توي ۋە سۈيقەست7-قسىم

文摘   2025-01-19 20:34   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 



-
7-قىسىم

ياندىلا توختىغان دېرىكتور بىلەن سابىق ئوغۇل دوستۇمنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ يولدىشىم قولۇمنى تۇتتى.  

ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتا قارىدىم. ئۇ ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىمچە ماشىنىدىن چۈشتۈم.

_ ۋوي. بۈگۈن ئىشقا بالدۇر كەپسىزغۇ.._ دېدى دېرىكتور ماڭا قاراپ.

_ شۇنداق..يولدىشىم ئەكەپ قوياي دەپ تۇرىۋالدى شۇڭا..

_ ياخشىمۇسىز، تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن..ئايالىم گېپىڭىزنى جىق قىلىدۇ،_ يولدىشىم دېرىكتورغا قول تەڭلىدى. سابىق يىگىتىم ئالدىراپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.

_ ياخشىمۇسەن..ئايالىمغا ۋاكالىتەن مەن كۆرۈشەي..تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن..

_ جېنىم، بۇياق يېڭى ئىشخانا مۇدىرىڭىز شۇمۇ.._ يولدىشىم ئەتەي ماڭا قارىدى.

_ شۇ..شۇنداق..دېرىكتورنىڭ يولدىشى..يېڭى ئىشخانا مۇدىرى..

_ سىزدەك قابىلىيەتلىك ئايالنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، دېمەك خېلى ئىقتىدارلىقكەن..

سابىق يىگىتىممنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى. لېكىن يولدىشىم ئۇنىڭ قولىنى قويىۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى.

_ شۇ شۇنداق..مەنمۇ قايىل.._ بۇ پاراڭنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەيۋاتاتتىم.

_ ئەمىسە سىلەر بىر ئاز پاراڭلىشىڭلار..بىز كىرىپ كەتتۇق،_ دېرىكتور مېنى تارتقىنىچە لېفىت تەرەپكە ماڭدى. پۇتۇم ئالدىغا ماڭغان بىلەن كۆزۈم ئارقىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكىنىگە قىزىقاتتىم.

دېرىكتور لېفىتكە چىققاندىن كېيىن قەۋەت سانىنى باستى.

_ دېرىكتور، مۇدىرنى ساقلاپ تۇرايلىمۇ..

_ بولدى، ساقلىمايلى..ھازىر تېخى ئىشقا چۈشۈش ۋاقتى بولمىدى..ئىككىسى بىردەم پاراڭلىشىشى مۇمكىن...ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ پارىڭى بار..

_ لېكىن ئۇلار تونۇشمىسا..

_ تونۇشمىسا؟ قىزلار غەيۋەت قىلغاندا يېقىن دوست بوپ قالغانغا ئوخشاش،ئۇلارمۇ بىر تېمىنى ياكى بىر تاماكىنى تاپسا دوست بوپ قالىدۇ..

لېفىتقا ئادەم توشۇشقا باشلىدى. يولدىشىم بىلەن سابىق يىگىتىمنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكىنىگە قىزىقىۋاتاتتىم. ئويلىغانچە جىددىيلىشەتتىم.

_ يولدىشىڭىز خېلى بولىدىغان يىگىتكەن ھە..

_ شۇ...شۇنداق.. ئۇ بەك ياخشى..

_ سىزگە بەك كۆيۈنىدىغاندەك تۇرىدۇ..بەك ماسلىشىپسىلەر..

_ رەھمەت دېرىكتور..سىلەرمۇ بەك ماسلىشىپسىلەر..

لېفىت ئېچىلىپ ئىشخانىغا كىردۇق. خىزمەت ئورنۇمدا ئولتۇرغاندىن باشلاپ كۆزۈم ئىشىكتە قالدى. سابىق يىگىتىم بىلەن يولدىشىمنىڭ زادى نېمىلەرنى دېيىشىۋاتقانلىقىغا قىزىقاتتىم.

_ تازىمۇ بىر ئىش بولدىغۇ..يېڭى ئىشخانا مۇدىرى بىلەن بىر لېفىتقا چىقىپ قاپتىمەن دېسە..

خىزمەتدىشىم غۇدۇرغىنىچە جايىدا ئولتۇردى. ئارقىدىنلا كىرگەن سابىق يىگىتىمنى كۆرۈپ كومپىيۇتېرغا قارىۋالدىم. ئۇنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشىدەك كۆرۈنمەيتتى.

_ سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن..نېمانداق كومپىيۇتېرغا كىرىپ كېتىدىغاندەك ئولتۇرىسىز،_ خىزمەتدىشىم مېنى سىلكىپ قويدى.

_ كەچۈرۈڭ، كاللامدا باشقا خىيال بولۇپ قېلىپ..

_ مەن بۇ مۇدىرنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمىدىم.. ھېچقانداق ئىقتىدارى يوقمىكىن دەيمەن..

_ قانداقسىگە، قارىسا خېلى ئەقىللىقتەك تۇرىدىغۇ..تۈنۈگۈن گېپىنى ئاڭلىساممۇ شۇنداقتەك..

_ لېفىتتا بىرسى بىلەن تېلىفون پاراڭلاشتى..ئاۋازى شۇنداق ئۈنلۈك، گەپلىرى شۇنداق قالايمىغان..ساپا دېگەن نېمە يوقكەن..ئىچى قۇرۇق ئادەمدەكلا كۆردۈم..

_ ئاچچىقلانغاندا ھەممە ئادەم ۋارقىرايدۇ.. ئۇنداق ئويلىماڭە..

ئۇنى نېمىشقا قوغدايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. بۇنداق قىلمىسام بولاتتى. لېكىن كونترول قىلالمايتتىم.

_ ئۇنى ھەجەپ قوغداپ كەتتىڭىزغۇ..خەق ئورنىڭىزنى تارتىۋالدى جۇمۇ..

_ ھېچقىسى يوق. ئۇ بولمىسا ھامان باشقا بىرسى تارتىۋالاتتى..

_ ئوف..سىزدەك نادان ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن..قاچىڭىزنى تارتىۋالغان ئادەمنى قوغدايدىكەنسىز..

مەن سابىق يىگىتىمگە ئۆچ ئىدىم، لېكىن باشقىلارنىڭ ئۇنى تىللىغىنىنى، ئۇنى ناچار سۆز بىلەن تەسۋىرلىگىنىنى كۆرگەندە يۈرىكىم ئېچىشاتتى.

«بۇ چوقۇم مۇھەببەت ئەمەس، مەن ئۇنى  ئۇنتۇپ كەتتىم» دەپ قويدۇم ئۆزۈمگە پىچىرلاپ.

_ سىز..ئىشخانامغا كىرىڭ،_ سابىق يىگىتىمنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. كۆڭلۈم نېمىلەرگىدۇر ئەنسىز سوقۇپ تۇراتتى.

ئۇ ئىشىكنى تاقىدى.

_ سىز زادى نېمىش قىلماقچى؟

_ نېمىش بولدى؟ خىزمەتتىن چاتاق چىقىپتۇما..

_ يولدىشىڭىزنى ماڭا كۆرسەتكىلى ئەكەلدىڭىزما؟

_ ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق يولدىشىم، مېنى ئىشقا ئەكەپ قويسا خاتا ئەمەستۇ..

ئۇ گېلىنى قىرىپ كۈلدى.

_ ھاھا..مېنى يەنە ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە.. ئۇنى ماڭا كۆرسەتكىلى ئەكەپسىز..

_ خىزمەت ئىشى بولمىسا مەن چىقاي..

ئىشىك تەرەپكە ئۆرۈلدۈم.

_ ئۇ سىز بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىمنى بىلىدىكەن..

ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قايتىدىن قارىدىم.

_ شۇنداق. بىلىدۇ..بىلسە بولمامدىكەن..

_ ئۆزىڭىزنىڭ سەتچىلىكىنى يولدىشىڭىزغا دېيىشتىن خىجىل بولمايدىكەنسىز ھە..

_ مېنىڭ نېمە سەتچىلىكىم بولسۇن. كىم ئۆمرىدە بىرەر ئەخلەت بىلەن ئارلىشىپ قالمايدۇ دەيسىز.. بۇنى سەتچىلىك دېگىلى بولماس..ئادەم ماڭغۇچە پوققىمۇ دەسسىۋالىدىغۇ..

_ ئاغزىڭنى يۇم..ئۆزۈڭچە ماڭا تەنە گەپ قىلغۇدەك بولدۇڭما..

_ ھېلىمۇ مېنى ئىككى يىل باشقۇردىڭىز..ئەمدى مۇناسىۋىتىمىز تۈگەپ ئايرىم ئۆي تۇتقاندىمۇ يەنە مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئارلىشامسىز..بۇ ھوقۇقنى سىزگە كىم بەردى..

_ ئايالىم بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى بىلىپ قالسا بولمايدۇ..باشقىسى بىلەن كارىم يوق..يولدىشىڭىزغا دەپ قويۇڭ، ئاغزىنى يۇمسۇن. باشقىلارغا بۇ ئىشنى دەپ يۈرمىسۇن..

_ ھاھا..سىز ھېچنېمىدىن قورقمايتىڭىزغۇ.. ھېلىقى كۈنى قانداق چوڭ سۆزلىگىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ...ئەمدى ھەجەپ ماڭا يالۋۇرغىلى تۇرۇپسىزغۇ..ئايالىڭىزدىن بەك قورقىدىكەنسىزدە..

_ مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى بۇزغۇم يوق..شۇڭا يولدىشىڭىزغا دەپ قويۇڭ..تۇرمۇشۇمغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىسۇن..بولمىسا ئۇنى بوش قويىۋەتمەيمەن..

_ يولدىشىم سىزدەك ئىچى تار، كۆزى كىچىك ئادەم ئەمەس..سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئارلىشىپ يۈرمەيدۇ..يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى مەن تۇتىۋالالمايمەن..نېمە دېگۈسى كەلسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى..

_ خىزمەت ئورنىڭىزنى تۇتۇپ قالاي دېسىڭىز، يولدىشىڭىزغا دەڭ..

_ ھاھا..ئايالكىشىنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ خىزمەتكە ئېرىشىپ ئىككى كۈن بولماي، ماڭا خىزمەتنى دەستەك قىلىپ تەھدىد سېلىۋاتامسىز؟

_ سىز 30دىن ئاشتىڭىز..خالىغان يەرگە بېرىپ ئىشلىيەلمەيسىز..

_ جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى.. مېنىڭ نېمە قىلىشىمنى سىز كونترول قىلالمايسىز..

_ ئەگەر بىر شىركەتتە يۈزىڭىز تۆكۈلۈپ ھەيدەلسىڭىز، باشقا يەر سىزنى ئىشلىتىشتىن يالتىيىدۇ..بۇ يۈز تۆكۈلۈشنى بار قىلالايدىغىنى مەن، يوق قىلالايدىغىنىمۇ مەن..

ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلدىم.

_ قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا..مەن سەندىن قورقۇپ قالمايمەن..

ۋارقىراش بىلەن تەڭ پۇت قولۇم تىترەشكە باشلىدى.

ئىشىكنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغان دېرىكتورنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.

_ ياخشىمۇسىز دېرىكتور..

_ ياخشىمۇسىز،_دېرىكتور ماڭا قاراپ كۈلدى،_ نېمانداق جىددىيلىشىسىز.. خىزمەتنى تولۇق ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىزمۇ..

_ تۈنۈگۈنلا ئۆتكۈزۈپ بولغان. مۇدىر بىلەلمەي قاپتىكەن..بۈگۈن يەنە بىر چۈشەندۈرۈپ قويدۇم..

_ بولىدۇ. خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ،_ دېرىكتور ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. مەن بولسام جايىمغا كېلىپ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم. ئۆزۈمنى يەنە قانداق پالاكەتچىلىكنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى بىلمەيتتىم. ئويغانچە تىترەپ كېتىپ باراتتىم.

_ ۋاي بۇ مۇدىر نېمانداق سىزنىلا ئىشخانىغا چاقىرىۋالىدۇ..ئۆزى قىلالمامدىكىنا..

_ يېڭى كەلدى ئەمەسمۇ..بەزى ئىشلارنى بىلەلمەي قاپتۇ..شۇڭا مەندىن سوراۋاتىدۇ..

_ تولۇق دەپ بەردىڭىزما؟

_ ھەئە..ئەلۋەتتە تولۇق دەپ بېرىمەندە..

_ دۆتتە سىز.. مەن بولسام تولۇق دەپ بەرمىگەن بولاتتىم..كېلىپلا ئورنۇمنى تارتىۋالغان ئادەمگە ھەرگىز ياردەم قىلمايتتىم..سىز يۇۋاش كەپ قاپسىز..

_ ئۇنداق دېمەڭە..ھېچقىسى يوق..ئۇ خېلى ئىقتىدارلىق يىگىتكەن.. بەلكى مەندىن ياخشى ئىشلەيدىغاندۇ.. باشتا چۈشىنەلمىگەن يېرىنى سورىسا نورمال ئىشقۇ..

_ بولدىلا، سىزگە گەپ قىلسام ھېرىپ قالىدىكەنمەن..

خىزمەتدىشىم كومپىيۇتېرغا قارىۋالدى. مېنىڭ پۈتۈن كاللام يولدىشىم ئىككىسىنىڭ پارىڭىدا ئىدى.

ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ لېفىتقا چىقتىم. لېفىت ئېچىلىپ ئالدىمدا تۇرغان يولدىشىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.

_ ۋايجان، ھەجەپ قورقۇتتىڭىز..

_ نېمىش بولدى، سىزنى ئالغاچ كېتەي دېدىم..بولماپتۇما..

_ دوستىڭىزنىڭ ماشىنىسىنى سوراۋەرمەڭ.. ئادەمگەرچىلىك قەرزى بولىسىز..

_ ئۇ كۈندە كەلمەيدۇ..بىر نەچچە كۈنلا ياردەملىشىدۇ..
ئۇ لېفىتكە قاراپ قويدى.

_ دېرىكتورىڭىز بىلەن سابىق يىگىتىڭىز چۈشمىدىما؟ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرايلى، چۈشكەندە كۆرسىتىپ ماشىنىغا بىللە چىقايلى..

_ سىزگە رەھمەت. لېكىن بولدىلا، بۇنداق قىلساق قاملاشمايدىكەن.. قەستەن قىلغان ھەرقانداق ئىش ئاشكارلىنىپ قالىدۇ.

_ ئۇنداق بولمايدۇ..ئەنسىرىمەڭ بولامدۇ.. مەن سىزگە ماسلىشىمەن..

ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتتىم.

_ بولدىلا، قايتىپ كېتەيلى..ئەتىگەن كۆرسەتكەندىن كېيىن بولدى..

ئىككىمىز تارتىشىۋاتقاندا دېرىكتور بىلەن سابىق يىگىتىم لېفىتتىن چىقتى ۋە بىزگە قاراپ قويدى.

_ جېنىم، ماقۇل دەڭە بۈگۈن سىز ياقتۇرغان نەرسىنى يەيلى..سەمرىپ كەتسىڭىزمۇ مەن ھەرگىز سىزدىن ئايرىلمايمەن،_ يولدىشىم بىلىكىمدىن قولتۇقلىغانچە مېنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقتى. دېرىكتور بىلەن سابىق يىگىتىم بىزگە پاتپات قاراپ قوياتتى.

ماشىنا قوزغالغاندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ قولىنى سىلكىدىم.

_ ۋايجان. بەزى قىلىقلىرىڭىز بەك ئېشىپ كەتتى، ھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلىپ كەتسىڭىز ئۇلارغا ياسالما تەسىر بېرىپ قويىدۇ..

_ شۇنداقمۇ، سەت بولدى.. _ ئۇ ئۇدۇلغا قاراپ ئولتۇردى.

_ ماڭا ياردەم قىلىمەن دەپ مۇشۇنداق قىلغىنىڭىزنى بىلىمەن..لېكىن بولدىلا..ئۇلار توي قىلىپ بولدى..ئەمدى نېمىلا قىلسام ئارتۇقچە..

_ يىگىتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغىنى ئۈچۈن ئىچىنى بىر ئاچچىق قىلاي دېدىم..

_ بىلەمسىز، ئۇ مېنىڭ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدىن بەكرەك، سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئەنسىرەيدىكەن..

_ ھە..مېنىڭ ئاغزىمدىن؟ بۇ قانداق گەپ..

_ ئۇنىڭغا مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپتىكەنسىزغۇ..

_ شۇنداق..مەن شۇنداق دېدىم، ئۇنى چۆچۈتۈپ قوياي دېگەن.. ئۇ بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ سىزنى بوزەك قىلالمايدۇ...

_ ھاھا، نادانلىقىڭىزنى قاراڭ..ئۇنداق ئادەم مۇشۇنىڭدىن قورقۇپ مېنى بوزەك قىلماي قالارمۇ؟!

_ نېمىش بولدى، ئۇ سىزگە بىر نەرسە دېدىما؟

_ ھەئە..يولدىشىڭغا دە، بۇ ئىشنى ئاشكارلىمىسۇن، بولمىسا شىركەتتىن سېنى شەرمەندە قىلىپ ھەيدىۋېتىمەن دەيدۇ..

_ ھاھا.. دېمەك ئۇنىڭغا تەھدىد ئىشلىتەلەپتىمەن..ئۇ قورقۇپتۇ..

_ ئۇنداق قىلماڭ. ئۇنىڭدا يۈز يوق.. راستىنلا شۇنداق قىلىپ قالسا، يۈزۈم تۆكۈلىدۇ..

_ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز..

ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم.

_ سىز ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىنىپ قاپسىز، ئۇنىڭدىن قورقىدىكەنسىز..ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپمۇ يەنە ئۇنىڭ كونتروللىقىدىن چىقالمايۋېتىپسىز..

ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇقتەك قىلاتتى. مەن ھېلىھەممۇ ئۇنىڭدىن قورقىۋاتاتتىم.

_ قاراڭ. بۇ مۇناسىۋەتتە خاتا قىلغان ئادەم ئۇ، سىز ئەمەس، قورقۇشقا تېگىشلىكى ئۇ..لېكىن ئۇ سىزنىڭ قورقۇنچاقلىقىڭىزنى بىلگەچكە، سىزگە بېسىم ئىشلىتىۋېتىپتۇ..

_ سىزگە دېيىش ئاسان، بۇ دېگەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ شىركىتى، بىر ئىش بولسا ئۇنىڭ گېپى مېنىڭكىدىن بەكرەك ئاقىدۇ. ئۇ مېنى شەرمەندە قىلىپ ھەيدىسە، باشقا يەردىن خىزمەت تاپمىغىم تەس..

_ بۇ گەپنىمۇ شۇ دېدىغۇ دەيمەن. دۇنيانى ئۇ كونترول قىلامدىكەن..نېمىشقا بۇ شىركەتتىن باشقا يەردە ئىشلىيەلمىگۈدەكسىز، ئىقتىدارلىق ئادەمگە خىزمەت دېگەن كەڭرى..

_ بۇ دەرتنى سىز تارتمىغاندىن كېيىن..دېيىش ئاساندە..مەن 30دىن ئاشتىم..

_ ئىقتىدارىڭىزلا بولسا 60تىن ئاشسىڭىزمۇ خىزمەت تاپالايسىز..

تالاشقىنىمىزچە مەھەللە ئالدىغا كەلدۇق ۋە ماشىنىدىن چۈشتۇق.

_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدۇق، شۇڭا سىرتتىن يەيلى.._ دېدى ئۇ يان تەرەپكە مېڭىپ.

_ مەيلى، نەچچە كۈندىن بېرى سىزنىڭ تامىقىڭىزنى يەپتىمەن، مەن مېھمان قىلاي..

ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ بۇلۇڭغا ئورۇنلاشتۇق.

_ بەزىدە سىز مەندىن چوڭ بولغان بىلەن ئەقلىڭىز مەندىن كۆپ كىچىكتەك ھېس قىلىپ قالىمەن..

_ قانداق قىلىمەن، بۇ ئىشلار شۇنداق مۇرەككەپ تۇرسا..

_ يىگىتىڭىزدىن ئايرىلىپ كېتىپلا كۆرسىتىمەن دەپ ئۆزىڭىزنىڭ بەختىگە چاقچاق قىلدىڭىز، يىگىتىڭىزگە خىزمەت ئورنىڭىزنى تارتقۇزۇپ قويۇپ يەنە ئۇنىڭ كونتروللىقىدىن چىقالمايۋاتىسىز..

_ قانداق قىلسام بولىدۇ..مەن بۇ شىركەتتە ئىشلىگىلى نەچچە يىل بولدى، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن..سىز چۈشەنمىگەچكە مۇشۇنداق سۆزلەيسىز.. مېنىڭ بارلىق سۇغۇرتامنى مۇشۇ شىركەت تۆلەپ بېرىۋاتىدۇ..يەنە بىر شىركەتنى تېپىپ، مۇھىتىغا كۆنۈپ مائاشىمنى ھازىرغا ئەكەلگىچە يەنە بىرمۇنچە جەريان كېتىدۇ..يەنە كېلىپ يېشىم..

_  30ياش بولسىڭىز نېمە بوپتۇ..30ياش ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەسقۇ..

_ ھەئە..سىلەر ئەرلەرگە دېيىش ئاسان..

_ مەن سىزگە ياردەم قىلاي، بۇرۇنقى يىگىتىڭىزدىن ئۆچىڭىزنى ئەپ، خىزمەت ئورنىڭىزنى جايىغا ئەكەپ بېرەي.. شۇنداق قىلسام قانداق قىلىسىز؟

_ قانداق قىلىسىز؟ قانداق قىلسام بولىدۇ..

_ ئەسلىدىكى 10مىڭنى 15مىڭغا ئۆستۈرۈپ بېرىڭ.. قانداق؟

_ ھەي، مېنىڭ ئۈچ ئايدا ئۆسىدىغان مائاشىمنى قوشساممۇ 5مىڭ چىقمايدۇ..مېنى قوياي دەمسىز..ھېلىمۇ سىزدىن تويلۇق ئالمىدىم، ئۆينىمۇ بىكارغا بەردىم، ئۈستىگە پۇل بېرىمەن دەپ ۋەدە بەردىم..يەنە پۇل ئالىمەن دېگىنىڭىز ئېشىپ كەتتى..

_ خاتالاشمىسام، يىگىتىڭىزنى يېڭىشىڭىز مائاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئاجىز ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنغۇ..

_ شۇ..شۇنداق.. لېكىن..لېكىن ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغۇم يوق..

_ ئۇنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟ راست گەپ قىلىڭە..

_ بىلمەيمەن..لېكىن بۇ مۇھىممۇ، ھازىر ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلىسى بار تۇرسا..

_ ئۇنىڭ ئائىلىسى راست، سىزنىڭ يالغان، قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرگىنىڭىز ئۈچۈن..

_ ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى بۇنداق قىينىماڭ. ئائىلىسى بار ئەرنى ياخشى كۆرسەم بولمايدۇ..

_ شۇڭا..شۇڭا ئۇنى يېڭىشىڭىز كېرەك..ئۇنىڭدىن قورقماڭ، ھەم ئىچىڭىزمۇ ئاغرىمىسۇن، مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا ئاندىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىيالايسىز..

_ سىز زادى نېمىش قىلماقچى.. مائاشىم دېيىشكەن پۇلغا ئاران يېتىدۇ.. بۇ ئارقىلىق مېنى قوياي دېگەن بولسىڭىز ئۇخلاپ چۈشىڭىز..

_ ھاھا..ئەسلى پۇلغا چىدىمايۋېتىپسىزدە..

_ ئەلۋەتتە، خىزمەت ئورنۇم تۆۋەنلەپ مائاشىممۇ تۆۋەنلىگەن تۇرسا.._ ئۇنىڭغا غەزەرلىك قارىدىم،_ دېيىشكىلى بولامدۇ؟

ئۇ كۈلۈپ كەتتى.

_ بولىدۇ..سىزگە 2000 چۈشۈپ بېرەي. 3000 بولسۇن.. قانداق؟! ئۈچ ئايدىن كېيىن 13000 بېرىڭ..

_ بولدى كېلىشتۇق،_ ئۇنىڭ بىلەن يەنە قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章