ئايالىم باللىرىمنى تاشلىۋەتتى؟ ئاياللارھېيلسى121-قسم

文摘   2025-01-16 20:50   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم



-سەن نىمىلەرنىمىلەرنى دەۋاتىسەن ھايۋان؟  دادام قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانتىغۇ؟ -

- قاتناش ۋەقەسى دەپ قوي، سەن نىمە دىگەن ئەخمەق شەمسىيە، سىنىڭچە داداڭ 30يىللىق شوپۇرلۇق سىتاژى بار بىر كونا شوپۇر تۇرۇپ، شۇنداق ئاسانلا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قالارمۇ؟ ئەجەبا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ماشنىغا ئوت كىتىپ، پارتىلاپ كىتىشىدىنمۇ ئازراقمۇ گۇمان قىلمىدىڭمۇ؟ ساڭا دىسەم شەمسىيەخان،سەنمۇ خۇددى داداڭغا ئوخشاشلا ئاقكۆڭۈللۈكنى نورمىدىن ئاشۇرىۋىتىدىغان ئەخمەقكەنسەن، ئەگەر ئەينى چاغدا، داداڭ دىگەن ئەخمەق مىنىڭ بىر قوللۇق سۈيقەست پىلانلاپ يىشىل شەھەرنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالغانلىقىمنى بىلگەن چاغدىلا، ئالىيجانابلىق قىلىپ، ماڭا پۇرسەت بىرىمەن، ۋىجدانىمنى ئويغۇتىمەن دەپ جاپا تارتماي، ئۇدۇل دىلو مەلۇم قىلغان بولسا، بەلكىم ماڭىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈش پۇرسىتى بولمىغان بولاتتى،بىراق ئۇ ئاخماق يا مەن بەرگەنگە قانائەت قىلىپ، سىڭگەن نېنىنى يەپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دىمىدى، يا كىلىپ ماڭا پاقىلدىغۇچە، قولىدىن كەلگىنىنى قىلىپ مىنى جازاغا تارتاي دىمىدى، داداڭچۇ، بۇرۇندىن ئاشۇنداق قۇرۇق گەپ ۋە ئالىيجانابلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئادەم ۋە ئوشۇق ئىشلارغا ئارلىشىدۇ، مەن تېخى سىنى، مىنىڭ داداڭنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىشلىرىمدىن خەۋەردار تاپقاچقا رىشىت دىگەن قېرى بىلەن بىرلىشىۋالغان چېغى دەپتىمەن، ئەسلىدە سەنمۇ خۇددى داداڭغا ئوخشاش ئوشۇق ئىشلارغا ئارلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان دەلتىكەنسەن ئەمەسمۇ؟ - تۇرغۇن مۇدىر سۆزلىگەنسېرى شەمسىيەنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ يىرگىنىچلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق ھالدا كۆرۈنۈۋاتاتتى.

- بەكلا نۇمۇسسىزكەنسەن تۇرغۇن،ھەرقانچە پەسكەش بولساڭمۇ، مال-دۇنيانى دەپ، ئۆز قېرىندىشىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشنى قىلار دىمەپتىمەن، سىنىڭ ئەپتى-بەشرىڭنى نىمىشقا بۇرۇنراق تونۇپ يەتمىگەندىمەن،ئىسىت! -

- ھازىر تونۇپ يەتسەڭمۇ كىچىكمەيسەنغۇ!مىنىڭ ئارزۇلۇق جىيەن قىزىم -

- شۇ چاغقۇچە، سىنىڭ دادامغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىڭدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، دادامنىڭ ئىنىسى دەپ چوڭ بىلىپ،  ھۆرمەتلەپ كەپتىكەنمەن، ئەسلى دوختۇرخانىدا شۇ ھالدا ياتقان چېغىمدا قىلغان مۇئامىلەڭدىنلا بىلىشىم كىرەك ئىدى، ئالدىرىماي تۇر ھايۋان، قولۇڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىدىغانلا بولسام، چوقۇم قىلغانلىرىڭدىن بىرمۇ-بىر ھېساب ئېلىپ، سىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزماي قويمايمەن -

- ئەپسۇس، ناھايىتى ئەپسۇس! سەن بۇ مەقسىدىڭگە يىتەلمەيدىغان بولدۇڭ! سەن بۈگۈن بۇ يەردىن ھەرگىز ھايات قايتىپ چىقىپ كىتەلمەيسەن، ئەمدى ساڭا مەڭگۈ مەندىن ئۆچ ئالىدىغان پۇرسەت كەلمەسمىكىن، قانداق قىلامىز ھە! ئەينى چاغدا داداڭمۇ ئۆلۈش ئالدىدا شۇنداق دىگەن، مىنىڭ بىر قىزىم بار، ئالدىرىماي تۇر، ئۇ چوقۇم سەندىن قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن بىرمۇ-بىر ھېساب ئالىدۇ دىگەن، بىراق سەن نىمە قىلالىدىڭ؟ قولۇڭدىن ھېچچىش كەلمىگەننى ئاز دەپ،  داداڭنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىلنى تاغام دەپ يۈردۈڭ، ساڭا دىسەم، سەن داداڭدىنمۇ بىچارىكەنسەن شەمسىيەخان -

-بەكلا يىرگىنىچىلىككەنسەن، دادام ساڭا ئاز ياخشىلىق قىلغانمىدى؟ نىمىشقا ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ئۇنىڭ زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ئەجەبا ئۇنىڭغا قىلغان، ئەتكەنلىرىڭ ئۈچۈن، ئازراقمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمىدىڭمۇ؟ قېرىندىشىڭنى ئۆلتۈرىۋىتىپ ھازىرغىچە قانداقمۇ خاتىرجەم ياشىيالىدىڭ؟ ئىسىت دادامنىڭ سەندەك قانخور ھايۋاننى باققۇچە، ئىتتىن بىرنى باققان بولسىمۇ بوپتىكەن-

-زۇۋانىڭنى يىغ شەمسىيەخان - تۇرغۇننىڭ قۇۋ كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا غەزەپلىك تۈس ئالدى،قاتتىق تەككەن بىر تەستەكنىڭ زەربىسىدىن شەمسىيەنىڭ يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك كۈيۈشۈپ،يۈزى يەنە بىر تەرەپكە سىڭايان بولۇپ ئۆرۈلدى- مىنىڭ ئالدىمدا تولا ۋىجدان پارىڭى قىلىمەن دىمە، داداڭنى  تېخى ماڭا ياخشىلىق قىلدىما؟قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ياخشىلىقلىرى ئۇنىڭ!كىچىكىمدىن داداڭنىڭ قارا سايىسىدە ياشاپ كەلدىم،دادام بىلەن ئانامنىڭ، ئاشۇ ئارزۇلۇق بالىسىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ،ئاكاڭدىن ئۈگەن، ئاكاڭ ئاق،ئاكاڭ كۆك دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى كەمسىتىش ئىچىدە چوڭ بولدۇم، مەيلى نىمىش قىلىشنى ئويلىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئالدىمدا ئۇ بولغاچقا،ھەرۋاقىت توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم،ئۇ مىنى ھەرۋاقىت چەكلەپ،ئاتا-ئانامغا يامان كۆرسىتىپ كەلدى، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلاي دەپ بەل باغلىسام،ئۇنىڭ تۈگىمەيدىغان نەسىھەتلەر بىلەن توسالغۇ بولۇشىغا ئۇچرايتتىم،ئۇنىڭ نەزىرىدە،مەن قولىدىن ھېچچىش كەلمەيدىغان، قىلغان ھەرقانداق ئىشىمدىن چاتاق چىقىدىغان،بىر كىچىك بالا ئىدىم، دەل ئاشۇ نۇمۇسسىز داداڭنىڭ دەستىدىن،دەل سەن دەۋاتقان ئاشۇ ئىسىل قېرىندىشىمنىڭ كاساپىتىدىن مەن ساق 50ياشقا كىرگەنگە قەدەر ھېچقانداق بىر نەتىجە يارىتالماي، ئۇنىڭغا خوش-خوش دەپ،خۇشامەت قىلىپ ياشاپ كەلدىم،50ياشقا ئۇلىشىپ،ئەمدى بىر  جۈرئەتكە كىلىپ،ئازراق نەتىجە قازىنىپ، يىشىل شەھەرنى ئۆتكۈزىۋېلىپ،روناق تاپقۇزىۋاتقنىمدا،جىمجىت ئارامىمنى ئالاي دىمەي،يەنە ھەممە ئىشقا چېپىلىۋېلىپ،ماڭا تەھدىت سېلىپ،ئاخىردا ئۆزىنىڭ بېشىغا چىققاندا ئاندىن توختىتىدى،بىلىپ قوي شەمسىيەخان،داداڭ مىنىڭ قېرىندىشىم ئەمەس بەلكى،بۇ ھاياتىمدىكى بىردىنبىر قارا چۈشۈم،ئۇ بار،مەن ئاتا-ئانام يوق،پۇلۇم يوق، ئىستىقبالىم يوق،كارغا كەلمەس،يارىماس بولۇپ ياشىدىم،پەقەت ئۇ ئۆلگەندىن كىيىنلا ئاندىن ھەقىقى بىر ھاياتنىڭ ئىگىسى بولدۇم، ھەر-ھەر ئىشلارنى تەۋرىتىپ،پۈتۈن يىشىل شەھەرنىڭ ئاسمىنىدا يورۇق يۇلتۇزدەك چاقنىدىم،سەن كۆڭلۈڭدە،ئاشۇ پەسكەش، ھايۋان،نۇمۇسسىز دىگەندەك سۆزلىرىڭ بىلەن،مىنىڭ ۋىجدانىمنى ئويغاتماقچى بولۇۋاتقانسەن بەلكىم،ۋە ياكى شۇ سۆزلىرىڭ بىلەن  مىنى پۇشايمان قىلدۇرالايمەن دەپ ئويلاپ قېلىۋاتقانسەن،بىراق،سىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم،مەن داداڭدىن يىشىل شەھەر گورۇھىنى تارتىۋالغىنىم ھەم ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكىنىم ئۈچۈن، ھەرگىز پۇشايمەن قىلمايمەن،ھەتتا شۇنى كىسىپ ئېيتالايمەنكى،داداڭنى ئۆلتۈرىۋەتكىنىم،مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ توغرا قىلغان ئىشىم،ئەگەر داداڭ داۋاملىق ياشىغان بولسا،مەن داۋاملىق نۇرسىز،خۈنۈك، يارىماس،بىچارە بولۇپ ياشىغان  بولاتتىم، داداڭ ئۆلدى،مەن نۇرلاندىم، ھەقىقى ئۆزۈم بولۇپ،ھەممىنى ھەيراندا قالدۇرۇپ ياشىدىم، شۇڭا قىلغانلىرىمغا قىلچىلىك پۇشايمىنىم يوق، بۈگۈن ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ، ھەرگىز كەينىمگە قاراپ،داداڭغا قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىپ،بىر تامچە ياش تۆكۈشنىمۇ خالىمايمەن،مەغرۇر ياشىدىم،مەغرۇر ھالدا ئۆلۈمنى قوبۇل قىلىمەن-

- سەن جېنىغا زامىن بولغان ئاشۇ خاتالىقسىز ئادەملەرنىڭ ھاياتىچۇ؟سەن ساتقان زەھەرنى چىكىپ،ھاياتى نابۇت بولغان ياشلارچۇ؟سەن نابۇت قىلغان ئائىلىلەرچۇ؟ئاشۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىڭ  ئۈچۈن ئازىراقمۇ ئېچىنمامسەن؟ئەجەبا!-

- ئېچىنمايمەن،شەمسىيە،ھەرگىز ئېچىنمايمەن،ھەممىسى ئۆزىدىن كۆرسۇن، مەن خاتالىقسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ باقمىدىم، داداڭ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى،ئاناڭنىڭ داداڭدەك ئادەمگە تىگىپ قالغىنى ئۇنىڭ خاتالىقى، مەن بىلەن شىرىكلىشىپ،داداڭنى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى ئادەملەر ئاچكۆزلۈكىنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى، زەھەرنى مەن ساتمىساممۇ خەق ساتاتتى،ئۇ ئادەملەر مەن سېتىشتىن بۇرۇن چىكەتتى،شۇڭا ئۇ خەقنىڭ ھاياتىنىڭ نابۇت بولۇشى،ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ،سەنمۇ بار شەمسىيەخان،سەنمۇ ھازىرلا ئۆلىسەن، خاتالىقسىز كەتتىم دەپ،كۆزۈڭ ئوچۇق كەتمىسۇن،سەنمۇ داداڭنىڭ قىزى بولۇپ قالغان خاتالىقىڭ،ھەم ئۆتكەن كۈنۈڭگە قانائەت قىلىپ،جىمجىت ياشىماي،داداڭغا ئوخشاش ھەممە ئىشقا چېپىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان تېتىقسىز خاراكتىرىڭ ئۈچۈن ئۆلىسەن، كەينىڭدىنلا بەلكىم مەنمۇ ئۆلۈشۈم مۇمكىن، مىنىڭ ئۆلۈشۈمنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىڭغۇ؟بۈگۈن سىنى مۇرادىڭغا يەتكۈزگىنى كەلدىم،بىراق مەندەك كاتتا ياشىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بۇنداقلا ئاددىي ئۇزىتىلسا بولمايدۇدە،شۇڭا بۇ بىرقانچىڭلارنى ئۆزۈمگە ھەمدەپنە قىلىشنى تاللىدىم، -تۇرۇغۇن ،قولىدىكى پىچاقنى ئاستا-ئاستا  شەمسىيەنىڭ گېلىغا يېقىن ئاپاردى- قان،مەن قاننى بەك ياخشى كۆرىمەن -ئاستا سۈركەپ، زەخمىلەنگەن ئورۇندىن چىققان نەچچە تامچە  قاننى بارماقلىرى بىلەن تىلىغا ئاپىرىپ يالىدى - ھەقىقەتەن قالتىس بۇ مىنىڭ جەمەتىمنىڭ قېنى،-قاقاھلاپ كۈلدى.

- ۋۇ پەسكەش ھايۋان،نوچى بولساڭ ئاۋال كىلىپ مىنى ئۆلتۈر - يەنە بىر چەتتىكى ئورۇندۇققا باغلىنىپ،ئېغىزى مەھكەم تېڭىۋىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن بايىدىن بۇيان يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ،قاتتىق غەزەپلەنگەن بولسىمۇ،زۇۋان سۈرۈشكە ئامالسىز قالغان مۇرات،شەمسىيەنىڭ گېلىغا پىچاق سۈرۈلگىنىنى كۆرۈپ، غەزەپ بىلەن سىلكىنىپ،ئورۇندۇقنى يىقىتىپ،ئېغىزىدىكى پىچەتنى يىرتىۋەتتى.

- ئالدىرىما ئوغلۇم،نىمىگە غەزەپلىنىسەن - تۇرغۇن مۇدىر كۈلكىدىن توختاپ مۇراتقا يېقىنلاپ كەلدى- سەن مىنىڭ ئوغلۇم بولۇشنى  بەكلا ئارزۇ قىلاتتىڭغۇ؟بۈگۈن سىنىمۇ مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن،ئالدىرىماي تۇر، مىنىڭ ئوغۇللىرىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟راخمان قەرزگە بوغۇلۇپ،بىنادىن سەكرەپ،پارچە -پارچە بولۇپ ئۆلدى، ئىبراھىم،ئۆز قېرىندىشىنىڭ پىچىقىدا ئۆلدى، ئىرشات قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئايلاندى،ئۇنىڭ ئۆلۈمى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ،سەن تېخى مىنىڭ قولۇمدا ئۆلىدىغانلىقىڭدىن شەرەپ ھېس قىلساڭ بولىدۇ!ئەسلى مىنى ئىزدەپ كەلمىسەڭ بولاتتى مۇرات،شۇنداق قىلغان بولساڭ،بەلكىم ھاياتىڭنى بولسىمۇ ساقلاپ قالغان بولار ئىدىڭ،بىراق سىنىڭ مەندەك داداڭنى بەكلا كۆرۈپ باققۇڭ كىلىپ كىتىپ،ئولتۇرالماي قاپسەن ئەمەسمۇ؟ساڭا دىسەم،مەندە ئوغۇللىرىمغا نىسبەتەن ئەزەلدىن مېھرى-مۇھەببەت،كۆيۈنۈش دەيدىغان تۇيغۇ بولۇپ باققان ئەمەس،ئۇلار پەقەت مىنىڭ پۇشتۇمدىن بولغان قۇللىرىم،مەن ئۇلارنى ئەزەلدىن قۇل ئورنىدا كۆرۈپ كەلدىم،،باشقا خەققە ئوخشاش  ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن،ئالىم قىلىمەن،بايۋەتچە قىلىمەن دەپ ئەمەس،لازىم بوغاندا ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قالقان قىلىمەن دەپ بېقىپ كەلدىم،ئۇلار مىنىڭ پۇشتۇمدىن تۇغۇلدى، مەن ئۇلارنى باقتىم،ئەلۋەتتە مەن ئۈچۈن خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشى،ھەتتا مەن  ئۈچۈن ھاياتىنى تەسەددۇق قىلىشى،مۇقەررەر بۇرچى ئەمەسمۇ؟ ھەي-مۇرات،ھەي مۇرات،ئەسلى سەن ناھايىتى بەخىتلىك ياشايتتىڭ،ئەپسۇس، ئۆزۈڭنى ماڭا ئىتىراپ قىلدۇرۇپ،مىنىڭ قۇلۇمغا ئايلىنىشقا بەكلا ئالدىراپ كىتىپسەن ئەمەسمۇ؟ماقۇل،مەن ساڭا بۇ شان-شەرەپنى بىرەي،بۈگۈن يەنە بىر قېتىم،مىنىڭ قولۇمدا ئۆلۈپ،مۇرادىڭغا يەت -

-قولۇڭنى تارت ۋۇ ئىپلاس –شەمسىيە تۇرغۇن مۇدىرنىڭ پىچاقنى مۇراتنىڭ گېلىغا ئاپىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى، ئاندىن ئىككى تەرىپىدە بىردىن كۈزەتتە تۇرىۋاتقان ۋە رەھىمە بىلەن مۇراتنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارىدى-سىلەر تېخىچە ئۇيقۇڭلارنى ئاچماي،داۋاملىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جىنايىتىڭلارنى ئېغىرلاشتۇرماقچىمۇ؟   ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ ئۇ بىزنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى ئىكەن، ئۇغۇ ئۆلۈپلا پۈتۈن جىنايەتلىرىدىن قۇتۇلار، بىراق سىلەرچۇ؟ سىلەرنىڭ ياشىغۇڭلار يوقمۇ، ئاتا- ئاناڭلار، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭلار يوقمۇ؟ ھازىرقىدەك  پۈتۈن جەمىيەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقان چوڭ ۋەزىيەتتە، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان تۇرسا، ئۇ سىلەرگە بەرگەن ئاشۇ ئىككى تۆتتال پۇلغا تايىنىپ، قەيەرگىمۇ قېچىپ كىتەلەرسىلەر؟ سىلەر ئىشەنگەن تۇرغۇن مۇدىرىڭلارنىڭ ھەم يىشىل شەھەر گورۇھىڭلارنىڭ كۈنى ئەمدى تۈگىدى، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇپ، تۆھپە ياراتقىنىڭلار تۈزۈك، شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەر ئۈچۈن ساقچىلارغا گەپ قىلىپ، كەڭچىلىك قىلىشنى ئۆتۈنىمىز، ئەمما داۋاملىق بۇ قېرىغا يانتاياق بولۇپ، ئۇنىڭ بىزنى ئۆلتۈرىشىگە ياردەملىشىمىز دىسەڭلارمۇ مەيلىڭلار، ئەمما ئاقىۋەتنىمۇ ئويلۇشۇپ قويۇڭلار، بىز ئۆلسەك، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىپ قۇتۇلسا، بارلىق جاۋابكارلىققا سىلەر قالىسىلەر –

- مۇدىر، ئۇنىڭ دىگەنلىرى راستمۇ؟ سىز راسلا ۋەيران بولدىڭىزمۇ؟  يىشىل شەھەر گورۇھىچۇ؟  سىز راستلا ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرىۋالماقچىمۇ؟ - شەمسىيەنىڭ سۆزلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، تۇرسۇن بېرىپلا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ پىچاق تۇتقان قوللىرىغا كاپپىدە ئېسىلىۋالدى.

- تۇرسۇن، سەن نىمە قىلىۋاتىسەن، ئاشۇ ساراڭ خوتۇننىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، ماڭا قارشى چىقماقچىمۇسەن؟ - تۇرغۇن مۇدىرنىڭ تۇرسۇننىڭ بازغاندەك قوللىرىدىن قۇتۇلۇشقا كۈچى يەتمەي، قولىدى پىچاق چۈشۈپ كەتتى.

- مەن ھېچكىمنىڭ گىپىگە ئىشەنمەيمەن، پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى مەنپەئەتىمگىلا قىزىقىمەن، ئۇ يالغان سۆزلىمىدى، سىز باياتىن ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن، ئۇنىڭغا، سەن مىنى قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كىلىپ،  ۋايران بولۇش باسقۇچىغا ئاپىرىپ قويدۇڭ،شۇڭا  سىنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن دىدىڭىز، يەنە تېخى بۇ بالىغا، سىنى ئۆزۈم بىلەن ھەمدەپنە قىلىپ، بىللە ئېلىپ كىتىمەن دىدىڭىز، ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن دىگەن گىپىڭىزگىغۇ ئىگە بولاسىز؟سىز كۆڭلىڭىزدە،بىزگە ئىككى تۆتتال پۇل بەرسىڭىزلا ھەرقانداق ئىشقا ماقۇل بولىدۇ دىگەنمىدىڭىز،ئۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز،مەن بۇرادەرلىرىمنىڭ جىنىنى سىزنىڭ ئىككى تۆتتال سېسىق پۇلىڭىز ئۈچۈنكا ئوتقا ئىتتىرەلمەيمەن –

- ۋاي-ۋۇي،ئەجەپ ئالىيجاب بولۇپ كىتىپسىنا  تۇرسۇن؟ئەجەبا سىنىڭ ماڭا ئەگىشپ، ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىڭ ئازمۇ؟پۇللا بەرسەم ھەممە ئىشنى قىلاتتىڭغۇ؟تېخى قايسى كۈنىلا ماۋۇ مۇرات دىگەننى جايلىۋىتىدىغان ماشنىنى سەن بىر قوللۇق تېپىپ،ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانىنى بىر قوللۇق ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىدىڭغۇ؟ئەمدى ئەجەپ،ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغان، جىنايەت ئۆتكۈزمەيدىغان ئالىيجاناپ ئادەم بولۇپ كىتىپسىنا!بولدى نازلانما تۇرسۇن، بۈگۈن مەن دىگەندەكلا قىلىدىغان بولساڭ، مەن ساڭا ھەقنى بەش ھەسسە بېرىمەن، ۋاقتى كەلگەندە،شۇ پۇللارنى ئېلىپ،قېچىپ كىتىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەڭ بولىدۇ، قورقما،بۇ ئۈچى ئۆلسە،مەن ئۆلسەم، يەنە سىنىڭ بۇ قاتىللىققا قاتناشقىنىڭنى كىم بىلەتتى، ساقچىلار تەكشۈرۈپ،ئېنىقلاپ بولغۇچە،سەنمۇ بارار جايىڭغا بېرىپ،تاپقان پۇلۇڭنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەمسەن؟- تۇرسۇن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قالدى.

- ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭ تۇرسۇن!ئۇ ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولدى،ئۇنىڭ نەدىمۇ سىزگە ھەق بەرگۈدەك پۇلى بولسۇن،ئۇنىڭغا ئەگىشپ، داۋاملىق قاراڭغۇ پاتقاققا پېتىپ كەتمەڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئويلاڭ -شەمسىيە تۇرسۇننىڭ ئىككىلنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى خاتا قارار چىقرىپ قويۇشتىن توسىماقچى بولدى.

- مەن بېرىمەن دىدىممۇ، چوقۇم بېرىمەن، بانكىدىكى پۇللىرىم تۈگىگەن بىلەن، مىنىڭ يەنە ئۆزۈڭ ساقلاۋاتقان نۇرغۇق نەق پۇلۇم ھەم ئالتۇنلىرىم بار، سىنىڭچە مەن شۇنداق ئاسانلا ۋايران بولۇپ كىتىدىغان ئادەممۇ تۇرغۇن؟ ئىشەنمىسەڭ ماشنامنىڭ كەينى ساندۇقىنى ئېچىپ قاراپ باق، بىر چامىدان پۇل بار،مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىدىغان ئادەم، ماڭا ياردەملىشىپ، بۇلارنى ئوجۇقتۇرىۋەتسەڭلا، بىر چامىدان پۇلنىڭ ھەممىنى ساڭا بىرىمەن – تۇرغۇن مۇدىر دىگەن قاقۋاشمۇ، تەييارلىقسىز كەلمىگەن ئىدى، تۇرسۇن بېرىپ، ماشنىنىڭ ئارقىسىنى ئېچىپ، راستىنلا پۇل قاچىلايدىغان يوغان چامداندىن بىرنى كۆردى.

- مىنى كەچۈرۈڭ شەمسىيە خانىم،مەن بۇ  ئادەمگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساممۇ، ھايات قېلىشىم ناتايىن، ئۇنىڭدىن كۈرە، ئاشۇ پۇللارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكىنىم ياخشى، - تۇرسۇن شەمسىيەگە قاراپ، شۇنداق دەپ، باياتىن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن پىچاقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا تۇتقازدى، - مىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قولۇمنى قانغا بويىغۇم يوق، مەن پەقەت ئوتتۇرلۇقتىكى بىر ۋاستىچى خالاس، ئۇلارنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆلتۈرۈڭ-

- ئەجەبا سىلەرمۇ قاراپ تۇرامسىلەر؟ سىلەرگە دەپ قوياي، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى پەۋقۇلئاددە زور قاتىللىق دىلوسىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا تۇرغۇننىڭ بۇرۇنقى جىنايەتلىرى قوشۇلسا،بۇنداق چوڭ دىلوغا چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر قېچىپ، قەيەرگىمۇ بارالارسىلەر؟ - ھالقىلىق پەيتتە يەنە شەمسىيە ئوتتۇرىغا چۈشتى.

- ئاۋال سەن قانجۇقنىڭ تىلىڭنى كىسىۋىتىپ ئاندىن ھەممىڭنى بىردىن، بىردىن قىيناپ ئۆلتۈرەي -تۇرۇغۇن شۇنداق دەپ، دەرھال  شەمسىيەنىڭ يېنىغا كەلدى.

- ئۇنداق قىلماڭ -ئەمدى شەمسىيەنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىگىز بويلۇق بالا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولىغا ئېسىلدى -تۇرسۇن ئاكا، سىز بىزگە ئادەم تۇتقۇن قىلىپ، ھەل قىلىدىغان ئىش بار دىگەن، قاتىللىق قىلىمىز دىمىگەن، بىز باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باققان بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقمىغان، سىزنىڭ تارتىشقۇدەك ئاتا-ئانا ھەم ئورۇق-تۇغقانلىرىڭىز يوق، ئەمما بىزنىڭ ئاتا- ئانا ھەم خوتۇن-بالا چاقىللىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەھەردە، راستىنلا بىزگە كۆيۈنسىڭىز، بىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،بىز بۇ قاتىللىققا ياردەملىشەلمەيمىز، قانداق دىدىم بۇرادەرلەر –

- شۇنداق، شۇنداق، بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشىسى قىلمىغىنىمىز تۈزۈك، بۇ ئادەمنى تۇتۇپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپ،تۆھپە كۆرسىتىپ، جىنايىتىمىزنى يۇيايلى -تۇرغۇننىڭ باشقا ئادەملىرىمۇ شۇ يىگىتنىڭ سۆزىنى قوللاپ بەس- بەس بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈشتى.

-بۇرادەرلەر، ھودۇقماڭلار،ئاۋال مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار، بىز ئاللىبۇرۇن تۇنجى قەدەمنى بېسىپ بولدۇق،بەرىبىر خىزمەت كۆرسىتىپ تۆھپە كۆرسەتكەن ھالدىمۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتۇلغاندىن كىيىن، جىمى جىنايەتلىرىمىزنى ئىقرار قىلماسلىققا ئامالىمىز يوق، نەدىمۇ ئىقرار قىلساقلا بىزنى قويۇۋىتىدىغان ئوبدان ئىش بار دەيسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئۆلمەيدىغان بولسا، ماشنىنىڭ ئارقىدىكى پۇلمۇ ئاشكارلىنىپ كىتىپ،مۇسادىرە قىلىنىدىغان گەپ، ھەم جازاغا تارتىلغاننى ئاز دەپ،پۇلدىنمۇ قۇرۇق قالساق،ئۇ چاغدا بىزنىڭ چىكىنىش يولىمىز پۈتۈنلەي ئىتىۋىتىلمەمدۇ؟ شۇڭا ئاللىبۇرۇن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، مۇشۇ يەرگىچە كەلگەنكەنمىز، يەنە بىر قېتىم تەلىيىمىزنى سىناپ باقايلى، قاچالىساق، قاچقاننى كۆرەرمىز، قاچالمىساق،  ھەممىمىز گىپىمىزنى بىر قىلىۋېلىپ، بىر-بىرىمىزنى ئاقلاپ چىقامىز،قېنى دەپ بېقىڭلار، سىلەر ماڭا ئەگەشكەندىن بۇيان قايسىبىرىڭلارنى زىيان تارتقۇزۇپ باقتىم، ۋاقتى كەلگەندە راستىنلا تۇتۇلۇپ قالساق، جىمى جىنايەتنى ماڭىلا ئىتتىرىپ قويۇڭلا، مانا مەن سىلەر ئۈچۈن ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشقا رازى- تۇرسۇننىڭ گەللىرى توپتىكىلەرنى يەنە ئىككىلەندۈرۈپ قويدى.

- شۇنى دەيمەن باللىرىم، سىلەر نىمە دىگەن نادان، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىتىڭلار؟ ئادەمنى مەن ئۆلتۈرۈپ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن، پۇل، ئەركىنلىك ھەممىسى سىلەرگە قالىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سۆزۈڭلارنى بىرقىلىۋېلىپ، بىر گەپنى تەكرارلاپ تۇرۋالساڭلار بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ جازالانغان ھالدىمۇ، قايتىپ چىققاندىن كىيىن، تاپقان پۇللىرىڭلارنى خەجلەم، ئۆمرۈڭلارنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزمەمسىلەر، سىلەرگە دىسەم، ماشنىنىڭ كەينىدىكى پۇل، بۇيەردىكى ھەممىڭلارنىڭ ئائىلەڭلاردىكىلەر بىلەن بىللە ھاياتىڭلارنىڭ ئاخىرىغىچە، كەڭ تاشا خەجلىشىڭلارغا يىتىم ئاشىدۇ -تىترەپ تۇرغان تۇرغۇن مۇدىر، تۇرسۇندىن كۈچ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى.

- مىنى بەك ئۆلتۈرگۈڭ بار ئىدىغۇ؟ ئاۋال كىلىپ مىنى ئۆلتۈرمەمسەن، ئەبلەخ، مانا مەن ساڭا ھەمدەپنە بولاي، شەمسىيە ئاچام بىلەن رەھىمەنى قويۇۋەت، ئۆزۈڭنى كاتتا  ئادەم چاغلايسەنيۇ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ئىككى ئايالغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئۇيالمامسەن، ۋۇ ھايۋان، ئادەم ئەمەس ھايۋان -مۇرات تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قايتىدىن پىچاقنى قولىغا ئالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، قالايمىقان ۋاقىراپ تىللىغىنى تۇردى. شۇ تاپتا ئۇ، ئاجىز،بىچارە،ئامالسىز رابىيەنىڭ ئەينى چاغدا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كۆرۈنۈشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولۇۋاتاتتى.

-ئالدىرىما مۇرات،ئالدىراپ نىمىمۇ قىلارسەن؟مەن سىنى ئۇنداق ئاسان ئۆلتۈرمەيمەن، ئەلۋەتتە،مىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ جاۋابكار دەل سەن!سەن دىگەن تالادىن بولغان شۇم ئاياغ،سەن قاچان پەيدا بولدۇڭ،شۇ چاغدىن تارتىپ مىنىڭ ئارامىم بۇزۇلدى،ئاۋۋال راخماننى يولدىن چىقاردىڭ، ئاندىن توختىماي تەھدىت سېلىپ،چۈشلىرىمگە كىرىپ،پاراكەندە قىلىپ،جېنىمغا زامىن بولغىنى تاسلا قالدىڭ،بۇمۇ يەتمىگەندەك دەريادىن ھايات قايتىپ كىلىپ،ھەممە ئىشلارنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىپ،ساقچىلارنى ئىزدەپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، مىنى قەدەممۇ-قەدەم ھالاكەت يولىغا قىستىدىڭ،قىسقىسى سەن قاچانلىكى پەيدا بولدۇڭ،شۇ چاغدىن باشلاپ،مىنىڭ تىنىچلىقىم يوقالدى،ئەسلى سەن شۇمپەن، مىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىمنى ۋەيران قىلغىنى كەلگەن شۇمپەنكەنسەن،بۈگۈن مەن سەندەك شۇمپەننىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ،ساڭا  بىر كۆرسىتىپ قوياي،ئاسان ئۆلۈم ساڭا ياراشمىغانكەن،ئاز-ئازدىن قىيناپ،تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۇپ تۇرۇپ، جېنىڭنى ئالاي -تۇرغۇن مۇدىر شۇنداق دەپ، باغلاقتا تۇرغان مۇراتنىڭ ئېغىزىنى مەجبۇرى ئاچۇرۇپ، ئۇنىڭ تىلىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى، ھەم شەمسىيەنىڭ – ياق -دەپ ۋاقىراشلىرىدىنمۇ قىلچىلىك چۆچۈمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئۇچىنى شارتتىدە قىلىپ كىسىۋالدى، ئاندىن – مەن دىگەن كىم، ماڭا ھاقارەت قىلغان تىللىرىڭنى مانا مۇشۇنداق كىسىۋالىمەن -دەپ قاقاھلاپ كۈلدى.

- ئا،ئا، ئا -مۇرات ئېچىنىشلىق ۋاقىراپ ھوشىنى يوقاتتى.

- ۋۇ ھايۋان،ھايۋان،ھايۋانلار -شەمسىيە ئېچىنىشلىق چىرقىراپ كەتتى،بىر تەرەپتە باغلاقتىن بوشۇنۇپ،ئېغىزىنىز ئېچىشقا ئامالسىز ھالدا، بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان رەھىمە،بۇ ئېچىنىشلىق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چېغىدا،مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىپ،كۆزىلىرىدىن توختاۋسىز ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

-،مۇدىر، بۇ سىزنىڭ نىمە قىلغىنىڭىز،بىر تەرەپ قىلسىڭىز چاققانراق بىر تەرەپ قىلمامسىز؟ ئۇنىڭ تىلىنى كىسىۋالغىنىڭىز نىمىسى، پىچاق يارىسى قالدۇرغاننى ئاز دەپ، تىلىنىمۇ كىسىۋالسىڭىز، بىز كىيىن جەسەتنى قانداق يىغۇشتۇرىمىز – تۇرسۇن سەل ھودۇققاندەك قىلاتتى.

-قورقما تۇرسۇن، سەن چوقۇم ئامالىنى تاپالايسەن، ئۇنى يۈك ماشنىسىغا سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭ، ھالى بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولاتتى، بەلكىم، جەسىدىنىڭ بىر پارچىسىنىمۇ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن ئىدى.مەن تېخى ئۇنىڭغا كۆپ يۈز خاتىرە قىلدىم،خاتىرجەم بول، بۇ قېتىم پوقۇمنى ئۆزۈم ئادالايمەن، ۋاقتى كەلگەندە، ئۈچىنىڭ جەسىدىنى مىنىڭ ماشىنامغا بېسىپ بەر ئۇلارنى ئېلىپ،  تىك قىيادىن سەكرەيمەن، ماشىنامدا بىر تۇڭ بىنزىن بار، ماشنا قىيادىن چۈشسىلا، ماي باكىغا ئوت تۇتۇشۇپ، بىنزىن پارتىلاپ، جەسىدىمىزنىڭ ئۇۋىقىنىمۇ تاپقىنى بولمايدۇ –

- ھە ئەسلىدە ئالدىن پىلانلاپ قويۇپتىكەنسىزدە – تۇرسۇن يەنە پەسكويغا چۈشتى.

- ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى شەمسىيەخان، سۆزلەپ بېسىقمايدىغان تىلىڭنى كىسەيمۇ ياكى، گەپ ئاڭلىمايدىغان قۇلاقلىرىڭنى كىسەيمۇ؟، ياق، ياق، نىمىشقا چوقۇم بىرسىنىلا كىسىشىم كىرەككەن، ئەڭ ياخشىسى ئىككىلىسىنى كىسۋىتەي – تۇرغۇن مۇدىر شۇنداق دەپ، يالتىراپ تۇرغان پىچاقنىڭ بىسىنى تىللىرىنى بىلەن يالاپ، شەمسىيەنىڭ يۈز ۋە قۇلاقلىرىنى ياپىلاق ھالەتتە ئاستا سۈركىدى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章