇ نېمە قىلسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى..

_ ماقۇل، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ئىچى ئاغرىمىسا سىناپ باقسۇن..

_ قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ دېگەن شۇ..خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ يۈرىكى پوك پوكتە..باشقىلار ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىز قورقۇشقا باشلاپسىز مانا..

_ قورققۇدەك يېرىم يوق، بەرىبىر مەن سىز بىلەن توي قىلمىغان، ئايرىلىپ كېتىپ ئايالىم بىلەن يۈردۈم..پەقەت يولدىشىڭىز دېگەن ئىپلاس يوقنىمۇ بار قىلىپ دېمىسۇن دېدىم..

_ شۇنداقمۇ؟! مەندىن ئايرىلىپ كېتىپ ئاندىن يۈردىڭىزما؟ ھاھا..ئاغزىمغا كەلدى دەپلا دەۋېرىدىكەنسىز..

_ ئىشقىلىپ مەن ئايالىمغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ باقمىدىم..ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇ دېگەن بۇرۇنقى ئىش..ھازىرقى ھەقىقەت شۇكى..ئۇ مېنىڭ ئايالىم، مەن پەقەت ئۇنىلا ياخشى كۆرىمەن..

يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىشىنى زورىغا بېسىۋالدىم.

_ خىزمەت توغرىلىق پاراڭلىشايلى بولامدۇ..سىز مېنى ئىشخانىغا چاقىرتقاندىن بېرى خىزمەت توغرىلىق سۆزلەپ باقمىدىڭىز..

_ ماقۇل. خىزمەت توغرىلىق پاراڭلىشايلى.. ھېلى مۇخپىرلار كەلگەندە نەدە تۇرۇپ سۆزلەيسىز..

_ بىلمەيمەن. ئۇلار كەلگەندە بىر نەرسە دەيدۇ..يۆتكىلىپ سۆزلىشىممۇ مۇمكىن..

_ دېمەكچى بولغىنىم سىز سۆزلەيدىغان ئورۇنغا ماۋۇ كىتابلارنى قويۇپ قوياي دېگەن..

ئۇ بىر نەچچە كىتابنى ئۈستەلگە قويدى. بۇ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قولىدا كىتاب كۆرۈشۈم ئىدى.

_ بۇمۇ بولىدۇ..كىتاب بولسا تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ..

كىتابقا قولۇمنى تەڭلىشىم بىلەن ئۇ قولۇمنى تۇتتى. ئىككىلىمىز ئوڭايسىز ھالەتتە قولىمىزنى تارتتۇق.

_ ئۇلار كەلگەندە مېنى چاقىرىڭ.. مەن كىتابنى ئەچىقىپ تىزىپ بېرەي..

_ بولىدۇ،_ ئۇ ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئىشىكتىن ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرگىنىچە كىرگەنلەرنى كۆردۈم.

_ ۋوي، كەلدىڭلارمۇ؟ مۇشۇ ئىشخانا شۇ..فىلىمگە بۇ قىز چىقىدۇ..

دېرىكتور گەپ قىلغانچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى.

بايىدىن بېرى جىددىيلەشمىگەن مەن، ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.

_ بولىدۇ، سىز تەييارلىق قىلىۋېلىڭ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىلا كۆرۈنۈش ئېلىشنى باشلايمىز..

_ ماقۇل. مەن تەييارلىق قىلاي..

خىزمەت ئۈستىلىمگە بېرىپ شىركەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم. ياندا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ نېمىلەرنى كۆرۈپ كەتتىڭىز..

_ كۆرمىدىڭىزمۇ، بۈگۈن فىلىم ئىشلەيدىكەن..

_ فىلىمگە سىز چىقامدىكەنسىز؟

_ شۇنداق. مەن شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگەچكە دېرىكتور مېنى چىقىڭ دەيدۇ..

_ ۋوي، شۇڭا مۇشۇنداق ئالاھىدە ياسىنىپ كەپسىزدە..،_ ئۇ ئۈستى بېشىمغا سەپ سېلىپ قارىدى.

_ ياقەي، مەن بۇئىشنى دەپ بۇنداق كىيىنمىدىم، دېرىكتور ئۇ گەپنى بۇ كىيىمنى كىيىپ بولغاندا دېدى.

_ شۇنداقمۇ؟!_ خىزمەتدىشىم گېلىنى قىرىپ كۈلۈپ قويدى،_ ئىشقىلىپ تەلىيىڭىز بار..ئىشخانا مۇدىرلىقتىن چۈشسىڭىزمۇ يەنە فىلىمگە چىقالايسىز..بىزدەك بىر ئۆمۈر دېرىكتورنىڭ دېققەت قىلىشىغىمۇ مۇيەسسەر بولالمايدىغانلارنىڭ مىڭ ياخشى..

_ ئۇنداق دېمەڭ، سىزگىمۇ چوقۇم پۇرسەت كېلىدۇ..راستىمنى دېسەم مېنىڭمۇ بۇ فىلىمگە چىققۇم يوق..خالىسىڭىز سىزگە بېرەي..

_ بولدى، دېرىكتور سىزنى تاللىغاندىن كېيىن بىر سەۋەبى باردۇر بەلكى..مېنى تاللىشى ناتايىن..

_ سىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىڭىزغىمۇ ئۇزۇن بولدى..مېنىڭچە ئەھۋالنى خېلى چۈشىنىسىز..

_ بولدى..ھاجىتى يوق، ماڭا ئىچ ئاغرىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..مەن كۆرۈنۈشكە چىقىشنى خالىمايمەن..سىز چىقىڭ، سىزنىڭ تىل قابىلىيىتىڭىز ھەممىمىزدىن ياخشى..مەندەكلەر پەقەت كۈندە مۇشۇنداق ئىشلەشكىلا يارايمەن.. فىلىم دېگەنلەردىن تامايىم يوق..

خىزمەتدىشىم ئالدىغا قاراپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ تازا خوشال ئەمەستەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ شىركەتكە كەلگىنىگە ئۇزۇن بولغانىدى، لېكىن ھەرقانداق ياخشى پۇرسەتلەر ماڭىلا بېرىلىپ ئۇنىڭغا بېرىلىپ باقمىغانىدى.  ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىكتورنىڭ يېنىغا كىردىم.

دېرىكتور ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى.

_ نېمىش بولدى؟ تەييارلىقنى قىلىپ بولغان ئوخشىمامسىز؟

_ ياقەي. دېرىكتور، سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەنتىم..

_ تېز سوراڭ. سۈرەتكە ئېلىشقا ئاز قالدى..كۆپ ۋاقىت يوق..

_ فىلىمگە يېنىمدىكى خىزمەتدىشىم چىقسا بولامدۇ..

_ نېمىشقا؟ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق دەيسىز..سىزنى بېكىتىپ بولغان تۇرساق..

_ ھەرقانداق ئىش بولسا مەن ئالدىغا چىقىپ قالسام خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن..خىزمەتداشلىرىمغىمۇ پۇرسەت بېرىلسە بولاتتى..

_ سىزنى مەن تاللىدىم. چۈنكى سىز شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىسىز..ماڭا ئىش ئۆگەتمەڭ..

_ لېكىن مەن..

_ باشقا گەپنى قىلماي تەييارلىق قىلىڭ. بېكىتىلىپ بولغان ئىشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ..

دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىدىن بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە چىقىپ جايىمغا كەلدىم. ياندىكى خىزمەتدىشىم داغ چىقىرىش سوپۇنى بىلەن كومپىيۇتېر ۋە چاشقاننى سۈرتىۋاتاتتى.

_ ۋوي بۇنى يېڭى ئالدىڭىزما؟ ئۈنۈمى بولامدىكەن؟

ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئېنىقكى ئۇ مېنىڭ فىلىمگە تاللانغىنىمغا رازى ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇنىڭدىن گەپ سوراشتىن ۋاز كېچىپ ماتېريال كۆرۈشنى داۋاملاشتۇردۇم.

_ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ بۇلارنى ساقلىتىۋەرسەك بولمايدۇ.._ دېدى بۇرۇنقى يىگىتىم يېنىمغا كېلىپ.  

_ تەييارلىق پۈتتى. باشلىساق بولىدۇ.._ دېدىم كەسكىنلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ.

_ رېژىسسور مۇشۇ ئورۇننى مۇۋاپىق دېدى، شۇڭا مەن تەييارلاپ قويدۇم. ئۇ فىلىم تارتىدىغان ئورۇنغا كىتابلارنى تەييار قىلىپ قويغانىدى.

مەيلى ئارىمىزدا قانچىلىك ئۆچ ئاداۋەت بولسۇن، لېكىن بۇ دەقىقىدە ئۇ كۆزۈمگە ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان كۆرۈنىۋاتاتتى.

_ مۇشۇ ئورۇنغا كېلىڭ. بۇ يەردە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى سۆزلەيسىز، قالغان مەزمۇننى يۆتكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيسىز..

ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ رېژىسسور كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

كىتابلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا پۇتۇمنىڭ تېيلىشى بىلەن يەرگە يىقىلدىم.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章