شۇ يەر ۋاقتى 26-دېكابىر، ھىندىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى مانموخان سىنگى پايتەخت يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
سىنگى ھىندىستاننىڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتى، ئىقتىسادشۇناس. 2004-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ھىندىستان زۇڭلىسى بولغان.
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 26-دېكابىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، سىنگىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە سىنگىنى «ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلەرنىڭ بىرى» دېدى.