ئامېرىكىدىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى مىليون» لاتارىيەسىنى تارقىتىدىغان ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە: 24-دېكابىر مۇكاپات ئېچىلىدىغان لاتارىيەنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى 944 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش ئايدىكى مۇكاپات سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «دەرىجىدىن تاشقىرى مىليون» لاتارىيەسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق مۇكاپاتى 20-دېكابىر ئېچىلغان، لېكىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ھېچكىمگە چىقمىغان، شۇنىڭ بىلەن 24-دېكابىر ئېچىلىدىغان لاتارىيەنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى 944 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئەگەر مۇكاپات چىققۇچى بىر قېتىمدىلا ئېلىشنى تاللىسا، 429 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن.