تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
تارىختا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن مىنگونىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە قايسى دۆلەت بايراقلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدە دۆلەت بايرىقى يوق ئىدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەرب ئەللىرى بىلەن ئالاقە قىلغان. دۆلەت بايرىقى ئۇقۇمىغا بولغان تونۇش يېتەرلىك بولمىغاچقا، يەنە غەرب ئەللىرى ئالۋاستىلىرىنىڭ زىيىنىنى تارتقان. 1888ـ يىلى، لى خۇڭجاڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئۆزارا دىپلوماتىيە خادىملىرىنى ئەۋەتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى تەنتەنىلىك ھالدا ئېسىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھالبۇكى، خارابلىقتىن ھەيۋىسى پەلەككە تاقاشقان خانلىق بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىدە دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراق يوق بولۇپ، لى خۇڭجاڭ ھەم ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلدى، ھەم چۈشىنىكسىز ھالدا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خان ئانا سىشى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراق لاھىيەلەشنى تەلەپ قىلدى. خانسانىيە گو سوڭتاۋنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، سېرىق تۇغلۇق خوشۇن ئىشلەتكەن بايراق بۈيۈك چىڭنىڭ دۆلەت بايراقنىڭ ئاساسى قىلىپ بىكىتىلدى. ۋە ئەسلىدىكى ئۈچ بۇرجەك بايراق تۆت بۇرجەك قىلىپ لاھىيەلەندى.
بۇ بايراق جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى دۆلەت بايرىقى بولۇپ ئەينى چاغدىكى غەربلىكلەر ئەجدىھا نى تونۇمىغاچقا، بەزىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. لېكىن ئەنەنىۋى جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ئەجدىھا پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سېرىق بولسا بەش ئاناسىر ئىچىدىكى مەركىزى ئاناسىرنىڭ رەڭگى بولۇپ سىموللۇق مەنىسى چوڭقۇر.
ت. 1912ـ يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى تەختتىن چۈشتى، سېرىق تۇغلۇق خوشۇنىمۇ ئەجىلى توشۇپ يەرلىكىدە ياتتى. ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، ئىنقىلابىي ئارمىيە ئىشلەتكەن بايراق 18 ۋاقىتلىق ئۆلكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۆمۈر قان 18 يۇلتۇزلۇق بايراق بولۇپ بايراقتىكى توققۇز بۇرجەكلىك قارا يۇلتۇز يۈيگۇڭدىكى جيۇجۇغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، 18 يۇلتۇزلۇق بايراق چىڭ سۇلالىسدىن ئايرىلىپ ئىنقىلابى ئارمىيەگە قوشۇلغان 18 ئۆلكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . كېيىن جياڭ جىيشى، جېجياڭ ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى بەش خىل رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا نەنجىڭ ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى بەش خىل رەڭلىك بايراقنى جۇڭخۇا مىنگونىڭ رەسمىي دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان. تۆمۈر قان بايرىقى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بايرىقى ( كېيىن 18 يۇلتۇز 19 يۇلتۇزغا ئۆزگەرتىلدى )، كۆك ئاسمان قىزىل بايراق دېڭىز ئارمىيە بايرىقى قىلىندى. بەش خىل رەڭلىك بايراقنىڭ بەش خىل رەڭگى: قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، قارا، مەنىسى خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇدىن ئىبارەت بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەينى چاغدا ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولغان سۇن جۇڭشەن كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى قەتىي تەشەببۇس قىلغان، ئۇ كۆك ئاسمان بايرىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ( جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ ) جەنۇبتىكى قوزغىلاڭدا ئون نەچچە يىل ئىشلەتكەن.
ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى دۆلەت بايرىقى مەسىلىسىنى قايتا قاراپ چىققاندا، پالاتتا ئەز كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايراقنى ئىتتىپاقداشلار جەمىيىتىدىكى بىر پارتىيە ـ گۇرۇھ تۈزگەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بەش خىل رەڭلىك بايراقنى ھەم ۋۇچاڭ ئىنقىلابىي ئارمىيەسى قوللانغان، شۇنداقلا غايەت زور ھەم ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراپ ئاخىرىدا يەنىلا سۇن جۇڭشەننىڭ تەشەببۇسىنى قوللىمىدى. كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايراقى مەسىلىسى توغرىسىدا سۇن جۇڭشەن بىلەن خۇئاڭ شىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەھەل تالاش ـ تارتىش بولغانىدى. سۇن جۇڭشەن 1906ـ يىلى خۇئاڭ شىڭ، جاڭ تەييەنلەر بىلەن توكيودا دۆلەت بايرىقى تۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدى. سۈن جۇڭشەن جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمىيىتىنىڭ كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايرىقىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، خۇئاڭ شىڭ بەش خىل رەڭلىك بايرىقنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
شۇ چاغدا سۇن جۇڭشەن قاتتىق غەزەپلىنىپ: مەن نەنياڭدا ئىنقىلابقا چېپىپ يۈرۈپ، نەچچە يۈز كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم، بۈگۈن بۇ بايراقنى ئىشلەتمەيدىغان ئىشنى قىلماقچى بولساڭلار ، ئاۋۋال مېنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىڭلار دېدى. خۇئاڭ شىڭ سۇن جۇڭشەننىڭ غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قايتا مۇنازىرە قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، يەنىلا ئاۋۋال مېنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىڭلار دېدى. ليۇ جىنيى، جاڭ تەييەن قاتارلىقلار دۆلەت بايرىقى مەسىلىسىنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ مۇزاكىرە قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى. دۆلەت بايرىقى مەسىلىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ 18 ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى جەھەتتە سۇن جۇڭشەن بىلەن بولغان ئىختىلاپى يەنىلا ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۈئەن شىكەيگە قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مۇرەسسە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، سۇن جۇڭشەننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن يۈئەن شىكەي ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولدى. 1912ـ يىلى 4ـ ئايدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت نەنجىڭدىن بېيجىڭغا يۆتكەلگەن ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتاسى دۆلەت بايرىقى لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ئاۋازغا قويدى. پارلامېنت باشلىقى بەش خىل رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋاز بەردى ھەمدە مىنگو ياشىسۇن دەپ چاۋاك چالدى. 1912ـ يىلى 2ـ ئاينىڭ 8ـ كۈنى، يۈئەن شىكەي زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ: كېڭەش پالاتاسى بەش خىل رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى، قىزىل تەگلىك كۆك بالداغلىق بايراقنى سودا بايرىقى قىلىپ ئىشلىتىشنى، 19 يۇلتۇزلۇق بايراقنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بايرىقى قىلىشنى، كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايراقنى دېڭىز ئارمىيە بايرىقى قىلىشنى بەلگىلىگەن نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتى قۇرالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قىزىل تەگلىك كۆك ئاسمان ئاق قۇياش بايرىقىنى ھاۋا ئارمىيە بايرىقى قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ بۇيرۇق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاساسى قانۇننىڭ 22ـ مادىسىدا ئېلان قىلىنغان. 1946ـ يىل 12ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مىللىي قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ماقۇللاندى، 1ـ باب ئومۇمىي پىروگراممىسىنىڭ 6ـ ماددىسىدا: جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل تەگلىك، سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى كۆك ئاسمان، ئاق قۇياش چۈشۈرۈلگەن بايراق دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتىلدى دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.