1420ئادەم تەڭ مەشخۇلات قىلمىسابولمايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەمب

文摘   2024-12-27 20:30   新疆  



زەمران


بىز دائىم ئۇرۇشنى گۆش قىيمىلاش ماشىنىسىغا ئوخشىتىمىز ، 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە ئون دۆلەت بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالغان، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاپەت دېيىشكە بولىدۇ، سانسىزلىغان ھەربىيلەر ئۇرۇشتا ئۆلگەن، سانسىزلىغان پۇقرالار بۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت ـ ماكانىدىن ئايرىلغان، بۇ ئۇرۇشتا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرغۇن قورال ـ جابدۇقلار پەيدا بولغان، بولۇپمۇ بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى قوراللار پەيدا بولغان قىرغىن قىلىش كۈچى بەك چوڭ.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇرۇش مەيدانىدا ئايروپىلان، تانكىلا ئەمەس، زەمبىرەكلەرنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى زور ئىدى، گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، قورال ـ ياراغلىرى ئىلغار، ھەربىي كۈچى كۈچلۈك ئىدى يېڭى تىپتىكى قوراللارنى تەتقىق قىلىشمۇ ئەينى چاغدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، گېرمانىيە ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىر زەمبىرەكنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇنىڭغا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېتىدىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالغان، بۇ زەمبىرەك ئەينى ۋاقىتتا يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ زەمبىرەك ئىدى.

بۇ يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ زەمبىرەك گۇستاۋ زەمبىرىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى مىڭ توننىدىن ئاشاتتى، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ زەمبىرەك بولۇشقا مۇناسىپ بولۇپ، ھەيۋىسى زور ئىدى زەمبىرەك ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرىلا 800 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ھەر خىل ئوق ـ دورىلارنىڭ كۈچى ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان قارشىلىشىش بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە ياردەم بەرگەن.

بىراق بۇ خىل ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر كەمچىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەتچانلىقى ھەقىقەتەن بەك ناچار، بۇ زەمبىرەكنى يۆتكەش ئۈچۈن مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېتىدۇ، ھەجىمى چوڭ بولغاچقا، تېزلىكتە جەڭ مەيدانىغا يېتىپ بارالمايدۇ،بىراق گېرمانىيەلىكلەر بىر  ئامال ئويلاپ چىقتى ، ئالدى بىلەن بۇنداق زەمبىرەكنى چۇۋۇپ، ئاندىن زاپچاسلارنى بۆلۈپ جەڭ مەيدانىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن قۇراشتۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندىمۇ يەنىكا  بەك كۆپ كۈچ كېتىدۇ.  بۇ زەمبىرەكنى بۇنداق بىراقلا توشۇپ كەلسە قەتتى بولمايدۇ ، بەلكىم سىز توشۇپ كەلگەندە جەڭ ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ زەمبىرەكنىڭ ھەيۋىسى زور بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە، گېرمانىيەمۇ پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن، كېيىن بۇ ئىلگىرىكى دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ زەمبىرەكنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

بۇ زەمبىرەكتىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن نۇرغۇن چوڭ زەمبىرەكلەرنى ياساپ چىقتى، ئەمما ھەجىمى، كۆلىمىدىن قارىغاندا، ھېچقايسىسى گېرمانىيە دەسلەپتە ياساپ چىققان بۇ زەمبىرەكتەك چوڭ ئەمەس ئىدى، ئەمما گېرمانىيەنىڭ بۇ زەمبىرەكلىرى ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولۇپ، قوللىنىشچانلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقى بەك ناچار بولغاچقا، كېيىن ئۆزلىرى كۆيدۈرۈۋەتتى ئەمما بۇ زەمبىرەكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى كىشىلىرىگە قالدۇرغان ئەسلىمىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى قارا دېڭىز فلوتى بۇ زەمبىرەكنىڭ ئاستىدا چوڭ زىيان تارتقان.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹



saybag
你好。欢迎
 最新文章