جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان مېھمانساراي تۈرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش پۈتتى
مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت دۇبەي كۆك ئاسمان مېھمانسارىيى. جۇڭگو تۆمۈر يول 18-ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول 18-ئىدارىسى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان مېھمانساراي تۈرىدىكىدۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئىمارەت ‐‐ دۇبەي كۆك ئاسمان مېھمانسارىيى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى پۈتۈپ، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.
دۇبەي كۆك ئاسمان مېھمانسارىيى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدىكى ئاۋات مارىنا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئىگىزلىكى 373.5 مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 102 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، خەلىفە مۇنارى، دۇبەي پىرىستانى، پالما ئارىلى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. مېھمانساراي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن 1100 يۈرۈش مېھمانساراي ياتىقى، 306 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، 353 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتىكى ئاشخانا ۋە 12 دەرىجىلىك ئىگىزلىكتىكى بوشلۇق گۈللۈكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۈر كوللېكتىپى جۇڭگو ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو تېخنىكىسىنى قۇرۇلۇش لايىھىسىگە سىڭدۈرۈپ، يېنىك بېتونلۇق ئالدىن ياسالغان تاختا تام ۋە كۈچلۈك ئۆزلۈكىدىن زىچلىشىدىغان بېتون قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللارنى قوللاندى، يەنە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق كېرەكسىز سۇدىن ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ئۇقۇمىنى نامايان قىلدى. تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، زور مىقداردىكى جۇڭگو ئۈسكۈنىلىرى ۋە جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ئىشلىتىلىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرگە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.