دىللاردا سەنەم116-قسىم

文摘   2025-01-16 20:50   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىمدىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىمدىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
-
.ئۇ تەنبىھلەرگە قارىتا ھېچقانداق پىكىر بىلدۈرمەي، ئاچىسىغا قاتۇرۇپ بىر ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن پېشىنى قاققىنىچە مېھمانخانا تەرەپكە كىرىپ كەتتى. ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئايسەنەم خېنىمغا ئەگىشىپ كەلگەن گۈلساھىپخان گاھ ئۇنىڭغا، گاھ شەرۋانەمگە قاراپ، نېمە قىلارىنى، نېمە دېيىشىنى بىلمەي تىرنىقىنى تاتلاپ تۇرۇپ قالدى. شۇ چاغدا گۈلساھىپخان تۇيۇقسىز ھېس قىلدىكى، بۇ قېتىم ئايسەنەم خېنىم شەرۋانەمنى سەيدۇللا باينىڭ خوتۇنى، بۇ ئۆينىڭ يېڭى ئايال خوجايىنى بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنى تۇغقان ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىغا چىقىپ تۇرۇپ قوغداۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆزىنى تۇغۇپلا باقماي تاشلىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بۇ قىزنىڭ يەنە شۇنچە ئاسانلا شەرۋانەم تەرەپكە ئۆتۈپ ئۇنى قوغدىغانلىقى گۈلساھىپخانغا سەل چۈشىنىكسىز تۇيۇلغان بولسىمۇ، بىر تۇرۇپ ئۇنى خۇش قىلغانىدى. (96-باب تۈگىدى)


-97باب

يېڭى ئەر- خوتۇنلار زىددىيەتتە


(160)


شەرۋانەم يېنىك خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن سەيدۇللا باينىڭ يېنىدا ئۇنى يەلپۈپ ئولتۇرۇپ چەكسىز خىياللار قوينىغا غەرق بولدى. شۇ تاپتا ئۇ توي كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلىدى. شۇ كۈنى بارلىق تۇغقانلار ۋە خوشنىلار ئۆز ھالىغا يارىشا ئۇلارنىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ نەخ پۇل، بىرەر دانە ئالتۇن ئۈزۈك، بىر- ئىككى كىيىملىك ئېسىل رەخت، مەرۋايىت مارجان قويغان دوپپا، كىمخاب تون، كۈمۈش بىلەيزۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىپ داستىخاندا قويغانىدى. لېكىن ئارىدىن ئايسەنەم خېنىملا خۇددى شۇ ئىشنى مۇشۇ كۈنى قىلمىسا بولمايدىغاندەك، دەل مۇشۇ كۈنگە ئۈلگۈرتۈپ شەرۋانەم، سەيدۇللا باي، سائادەت خېنىملارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتمىسا بولمايدىغاندەك، ھېلىقى دوپپىنى نەق ئاشۇ داستىخاندا قويغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ «دادام بىلەن شەرۋانىخاننىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ بۇ نەرسىنى سوۋغا قىلىمەن» دېگىنىنى ھەممەيلەن ئاڭلىغان ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ زادى نېمە سوۋغا قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىشىپ قولىغا قاراپ تۇرۇشقاندا، كۈتۈلمىگەندە قوينىدىن ھېلىقى ئەسكىرەپ كەتكەن كونا دوپپا چىقىپ ھەممەيلەننى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى. بۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكنى پەرەز قىلىپمۇ باقمىغان شەرۋانەم ئۇ دوپپىنى كۆرۈپ ئۆڭسۇلى ئۆچتى. ئوخشاشلا سەيدۇللا باي بىلەن سائادەت خېنىمنىڭمۇ چىرايى شۇ ھامان تۈرۈلۈپ، قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدى. شۇ سورۇندا ئولتۇرۇشقانلار ھېلىقى كونا دوپپىنى كۆرۈپ بىردە ئايسەنەم خېنىمغا، بىردە شەرۋانەمگە تىكىلىپلا قېلىشقان ئىدى. شەرۋانەمنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى سەيدۇللا باي بىلەن سائادەت خېنىم بىلگەنگە ئوخشاش، ئايسەنەم خېنىم ۋە گۈلساھىپخانلارمۇ تولۇق چۈشىنىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا سورۇننىڭ خۇشاللىق كەيپىياتى بىردىنلا نۆلگە تەڭ بولدى. ھەممەيلەن گەپ- سۆزدىن توختاپ ئۆي ئىچىدە پاشا ئۇچسا ئۈنى ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئايسەنەم خېنىم دادىسىنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇردى. لېكىن ئۇ بۈگۈن ھېچنېمىدىن قورقمىغاندەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ، ئۇ ھېلىقى «سوۋغاتلىق دوپپا» نى داستىخانغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەنگە ئېگىلىپ تەۋەزۇ بىلەن سالام قىلغاندىن كېيىن «مەن ھۇجرامغا چىقاي، سىلەر خۇشال ئولتۇرۇڭلار» دەپلا مېھمانخانا ئۆيدىن يېنىپ چىقتى. بۇ تۇرقىدا ئولتۇرۇشقان مېھمانلار ئۇلار ئارىسىدا قانداقتۇر بىر سوغۇقچىلىق يۈز بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلالىدى. بۇنداق بولۇشى ئەلۋەتتە ياخشى ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدى مۇشۇ بىر ئىش تۈپەيلىدىنلا ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ بۇ مەھەللىدە بۇ ئائىلە توغرىلىق يەنە بىر تالاي سۆز- چۆچەكلەر ئۇچۇشۇپ يۈرۈشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. شەرۋانەم بۇ تەرەپلەرگە ئانچە كۆڭۈلشىپ بولالمىدى. چۈنكى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ ئىنتايىن يېرىم ئىدى، ئەمما چوقۇم شۇنداق بولىدىغانلىقىنى مېھمانلار ئۇزاپ، ئەر- ئايال ئىككىسى ھۇجرىدا يالغۇز قالغاندا سەيدۇللا باي ئۇنىڭغا ئېيتقانىدى.

شەرۋانەم سەيدۇللا باي بىلەن يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىملىقىدىن بىر يىغلىغانچە يىغىسىنى توختىتالماي، خېلى ئۇزۇنغىچە ئېسەدەپ كەتتى. ئۇ ئايسەنەم خېنىمنى ئەيىبلىمىدى، پەقەت ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرگەن ۋە تۇغقان چاغلىرىدىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ بىقۇۋۇللىقىنى، چارىسىزلىقىنى سۆزلەپ، ئازاب- ئوقۇبەتلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۆتمۈشىنى يادىغا ئېلىپ ھەسرەت ئوتلىرىدا بەكمۇ ئۇزۇن پۇچىلاندى. سەيدۇللا باي ئۆزىنىڭ كېسەلمەن ھالىتىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئۇ ئەسلىدە مانا مۇشۇنداق بىر ھىماتچى يۆلەنچۈككە، دەردلىرىنى ئاڭلاپ كۆز يېشىنى سۈرتىدىغان دىلكەشكە مۇھتاج ئىدى. ئەينى چاغدا ئېزىز مىسگەرگە كۆڭۈل بېرىپ قېلىشىغىمۇ، ئايسەنەم خېنىمغا قورساق كۆتۈرۈپ، ئامالسىزلىقتىن ئۇنى تۇغۇپ شۇ يەرلەرگە تاشلاپ قويۇشىغىمۇ مانا مۇشۇ ئارزۇ، مۇشۇ ئىستەك سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ تەرىپىنى ئۇ ئۆزى بېلەتتىكى، باشقا ھېچكىممۇ تۇلۇقى بىلەن چۈشىنەر ئەمەس ئىدى.

ئاخشىمى خېلى ئۇزۇنغىچە يىغا يىغلاپ، تەسەللىي بېرىشىپ يېتىپ قاچانلاردا كۆزلىرىنىڭ ئۇيقۇغا كەتكىنىنى بىلمىگەن ئەر- خوتۇنلار ئەتىگىنى ئويغانغاندا شەرۋانەمنىڭمۇ ئوت- كاۋاپ بولۇپ قىزىپ، نېمە دېگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جۆيلۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدى.

ئۇنىڭ ساقسىزلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن قەسىردىكى چوڭ- كىچىكنىڭ ھەممىسى پاتپاراق بولۇشۇپ، بىرسى تېۋىپقا ماڭسا يەنە بىرسى غىزاغا يۈگۈرۈپ دېگەندەك، بىردەمنىڭ ئىچىدە سەيدۇللا باي قەسرى خۇددى سۇ كىرگەن چۆمۈلە ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالدى. سائادەت خېنىم ۋە ئامانەملەر شەرۋانەمنىڭ بۈگۈن كەيپىياتىنىڭ ئانچە ياخشى تۇرمايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ، ئەھۋالنىڭ بۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى. شۇڭا ھەممىدىن بەك جىددىيلەشكەن، كۆڭلى يېرىم بولغان دەل شۇلار بولدى. ئائىلە خاس تېۋىپى كېلىپ بىرھازا ھەپىلىشىپ دورىلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ، سالامەتلىكىمۇ بارا- بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ جىمغۇر، كەمسۆز، كىمنىلا كۆرسە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپمۇ قىلماي يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ شۇنچىلىك تىلى قىسقا ئىدىكى، ھەتتا ئايسەنەم ئۇنىڭ خوجايىنىدەك، ئۇ بولسا بۇنىڭ مالىيىدەك، ئايسەنەم خېنىمنىڭ بۇيرۇقىسىز ھەتتا نەپەسمۇ ئالالمايدىغاندەك بىر خىل يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. سەيدۇللا بايمۇ خۇددى تويى بولۇشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك، مۇشۇ تويدىن كېيىنلا بارا- بارا شىپا تېپىپ، خېلى ئۇزۇننىڭياقى ئۆزىگە چاپلىشىپ ھېچ يىراق كەتكىلى ئۇنىمىغان، كېزىككە ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالغان زۇكامدىن ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى. بەزىلەر ئۇنىڭ تويى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كېسەلدىن ساقىيىپ قالغانلىقىنى «يېڭى خوتۇنىنىڭ ئايىغى ياراشتى» دەپ چۈشەندى. يەنە بەزىلەر بولسا «سائادەت خېنىمنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تويىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋالدى» دەپ، ئۆز ئالدىغا گەپ توقۇپ يۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىشلار بارا- بارا ياخشىلىنىشىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىۋالغان ئېتىغا ئارام بەرمەي قامچا سېلىپ، خۇددى بوراندەك ئۇچقان پېتى قەسىرگە يېتىپ كەلگەن نۇركامال بايۋەتچە ئۇدۇل سەيدۇللا باي بىلەن شەرۋانەمنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ، جىددىيلەشكىنىدىن سالام قىلىشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئايچېھرە خېنىمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بېرى ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بىچارە ئانىنىڭ كېلىنى بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭغا نەچچە ئېغىز ۋەسىيەت ئېيتىۋالغۇسى بارلىقىنى، شۇڭا ئالدىراپلا ئايچېھرە خېنىمنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئايچېھرە خېنىم بۈگۈن بۇ ئۆيگە كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا بۇ ئۆيگە كەلمىگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى. «ئايچېھرە خېنىم بۇ ئۆيدە يوق، كەلمىگىلى خېلى بولدى» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ چىرايىدىن قان قاچتى. ئۇ تېخى بۈگۈن ئەتىگەندە دادىسىغا ئەگىشىپ مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن «ئاياغ مەھەللىدىكى ئۆيگە بېرىپ دادامنى يوقلاپ كېلىمەن» دەپ ئىشىكتىن چىققىلىۋاتقان ئايچېھرە خېنىم بىلەن خوشلىشىپ، ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ ئۇزاتقان ئەمەسمىدى؟ بايا خىزمەتكارى مەكتەپكە خەۋەر يەتكۈزگىلى بارغاندا «چوڭ ئاغىچا خېنىم سىزنى ئۇدۇل ئاياغ مەھەللىگە بېرىپ، ئايچېھرە خېنىمنى ئېلىپ ئاندىن ئۆيگە بارسۇن دەيدۇ» دېگەن گەپنى ئېيتقىنىدىنلا ئۇنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى، سەيدۇللا باي قەسرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ ئەگەر ئۇ بۇ ئۆيدە بولمىسا بەلكىم «ئالدىمدىراق يولغا چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەتكەندۇ» دېگىلى بولاتتى، لېكىن پەقەتلا كەلمىگەنلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ ئۆيگە كەلمىگىلى ئۇزۇن بولدى دېگەن گەپ شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ قويۇپ ئىككى كۈندە بىر ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، بۇ يەرگىمۇ كەلمەي باشقا بىر يەرلەردە يۈردى، دېگەن گەپقۇ ئاخىر؟! شۇلارنى ئويلاپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئاچچىقى قاق تۈۋىدىن تۇتتى. شۇنداق بولسىمۇ قېيىنئاتىسى بىلەن بۇ يېڭى ئۆگەي قېيىنئانىسىنى باشقىچە خىياللارغا باشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ خوشلىشىپ، ھۆرمەت بىلەن كەينىچىلەپ مېڭىپ ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى.

ئۇ سەيدۇللا باي قەسرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن «ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىشى مۇمكىن» دېگەن بىر ئوي بىلەن شۇ تەرەپنى نىشانلاپ ئېتىغا قامچا سالدى. دەرۋەقە، ئالەمدىن بىخەۋەر ھالدا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان ئايچېھرە خېنىمنىڭ ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن تاپالماي بۇ يەرگىمۇ ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. خوتۇنىنى ماھىبەدەر خېنىمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈش بىلەن ئاچچىقتىن قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە ئارتۇق سۆزلەشنى بىھاجەت كۆرۈپ، ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئايچېھرە خېنىمنىڭ ھازىرلا ئۆزى بىلەن قايتىپ ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. كۈننىڭ كەچ بولمىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆيگە قايتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئايچېھرە خېنىم قېيىنئانىسىنىڭ ئۆلۈم بوسۇغىسىدا تۇرۇپمۇ چەكسىز ئۈمىد بىلەن بىر ئۆزىگە ساقلاۋاتقانلىقىنى، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى كېلىنىنى بىر كۆرۈپ، ئوغلىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىۋېلىپ خاتىرجەم كۆز يۇمغۇسى بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي، ئېرىنىڭ ئىلتىجاسىغا بويۇن تولغىماقچى بولدى. ئەمما كۈيئوغلىنىڭ قاش- قاپىقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەن، بۇلار قايتىپ بارغۇچە ئايال قۇدىسىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئىشنىڭ ياخشى يېرىدىن چىقمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن مېھرىيار خېنىم ئاستا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ، چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۇنى يولغا سېلىپ قويدى.
شۇ كۈنى ئايچېھرە خېنىمنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە قايتقان نۇركامىل بايۋەتچە ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋېدالىشىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. دادىسى ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ تېخى ھېلىلا جان ئۈزگەنلىكىنى، ئەگەر ئون قەدەمنى ئىتتىكرەك ئالغان بولسا يۈزىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قار- يامغۇر يىغلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقى تېخىمۇ چېكىگە يەتكەن نۇركامىل بايۋەتچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايچېرە خېنىمنىڭ باشباشتاقلىقىدىن، «دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن» دەپ يولنى بۇياققا سېلىپ قويۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، يولنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىۋالىدىغان، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېنىدا تۇرىۋالىدىغان ۋاقتىنى يول ماڭدۇرۇپ بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئاغرىندى. دېمىسىمۇ، ئەگەر ئايچېھرە خېنىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەي سەيدۇللا باي قەسرىدە بولغان بولسا، نۇركامىل بايۋەتچە بارغان ھامان ئۇنى ئالاتتى- دە، كەينىگە يانغان ھامان ئۆيىگە ماڭسا بەلكىم ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشىپ ۋىدالىشىشقا ئىمكانىيىتى تامامەن يېتەتتى. خېلى ئۇزۇندىن بېرى كېسەللىك ئازابى تارتىپ ئۆيدىنمۇ چىقالماي يېتىۋاتقان دۇنيالىقتىكى بىر تاللا ئانىسى مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ساقلاشقا قۇربى يەتمىگەن ھالدا ۋاقىتسىز دۇنيادىن كەتسە، ئانىسىنىڭ دىدارىغا شۇنچە ئالدىرىغان ئوغۇل خوتۇنىنىڭ يالغانچىلىقى، ئۆزىنى يول ماڭدۇرۇپ بىھۇدە ئاۋارە قىلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇندەك ۋاقىتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇپ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالسا، بۇنى قانداق ئادەم قوبۇل قىلالايدۇ؟...

مۇشۇ سەۋەبتىن نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئايچېھرە خېنىمدىن كۆڭلى قالدى. ئۇنى «چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن» دېمەي، «باشقا ئاياللاردەك لاتاپىتى، گۈزەللىكى يوق، بەتبەشىرە يۈزلۈك» دېمەي، ئەتىۋارىنى قىلىپ خوتۇنلۇققا  ئالغان بۇ بايۋەتچە مۇشۇ بىر ئىش سەۋەبىدىن خوتۇنىغا بولغان مۇھەببىتىنى پاك- پاكىزە يوقىتىپ قويدى. نېمە ئۈچۈنكىن، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن باشلاپ نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەي قويدى. ئەمما خوتۇنىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىمگە تىنماي، ھەممىنى ئىچىدە بىلىپ بىراقلا جىمىپ كەتتى. بەلكىم بۇ ياخشى كۆرمەسلىك ئەمەس، رەنجىش بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇ تەرزدە نۇركامىل بايۋەتچە ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلار بىرلىكتە ئانىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئۆيدىكىلەرمۇ ئوخشاشلا يۈز- ئابرويلۇق، بايلىق، مەرتىۋە جەھەتتە سەيدۇللا بايدىن قېلىشمايدىغان كاتتا ئائىلە بولغانلىقتىن، مۇنداق ئۆلۈم ئىشى چىققاندا ھال سورىغىلى، ھايات قالغانلارنى يوقلاپ تەسەللىي بەرگىلى كېلىپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ جېق ئىدى. نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ دادىسى خوتۇنىنىڭ دەپنە ئىشلىرى ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر تەرەپكە پالاقشىپ ھالى قالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئازابتىن تۈگىشىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالاي دەۋاتاتتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章