بىراق ئامېرىكىنىڭمۇ خالىغىنىنى قىلالمايدىغان جايى بار. مەيلى ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى ھازىرقى رۇسىيە بولسۇن، روس مىللىتىنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھازىرغىچە رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە بىھۆرمەتلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. دۇنياغا داڭلىق «بىزنىڭ پاراخوت بۇيرۇققا بىنائەن سىلەرنىڭ پاراخوتىڭلارنى سوققۇلى كەلدى» ۋەقەسى بۇنىڭ ياخشى دەلىلى.
1982-يىلىدىكى «ب د ت دېڭىز-ئوكيان كېلىشىمى قانۇنى» دا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى شۇ دۆلەت دېڭىز قىرغىقىدىن سىرتىغا 12 دېڭىز مىلى قىلىپ بىكىتكەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ب د ت نىڭ خەلقئارا قانۇنى پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇۋاپىق ھەم ئادىل ئۆلچىمى بولىدۇ. بىراق ئامېرىكا، دېڭىز تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى دېڭىز قىرغىقىدىن ئۈچ دېڭىز مىلىغىچىلا ئېتراپ قىلدى. شۇڭا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىنى دائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىن بېرىپ ب د ت قانۇنىنى مەنسىتمىدى.
تەڭداشسىز كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيە كۈچىگە ئىگە ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ دېڭىز مىلىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ قارىماققا ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقاندەك، ماھىيەتتە بولسا يەر شارى دېڭىز ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشتەك يولسىز قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئەينى يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى قەتئىي يول قويمايدۇ.
1988-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق دېڭىز ئۈستى توقۇنۇشى يۈز بەردى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى قارا دېڭىزغا كىرگەن. «يورك شەھىرى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق چارلاش پاراخوتى بىلەن «كامېرون» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم دېڭىز تەۋەلىكى 7 دېڭىز مىلى دائىرىگىچە يېقىنلاشقان ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى نەزەرگە ئېلمىغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسى كەسكىن ھالدا ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوت «ئۆزىنى ئۇنتۇش» ۋە «SKR-6» ناملىق پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى مەجبۇرىي قوغلىغان. ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ پاراخوتلىرى يۇقىرى چاستوتىلىق VHF 16 قانىلى ئارقىلىق كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان، بىراق نەتىجىسى بولمىغاندىن كىيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىمسىز تېلېگرافدا «سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسى بۇيرۇققا بىنائەن پاراخوتىڭلارنى سوققىلى كەلدى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىزدا كەسكىن سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. سىز مۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر سوقىۋەتسىڭىز...
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹