جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ ئەيناك مىس كېنى تۈرىنىڭ نۇقتىلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشى بولغان باغدارا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى يېقىندا پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئېنىرگىيە-سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى مەنسۇر، كانچىلىق-نېفىت مىنىستىرى ئاليۇبى، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ شىڭ، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ جۇڭگو مېتاللورگىيە گۇرۇھى مىس-سىنىك چەكلىك شىركىتى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جاۋ شىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەيناك مىس كېنى تۈرى جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ھەمكارلىقىنىڭ بايراقدار تۈرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بۇ تۈرنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئافغانىستان تەرەپ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: باغدارا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ئەيناك مىس كېنى تۈرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئافغانىستان جۇڭگو بىلەن ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى