ئاياللار ئۆزىدىن چوڭ ئەرگە تەگسە بولامدۇ؟ ئاياللارھېيلسى129-قسىم

文摘   2025-01-24 21:02   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم
 ئاياللارھېيلسى127-قسم
ئاياللارھېيلسى128-قسم

129-قىسىم
----نىمە ئوغلۇڭدىن بەك ئەنسىرەپ كىتىۋاتقان ئوخشىمامسەن شەمسى-خانقىزنىڭ ئاۋازىدىن  نە ۋەھىمە، نە قورقۇنۇچ، نە ئەندىشىگە دائىر پۇراقنى تاپقىنى بولمايتتى. 

- سەندىن ئۆتۈنەي خانقىز، نىمە قىلساڭ مىنى قىل، بارخانغا چېقىلما، ئۇ تېخى كىچىك بالا -

- بالىسىدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق بولىدىكەن شەمسىيەك؟سەن مىنىڭ ئائىلەمنى، باللىرىمنى بايلىقىمنى، ھەتتا بارلىقىمنى تارتىۋالدىڭ، ئەمدىغۇ مىنىڭ ھېسىياتىمنى چۈشەنگەنسەن، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق بولىدىكەن،  دىگىنە زادى قانداق بولىدىكەن -
- ئۇنداق قىلما خانقىز، ماڭا نىمىشقا بۇنچىۋالا ئۆچمەنلىك قىلىسەن؟ مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلدىم،مەن ھېچقاچان ساڭا يامان بولسۇن دەپ باقمىدىم، باللىرىڭدىن، ئائىلەڭدىن ئۆزۈڭ خالاپ ۋاز كەچتىڭ، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالاپ يىراقلاشتىڭ، نىمىشقا كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئويلاپ باقمايسەن؟ نىمىشقا مەغلۇبىيەتلىرىڭنىڭ سەۋەبىنى مەندىنلا ئىزدەيسەن؟ ھېچ چۈشەنمىدىم خانقىز، مەن ساڭا يۈز كىلەلمىگەدەك زادى نىمىش قىلدىم؟

- نىمىش قىلدىم دەپ قوي شەمسىيەك؟ سىنىڭ مۇشۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىڭنىڭ ئۆزىلا ئەڭ زور خاتالىق، ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ،مىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا پۈتۈنلەي سەن سەۋەبچى- شەمسىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە قان تولغان خانقىز،ئۆزىمۇ تۇيىمايلا سول قولى بىلەن  يېنىدا ئولتۇرغان بارخاننىڭ بىلەكلىرىنى  مەھكەم سىقتى -ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ، مىنىڭ ھاياتىم بۇ قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيتتى،مەيلى ئالىي مەكتەپتە، مەيلى تۇرمۇشۇمدا بولسۇن، سىنىڭ سايەڭدىن چىقىپ كىتەلمەي ياشاپ، ھە دىسىلا مەغلۇپ بولۇپ يۈرمىگەن بولاتتىم، ھەممىنى قىلغان سەن، سەن شەمسىيەك، سەن مىنىڭ قارا چۈشۈم، سەن مىنىڭ غەلبە يولۇمدىكى توسالغۇ ھەم مىنىڭ ھاياتىمدىكى پۈتۈن مەغلۇبىيەتلەنىڭ مەنبەيى، ھەممىنى قىلغان سەن، سەن -

- ماقۇل،سىنىڭ دىگىنىڭ راس بولسۇن، خانقىز، سەن نىمىنى خالىساڭ شۇنداق بولسۇن،ئۆچۈڭ بولسا، مەندىن ئال، نىمە قىلساڭ مىنى قىل، بارخانغا چېقىلما، سەندىن ئۆتۈنەي،نىمە دىسەڭ شۇنى بىرەي، ئوغلۇمغا چېقىلما -شەمسىيە ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى.

- نىمە دىسەم شۇنى بىرەمسەن؟ -خانقىز قاقاھلاپ كۈلدى -كىچىكتىڭ شەمسىيە، ئاللىبۇرۇن كىچىكتىڭ، ئەمدى تاغدەك ئالتۇن بەرسەڭمۇ مىنى قۇتۇلدۇرالمايسەن، مەن قۇتۇلالمىغان ئىكەنمەن، ئوغلۇڭمۇ قۇتۇلالمايدۇ، ئەسلى بۇرۇنلا شۇنداق قىلىشىڭ كىرەك ئىدى،مىنى باي بولغىنى قويۇپ، تىنىچ ياشىغان بولساڭ، شۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمەيتتى، سەن جىم تۇرالماي قالدىڭ شەمسىيەك، بەك ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كەتتىڭ،سەن ھە دىسە ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ ياشىغاچقا، ھەممىسى مىنى ئەمەس سىنى تاللىدى، ھەتتا ئىچىمدىن چىققان باللىرىمنىمۇ مەندىن تارتىۋالدىڭ! ئەمدى مىنىڭ ھېچقانداق چىكىنىش يولۇم قاممىدى، مەن سىنىڭ مەن يوق،خۇشال-خۇرام ھەم خاتىرجەم ياشىشىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن شەمسىيەك، ماڭا مەيلى نىمىلا قىلاي ھامىنى بىر ئۆلۈم، ھېچ بولمىسا ئوغلۇڭنى بولسىمۇ، ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كىتەلەيدىغان بولدۇم،  ئاخىرىدا يەنىلا مەن غەلبە قازاندىم، سىنى بىر ئۆمۈر ئازابلاپ، پەرزەنت پىراقىدا پۇچلىيالايدىغان بولدۇم، ئەمدى كىچىكتىڭ، ئوغلۇڭنى ھەرگىز قۇتۇلدۇرالمايسەن، ھەرگىز

-ئۇنداق قىلما خانقىز، كىچىككىنە بالىدا نىمە ئەيىب بار، سىنىڭ كۆزۈڭگە قادالغان مىخ ئۇ ئەمەس مەنغۇ؟ نىمىشقا مىنى جازالىمايسەن؟  نىمىشقا مىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەيسەن؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئوغلۇمنى قويۇۋەت، مەن سەن بىلەن بىللە ئۆلەي، ئوغلۇمنى ياشىغىنى قوي، ئويلاپ باقمىدىڭمۇ خانقىز، ئۇ تېخى ئەمدىلا 6ياشتىن ئاشتى، ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىدا ئاشۇ 6ياشلىق سەبى بالىنىڭ قاتىلىغا ئايلانساڭ، قانداقمۇ غەلبە قازانغان بولىسەن، جىمى ئادەم سەندىن سەسكەنمەمدۇ، ئەيىبلىمەمدۇ؟ باللىرىڭمۇ سەندىن بىر ئۆمۈر يىرگىنىپ ياشىمامدۇ؟ سەن مەندىن ئۆچ ئالماقچى ئىدىڭغۇ؟ شۇڭا مىنى ئۆلتۈرىۋەت، ئوغلۇمنى قويۇۋىتىدىغانلا ئىشىڭ بولسا، مەن سىنىڭ قولۇڭدا ئۆلۈشكە رازى - ئانا  دىگەن سۆزنى يۈرەكىڭنى  قېتىدىن ئۇرغۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى تىترىتىپ  تىتىرىتىپ ئېيتىسەن! چۈنكى بۇ سۆزگە ھاياتلىق، مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلۇق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، شەمسىيەدەك ئانا دىگەن سۆزگە لايىق ياشاۋاتقان، باللىرى ئۈچۈن باغرى پارە ئانىلار ياشىسۇن!

-مەن ساڭا نىمىشقا  ئىشىنىشىم كىرەك شەمسى، ئەگەر سەن مىنى ئالداپ قويۇپ، ساقچى باشلاپ كەلسەڭ قانداق قىلىمەن؟  ئۇ چاغدا، مەن، ئىلغىدىكى گۆشنى ئالىمەن دەپ، ئالدىمدىكى سامسىدىن كەچكەن ئەخمەققە ئايلىنىپ قالمامدىمەن،چۆچۈرىنى خام ساناپسەن،مىنى  سىنىڭ ھىيلە-مىكىرىڭگە ئالدىنىدۇ دەپ ئويلىۋالغان بولساڭ، خاتالىشىپسەن، ئىككى دولۇمنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق ئەمەس كاللا مىنىڭ - خانقىزنىڭ مەقسىدىمۇ دەل شەمسىيەنى يېنىغا چاقىرىپ كىلىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا كاللا ئوينۇتۇپ باقتى.

- ئۇنداق قىلمايمەن خانقىز، ھەرگىز ساقچى باشلاپ بارمايمەن، ئۆزۈم يالغۇز بارىمەن، ئوغلۇم سىنىڭ قولۇڭدا تۇرسا، ئۇنداق ئەخماقانە ئىشنى قىلىشىم مۇمكىنمۇ؟ -

- ماقۇل، ئۇنداقتا چوقۇم ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىپ يالغۇز كىلىسەن،مەن ھازىر بارخاننى ئېلىپ، ئامبارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىرغىقىدا سىنى ساقلاۋاتىمەن، ئەگەر سەندىن باشقا يەنە بىر ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرىدىغان بولسام، ئاۋۋال ئۇنى سۇغا تاشلىۋىتىپ،ئاندىن ئۆزۈمنى تاشلىۋالىمەن، مىنى پوپوزا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالما،مىنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىسەن،ساڭا چاق- چاق قىلغۇدەك ھالدا ئەمەسمەن،ئەگەر ۋەدەڭدە تۇرمىساڭ،چوقۇم دىگىنىمنى قىلىمەن،بالاڭنى ئىككىنچى كۆرەلمەيسەن -

- ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، چوقۇم سىنىڭ دىگىنىڭدەك قىلىمەن، بالامنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلىۋالاي، تىلفوننى بارخانغا بەر -

-ئالە، شەمسىيە ئاپاڭ، ئۇ سىنى قۇتۇلدۇرغىنى كەلمەكچىكەن،ئۇنىڭغا، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، دەرھال مىنى ئالغىنى كەل دىگىنە - خانقىز شۇندىلا سول قولىنىڭ بارخاننى بىلكىنى قاماللاپ تۇرغانلىقىنى سەزدى، ھەم ئۇنىڭ شۇنچە ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ، ۋايجانمۇ دەپ قويمىغانلىقىغا ھەيران بولغان ھالدا تىلفوننى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى.  

-مەن سىنى گەپ قىل دەۋاتىمەن بارخان، نىمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ ئەجەبا ئاناڭنىڭ سىنى قۇتۇلدۇرغىنى كىلىشىنى خالىمامسەن- بىراق خانقىز شۇنچە زورلىغان بولسىمۇ، بارخان بىر ئېغىز ئاپا دىگەن سۆزنى ئېيتىپ بولسىمۇ، ئاۋازىنى سىرتىغا چىقارغىنى ئۇنىماي، كالپۇكلىرىنى مەھكەم جۈپلەپ تۇرىۋالدى،

- ئىشىنەمسەن بارخان، مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، سىنى ھازىرلا سۇغا تاشلىۋىتىمەن - خانقىزنىڭ تەھدىتلىرىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلىدىغاندەك قىلمايتتى - نىمانچە جاھىل بالا سەن، مەن سىنى ئالدىمايۋاتىمەن، راسلا سۇغا تاشلىۋىتىمەن ئىشىنەمسەن؟ -

- خانقىز، مەن ئىشەندىم، ئۇنداق قىلما، بالامنى قورقۇتما، مەن باراي، ئۇنىڭ قورقۇتما - شەمسىيە بارخاننىڭ قەلبىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى -ماڭا ئېنىق ئادرىسىڭنى يوللىۋەت، مانا مەن ھازىر يولغا چىقىپ بولدۇم -

-مۇشۇ نومۇرنى ئۈندىدارغا قوش، ھازىرچە ئۈچتاش سۇ ئامبىرىنى نىشان قىلىپ ماڭ، يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئېنىق ئادرىسنى ئېيتىپ بىرىمەن، تۇيۇقسىز، تۇيۇقسىز شىپىن ئۇرۇپ، ماشناڭنىڭ ئىچىنى تەكشۈرەيمەن، ھەرگىز ئادەم يوشۇرۇپ ئېلىپ چىقىمەن دىمە،  شوپۇرۇڭغا ھەيدىتىپ، كوچىمۇ-كوچا سازايى قىلىپ يۈرگەن ھېلىقى مېرسىدىس ماشناڭنى ھەيدەپ كەل، باشقا خەقنىڭ ماشنىسىدا كىلىدىغان بولساڭ،بالاڭنى شۇ ھامان سۇغا تاشلايمەن، مۇھىم گەپ بولمىسا مەن ساڭا تىلفون ئۇرمىغىچە  ماڭا تىلفون ئۇرغۇچى بولما، ھە راس، ئالدى-كەينىڭگە دىققەت قىلىپراق ماڭارسەن، بىرەرسى ئىزىڭغا چۈشۈۋالمىسۇن، ئەگەر ساقچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كىلىدىغان بولساڭ، سىنىڭ مەن بىلمەپتىكەنمەن دىگىنىڭگە ئۇنىمايمەن، خوش - خانقىز تىلفوننى قويۇۋەتتى.

-مىنى دەرھال شىركەتكە ئاپىرىپ قويۇڭ - شەمسىيە يانفوننى قويۇپلا، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا، بايىدىن بۇيان ئۇنىڭ خانقىز بىلەن بولغان پاراڭ خاتىرىسىنى جىمجىت ئاڭلاپ تۇرغان ئەنۋەرگە قاراپ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا شۇنداق دىدى- يەنە بار ئامبار رايونى قاراشلىق ساقچىخانىدىكىلەرگە ئېيتىڭ،ئۇلار بارخاننى قۇتۇلدۇرغىنى بارمىسۇن؟

- سىز راستىنلا ئۇنىڭغا يېنىغا يالغۇز بارماقچىمۇ؟- ئەنۋەر شەمسىيەنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە ئېھتىيات بىلەن ئېغىز ئاچتى.

- ئەمىسە،يالغۇز بارماي،سىلەرنى باشلاپ بېرىپ،ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن قاراپ تۇرسام بولامتى؟مەن خانقىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن،ئۇ قىلىمەن دىگەن ئىشىنى قىلماي قويمايدۇ؟-

- بۇ بەك چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ ئاۋۋال شىركەتكە قايتىپ، ماشنا ئالماشتۇرىۋالايلى،قالغان ئىشلارنى مەسلىھەت بىلەن قىلارمىز؟

- خانقىز تۇتۇۋالغىنى سىزنىڭ بالىڭىز بولمىغاچقا،شۇنداق دەۋاتىسىز ھە ئەنۋەر،ئەگەر بارخان سىزنىڭ بالىڭىز بولغان بولسا،ئۇ سىزگە باشقىلارنى باشلاپ كەلسەڭ،بالاڭنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن دىگەن بولسا،سىز يەنە ساقچى باشلاپ بارالامتىڭىز؟ئۇ مىنىڭ ئوغلۇم سىزنىڭ ئەمەس،شۇڭا ئېغىزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلىمەي،مىنىڭ دىگىنىم بويىنچە قىلىڭ، ئەگەر ئۇ يەردە ساقچىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسام، سىزنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن ئەنۋەر،مىنى چاق-چاق قىلىۋاتىدۇ دىمەڭ،- شەمسىيە خۇددى، بارخاننى خانقىز ئەمەس، كۆز ئالدىدىكى باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ غېمىنى يەپ كىلىۋاتقان ماۋۇ ئەنۋەر تۇتقۇن قىلىۋالغاندەك، ئۆزىنى بېسىۋالالماي سۆزلەپلا كەتتى، ئاندىن ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى يوقۇرى چىقىپ كىتىۋاتقىنىنى تۇيۇپ،سۆزىنى شۇ يەردە توختىتىۋالدى - كەچۈرۈڭ،سىزنىڭ مىنىڭ ھەم بارخاننىڭ غېمىمىزنى يەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن،سىزگە بۇنداق قوپال تەگمەسلىكىم كىرەك ئىدى،بىراق ئۆزۈمنى پەقەتلا كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن،بىچارە ئوغلۇم،ئاتا-ئانا مېھرىگە ئەڭ مۇھتاج چاغلىرىدا ئائىلىمىزدە تۇيۇقسىزلا نۇرغۇن ئىشلار يۈزبەردى، كىىچك تۇرۇپلا قولىنى كۆيدۈرىۋېلىپ،كۈيۈك ئازابى تارتقىنى ئاز كەلگەندەك،نۆۋەتلىشىپ، ئانىسى ۋە دادىسىدىن ئايرىلىپ قالدى،ئەمدى بىر تۇرمۇشىمىز تىنچىپ،باللىرىم ئۈچۈن ھەممىنى كەينىگە تاشلىۋىتىپ،قايتىدىن ياشاي دىگەندە، يەنە بۇ ئىش چىقتى،ئۇنىڭ قورقۇپ،تىترەپ تۇرغان ھالىتىنى ئويلىساملا،يۈرۈكۈم ئازابتىن تىتما -تىتما بولۇپ كىتىۋاتىدۇ،ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن،غەيرەتلىك،ئىش ئۇقىدىغان بالا ئىدى،قولى شۇنچە كۆيۈپ كەتكەندىمۇ، دادىسىغا بىر ئېغىز مانداق بولۇۋاتىمەن دىمەي ئۆز دەردىنى ئۆزى بىلىپ يېتىپتىكەن بىچارە بالام،ئەگەر ئۇنى قۇتۇلدۇرالمىسام، مەنمۇ ياشىمايمەن ئەنۋەر، ئىشىنەمسىز، مەنمۇ ئاشۇ ئامبارغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن، جېنىم بالام،شۇ تاپتا نىمە بولۇپ كىتىۋاتقاندۇ؟ - شەمسىيە ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، كۆزلىرىگە پاتماي قالغان ياشلىرىنى بىراقلا قويۇۋەتتى.

- ئۇنداق قىلماڭ شەمسىيە، بارخاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،  چوقۇم سىز تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇشىڭىز كىرەك، ھېلىتەنيوق، ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويسىڭىز، خانقىزغا قانداق تەڭ كىلەلەيسىز -ئەنۋەر ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتى -ماقۇل، مەن ئىدارىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشاي، نەق مەيدانغا ھېچكىمنى ئەۋەتمىسۇن،ھەممە ئىشلار سىز تەلەپ قىلغان بويىنچە بولسۇن -ئاندىن  شۇنداق دەپ، ئالاقىدار كىشىلەرگە تىلفون  ئۇرۇپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئامبار تەرەپكە ئامال بار ئادەم ئەۋەتمەسلىكنى قايتا- قايتا تاپىلىدى.

- شەمسىيە، مەن يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن، ئىشلار سىز دىگەندەك بولدى،  ھېچ بولمىسا، مەن بولساممۇ سىز بىلەن بىللە باراي، ماقۇل دەڭ – شەمسىيە، خانقىز تەلەپ قىلغان ماشنىنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن، ئەنۋەر ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدى.

- قەلبىمنى نىمىشقا چۈشەنمەيدىغانسىز ئەنۋەر، سىزنىڭ ماڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، بىراق مەن دىگەن بىر ئانا، ئۇ يالغۇز كەلمىسەڭ، ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن دەۋاتسا، مەن قانداقمۇ بۇنداق چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايمەن، ئەگەر ماڭا راستىنلا  ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز، ئىزىمغا چۈشىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ئىشخانىڭىز قايتىپ، خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ،  بولامدۇ؟ - شەمسىيە شۇنداق دەپ، ماشنىنى قوزغاتماقچى بولۇۋىدى، ئەنۋەر قولىنى سېلىپلا  ماشنىنىڭ ئاچقۇچىنى چىقرىۋالدى.

-بارخان ئۈچۈن ئويلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن شەمسىيە، بىراق سىز يالغۇز بارسىڭىزلا ئۇنىڭ بارخاننى قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ خانقىز ئىشەنگىنى بولىدىغان ئايال ئەمەس، ئۇ سىزنى ئاۋال سۇغا سەكرەيسەن دەپ، سۇغا سەكرىتىۋېلىپ، ئاندىن بارخاننىمۇ سۇغا ئىتتىرىۋەتسە قانداق قىلىسىز،ئۇ چاغدا  سىز ئۆزىڭىزنىڭ جېنىنى سەپ بىرىپلا قالماي، بارخانغىمۇ زىيانكەشلىك قىلغان بولمامسىز،، سىز ئۇنىڭ ئېغىزدىكى ۋەدىسىگە ئىشىنىپلا شۇنداق چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقچىمۇ؟  ئۇ قاچان قايسى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ باققان، ئۇ قاچان راس گەپ قىلىپ باققان، سىزنى يالغۇز يولغا سالالمايمەن شەمسىيە، مىنى بىللە ئېلىۋېلىڭ،سىزگە ئىش تېپىپ بەرمەيمەن، ماشنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا چىقىۋالساملا بولدى، سىزگە ۋەدە بىرەي، ئەگەر ماڭا ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز ساندۇقتىن ھەرگىز چىقمايمەن،ھېچ بولمىسا، بارخاننى تىنىچ-  ئامان قايتۇرۇپ كەتكىنىمۇ بىر ئادەم لازىم – دىمىسىمۇ ئەنۋەرنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق ئىدى،  خانقىزدەك رەھىمسىز ھەم شەخسىيەتچى ئايالنى ۋەدىسىدە تۇرۇپ، سۇغا سەكرىگەنگىلا بارخاننى قويۇۋىتىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرگىنى بولمايتتى، ئاخىردا شەمسىيە يەنىلا ئەنۋەرنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ، ئەنۋەرنى ماشنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ،ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى.  

- ئاپاڭغا نىمىشقا گەپ قىلغىنى ئۇنىمايسەن بارخان؟ ئەجەبا مىنىڭ سىنى سۇغا  تاشلىۋىتىشىمدىن قورقمىدىڭمۇ؟ - شەمسىيە بىلەن ئەنۋەر ئامبارغا قاراپ ماڭغىنىدا، بارخاننىڭ يا يىغلىمايدىغان،يا جىدەل قىلمايدىغان،يا قورقمايدىشان، كىچىك بالىغا ئوخشىمايدىغان خاراكتىرىگە قىزىقىپ قالغان خانقىز،ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئۇنىڭدىن بىلەن پاراڭلىشىش ئىستىكىدە ئېغىز ئاچتى.

- ئۇنىڭ مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىسا ماڭا چىدىماي بۇيەرگە كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن –

-ئاناڭ كەلسە ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ كەلسە سىنى قۇتۇلدۇرىۋالىدىغان تۇرسا، نىمىشقا ئۇنىڭ كىلىشىنى خالىمايسەن؟ -

- ئاپامنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى خالىمايمەن، سىزدىن ئۆتۈنەي، مەن ئۆلۈپ كەتسەم مەيلى، ئاپامنى ئۆلتۈرىۋەتمەڭ بولامدۇ؟ -

- ئاپاڭنىڭ ئورنىدا ئۆلۈشتىن قورقمامسەن؟ -

- قورقمايمەن، ئاپام ماڭا، سەن دىگەن ئوغۇلبالا،چوڭ بولساڭ  قىز-ئاياللارنى قوغدايدىغان ئەركىشى بولىسەن، شۇڭا قىزلارنى بوزەك قىلما،سەن ھازىر ئائىلىمىدىزدىكى بىردىنبىر ئەر،كەلگۈسىدە، ئاچاڭ ئىككىمىز ساڭا تايىنىمىز دىگەن،ئۇ يەنە، ئادەم دىگەن ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان مېھرىبان بولۇشى كىرەك دىگەن، ئاپام مىنى جاپا تارتىپ باقتى،  ماڭا تىرە كۆچۈرىمەن دەپ بەك ئازابلاندى، داداممۇ ئۇنى كۆپ يىغلاتتى، مەن دىگەن ئوغۇلبالا، ئۇنى قوغدىشىم كىرەك، شۇڭا ئاپامنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەممۇ قورقمايمەن –

- شەمسىيەكتە زادى قانداق سېھرى-كارامەت باردۇ زادى، بالىنى قانداق باقسا، سەندەك ئىگىسىگە سادىق ئىتتەك، ئانىسىغا سادىق بولىدىغاندۇ، ئايسىما سىنىڭ پوقۇڭنى دوراپ قالغان بولسىچۇ كاشكى – خانقىز ئۆزىمۇ تۇيىمايلا، بارخانغا قايىل بولۇپ قېلىۋاتاتتى.

- ئايسىما ئاچاممۇ ئەسكى ئەمەسمۇ؟ ئۇ بەكلا ئاقكۆڭۈل،ئۇنى نىمىشقا ياقتۇرمايسىز؟ نەدىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئەسكى دەيدىغان ئانا بولىدۇ؟  ئاپام ماڭا دۇنيادا ئەسكى پەرزەنت يوق، پەقەت ئەسكى ئاتا-ئانا بار،دىگەن، ئۇ يەنە ئەگەر سىلەر ئەسكى بولۇپ قالساڭلار مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن دىگەن-

- ئۇنداقتا،سىنىڭچە مەن ئەسكى ئانىكەنمەندە

- ئۇنداق ئەمەس – بارخان بېشىنى چايقىدى – ئاپام ماڭا يەنە، ھېچكىم تۇغۇلۇپلا ئەسكى بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، خانقىز ئاپاڭمۇ ئەسكى ئاپا  ئەمەس، ئۇنىڭمۇ ئامالسىزلىقلىرى بار، ئۇنىڭغا ئۆچ بولساڭ بولمايدۇ دىگەن –

- ئۇ راستىنلا شۇنداق دىدىما؟ ئۇ راسلا مىنى ئەسكى ئانا ئەمەس دىدىمۇ؟ -خانقىز  ئۆزىمۇ تۇيىمايلا  ئۆزى ئۇنتۇپ قالغىنىغا ناھايىتى ئۇزاق بولغان تەسىرلىمىش دەيدىغان تۇيغۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بۆسۈپ كىرىۋاتقانلىقىنى سەزدى.

- شۇنداق- بارخان بېشىنى لىڭشىتتى- ئۇ يەنە ئاچامغا  خانقىز ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز داشۆدە بىللە ئوقۇغان، ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى، سەن چوڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشقا ئارلاشما،  ئۆچمەنلىك ساقلاش ياخشى ئىش ئەمەس، كۆڭلۈڭنى كەڭرى تۇتۇپ، ئۇنى كەچۈرىۋەت – دىگەن. –

-ئەسلى مۇنداقكەندە – خانقىز ئاخىرى چۈشەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىشقا بۇ قەدەر ھەسەتخور، شەخسىيەتچى، ۋە رەزىل بولۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلدى،- شەمسىيە نىمە دىگەن كەڭ قورساق، ھەم قەلبى گۈزەل ئايال ھە!، -ئۆزىمۇ تۇيىمايلا ئىنتايىن تۇيۇقسىز ھالدا شەمسىيەگە قايىلمۇ بولۇپ قالدى.

- خانقىز، خانقىز دىدىم، ھەي قانجۇق مەرەز، نىمانداق چاقىرىۋەرسەم، ھە دەپ، قويماي ئۈلۈكتەك ياتىسەن، تۇرە ئورنۇڭدىن – ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا  چىرايىنى مەڭگۈ ئەسلەشنى خالىمايدىغان ھېلىقى ئايالنىڭ ،تاتلىق ئۇخلاۋاتقان  بارخانچىلىك كىلىدىغان كىچىك بىر قىزنى سىلكىپ ئويغۇتىۋاتقان كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى.

- ۋۇ ئەر سېغىنىپ قالغان پاسكىنا،سەن بۇيەردە ئەسلىنىپ ئولتۇرساڭ، ئاۋۇ ئېتىزدىكى ئىشنى كىم قىلاتتى، نىمانداق ئوغامنى قاينىتىدىغاندۇ ما قانجۇق، ماڭە مايانغا،- ناھايىتى تىزلا ئېتىز قىرىدىكى كۆرۈنەشكە ئالماشتى، قىزچاق پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەننى ئېلىۋاتاتتى، ھازازۇل ئايال چىرقىراپ كەلگىنىچە، ئۇنىڭ نىمىشقا ئولتۇرغىنىنى سوراپمۇ قويماستىن، چېچىدىن تارتىپ سۆرەپ ماڭدى.

- يەنە چىنەمنى چاقتىڭمۇ پاسكىنا، نىمانداق قىلىدىغاندۇ ماۋۇ بۆشۈكىدە بۇزۇلۇپ قالغان قانجۇق، سىنىڭ پالاكەتلىكىڭدىن باشقا زىيان يوقمۇ ماڭا، دەسسەپ، بىر يەلىرىڭنى سۇندۇرۇپ، ئوشتاپ تاشلىۋەتسەم دەردىم چىقارمۇ سەن قانجۇقنى،- قىزچاق قاچا يۇيۇۋاتقاندا قولىدىكى چىنە ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگۈ چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، ئۇ قاتتىق قورقۇنۇچ ئىچىدە يەرگە ئېڭىشىپ، چېقىلغان چىنىنىڭ قالدۇقلىرىنى تېرىۋاتقاندا، ھازازۇل ئايال ئۇنىڭ  قولىدىن چىقىۋاتقان قانلار بىلەن ھېسابلاشماي، پۈكلەنگەن بەللىرىگە تېپىپ  دەسسەپ كەتتى، ئاچچىق تۇرىۋالغان  بىر سانچىقتىن بىچارە قىزنىڭ ئىنجىقلاپ زۇۋانىمۇ چىقمايلا قالدى.

- كەينىمدىن پايلاپ يۈرىۋاتامسەن بۇزۇق، قىمشىپ تۇرالماي قالغان ئوخشىمامسەن رەسۋا، سىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بولسام، مانا مارىيە، تازا مارىغىنە، ماراشقا ئامراق ئىدىڭغۇ، ئەمدى مارىغىنە – شۇ كۈنى ھازازۇل ئايالنىڭ بۇيرۇقى بىلەن   ئېتىزلىققا بېرىپ، ئوت ئوتاپ كىلىش ئۈچۈن ماڭغان قىزچاق، قايتىپ كەلگىنىدە، ئىختيارسىزلا ئانىسىنىڭ يەنە ھېلىقى ئەر بىلەن ھۇجرا ئۆيدە بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، قىزچاق، ئەسلىنىش، قىمىلداش دىگەنلەرنىڭ ھەتتاكى ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئەر بىلەن قىلىۋاتقان نۇمۇسسىزلىقلىرىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى، ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئانىسىدىن ئۆلگۈدەك تاياق يەيدىغانلىقى ئىدى، خالاس!

-خانقىز مەكتەپ يېزىغا توشۇپ قالدى، ئەمدى ئۇنى ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا سالماي، مەكتەپكە بىرەيلى، قىزبالا چوقۇم ئوقۇشى كىرەككەن، ئوقۇمىغان قىز ھامان خارلىنىپ قالىدىكەن – قىزچاق تاكى سىرتقا پۇل تاپقىنى چىقىپ كەتكەن دادىسى قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئىزچىل بۇ ۋەھىمىلىك چۈشتىن قۇتۇلالماي كەلدى، شۇ كۈنى دادىسى قايتىپ كىلىپلا، قىزچاقنىڭ ۋەيرانە تۇرقىغا قاراپ، ئىچى سىيرىلغان ھالدا ئۇنى باغرىغا باستى، ئاندىن ھازازۇل ئايالغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا قىزىنى مەكتەپكە بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

-نىمانداق تىتەنپەتە گەپ قىلىپ يۈرۈيلا، خۇددى مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىمنى خارلاۋاتقاندەك -ھازازۇل ئايال خۈدكى بارنىڭ مۈدكى بار دىگەندەك ھە دىگەندىلا ۋاتىلداپلا چۈشتى – قىزبالا ئوقۇپ نەگە باراتتى، يەنە بىر ئوغۇل تۇغسام، شۇنى ئوقۇتامىز، بۇنى مەن بىر قوللۇق تەربىيەلەپ، ئىشقا پۇشۇرۇپ، تالاغا يارىغۇدەك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمەن –

- ئەمدى 7ياشقا كىرگەن قىزنى يەنە قانداق تەربىيەلەيتتىڭ،قارىغىنە قىلىۋەتكىنىڭگە بىچارە قىزنى خورلاپ،ئىچىڭمۇ ئاغرىمەيدىكەن باغرىڭنى يېرىپ چىققان قىزىڭغا ، سەندەك ئىچىدىن چىققان بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ساپاسىز ھايۋان بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئوقۇتايلى دەۋاتىمەن، بالا يالغۇز سىنىڭلا ئەمەس، مىنىڭمۇ بالام، ئۆيگە بىر قېتىم قايتالماي،بىر قىزىمنى ئوقۇتۇشقىمۇ كۈچۈم يەتمىسە،مەن  يىلدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتالماي  كىشىنىڭ يۇرتىدا  نىمە دەپ جاپا تارتىپ ئىشلەۋاتىمەن،بولدى سۆزلىمە،نىمە دىسەڭمۇ بىكار  قىزىم ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە بارىدۇ

- ۋاي ياخشىلىق ياراشمايدىغان ئوغرى، سىنى يىتىمكەن دىمەي يارىتىپ تىگىپ قويغۇنۇمغا  ئەمدى، ئىچىمدىن چىققان بالامنى ياخشى كۆرمەيدىغان ساپاسىز بولۇپ كەتتىممۇ؟ تاپە مىنىڭ ساپاسىزلىقىمنى، تاپمامسەن، ساپاسىزلىق قىلىپ نىمە قىپتىمەن ھە؟ قىز بالا بولغاندىن كىين، قىزبالىغا ئوخشاش باقاي دىگىنىم ساپاسىزلىق بولاپتىمۇ مىنىڭ، يا مىنىڭ ساپاسىزلىقىمنى تېپىپ خىتىمنى بىرىسەن، يا بولمىسا، ئۆزۈم ئىنجىقلاپ تۇغقان قىزىمغا مىنى ئىگە قىلىسەن –
-قانداق قىلساڭ قىل، بۇ قېتىم مىنىڭ دىگەن گىپىم ھېساب، 7ياشقا كىرگەن بالىنى مەكتەپكە بەرمىسەڭ، ھۆكۈمەتمۇ بوپتۇ دىمەيدۇ، خىتىڭنى ئالساڭمۇ مەيلى،قىزىمنى ئوقۇتقۇنۇم ئوقۇتقان،سەن ھەرگىز توسۇپ قالالمايسەن- بۇ قېتىم ئايالنىڭ ھازازۇللىقلىرىمۇ ئاقمايلا قويدى، دادا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ،قىزىنى ئۆز قولى بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. ئىرى تېپىپ چاڭگىلىغا سېلىپ بىرىۋاتقان تۇتاملاپ پۇللارغا چىدىمايدىغان ھازازۇل ئايالمۇ،ئېغىزىدا ھە دەپ ئاجرىشىمەن دەپ پوپوزا قىلغان بىلەن،ۋاقتى كەلگەندە قولىدىن ھېچچىش كەلمەي،قىزچاقنىڭ شادىمان ھالدا، مەكتەپكە بېرىپ كىلىشىگە كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

-بىز بالىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەتكىنى كەلدۇق، دۆلىتىمىزدە ھازىر توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تۈزىمى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ،ھەدىسىلا باھانە كۆرسىتىپ،  بالىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكىڭىز قانۇنغا خىلاپ، بۇنىڭدىن كىيىن، يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولسىڭىز، يۇقۇرىغا يوللاپ بىرىمىز – ھازازۇل ئايالنىڭ يولدىشى سىرتقا مېڭىشىغىلا قىزچاقنى مەكتەپتىن توختىتىۋېلىش پىلانىمۇ سۇغا چىلىشىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ بېسىمى بىلەن خالىمىسمۇ، ئۇنى مەكتەپكت ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى.

گەرچە دادىسى ھەمىشە ئۇنىڭغا ھەمرا بولالمىسىمۇ، بىراق قىزچاق ئۇنى يەنىلا ئىنتايىن  ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى دادىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان بىردىنبىر ئادەم ئىدى، كىچىك تۇرۇپلا ئۇنىڭ  گۈدەك قەلبىنى نۇرغۇن مۇرەككەپ خىياللار قوينىغا ئېلىۋالغان بولۇپ،بالدۇرراق چوڭ بولۇپ، دادىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ كىتىشتەك چاڭقاق بىر ئارزۇ، ئۇنى پەقەتلا تىنىچ قويمايتتى. ئۇ بەزىدە، كۆز ئالدىدىكى بۇ ھازازۇل ئايالنى ئۆزىنىڭ ئۈگەي ئانىسىمىدۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى، تۈن-تەڭلەردە، قەلبىدىكى ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان ئانا ئوبرازىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئانىسىنىڭ قەلبىنى سىزىپ چىقاتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ -قىزىم مەن سىزنىڭ ئۆز ئانىڭىز، سىزنى ئېلىپ كەتكىنى كەلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن  مەن بىلەن بىللە ياشايسىز،ئەمدى  سىزنى مەڭگۈ تاشلىۋەتمەيمەن – سەپ غۇلاچلىرىنى كەڭرى ئېچىپ، ئۆزىنى باغرىغا بېسىشلىرىنى چۈشەيتتى.

- ۋۇ پاسكىنا قانجۇق، بۇزۇق مەرەز، ۋۇ پەسەندىلەر، ئىپلاسلار، لەنەت سەنلەرگە، ئادەم ئەمەس نىجىس پەسەندىلەر -شۇ كۈنى قىز قاتتىق ئۇخلاۋاتقىنىدا، دادىسىنىڭ تونۇش ئەمما غەزەپلىك ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولۇپ چۆچۈپ ئۇيقۇدىن  ئويغاندى.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章