كورىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، يىن شىيۆنى تېزدىن قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىش قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە پارلامېنتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، زۇڭتۇڭ يىن شىيۆنى تېزدىن قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىش قارار لايىھەسى ۋە يىن شىيۆ قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق قوزغاشقا چېتىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان «ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى دائىمىي ئالاھىدە تەپتىش قىلىش قانۇنى»نى ماقۇللىدى.
كورىيە پارلامېنتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا، 191 كىشى قوللاش، 94 كىشى قارشى تۇرۇش، 3 كىشى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتەك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە، يىن شىيۆ قاتارلىق سەككىز كىشىنى تېزلىكتە قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىش لايىھەسى ماقۇللاندى. قارار لايىھەسىدە يىن شىيۆ، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىن لۇڭشيەن، سابىق مەمۇرىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى لى شياڭمىن قاتارلىقلارنى تېزلىكتە قولغا ئېلىش كۈچلۈك دەۋەت قىلىندى.
ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە بولغان ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسى قارار لايىھەسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە: يىن شىيۆنىڭ پارلامېنتنى ئاغدۇرۇش ياكى پارلامېنتنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرغۇزماسلىق مەقسىتى مەۋجۇت، ئۇنى ئىچكى قالايمىقانچىلىق جىنايىتىنىڭ رەھبىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، ئۇنى تېز سۈرئەتتە قولغا ئېلىش زۆرۈر، دېدى.
كورىيە قانۇنىغا ئاساسەن، پارلامېنتنىڭ قارار لايىھەسى تەكلىپ سۇنۇش، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كومىتېت قاراپ چىقىش، ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن ئۆتۈشى كېرەك، ئەمما قارار لايىھەسى پەقەتلا پارلامېنتنىڭ رەسمىي مەيدانىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، قانۇنىي كۈچ ھاسىل قىلمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كورىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا شۇ كۈنى يەنە يىن شىيۆ قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق قوزغاشقا چېتىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان «ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى دائىمىي ئالاھىدە تەپتىش قىلىش قانۇنى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كورىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ئالاھىدە تەپتىش قانۇنى ئادەتتە «دائىمىي ئالاھىدە تەپتىش قىلىش» ۋە «ئادەتتىكى ئالاھىدە تەپتىش قىلىش» دەپ ئايرىلىدۇ. «دائىمىي ئالاھىدە تەپتىش قىلىش» ئەگەر پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانسا، دەرھال باشلىنىدۇ، زۇڭتۇڭ بۇنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ، ئەمما دائىمىي ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارىنى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى كېرەك، زۇڭتۇڭ ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارىنى تەيىنلىمەسلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق «دائىملىق ئالاھىدە تەپتىش قانۇنى»نى يولغا قويۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىن لۇڭشيەنگە «ئىشتىن بۇرۇنقى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.