بۇ ئىچىملىك جوڭگودا ئىشلىنىپ، كېيىن ئۇرۇش پەيدا قىلغان

文摘   2024-12-31 22:21   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى



-مەزمۇن-

ھەممىمىزگە مەلۇم، چاي جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، ئەڭ دەسلەپتە تەزىيەنامە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن، ئەمىنىيەنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە دورا قىلىنغان، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئوردا ئالىي دەرىجىلىك ئىچىملىكىگە ئايلىنىپ، غەربىي جىن سۇلالىسىدىن كېيىن ئاندىن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.  شۇنىڭدىن كېيىن تاكى يېقىنقى زامانغىچە، جۇڭگوچاي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى چاي ئىچىش ئادىتى ئەنگىلىيەگە تارقالغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ھەر يىلى جۇڭگودىن كۆپ مىقداردا چاي ئىمپورت قىلىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى


بەزى دۆلەت چاي ئىچىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدى،چاي شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىدىكى كىشىلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ چايغا بولغان ياقتۇرۇش دەرىجىسى ھەتتا ئەنگلىيىلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشتى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى چاينىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىدىن چاي بېجى ئېلىندى.  1765-يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتى« ماركا بېجى قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن« تود مالىيە قانۇن لايىھىسى» نى ئېلان قىلدى، 1773-يىلى يەنە« چاي قانۇن لايىھىسى» نى ئېلان قىلدى
دەل مۇشۇ« چاي قانۇنى» مۇستەملىكىلەردىكى ئاھالىلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىراقلا چاي ئىچمەي، باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتتى.  لۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىدى، كېيىن داڭلىق بوستون چاي ۋەقەسى يۈز بەردى,ئەينى چاغدا ئەنگىلىيەلىكلەر چاي ئىچىشكە قىزىقىپلا قالماستىن، پۈتكۈل ياۋروپادا چاي ئىچىش ئادىتى ئەۋج ئالغان. 20ئەسىردىن ئىلگىرى، جۇڭگو-ئىسپانىيە سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە چاي ئىدى.  ئەينى چاغدا غەرب سودا شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا پاراخوت ئەۋەتىپ، كۈمۈش ئارقىلىق چاي سېتىۋالغانىدى.  ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، « چاي تەڭرى، ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا نەرسىلەرنى قۇربان قىلىشقا بولىدۇ»  ئەينى ۋاقىتتا، ئەنگىلىيە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىستىمال چېيى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ چاي سودىسىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىۋالغان ئىدى.  ئۇلار جۇڭگودىن چاي ئىمپورت قىلىدۇ، ئاندىن ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە ساتىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە يەنىلا غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ چاي ئىستېمال بازىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان چاينىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپادا چاينىڭ باھاسى ناھايىتى تېز تۆۋەنلىدى، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ سېتىۋالالايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسى، دېھقانلار« چايغا خۇمار بولۇش» قا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگودىن تېخىمۇ كۆپ چاي سېتىۋېلىشىغا باشلىدى بىراق بىر مەسىلە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ئۇ بولسىمۇ ئەنگىلىيە جۇڭگودىن نۇرغۇن چاي ئىمپورت قىلدى، لېكىن ئۆزى جۇڭگوغا ھېچنەرسە  ساتالمىدى، چۈنكى جۇڭگودا ھېچنېمە كەم ئەمەس، ئۆزىنى ئۆزى قامدايتى  نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ كۈمۈشى ئىزچىل جۇڭگوغا ئېقىپ كىرىپ، ئۆزى ئازراقمۇ پايدا ئالالمىغانىدى،چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چاينىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى، مۇشۇنداق بولغاندا، ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇقداپ قويىدۇ.  ھېلىمۇ ياخشى ئەينى چاغدا ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدە نۇرغۇن كۈمۈشنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار داۋاملىق جۇڭگودىن كۆپ مىقداردا چاي سېتىۋېلىشقا باشلىدى

بىراق ئامېرىكا قىتئەسىدە كۈمۈشنىڭ زاپاس مىقدارى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، قېزىۋەرسە بىركۈنى تۈگەيدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ چېيى قايتا ھاسىل بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان چاي سودا پاسسىپ بالانىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ، سودىدىكى زور سوممىلىق تەتۈر پەرقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگىلىيەلىكلەر ئەسەبىيلەرچە« قارا ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپيۈننى ئىشلەتتى  پورتۇگالىيىلىكلەر ئەڭ بۇرۇن جۇڭگوغا ئەپيۈن كىرگۈزگەن، ئەنگلىيىلىكلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.  ئۇلار دەسلەپتە ئەپيۇننىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، بىر خىل پاسكىنا سودا ئىكەنلىكىنى بىلگەن، لېكىن ئۇلار ئەپىيۇننىڭ  ئورنىنى باسقۇدەك بېلەن مال تاپالمىغاچقا يەنىلا ئەپىيۇننى تاللىغانىدى  ئاخىرى ئەنگىلىيەلىكلەر زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېزىقتۇرۇشىنى رەت قىلالماي، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى ۋە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە ئەپيۈن ئىشلىرى ئىدارىسى قۇردى.  ئۇلار ھىندىستاندا ئەپيۈن تېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن جۇڭگوغا ئاپىرىپ، ئاندىن جۇڭگو چايلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەنگلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن، ئەنگلىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا توقۇلما بۇيۇملار بولسا ھىندىستاندا تۆكمە قىلىپ سېتىلىپ« ئۈچ بۇرجەك سودا» ھاسىل قىلغان

ئەپيۈن ئادەتتە چوڭ تاماكا دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مورفىن ۋە نىكوتىن بار بولۇپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالسا ئاسانلىقچە زەھەر تاشلىيالمايدۇ نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئەپيۇن چەككەندىن كېيىن ئۆزىنى تارتالماي، سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، روھىي ئىرادىسىنى نابۇت قىلغان  مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، كۈمۈش كۆپلەپ سىرتقا ئېقىپ كېتەتتى، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ناتۇرال ئىگىلىك تەرەپ كاپىتالىستىك سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇپ قالالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقى نامراتلىشىپ كېتىدۇ  ئەپيۇننىڭ يامراپ كېتىشى پەيدا قىلغان ئېغىر زىيان ئالدىدا، جۇڭگودىكى بىر قىسىم بىلىملىك زاتلار كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئەپيۈننى مەنئى قىلىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى.  1839-يىلى 6-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لىن زېشۈنى گۇاڭدۇڭغا ئەپيۇننى چەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، 20 نەچچە كۈندىلا 2 مىليون 300 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئەتكەس ئەپيۈننى مۇسادىرە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇمېن دېڭىز ساھىلىدا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى بولسا جىنايى ئەپيۈن سودىسىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگوغا ئاشكارا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەپيۈن ئۇرۇشىنى قوزغىدى ئاخىرىدا ئاجىز، ئىقتىدارسىز چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەپيۈن ئەتكەسچىلىكىنى توسۇپ قالالماي، ئەپيۈن سودىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.  تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلار ئەپيۈن چېكىشكە باشلىدى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار سىنىپى كۈمۈشنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئەپيۈن تېرىپ، ئاخىرى ئەنگلىيىدىن ئىمپورت قىلمايدىغان بولدى


ئەلۋەتتە، ئەنگىلىيەلىكلەر جۇڭگو چايلىرىنىڭ خەلقئارا چاي بازىرىدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇستەملىكە ھىندىستان، سىرلانكا قاتارلىق جايلاردا چاي تېرىدى، 19ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيىلىكلەر ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلغان چاي تەدرىجىي ھالدا جۇڭگودىن ئېشىپ كەتتى، جۇڭگونىڭ چاي چىقىش ئېغىزى ئۈزلۈكسىز ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىدى.  بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا چاي بازىرىدا، جۇڭگو يەنىلا كېنىيە، سىرلانكىغا يەتمەيدۇ



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹






saybag
你好。欢迎
 最新文章