تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلغاندىن كىيىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جاھنگىر دۆلەتلەرنىڭ تۆت قېتىملىق ئاتوم بومبىسى تاشلاش تەھتىدىگىە دۇچ كەلگەن
ى1945 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئاتوم بومبىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى موكود قۇملۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى ؛ 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خىروسىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى ئاتتى . ئىنسانلار ئۇرۇشى يادرو ئۇرىشى دەۋرىگە قەدەم قويدى ! 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى ئاتوم بومبىسى شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلى ئەتىراپىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتىلتىلدى . بۇ ئون نەچچە يىلدا ، يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىتى باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنى ئىز قوغلاپ كەلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز تۆت قېتىم يادرو كىرىزىسى تەھتىدىگە ئۇچىرىغان .
بىرىنچى قېتىملىق يادرو كىرىزىسى :چاۋشيەن ئۇرۇشى
چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تۇرۇمىن شىنياڭ ۋە شاڭخەيگە ئاتوم بومبىسى تاشلاش توغرىسىدا تەھتىد سالغان . كىيىنكى نۆۋەتلىك زوڭتوڭ ئېزىنخاۋېر : « ھۇجۇمنىڭ بەدىلى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، بىز ئاتوم قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز » دېگەنىدى . 1953 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى « چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى » ئىمزالاندى ، 1953 - يىلى ئەتىيازدا ئېزىنخاۋېر يەنە ئاشكارا يىغىندا : « كائىسوڭ رايونى ئاتوم بومبىسىنىڭ بىر ياخشى نىشانى بولۇشى مۇمكىن » دېدى . ئۇنداقتا كائىسوڭ قەيەردە ؟
كائىسوڭ دەل 38 -لىنىيەنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ ، بەنمېنديەنگە يېقىن ، پيۇڭياڭغا 200 نەچچە كىلومېتىر ، سىئولغا 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تەھدىتى ، بۇ ئەلۋەتتە چاقچاق ئەمەس . كېيىن مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاتوم بومبىسىنى ئامىرىكىدىن ياپونىيە ئوكىناۋا ئامېرىكا ئارمىيە بازىسىغا يۆتكەپ كېلىپ ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمال تەرەپكە قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.لېكىن كىيىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەھتىدى ۋە ئەنگىليەنىڭ نەسھىتى ئاستىدا ئامىرىكا ئاتوم بومبىللىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى.
ئىككىنجى قېتىملىق يادرو كىرىزىسى : ۋيېتنامنىڭ ديېبيەنفۇ ئۇرۇشى
ئىككىنچى قېتىملىق يادرو كىرىزىسىنى يەنىلا ئېزىنخاۋېر پەيدا قىلدى ، نىشانى ۋىيېتنامغا يېقىنلىشىش ئىدى . 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، ۋيېتنامدا فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىدى . 1954 - يىلى 4 - ئايدا ، ۋيېتنام قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا ، ديەنبيەن رايونىدا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيىسى ئىستىھكامنى ساقلاپ قالالمىدى .
شۇ چاغدا فرانسىيە ھەربىي ساھەسىدىكىلەر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئارىلىشىشىنى كۈتتى ، ئۇلارنىڭ ۋېيتنامنىڭ مۇستەملىكە ۋەزىيىتىگە ياردەم قىلدى . دوگلاس دىرون شۇ چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ، فرانسىيە ھەربىي ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭغا « ئاق باش بۈركۈت ھەرىكىتى » پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ، يەنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فرانسىيە ئارمىيەسىگە ياردەملىشىپ ، ئادەتتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ ۋيېتنامنى مەغلۇب قىلدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 2 - 3 دانە ئاتوم بومبىسى ئىشلەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ بېشارەت بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقىرىلدى : پەقەت مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن ئۈچ دانە تاكتىكىلىق ئاتوم قورالى بار بولۇپ ، ۋيېتنام ئارمىيەسىنىڭ ديېبيەنفۇ غا قاراتقان مۇھاسىرىسىنى تارمار قىلىشقا يېتىدۇ .دىيلدى بىراق ، بۇ ئىشنى ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن ئىلگىرى سۈرگىلى بولمىدى . 1954 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، بۇ « ئۈچ دانە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىش » پىلانى « فىرانسىيەگە بىر دانە ئاتوم بومبىسى ئارىيەت بېرىش » قا ئۆزگەردى .غەرىب ئەللىرى دۆلىتىمىزگە تەھتىد سېلىپ ئەگەر جۇڭگۇ ۋېيتنام كومپارتىيسىگە داۋاملىق ياردەم بەرسە ئۈچ ئاتوم بومبىسىنىڭ بىرسىنى جۇڭگۇغا ئەپ قويدىغانلىقى توغرىسىدا تەھتىد سالدى ،لېكىن دۆلىتىمىز يەنىلا قورقۇپ قالماي ۋېيتنام خەلىقىنىڭ تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە ئاخىرغىچە ياردەم بەردى.
قېتىملىق يادرو كىرزىسى : جىنمېن
زەمبىرەك ئۇرۇشى
ى1958 - يىلى جىنمېن زەمبىرەك ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا تەييارلىق قىلغان . ئەينى چاغدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون فوستېر دۇيىن ئەڭ ئاكتىپ « قورال ئىشلىتىش تەرەپدارلىرى » ئىدى . ئۇ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ، « ئەگەر بىز جىنمېن ، مازۇ ئاراللىرىنى قوغدىماقچى بولساق ، ئاتوم بومبىسىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك ، مۇشۇنداق قوراللا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئايرودۇرۇمغا ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلالايدۇ » ؛ « يىراق شەرقتە ئۇرۇش يۈز بەرگەن ھامان ، بىز بەزى كىچىك تىپتىكى تاكتىكىلىق ئاتوم بومبىلىرىنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن » ؛ دەپ تەھتىد سالدى.
بۇ گەپ كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى
ئۈچىنجى قېتىملىق يادرو كىرزىسى:جىنباۋ ئارىلى ۋەقەسى
ى1969 - يىلى 3 - ئايدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەركىزىي سىزىقىدىكى جېنباۋ ئارىلىغا نەچچە قېتىم قوراللىق تاجاۋۇز قىلدى ، ھەمدە جۇڭگو قىرغاقلىرىدىكى ئىچكىرىلەپ كىرگەن رايونلارغا توپقا تۇتتى ، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولدى . جۇڭگو ھەربىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە قىلچە يول قويماي ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى .
بۇ قېتىمقى « جېنباۋ ئارىلى ۋەقەسى » دە ، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا قارىتا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى شەكلىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدى ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ، ئەينى چاغدىكى كۆپ بولمىغان يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتمىلىق ھالدا يادرو ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولۇپمۇ شىنجاڭ ، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولغان. بۇ پىلان ئىچىدىكى يادرو زەربىسى قەتئىي مەخپى پىلان بولۇپ كىيىن بۇ كونكىرىت ئۇرۇش ۋەقەلىكىنى غەربكە قېچىپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خەلقئارا جەمىيەتكە ئاشكارلىۋەتتى .ئامىرىكىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە دۆلىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رەزىل پىلانى ئاخىرى بىچىت قىلىندى .