گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 43-قىسىم _ قىزىقارلىق ئىشلار

文摘   小说   2024-09-16 14:02   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 










دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  68  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635


 4241 40





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

43-قىسىم


 


43-قىسىم

قىزىقارلىق ئىشلار


ئىليار بىلەن دىلارە  كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىش يولىدا، يېرىم يولدا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ   راستۇرانغا باردى.

ماشىنىنىڭ توختىغان ئورنىنى كۆرۈپ، دىلارە  قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، گەپ قىلماي، ئىليارغا ئەگىشىپ ماشىنىدىن چۈشتى.

كەينىدىن ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىلزات ۋە مىرزات قاتارلىقلار ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ:

ـ ھەي، ھەي، ئىليار ئاكا، يەڭگە،  خاتا مېڭىپ قالدىڭلارمۇ قانداق، بۇ يەر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ئەمەس. - دېدى مىرزات.

ئۇچىسىغا چاپان كىيىۋالغان دىلارە  مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

ئىليار  ئۇنى ئېلىپ رېستورانغا  كىردى.

مىرزات گۇمانلىنىپ:

-  ئەجەبا  يىغىن ئورۇنى ئۆزگەردىمۇ؟ - دېدى.

ئىلزات ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى ئاشخانىغا قاراپ خاتا ئويلىغانلىقىنى بىلدى. توغرا ئاكىسىغا نىسبەتەن خوتۇنىنىڭ ۋاقتىدا تاماقلىنىشى ئەڭ مۇھىم.يەنە بىر سەۋەبنى ئويلىغىنىدا ئۇھ تارتىپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.

-نېمە بولدى؟ ئىلىيار ئاكامنىڭ يەنە باشقا ئويىما بارما ؟ -دېدى مىرزات ئىلزاتقا قاراپ.

- ئەلۋەتتە يەڭگەم ھەممىدىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەل ۋاقتىدا بارغاندا ئادەم ئەڭ كۆپ بولىدۇ، ئاكامنىڭ ئۈستىدىن بولۇنىۋاتقان پاراڭلارمۇ بەك كۆپ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى، بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، پەقەت كېچىكىپ قالمىسىلا بولدى. - دېدى.

ئۇ شۇنداق دېگەندىن كېيىن، مىرزات بىردىنلا چۈشەندى.

- يەڭگەمنىڭ ھېچنېمە دېمىگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، ئۇمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان ئوخشايدۇ. - دېدى.

ئىلزات  مىرزاتنىڭ بوينىدىن چىڭ تۇتۇپ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن:

- ئۇنىسى چوقۇم. يەڭگەمدەك  ئەقىللىك ئادەم، بۇ مەسىلىلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي قالامتى؟ - دېدى.

ئەمەلىيەتتە، ئىليار بىلەن دىلارە  ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارىشى بار ئىدى.

ئىليار پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئوماق ھامىلىدار ئايالىنىڭ قورسىقىنى  تويغۇزۇپ بارسا خاتىرجەم بولىدۇ.

دىلارە  دەسلەپتە ئىليارنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئەمما ئۇ ماشىنىنىڭ رېستوران  ئالدىغا توختىغاندا، ئۇمۇ ماقۇل كۆرۈپ، ئەگىشىپ ماڭدى.

ئىليارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنى دەپ  ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا  ئۇمۇ ھەقىقەتەن ئىلزات بىلەن ئوخشاش ئويلىدى.

ئۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىليارغا قاراتقان مۇنازىرىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.

مەيلى ياخشى گەپ بولسۇن ياكى يامان گەپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئاڭلىغۇسى يوق.

ئۇ ئەزەلدىن ئىليارنىڭ ھەرقانداق شەكىل بىلەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپ-سۆز ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى.

ئۇ ئەزەلدىن ئىليارغا ئىشىنەتتى،  باشلىقلار يىغىنىغا كېچىكىپ قالسىمۇ،  ئىشنى بۇزۇپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنىلا قورسىقىنى  تۇيغۇزۇپ ئاندىن مېڭىشى كېرەك، ناۋادا راستتىنلا زىياپەتكە بېرىپ تېتىمايدىغان بىر نەرسە يەپ قالسا، ۋاقتى كەلگەندە  قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرەز قىلالمايدۇ.

دىلارە قولىنى سوزۇپ قورسىقىنى سىلىدى، ھازىر قورسىقىدىكى بۇ ئىككى شاكىچىكنىڭ دېگىنى ھېساب.

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، مىرزات قاتارلىقلار قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئىليار ۋە دىلارەگە ئەگىشىپ ماڭدى، چىرايىدىن رازىمەنلىك چىقىپ تۇراتتى.

ئەمدى گەپنى يىغىن مەيدانىدىن ئاڭلايلى.   مەيدان  سىرتىدا، داڭلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ بولدى.

ۋاقىت توشۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئەڭ ئىنتىزار بولغان ئادەم ھازىرغىچە پەيدا بولمىدى.

- نېمە ئىش بولغاندۇ؟ بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ پېشقەدەم باش مۇدىرى بۇ قېتىم بوشى گۇرۇھىغا  ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دېگەنغۇ؟ نېمىشقا تېخىچە كەلمەيدۇ؟

- يەنە <مىڭلەن> گۇرۇھىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسئۇلىمۇ ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى.

- ئۇنىڭ ئۈستىگە،  y رايوننىڭ ئەتىۋارلىق خانقىزىمۇ  كۆرۈنگەندەك قىلمىدى. بوۋا-نەۋرە ئىككىسىنىڭ  تەڭلا كەلمىگەنلىكىدىن قارىغاندا،  ئاستىرىتتىن بىرەر ئىش يۈز بەرسىمۇ بىلمەي قالدۇقمۇ؟

- ئەمما  باشلىقلار يىغىنىدەك مۇشۇنداق مۇھىم يىغىلىشغىمۇ كەلمەي قالامدۇ؟

ھەممە ئادەم تىت-تىت بولۇۋاتقاندا، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى قىزىل گىلەمدە بىر قارا رەڭلىك ماشىنا ئاستا كېلىپ توختىدى.

تاراتقۇلار مۇزاكىرىنى توختىتىپ، قولىدىكى ئاپپاراتنى ئىشىك ئالدىغا توغرىلىدى.

ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئاستا ئېچىلدى، ئەزىمەت ئاۋۋال ماشىنىدىن چۈشتى، ئاندىن بوۋاينى يۆلەپ چۈشۈردى.

 بوۋاي  ھاسىسىنى تۇتۇۋالغان، چىراي ئىپادىسى سۈرلۈك بولۇپ، كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى.

بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى  مالىيە گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى تەبىئىيلا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نىشان.

گەرچە يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا چىراغلار چاقناپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاراتقۇلارنىڭ تېلېكامىرالىرى يەنىلا توختىماي چاقناپ ، ھۆسن قوشتى.

- دادا، ئېھتىيات قىلىڭ.- ئەزىمەت ئەستايىدىللىق بىلەن تاپىلىدى، بوۋاي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزى مېڭىشتا چىڭ تۇردى.

ئەزىمەت لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى.

ئۇلار كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا كىرگەندە،   ھەشەمەتلىك ماشىنىلار ئارقا-ئارقىدىن شۇ يەردە توختىدى.

تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى ھەش-پەش دېگۈچە يۆتكەلدى.

بىر نەچچە ماشىنا بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئىشىكنى ئاچتى، ئارقا-ئارقىدىن بىر مۇنچە ئادەم ماشىنادىن چۈشتى، ئەڭ باشتىكى ماشىنادىن ئىليار بىلەن دىلارە  چۈشتى.

دىلارە  سوكنا چاپان كىيىپ، كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالغا قاراپ، لېۋىنى سەل-پەل پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويدى.

 باشلىقلار يىغىنى بولۇشقا مۇناسىپكەن،   مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ كۆلىمىنى بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن مىرزات، ئىلزات قاتارلىق بىر قانچەيلەن كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

ئۇلار پەيدا بولۇشى بىلەنلا، ئويلىمىغان يەردىن تاراتقۇلارنىڭ بەس - بەستە  سۈرەتكە ئېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

-  راستتىنلا كەلدى، بۈگۈن كەچتە يىغىن مەيدانىدا قانداق قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

- كەلمىسە بىرسىمۇ كەلمەيدىكەن، كەلسە  چوڭ گۇرۇپپا بولۇپ كېلىدىكەن، ئېرشات، مىرزات، نۇرمەمەت، ئابدۇسەمى بىر نەچچەيلەن بىر يەرگە جەم بوپتۇ، كۆرۈنۈش بەك ھەيۋەتلىك چىقتى! ئەمدى بىر دىلارە خانقىز قوشۇلۇپ ھەقىقەتەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولدى...-دېدى بىرەيلەن.بىراق بۇ ئادەمنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا، توختاپ، ئىليارغا قارىدى.

گېپىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرماسلىقنى بىلمىدى.

فوتو ئاپپاراتنىڭ چاقنىشى ۋە سۈرەتكە تارتقان ئاۋازى يەنىلا توختىمىدى، ئىليار دىلارەنى ئېلىپ سالماق قىياپەتتە قىزىل گىلەمدىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى.

ئۇ غەلىتە قاراشلارغا ۋە پەس ئاۋازلاردا پىچىرلاشلارغا پەرۋا قىلمىدى.

كۆپچىلىك يىغىن مەيدانىغا كىرىپ بولغىچە، ئىليار توغرىسىدىكى پاراڭ يەنىلا داۋاملاشتى.

- مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىغان، سودا ساھەسىدە  رىۋايەتلىك شەخس ئىدى! بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ئاياللارغا بېرىلىشنىڭ ھەقىقەتەن ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىكەن.

- بىراق، ئۇ شۇنداق دانا، جەلپكار ئادەم، ئاياللارنى ھەرقانچە ياخشى كۆرۈپ قالسىمۇ، ئۆزىنىڭ نام-شۆھرىتىنى بۇنداق تۆكمەسلىكى كېرەك ئىدى؟ زىخمۇ كۆيمەيدىغان ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئامال تاپسا بولمامدۇ؟ چوقۇم ئىككىدىن بىرىنى تاللىشى زۆرۈرمىتى؟

- كىم بىلىدۇ؟ كاتتا جەمەتنىڭ ئەتىۋارلىك خانقىزىغا ئېسىلۋالمىسىمۇ، ئۇنىڭ قايتىدىن باشلايدىغان نۇرغۇن پۇرسىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئىقتىدارىمۇ يېتەرلىك،ئەڭ مۇھىمى رەنا خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى  قولايلىق يارىتىپ بەرسە،  بوشى گۇرۇھىدەك گۇرۇھ قۇرۇش تەس ئىش ئەمەس.

-  ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يەنىلا ئاياللارغا تايانمىسا بولامدۇ؟

سۆھبەت جەريانىدا، بەزى تاراتقۇلار ۋاقىتقا قاراپ، نېمىشقىدۇر گۇمانغا چۈشۈپ قالدى.

- غەلىتە ئىش، ۋاقىت توشتى، نېمىشقا  مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىنى كۆرمىدۇققۇ؟

- توغرا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ دېگەنغۇ؟

-  يەنە ساقلاپ باقايلى...

بىر توپ كىشىلەر ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى، يىراقتىن ئىشىك ئالدىغا قاراپ،كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئادەمنى تۇنجى بولۇپ كۆرمەكچى بولۇشتى، نەتىجىدە يىغىن مەيدانىدىكى دەرۋازا تاقالغانغا قەدەر ساقلىدى، ئەمما ئۇلار كۆرمەكچى بولغان ئادەم كەلمىدى.

بۇ ئىش بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، ئۇلار بەس-بەستە بېشىنى چايقاپ، ئۇھسىنىشىپ، ئاپپاراتىنى قۇچاقلاپ ئارقا-ئارقىدىن يىغىن مەيدانىغا كىردى.

بۇ قېتىم گەرچە رىۋايەتلەردىكى   كارخانا ماگناتىنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىللاردىمۇ ئوخشاشلا كۆرەلمىگەن.

بۇ يىل يىغىن مەيدانىدا باشقىچە ياخشى ئويۇن كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

شۇ تاپتا يىغىن مەيدانىدا، كەيپىيات ھەقىقەتەن  ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.

بوۋاي مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن مەيداندىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

نۇرغۇن كارخانا رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ، ئالدىغا بېرىپ ماختاش كەم بولمىدى.

بوۋاينىڭ چىرايىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا سوغۇققان، كەسكىن بولۇپ، شۇ تاپتا بىلىنەر - بىلىنمەس رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

ئۇنىڭ غۇرۇر- شۆھرەتپەرەسلىكى قانچىلىك قانائەت تاپقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سودا ساھەسىدە شۇنچە يىل سەرسان بولۇپ يۈرۈپ،  خۇشامەتچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار،  ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىدىغانلارنىڭمۇ كۆپلىكىنى بىلگەنلىكىدىن. ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ، سىز ياخشى ، مەن ياخشى دەپ ساختا مۇئامىلىدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتمىگەنلىكىدىن بولدى .

ئۇمۇ شۇ تاپتا  ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن رەنجىتمەسلىكى كېرەك. سەۋەبسىز ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتىۋالغىنىدىن ، دوستلىشىپ قويغىنى ئەۋزەل.

كەيپىيات تازا ئەۋجىگە چىققان چاغدا، ئىشىك ئالدىدىكى كىشىلەر توپىدىن تۇيۇقسىز پەس ئاۋازدا زىلزىلە ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغان بىر نەچچە ئادەمنى كۆرۈپ، بوۋاينىڭ چىرايىدىكى سۇس تەبەسسۇم دەرھال ئۆچتى.

دىلارە يىغىن زالىغا بىر قۇر قاراپ چىقتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دۇنيادىكى بارلىق داڭلىق كارخانا سەرخىللىرى يىغىلغان بۇ كۆرۈنۈش شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈپ كەتتى.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ سالاپىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

دىلارە  يىغىن مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن چاپىنىنى سېلىۋەتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئوتقاشتەك قىزىل رەڭلىك نەپىس كەشتە كەشتىلەنگەن مۇراسىم كىيىمى ئالاھىدە كۆزنى قاماشتۇراتتى.

ھەممە ئادەم ئۇنى ئەزەلدىن ئاددىي-ساددا ياسىنىشقا ئادەتلەنگەن، بۇ خىل ئاددىي ساددىلىق ئۇنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدۇ دەپ قارايتتى.

لېكىن بۈگۈن كەچتىكى كۆرۈنۈش، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

 قورسىقىنىڭ ئالدىدىكى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئەگرى سىزىق ئۇنىڭ كىيىنىشىدىن نومۇر تارتقۇزمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەممە ئادەمگە  غەلىتە كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى.

يېڭى بىر مۆجىزە يەنى يېڭى ھاياتقا بولغان ئۈمىد، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بىر خىل مۇلايىملىقنى ھېس قىلدى.

شۇنداق، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇلايىملىق بالقىپ تۇرىدۇ.

ئۇ بىر كارخانىنىڭ رەھبىرى ئەمەس، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىقتىدارلىق ئايالمۇ ئەمەس، بەلكى  ئاددىي بىر ئايال.

مۇشۇنداق تونۇشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بىر توپ ئادەمگە قارايدىغان بولسا، ئۇنىڭ يېنىدىكى كېلىشكەن ئەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە توردا قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان ھېلىقى ئادەم بىلەن پەقەتلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.

دىلارە  لەۋلىرىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ، ئىللىق كۈلۈمسىرەپ، ئىليارغا يانچە قاراپ قويدى.

ئىليار ئۇنى ئاستا  يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىردى.

كۆپچىلىك بەس-بەستە ئۇلارغا قاراپ، چىرايى ھەرخىل ئۆزگىرىپ كېتىشتى.

لېكىن ھېچكىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلار بىلەن سالاملاشمىدى.

بۇ يىل ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن بىر كارخانا خلاس  ئۆز قەددىنى ئىگىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ، مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراشتى.

گەرچە ئۇنىڭ باشقا بىر سالاھىيىتى ئەتىۋارلىق خانقىز بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە پەقەت كارخانىچىلا بار،نام ئاتاق يوق.







 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章