تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
جۇڭگو كورىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كىيىن چاۋشىيەن رەھبەرلىرى ئۇدا سەككىز يىل جۇڭگوغا كەلمىدى، ھەتتا چاۋشىيەن رەھبىرى مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئېغىر كېسەل بوپ قالدى.
ت. 1992ـ يىلى ئېلىمىز تارىخىدىكى ئاددىي بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا يېڭى بىر ئىلگىرىلەش بولدى، ئېلىمىز بىلەن كورىيە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئىش ھازىرغا قويۇلسا ئىنتايىن نورمال ئىش بولىدۇ، بۇ پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى، خالاس. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنداق ئەمەس ئىدى، دۆلىتىمىز بىلەن كورېيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىر دۆلەتنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەت سەككىز يىل ئىچىدە دۆلىتىمىزگە كەلمىدى. بۇ دۆلەت دەل چاۋشيەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم قوللىشى ئارقىسىدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا چاۋشيەن ۋە كورىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قۇرۇلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى سوتسىيالىستىك تۈزۈم، يەنە بىرى كاپىتالىستىك تۈزۈم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى، يەنى داڭلىق چاۋشيەن ئۇرۇشى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن كورىيە چاۋشىيەن ۋە جۇڭگو بىلەن ئۇزۇن مۇددەت دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇردى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپنىڭ كەينىدە يەنە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بار ئىدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نۇرغۇن تەرەپلەر تىغمۇ تىغ تاقابىل تۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولۇپ، چاۋشيەنگە بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىز كورېيە بىلەن ئىزچىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىدى. بىراق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. قانداقلا بولمىسۇن كورىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئەينى چاغدىكى شەرقىي ئاسىيا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، جۇڭگو ۋە كورىيەنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقى ئاساسلىقى تەيۋەن بىلەن چاۋشيەننىڭ سەۋەبىدىن بولغان، دۆلىتىمىز بىلەن كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ئىشلارنى مەخپىي كېڭەشكەن. 1992ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 24ـ كۈنى، ئىككى دۆلەت رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كورېيە بىلەن جۇڭگو سۆھبەتلىشىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، كورىيە تەرەپتىن بۇنى پەقەت زۇڭتۇڭ، زۇڭتۇڭنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ياردەمچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئۈچ كىشىلا بىلىدىكەن ھەمدە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كورىيە تەرەپ ئاساسلىقى بۇ قېتىمقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ نۇرغۇن زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى ئىش سىرتقا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلدى.
مەسىلەن، تەيۋەن كورىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەمدە كورىيەگە بولغان بارلىق سودا ئېتىبارىنى توختاتتى. ئەينى چاغدىكى چاۋشيەن تېخىمۇ كۈندەشلىك قىلدى. ۋە چاۋشيەن رەھبىرى كىم ئېرسىن مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئېغىر كېسەل بوپ قالدى. ھەتتا 1994ـ يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر جۇڭگوغا كېلىپ باقمىدى. ئۇنىڭ ۋارىسى كىم جۇڭىلمۇ 2000ـ يىلىدىن بۇرۇنمۇ ئېلىمىزگە كەلمىگەن. بۇ ئىشنىڭ بۇ قېتىم چاۋشيەنگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر ئېغىر بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. چاۋشيەن بىلەن تەيۋەننىڭ ئەينى چاغدا بۇنداق ھەركەتلەرنى قوللانغانلىقىنىمۇ چۈشىنىش ناھايىتى ئاسان ئىدى.