ئاجراشقان ئايال تويسىز قورساق كۆتۈرسە؟ ئاياللارھېيلسى122-قسم

文摘   2025-01-17 20:52   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم



--مۇدىر، بۇ قىزنىڭ سىزگە دەيدىغان سۆز باردەك قىلىدۇ -رەھىمەنىڭ يېنىدىكى ئۇنىڭغا قاراۋاتقان قاپاق كىچىك، باراڭ يوغان، ئۇسقىنى چوڭ خام كاۋىنىڭ چاقىرىشى بىلەن شەمسىيە يەنە  بىر قېتىم تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.

- قېنى ئېغىزىنى ئاچقىنە،ياخشىلىق ياراشمايدىغان قەدىرلىك رەھىمە خانىمنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى مەن بىر ئاڭلاپ باقاي -تۇرغۇن مۇدىر پىچىقىنى ئېلىپ، رەھىمەگە يېقىنلا كەلدى.

- سىلەرگە دەپ قوياي، ساقچىلار ئاللىبۇرۇن بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، بەلكىم سەل تۇرۇپ، پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى خاتالىقىڭلارنى تونۇشقا پۇرسىتىڭلار بار چېغىدا، ئەڭ ياخشىسى ماۋۇ تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئادەمنى تۇتۇپ، ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپ، جىنايىتىڭلارنى يىنىكلىتىڭلار - ئېغىزى ئېچىلىپ كەتكەن رەھىمە، ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىغىلا تىلىنىڭ بار ۋاقتىدا دەيدىغاننى دەۋالغۇسى كەلگەندەك شەمەردەك كەسكىن -كەسكىن سۆزلىۋىدى،تۇرغۇن مۇدىرنىڭ چوماقچىللىرى يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلىغا چۈشۈپ قالدى.

-ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنمەڭلار، نەدىكى ساقچىكەن ئۇ؟ ئادەملەرنى ئۆزۈڭلار تۇتۇپ كەلدىڭلار، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پىلانىمىزدىنمۇ ھېچقانداق خەۋىرى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىنى ئاقتۇرۇپ، ئىلىكتىرونلۇق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالغان تۇرساڭلار، ساقچىلار بىزنى قانداق تاپىدۇ؟ باياتىندىن بۇيان باغلاقتا ئېغىزى ئىتىگلىك تۇرغان بىر مايماق خوتۇننىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، يەنە ئىشنى بۇزماقچىمۇ سىلەر -

-ساقچى ماشنىسنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ-

- راس ساقچى كەپتۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز-

- قارىغاندا ئۇلار بىزنى قورشىۋالغان ئوخشايدۇ،  ئەمدى قانداق قىلىمىز تۇرسۇن ئاكا - تۇرغۇن مۇدىرنىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، ئاڭلانغا ساقچى ماشنىللىرىنىڭ ھۇيقۇيتقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، تۇرسۇن باشلىق چاپارمەنلەر نىمە قىلارىنى بىلەلمەي  قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى. -ماڭا يېقىن كىلىشمە،ماڭا يېقىن كىلىشمە دىدىم -ۋەزىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆزىگە پايدىسىز ھالەتكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆڭلى تۇيىغان غالچىلار،ئەمدى رەھىمە ئېيتقانغا ئوخشاش،  ئاخىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، تۇرغۇن مۇدىرنى تۇتۇپ،تۆھپە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى، ھالقىلىق پەيتتە تۇرغۇن قېرى قولىدىكى پىچاقنى قالايمىقان شىلتىپ كەينىگە چىكنىپ،ماشنىسىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،بار كۈچى بىلەن پالاقلاپ ماشنىسىغا ئارانلا چىقىۋالدىدە، ماشنىنى قوزغۇتۇپ، قۇيۇندەك سۈرئەت بىلەن ، ئىتىك دەرۋازا تەرەپكە ھەيدەپ دەرۋازىغا زەربە بىلەن ئۈسۈپ بۆسۈپ چىقىپ كەتتى.

- ماشنىنى توختات، سەن ئاللىقاچان قورشاۋدا قالدىڭ، ماشنىنى توختات -ساقچىلار راستىنلا ئەتراپنى قورشاۋغا ئېلىۋالغان بولۇپ، تۇرغۇننىڭ ماشنىنى ھەيدەپ، قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كىتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.

- يىرتقۇچ ھايۋاندىنمۇ بەتتەر نىمىكەنسەن -

- ھايۋانمۇ سەندىن مىڭ ياخشى، نەرىڭ ئادەم سىنىڭ -

- تۈفېي سىنىڭ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىڭ ئىسىت - ئەنە ئۇنى تىللاۋاتقان  ئادەملەر

- جاۋابكار تۇرغۇننىڭ قىلمىشى قەبىھ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى كۆزگە ئىلماي،كۆپ قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈپ،ئىزىنى يوقۇتۇپ،كۆپ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتىللىق جىنايەتلىرىنى تەشكىللەپ ئويۇشتۇرغان،ئۆز ئالدىغا قارا جەمىيەت تەشكىللەپ ۋە ئويۇشتۇرۇپ،جەمىيەت ئامانلىقى ۋە ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن كۆپ قېتىم شۇغۇللىنىپ،نۇرغۇن قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان،رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقاپ قالغانلارغا يوشۇرۇن قەستلەش،تەھدىت سېلىش ۋە سۈيقەست قىلىش قاتارلىق قەبىھ ۋاستىلەرنى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان،قىلمىشى دۆلەت ۋە جەمىيەت ئامانلىقى، پۇقرالارنىڭ مال -مۈلۈك ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ،ۋاستىسى قەبىھ،جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ئېچىنىشلىق، سوتىمىز يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ،جاۋابكارنىڭ قىلمىشىغا ئەسلا پۇشايمان قىلىش مەقسىدى يوق دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا بارلىق خاتالىقىنى تونۇش ۋە كەڭچىلىك قىلىش پۇرسەتلىرىنى قەتئىي  بەرمەيدۇ،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا،دەرھال ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىپ،سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىدۇـ ئەنە سوتنىڭ ھۆكۈمى.

قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمەي ماشنىسىنى ھەر تەرەپكە چاپتۇرىۋاتقاندا، تۇرغۇننىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغاندىكى ئاقىۋەتلىرى قايتىدىن ئايان بولدى، ئۇ بۇنداق ئېچىنىشلىق كۈنگە قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتى، لاغىلداپ تىتىرەپ، قوللىرى رولدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ تۇرغان ئاشۇ پەيتلەردە، ئۇنىڭ كۆزى ئامبار ھويلىسىنىڭ غەرپ تەرىپىگە جايلاشقان، يوغان تۆت تۈپ تىرەككە چۈشۈشى بىلەن چاقناپ كەتتى، ھەمدە دەرھال ماي كىلاپانىنى قۇلاققىچە دەسسەپ، ئەڭ تىز سۈرئەت بىلەن بېرىپ، تىرەككە ئۈسسىدى، بىر تۈپ تىرەك سۇنۇپ، يەنە بىر تۈپ تىرەك ماشنىنىڭ ئالدىنى مىجىپ، كەينى ئورۇندۇققا چاپلىۋەتكەن بولۇپ، نەق مەيداندا بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى، تۇرغۇن مۇدىرنى ئاللىبۇرۇن ھاياتىدىن ئايرىلدى دەپ پەرزەز قىلىپ بولغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ تۇرغۇن مۇدىرنىڭ  بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش سۈيقەستى  ئەنۋەر قاتارلىق ساقچىلارنىڭ دەل ۋاقتىدا يىتىپ كىلىپ قۇتقۇزىشى  بىلەن ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلىنىدى. شەمسىيە يىنىك يارىلاندى، رەھىمەگە زىيان-زەخمەت يەتمىدى.

- بىمارنى تولىمۇ كىچىكىپ ئەكەپسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل تولىمۇ نازۇك ئەزا، ئەگەر بالدۇرراق ئەكەلگەن بولساڭلار ئۈزۈلۈپ كەتكەن قىسىمنى تىكىپ، ئەسلىگە ئەكىلىشنى سىناپ باققان بولساق بولاتتى، بىراق ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسىلگەن قىسمى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا قايتىدىن تىكىپ ئۇلاشقا ئامالسىزمىز، ھازىر قوللىنىشقا بولىدىغان بىردىنبىر ئامال،  زەخمىلەنگەن ئورۇندىن ئېقىۋاتقان قاننى توختىتۇپ، شەلۋەرەش ۋە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،  قېپقالغان قىسىمنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش - بىراق ئىنتايىن ئەپسۇس،بىچارە مۇراتنىڭ كىسىۋىتىلگەن تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇمكىن بولماي قالدى.

- دوختۇر،ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا پەقەتلا ئامال يوقمىدۇ؟ناۋادا ئۇنىڭ تىلى شۇ پېتى كەمتۈك بولۇپ قالسا،كىيىنچە سۆزلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يىتەرمۇ؟-

- پۈتۈن پېتى ساقلاپ قېلىشقا ئەسلا ئىمكان يوق، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالالىساقمۇ چوڭ گەپ،تىل ئېغىز بوشلۇقىغا جايلاشقان، ھەرۋاقىت نەم ھالەتتە،مىكروپلار  بىلەن ئۇچرىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ،شۇڭا ئەسلىگە كىلىشىگە مەلۇم جەريان كىتىدۇ،تىل بىرقەدەر ئاكتىپ ئەزا،ئەسلى مىكرو كىسىلگەن ئەھۋاللار بولسا،بەلكىم بىمار ياش بولغاندىن كىيىن،قايتا ئۆسۈپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى، بىراق،كىسىلگەن ئورۇن بىرقەدەر چوڭ، ئۆسۈپ چىقىش ئىقتىدارىمۇ يوق دىيەرلىك،بۇ خىل ئەھۋالدا بىمارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ، ئاۋاز پەردىسى ساغلام بولغان ئەھۋالدا ،ئاۋاز  چىقرىش ئىقتىدارى نورمال،ئەمما تىل توسالغۇسى سەۋەبىدىن ئېنىق سۆزلىيەلمەسلىك ۋە ئىپادىلىيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرلۈشى تەبىئىي- رەھىمە بىلەن شەمسىيە ئىككىلىسى دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مۇراتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قاتتىق ئېچىندى.

- ھەممىنى قىلغان مەن،مۇرات مىنى قۇتقۇزىمەن دەپ،مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئورنىدا مىنىڭ تىلىم كىسىلگەن بولسىچۇ،كاشكى،ئۇنىڭغا ھازىرغىچە تارتقان ئازابلىرى يىتىپ ئاشاتتىغۇ؟

-شەمسىيە ھەدە،ئۇنىڭ قىسمەتلىرىدىن سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بارمۇ - رەھىمەمۇ شەمسىيەگە ئەگىشىپ،ئېچىنىشلىق كۆز يېشى قىلدى.

- مەن ئۇنىڭ ئازابلىق قىسمەتلىرىنى تولۇق ئاڭلىغان،ئۇ ئېيتقان ھېلىقى قارايۈز ئەبلەخنىڭ،تاغام تۇرغۇن دىگەن ھايۋان ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئەسلى ھىسابتا ئۇ مىنىڭ نەۋرە ئىنىمكەن ئەمەسمۇ؟بىتەلەيلىكى ئاز كەلگەندەك،ئەتراپىمدا چۆگىلەپ يۈرسە،ئۇنى تونۇماي،كۆڭلىگە نۇرغۇن ئازارلارنى بىرىپتىمەن -

- شۇ تاپتا يۈرۈكۈم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ ھەدە، شۇتاپتىكى پۇشايمىنىمنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن،ئۇنىڭغا قوپال تەگكەنلىرىم، شۇنچىۋالا كۆيۈنۈپ،كۆڭۈل بۆلۈۋاتسىمۇ، كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قوغلىغانلىرىم كۆز ئالدىمدىن پەقەتلا كەتمەيۋاتىدۇ،ئۇ مىنى ياخشى كۆرەتتى،ھەتتا ماڭا تەلەپمۇ قويغان، بىراق مەن ئۇنى ئېغىز ئاچۇرماي تۇرۇپلا رەت قىلىۋەتكەن،قوپال تەگكەن،كۆڭلىگە ئەڭ قاتتىق ھەم قوپال گەپلەر بىلەن ئازار بەرگەن، مۇرات ئەسلى،قەلبى قاشتېشىدەك سۈزۈك، ھەم بىغۇبار بىر يىگىت ئىدى،ھېچكىمگە يامانلىق ئويلىمايتتى،ھەرقانداق بىر ئادەمگە ياخشىچاق بولۇشنى ئويلايتتى،خۇدددى ئۇنىڭ بۇ ھاياتتا،ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى يوقتەك،پۈتۈن ياخشى ئىش ھەم ياخشى نەرسىلەرنى باشقىلارغا تۈگىنەتتى،-

ئادەملەر مېھرى-مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھاياتتا مېھرىسىز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس،بەلكى كىشىلەر ھامان ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ئەمەس،بەلكى ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ،كۆيۈنىدۇ،ھېسداشلىق قىلىدۇ،ساق چېغىدا،تۈگىمەيدىغان كەمچىلىكلىرى كۆزىڭىزگە كۆرۈنىۋېلىپ، داۋاملىق ئارلىق ساقلاپ يۈرۈيدىغان بىرئادەم، تۇيۇقسىزلا ساقايماس كىسەل بولۇپ، ئاغرىپ يېتىپ قالسا،ئۇنىڭغا بولغان ئاغرىنىشلىرىڭىز ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتىپ،ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا،ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىسىز، بۇرۇن ھېس قىلمىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى يادىڭىزغا ئالىسىز، ھەتتا ھېچقاچان ئىتىراپ قىلىپ باقمىغان، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا قوپال تەگكەن ھەم  ئاشۇرىۋەتكەن چاغلىرىڭىزنى يادىڭىزغا ئالىسىز! ئەكسىنچە مەيلى ياقتۇرۇڭ ياكى ياقتۇرماڭ، بىر ئادەمنىڭ بارا-بارا قەد كۆتۈرۈپ، مەلۇم يۈكسەك پەللىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغانسېرى، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بايقايسىز، ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىراشلىقلىرىنى، پۇل تاپقاندىن كىيىن ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ ئېشىۋالغانلىك دەپ چۈشۈنۈپ، بارا-بارا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىسىز، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ئاددىي چاغلىرىدىكىدەك يېقىن ئۆتەلمەيسىز، داۋاملىق ئارىڭىزدا بىر تاغ باردەك ھېس قىلىسىز، بەلكىم ئادەملەر،باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولۇشىغا قارىغاندا،ئاجىز بولۇشىنى بەكىرەك ياخشى كۆرسە كىرەك! مەيلى نىمە مەقسەتتە بولسۇن، مۇرات،شەمسىيەنىمۇ،رەھىمەنىمۇ قوغلىشىپ باققان، ئەمما ھەر ئىككىلىسى تەرىپىدىن  ئەڭ كەسكىن،ئەڭ قوپال ئۇسسۇل بىلەن رەت قىلىشقا ئۇچرىغان،ئەينى چاغدىكى شەمسىيەنىڭمۇ مۇراتنى رەت قىلىشتا ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بار ئىدى،رەھىمەنىڭمۇ ھەم شۇنداق،بىراق ئۇلار مۇرات   قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇلارنىڭ ئۇ ئاساسلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كىتىپ، قەلب دۇنياسىنى توسۇۋالغۇسىز پۇشايمان ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئىگىلەپ، مۇراتقا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىتىراپ قىلىش تۇيغۇلىرى تۇيۇقسىزلا يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ كىتىۋاتاتتى.

-ئوغلۇم،مىنىڭ ئوغلۇم قېنى،ئىبراھىم،جېنىم ئوغلۇم -گۇلنىسا ھوشىغا كىلىپ،كۆزىنى ئاچقان چېغىدا ئاپئاق كىرلىك ئۈستىدە، دوختۇرخانىنىڭ بالنىست ياتىقىدا ياتقان بولۇپ،ئىرشات تۇتۇلغاندىن كىيىن،ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار،ئۇنى ئىبراھىم بىلەن قوشۇپ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

- ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ ھەدە،قانداقراق تۇرىسىز -گۇلنىسانىڭ ھوشىغا كەلگىنىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئىگىش بوي  ئايال ساقچى ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ھاياجان بىلەن سورىدى.

-مىنىڭ ئوغلۇمچۇ،ئىبراھىم،مىنىڭ ئوغلۇم، ئۇ قەيەردە -بىراق ئۆز ئەھۋالىنى دوكىلات قىلغۇدەك ھالى يوق گۇلنىسا،چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ،كۆز ئالدىدىكى ساقچى ئايالنىڭ مەيۈس كۆزلىرىدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ،ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ مۆرىسىنى قاماللاپ،ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئەسەبىيلەرچە سىلكىپ كەتتى.

-ماڭا ئۇنى ئۆلدى دىمەڭ،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي جېنىم قىزىم،ماڭا ھەرگىز ئوغلىڭىز ئۆلدى دىمەڭ،ئۇ ھايات قالسۇن،ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ئۆلگن بولاي،ماڭا ھەرگىز ئوغلۇڭ ئۆلدى دىمەڭ – گۇلنىسانىڭ كۆڭلى ئايال ساقچىنىڭ كۆزلىرىدىكى ئېچىنىشتىن ئاللىبۇرۇن ھەممىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ ئەمما،تۇيغۇلىرىدىكى  ئېچىنىشلىق رېئاللىقنىڭ يالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تەلمۈرۈپ،مارجاندەك ياشلىرىنى تۆكتى،ئۇ ھېچ بولمىسا ،ساقچى  ئايالنىڭ ئېغىزىدىن يالغاندىن بولسىمۇ،ئوغلىڭىز ھايات دىگەن سۆزنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار ئىدى.

-كەچۈرۈڭ خانىم،مەن سىزگە يالغان سۆزلىسەم بولمايدۇ،ئوغلىڭىزنىڭ  بەك كۆپ يىرىگە پىچاق تىقىلغان بولغاچقا،بىز بارغان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن قانسىراپ جان ئۈزۈپ بوپتىكەن،شۇنداقتىمۇ دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ، قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالىشىغا سۇندۇق، ئەگەر ئۇنى كۆرۈش ئارزۇيىڭىز بولسا،مەن ئالاقىلىشىپ ئورۇنلاشتۇرسام بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ئىش بوپتۇ؟سىز قاتىللىق نەق مەيدانىنى باشتىن ئاخىرى كۆرۈپ تۇردىڭىزمۇ؟ بىز بەزى ئىشلاردا سىزنىڭ گۇۋاھلىق بىرىپ، جەزىملەشتۈرىشىڭىزگە ئىھتىياجلىق، ئەگەر ئەھۋالىڭىز يار بەرمىسە،كىيىنچە سۆھبەتلەشسەكمۇ بولىدۇ – ئايال ساقچى، گۇلنىسانىڭ چىرايىنىڭ بارغانسېرى تاتىرىپ، غەلىتە تۈس ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ،سەل ئەنسىرەپ قالغاندەك قىلاتتى،شۇڭا سورىماقچى بولغان سوئالىنى يېرىمىدىلا توختىتىۋالدى.

-باللىرىم،ۋاي مىنىڭ باللىرىم،ۋاي جېنىم باللىرىم، ۋاي مىنىڭ راخمىنىم، ۋاي كۈيۈملۈك بالام ئىبراھىم،ۋاي باللىرىم،مەن چىدىمىدىمغۇ باللىرىم،ۋاي يۈرەك چىدىمىدىغۇ جېنىم باللىرىم، ۋاي باللىرىم،جېنىم باللىرىم، ھايۋان دادىسىنىڭ دەستىدىن خاتىرجەم كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلمىگەن باللىرىم،ۋاي ئالتۇندەك باللىرىم،ۋاي بىر-بىرىدىن ئىش ئۇقىدىغان باللىرىم،ئانامنىڭ باغرى يېرىلسۇن دىدىڭلىمۇ باللىرىم،ئانامغا ئاكامنىڭ دەردى  ئاز كەلدى، ئەمدى مىنىڭ پىراقىمنىمۇ قوشۇپ تارتسۇن دىدىڭمۇ جېنىم بالام،ۋاي راخمىنىم بالام، ۋاي ئىبراھىم بالام،ۋاي بالام،ھو بالام،ۋاي باللىرىم، ھو باللىرىم،مەن نىمىشقا ئۆلمىدىم، بىر-بىرىدىن ئۇز، بىر-بىرىدىن كىلىشكەن، بەگزادىلەردەك بالللىرىمنىڭ كۆز ئالدىمدا ئۆلۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە نىمىشقا ئۆلمىدۈم، مەن نىمانداق يۈز قېلىن خوتۇن، مەن نىمانداق جېنى پىششىق خوتۇن، ئۆز ئوغلىنىڭ كۆز ئالدىدا  ئۆلۈپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇرۇپمۇ جېنى چىقىپ كەتمەيدىغان، ئوغلى پىچاق يەۋەتسا ئالدىغا بېرىپ توسۇۋالالمايدىغان، مەن نىمانداق يۈزى قېلىن خوتۇندىمەن باللىرىم، ۋاي ئىبراھىم بالام، ۋاي كۈيۈملۈك بالام، ۋاي سۈيۈملۈك بالام، مەن نىمىشقا پىچاققا ئۆزۈمنى ئاتماي ھاڭۋېقىپ تۇرىمەن بالام، ۋاي ئۇكىسى بولغاندىكىن ئىنساپقا كىلىپ قالار دىگەندىمەنمۇ جېنىم بالام، ۋاي كۆزەم كۆرگەنگە ئىشەنمەي ھاڭۋېقىپ قالدىممۇ بالام،ۋاي شۇ پىچاقتا مەن ئۆلسەم بولمامدۇ بالام،ۋاي ئاشۇ ئىگىز بىنادىن مەن سەكرەپ ئۆلسەم بولمامدۇ جېنىم بالام،ھو باللىرىم،ھو، باللىرىم،ھو،جېنىم باللىرىم،باللىرىم،باللىرىم،ۋاي ياش كەتكەن باللىرىم،ۋاي ئۆمرى قىسقا كەلگەن باللىرىم،باللىرىم  ھۈ،ھۈ ھۈ -گۇلنىسا ئەقلى ھوشىنى تامام يوقاتقان بولۇپ،توختىماي مەيدىسىگە مۇشتلاپ يىغلايتتى،راخماندىن ئايرىلىشنىڭ  پىراقىدا كۈندە نەچچە رەت باغرى پۇچۇلۇنۇپ،ھەسرەت چىكىۋاتقان گۇلنىسانىڭ قەلب يارىسىغا ئىراھىمنىڭ پەرۋىشلىرى ۋە كۆيۈنۈشلىرى  ئاز-تولا داۋا بولۇپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە،ئىبراھىمدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش،ئۇنى خۇددى تۇيۇقسىز بوران-چاپقۇندا قالغان، پايانسىز ئوكياندا لەيلەپ يۈرگەن يالغۇز كىمىگە ئوخشاش، دەھشەتلىك ئازاب ۋە چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلماقتا ئىدى.دىمىسىمۇ،گۇلنىسا چىدىغان ئازابقا قانداق بىر ئانا،ھېچچىش بولمىغاندەك چىداپ تۇرالىسۇن؟ئىرىنىڭ شۇنچە يىللىق زۇلىمى،چوڭ ئوغلىنىڭ شۇنچە ئىگىز بىنادىن سەكرەپ،ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كىتىشى،ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى باغرىنى يېرىپ چىققان ئوغلىنىڭ، بىرقورساق  ئاكىسىنى ۋەھشىيلەرچە پىچاق تىقىپ  ئۆلتۈرىۋەتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇش،بۇ بىر ئانا ئۈچۈن،نەقەدەر ئېغىز ئازاب،نەقەدەر چوڭ يوقۇتۇش،نەقەدەر ئېچىنىشلىق رېئاللىق ھە!

-ئاكاڭنى نىمىشقا ئۆلتۈرىۋەتتىڭ!-

- مەن ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىمەن،ئادۇۋكاتىم بىلەن كۆرۈشمىگىچە،سىلەرنىڭ ھېچقانداق سوئالىڭلارغا جاۋاب بەرمەيمەن؟-

-سەن ئەلۋەتتە ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق،ئەمما بىز ھازىرغا قەدەر سىنىڭ ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ۋە ياكى قانداقتۇر بىر ئادۇۋكاتنىڭ، سىنىڭ ھاۋالا قىلغۇچۇڭ بولۇشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالمىدۇ،دىلو تېخى سوت قىلىش باسقۇچىغا كەلگىنى يوق،ئاكاڭنىڭ 13يىرىگە پىچاق تىقىپسەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز قېرىندىشىڭنى  ئۆلتۈرىۋەتكەن تۇرۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماي قېچىپ كىتىپسەن، نەق مەيداندا كۆرۈپ تۇرغان  ئاناڭنى زەخمىلەندۈرۈپسەن، قانۇننىڭ جازاسىدىن قاچىمەن دەپمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسەن،ئەھۋال شۇنداق تۇرسا  يەنە تېخى  ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ،جازادىن قېچىپ قۇتۇلغۇڭ بارمۇ؟ئەڭ ياخشىسى  چىرايلىقچە بىزگە ماسلىشىپ،جىنايەتلىرىڭنى تولۇقى بىلەن ئىقرار قىل –

-مەن دىدىمغۇ،ئادۇۋكاتىمنى كۆرمىگىچە ھېچكىمنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلمايمەن دەپ،مىنىڭ دادام يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ باش لىدىرى تۇرغۇن مۇدىر بولىدۇ،دەرھال دادامغا خەۋەر قىلىڭلار،ئۇماڭا ئادۇۋكات ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ -ئىرشات تېخىچە ئۆزى ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېس قىلماستىن،تۇرغۇن دىگەن ھايۋان دادىسىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتاتتى.

- ھا!ھا!،ھا!-ساقچى يولداش قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى – سەن تېخىچە يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ سەلتەنىتىدىن مەس بولۇپ، تۇرغۇن ئاتلىق داداڭنىڭ سىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشىغا ئىشىنىپ ساقلاۋاتقان ئوخشىمامسەن؟ تۈنۈگۈندىن بۇيان يىشىل شەھەردىكى پۈتۈن تاراتقۇلار قىززىپ كەتتى،  نىمىشقا قىززىپ كەتكەنلىكىنى ساڭا دەپ بىرەي، دەل سىنىڭ داداڭ تۇرغۇننىڭ ۋەقەسى بىلەن قىززىپ كەتتى، يىشىل شەھەر گورۇھى مەبلەغ كىرزىسى تۈپەيلىدىن،بىر كىچىدىلا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى،بۇنىسى ئەز كەلگەندەك داداڭ تۇرغۇننىڭ نۇرغۇن قانۇنسىز جىنايەتلىرى ۋە پەرقۇلئاددە ئېغىز قاتتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىدەك رەزىل قىلمىشلىرى ئاشكارلاندى،داداڭ ئادەم تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈپ،پاكىتنى يوقاتماقچى بولغان نەق مەيداندا، ماشىنىسىنى سۈرەتتىن تىز ھەيدەپ تىرەككە ئۈسۈۋېلىپ،ھازىرچە ئۆلۈك تىرىكلىكى تېخى نامەلۇم؟سىنىڭچە ئەمدى ساڭا كىممۇ ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ بىرەر،يەنە كىممۇ كىلىپ  سەندەك ئۆز قېرىندىشىغىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادىمىي ھايۋاننى قۇتۇلدۇرىۋالار؟ئەڭ ياخشىسى بىزگە ماسلىشىپ،جىنايەتلىرىڭنى بىرمۇ-بىر تاپشۇر، سوت باسقۇچىغا ئۆتكەندە،تەلەپ قىلساڭ، سوت تەرەپ،ساڭا ۋاكالىتەن ئادۇۋكات ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ –

- يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر،سىلەر مىنى ئالداپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن،قەستەن يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر،مەن 24سائەتكىچە سۈكۈتنى تاللايمەن،ئەگەر 24سائەتكىچە ئادۇۋكاتىم كەلمىسە،ئاندىن سىلەرنىڭ سۆھبىتىڭلارغا قاتنىشىمەن،مىنى ياتىقىمغا ئېلىپ چىقىپ قويۇڭلار – ئوقۇغان بىلىمىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئەمەس بەلكى،دادىسىغا ئوخشاش،نۇمۇسسىزلىقى ۋە پەسكەشلىكىنى يوشۇرۇشقا ئىشلىتىدغان ئىرشات، ئاخىرى  ئۆزىنىڭ گىپىنى يورغۇلۇتۇپ،ئۆزىگە ئالتالمىش قۇتقازغۇچى كىلىدىغان ئالتۇن 24سائەت ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.نىمە دىگەن باغرى پۈتۈن قېرىنداش ھە بۇ ئېرشات! ئەسلى ئىنسانىيەت تارىخىدا كامدىن كام يۈزبىرىدىغان ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋىتىشتەك ياۋۇز جىنايەتنى سادىر قىلغىنى ئۈچۈن،ئۇ ئىچ- ئىچىدىن ئۆرتۈنىشى،ئازابلىنىشى،پۇشايمان قىلىشى،ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ، پەسكەش قىلمىشى ئۈچۈن،ھۆڭ،ھۆڭ يىغلاپ تۇرۇپ،جىنايەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئىقرات قىلىپ، ئۆزىدەك نۇمۇسسىز ھايۋانغا ئەڭ ئېغىر جازا بىرىشنى تەلەپ قىلسا،توغرا بولاتتىغۇ؟بىراق ئۇ بۇنىڭ ئەكسىنچە، قېرىندىشى ئىبراھىم ئۈچۈن ئازراقمۇ كەيپىياتى  بۇزۇلغاندەك ۋە،ئېچىنغاندەك قىلمايتتى،ئەكسىنچە بارلىق زىھىن ۋە ۋاقتىنى  ئۆزىنىڭ پەسكەش جېنىنى ساقلاپ،جىنايەتتىن قېچىش ئۈچۈن،سەرپ ئىتىۋاتاتتى!ھەتتا ئۇ تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئاللىبۇرۇن شامىلى يىغىلىپ بولغان شۇ ۋاقىتلاردىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ، بۇ جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ،  ئېلىپ، چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئەگەر ئۇ دەل ئۆزى تۆت كۆزى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزغىنى كېلىشىنى كۈتىۋاتقان ئاشۇ سۈيۈملۈك،پەخىرلىك ھەم قالتىس دادىسى تۇرغۇننىڭ،قەستەن ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا،،،يەنە ھازىرقىدەك ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرارمىدى؟

-سىزگە كۆپ رەھمەت ئەنۋەر،ئەگەر دەل ۋاقتىدا يىتىپ كەلمىگەن بولساڭلار،يەنە قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى پەرەزمۇ قىلالمايتتىم،ئەينى چاغدا،ئۈچىمىزنى ھايات-ماماتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغان ئىدى، تۇرغۇن دىگەن پەسكەش ھايۋان، مۇراتنىڭ تىلىنى كىسىۋالغان ئاشۇ چاغلاردىلا،مەن ئۆزۈمنى  ئاللىبۇرۇن ئۆلدۈم دەپ بولغان ئىدىم  - تۇرغۇن مۇدىر قالدۇرۇپ قويغان گېلىدىكى كىچىككە سىزىقنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ، تازلىتىپ بولغاندىن كىيىن،ئەنۋەرنىڭ تەلىپى بويىنچە،نەق مەيداندىكى ئىشلاردىن بىرەر قۇر مەلۇمەت بىرىۋىتىش ئۈچۈن كەلگەن شەمسىيە نەق  مەيداندىكى ئىشلارنى ئەسلەۋاتاتتى.

- رەھمەتنى ماڭا ئەمەس، رەھىمە دىگەن قىزغا ئېيتساڭلار توغرا بولىدۇ، سىلەرنىڭ ھايات قېلىشىڭلاردا ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور، مۇرات ئۇ قىزنى قايسى كۈنى يېنىمغا باشلاپ كەپتىكەن، تۇرغۇن مۇدىر سىلەرنى تۇتقۇن قىلمىغان ھالدىمۇ، بىز رەھىمە دىگەن قىز بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ، ئۇنىڭ ئىقرارىغا ئېرىشىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ سىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋېلىپ، بىزنىڭ پىلانىمىزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ياردەم بەردى، ھېلىمۇ ياخشى رەھىمەقىز، بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىۋالغاچقا، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئادەملىرىنىڭ تۇيۇقسىز كىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ،مىكرو تىپتىكى  ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ۋە سىمسىز يوللاش ئۈسكۈنىسىنى چېچىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرىۋاپتىكەن، ئىشنى چاتاقلىقىنى پەملىگەن چاغدىلا ئاپتوماتىك ئىقتىدارنى ئېچىپ، ماڭا سىگنال بىرىۋەتكەن ئىدى، بىز ئاشۇ سىگنال ۋە رەھىمەنىڭ ئۈسكىنىسىدىن ئېرىشكەن ماتىرىياللارغا تايىنىپ سىلەرنى  ئىزدەپ تېپىپ قۇتقازدۇق –

- رەھىمە ھەقىقەتەن ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان جانلىق بىر قىزكەن –

- ئۇ مۇراتقا قاراپ قالدىمۇ :؟

- شۇنداق، قارىسام ئۇمۇ مۇراتنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ –

- مۇرات ھوشىغا كەلدىمۇ؟

- ھوشىغا كەلدى، ئەمما سىزگە سۆھبەت بىرەلىگۈدەك ھالدا ئەمەس، دوختۇرلار ئېغىز بوشلۇقىنىڭ يۇقۇملۇنۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چارە ئىشلەتتى، ئۇ ھازىرچە سۆزلىيەلمەيدۇ، تىلىنىڭ كىسىۋىتىلىشىنى ئۆزىمۇ قوبۇل قىلالمايۋاتامدىكىن، كەيپىياتىمۇ بەكلا ئۆلۈك تۇرىدۇ –

- بىچارە مۇرات، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن تەس بولدى،-

- ھەراس سىزلا مەندىن سوئال سوراۋەرمەڭ،  مەنمۇ ئانچە، مۇنچە سورىغاچ تۇراي – شەمسىيە ئەنۋەرگە نەق مەيداندىكى تەپسىلاتلاردىن تەپسىلىي دوكىلات بىرىۋەتكەندىن كىيىن، پاراڭ تىمىسىنى بۇرىدى -تۇرغۇن دىگەن بۇ ئادەم، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئاسان بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغى، شۇڭا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بوپتۇ، مەن ئۇنىڭ بۇنداق ئاسانلا ئۆلۈپ، جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ، مۇرادىغان يىتىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن، بەلكىم بۇ مىنىڭلا ئەمەس، باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭمۇ  ئورتاق ئارزۇسى، سىزدىن ئۇنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سورىسام، ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىۋالغان ھېسابلانمايدىغاندىمەن ھە -


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章