سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولسا قانچە پۇل تۆلەيدۇ؟سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي راسخوت چىقىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، بۇ يىلقى ھەربىي راسخوت خامچوتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، مۇشۇنداق يۇقىرى ھەربىي راسخوت چىقىمىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى.ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئالدىنقى ئونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ غايەت زور ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ئىشلىتىلىش مەنبەسى ئاساسلىقى قايسىلار؟
بىرىنچىدىن، ئامېرىكا يەر شارىدىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، زور مىقداردىكى قورال ـ ياراغقا ئىگە بولۇش ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىدۇھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 ئاۋىياماتكا، 4000 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانى، 70 تىن ئارتۇق يادرو چۆكمە پاراخوتى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئاساسىي ھەربىي پاراخوتنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئارمىيەمۇ ئۈزلۈكسىز زور مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ھەربىيلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى دۇنيادىمۇ ئەڭ يۇقىرى، بۇمۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.ئامېرىكا ئارمىيىسىگە بېرىپ ھەربىي سەپكە قاتناشقان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۇقىرى مائاشى ۋە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان پاراۋانلىق تەمىناتىغا كۆزى چۈشۈپ، يېڭى ئەسكەرلەر قىسىمغا كىرگەندە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە مۇكاپات ئالالايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئايدا ئالىدىغان ئايلىق مائاشى 4000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇمۇ پەقەت ئادەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ھېسابلىنىدۇ قىسىمدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىش ھەققى ۋە تەمىناتى كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2017ـ يىللىق خادىملار پاراۋانلىق ئومۇمىي چىقىمى 70 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز قىسمەن ئۇرۇشلارغا قاتنىشىدۇ، ئەگەر ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەيدانىدا بەختكە قارشى قۇربان بولسا، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ناھايىتى يۇقىرى مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ.ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىيلەرگە بېرىدىغان تولۇقلىمىسى ئاساسلىقى قايسى تەرەپتىن كېلىدۇ، بۇ ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولۇش سۇغۇرتىسى، قىسىمنىڭ تولۇقلىمىسى ھەمدە ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچى ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سۇغۇرتىسى تەخمىنەن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، قىسىمنىڭ تولۇقلىمىسى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. بۇ جەمىي بىر مىليون دوللار ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇربان بولۇش تولۇقلىما پۇلى يەر شارىدىكى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يۇقىرى.ئامېرىكىنىڭ سىرتقا ھەربىي ئارىلىشىش چىقىمىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، جەمىي 6700 دىن ئارتۇق ئادەم بەختكە قارشى قازا قىلدى، قورال ـ جابدۇقلارنى ئۈزلۈكسىز يۆتكەش ۋە ئىشلىتىشتە ئامېرىكا ئارمىيەسى ناھايىتى زور بەدەل تۆلىدى. بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشقا ئامېرىكا جەمىي 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قەرزى ناھايىتى كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹