30 يىلدىن كيىن قايسى دۆلەت ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچىكە ئىگە بولىدۇ؟
تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
ئەگەر بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دىيىلسە، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىنى ئويلىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەن، ھازىرقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغانلىقىدا گۇمان يوق.
ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىككى خىل بەشىنچى ئەۋلاد كۆرەشچى ئايروپىلانى بار دۆلەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە باشقا ئىلغار قوراللىرى بار بولۇپ. ھېچقانداق دۆلەت ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.
بىراق، ئەگەر 30 يىلدىن كېيىنچۇ؟ 2049-يىلى، جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولىدۇ. ئۇ چاغدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھاۋا ئارمىيە دىگەن نامنى قايسى دۆلەت ئالىدۇ؟ ئىلگىرى فرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ مەسىلىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە 30 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھاۋا ئارمىيە دۆلىتىگە ئايلىنىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ مۆلچەر زادى توغرىمۇ؟
فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور دەرىجىدە ئىلگىرلەپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقنى بارغانسېرى كىچىكلەتتى. ھەربىي خىراجىتىمۇ بارغانسىرى ئېشىپ باردى. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 100 ھەربىي سانائەت كارخانىسى ئىچىدە جۇڭگو كارخانىسى توققۇزنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى 10-ئورۇندا تۇرغان. بۇ بويىچە بولغاندا 2049- يىلى جۇڭگو شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ھازىر ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرغا قەدەر 2800 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 2100 ى جەڭ ئايرۇپىلانى. ئاستىدىكىسى سالون ئېلانى، دەسسىۋىتىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز..
كەلگۈسىدە بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىلگىرى ھەربىي مۇتەخەسىس جۈزو جۇڭگونىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئامېرىكا يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئۇلارمۇ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا 30 يىلدىن كېيىن بەلكىم ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى بىرىنچى ھاۋا ئارمىيەسى بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى 30 يىل ۋاقىت ئىچىدە، نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قوراللار مەيدانغا كېلىدۇ. كەلگۈسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھېچكىم توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.
暂无留言