دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: قەتئىي قارشى تۇرىمىز!
12-ئاينىڭ 12-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر، كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بۈگۈن پىكىر ئېلان قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى كورېيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش مىساللىرى ئۈستىدە توختالدى، يەنە جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر كورېيەنىڭ ئورمانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېدى، بۇنىڭغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى، كورېيە تەرەپنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن چوڭقۇر تاسادىپىيلىق ۋە نارازىلىق ھېس قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كورېيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا باھا بەرمەيدۇ، لېكىن كورېيە تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسىنى جۇڭگوغا ئالاقىدار ئامىللار بىلەن باغلاپ، تۇتۇرۇقسىز، ئاتالمىش جۇڭگو جاسۇسلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، نورمال ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا قارا چاپلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا پايدىسىز. ماۋ نىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن شۇ جاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى، بىز كورېيە تەرەپ تىلغا ئالغان ئالاقىدار دېلولارغا تېخى يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپنى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئالاقىدار دېلولارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو تەرەپكە دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، ۋەقەگە ئالاقىدار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى