بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئەسلى مەنبەسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ يوللانغان، شۇڭا پىكىر يۈرگۈزگەندە ھىسياتىڭىزنى ئارلاشتۇرماي ئىلمىي كۆز قاراشتا بولىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەر بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كېڭىشى مىخانىزىمى خەلقئارا توقۇنۇشنى ھەل قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن نۇقسانلار مەۋجۇت دەپ تەنقىدلەندى.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، دائىمىي كومىتېتقا كىرىش بوسۇغىسىغا يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇلار خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ب د ت بۇ يىل 1-ئايدا خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يېڭى سۆھبەتنى باشلاشنى پىلانلىغان، يادرولۇق قارالما دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى كۆپەيتىش-كۆپەيتمەسلىك، قايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئەزا بولۇشقا ماس كېلىدىغانلىقى ئىكەن.
بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ مۇنازىرە مەركىزى گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە برازىلىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنى چۆرىدىگەن ھالدا بولدى.
روسىيە گېرمانىيە ۋە ياپونىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىققا كىرىش تەكلىپىگە ئېنىق قارشى تۇرىدۇ. روسىيە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئىنتايىن گۆدەكلىك».
رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بار، شۇڭا ئىگىلىك ھوقۇق مۇستەقىللىقى جەھەتتە كەمچىل.
بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، ئەگەر ئۇلار دائىمىي ئەزا بولسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىغا ئىككى ئورۇن قوشقانغا باراۋەر، بۇ ئەلۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋەزىيەت ئەمەس.
ئۇنداقتا فرانسىيە يەنە نېمە ئۈچۈن گېرمانىيە بىلەن ياپونىيىنى «دائىمىي كومىتېتقا كىرىش» كە ئىتتىرىدۇ؟
بۇلتۇر ب د ت يىغىنىدا، ماكرون گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە برازىلىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
فىرانسىيە بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك ھەم مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى ئۆلچەم قىلىش ئارقىلىق روشەنكى، رۇسىيەنى قايىل قىلىش تەس.
رۇسىيەنىڭ گېرمانىيە ۋە ياپونىيەنى قەتئىي رەت قىلىشىغا ئوخشىمايدىغىنى، بىرازىلىيە ۋە ھىندىستاندا يەنە ئازراق ئۈمىد باردەك قىلاتتى. رۇسىيە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دائىمىي ئەزا بولۇشىغا ئاشكارا قارشى تۇرمىدى، بۇمۇ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىدىكى بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بەردى.
روسىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىران ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيە، ئافرىقىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى ھىندىستان دائىمىي ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش تەسەۋۋۇرى ناھايىتى مۇرەككەپ. ئامېرىكا بىر قېتىمدىلا بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقوقىنى ھازىرلىمىغان ئالتە دائىمىي ئەزا دۆلەت ھەمدە دائىمىي ئەزا بولمىغان ئون دۆلەتنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
گەرچە ئامېرىكا ياپونىيە، ھىندىستان، گېرمانىيىلەرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىشىنى ئېنىق قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن برازىلىيىنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىش-كىرمەسلىكى توغرىسىدا ئامېرىكا سۈكۈتتە تۇردى.
بىراق، ئامېرىكا يېقىندا ئافرىقىدىكى ئىككى دائىمىي ئەزا دۆلەتكە ئورۇن بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگونىڭ خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئېنىق ھەم ئاكتىپ، لېكىن بىر قانچە ئالدىنقى شەرتى بار.
بىزنىڭچە، ئىسلاھات توغرا يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئەھۋالدا.
بۈگۈنكى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە ياۋرۇپادا ئۈچ ئورۇن، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدە بىر ئورۇن بار، ئافرىقىدا بىر دائىمىي ئەزا دۆلەتمۇ يوق. بۇ ئېنىقلا ئادىل ئەمەس، شۇنداقلا ئافرىقا دۇچ كەلگەن بەزى خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز.
شۇڭا، جۇڭگو ئىسلاھات داۋامىدا ئافرىقىنىڭ ساداسى ۋە تەلىپىنى ئالدىن ئويلىشىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئافرىقا تارىختا نۇرغۇن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، ھازىر بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىدىغان ۋاقىت كەلدى.
ئىككىنچىدىن، ئىسلاھاتنىڭ يادروسى چوقۇم ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باي دۆلەت كۇلۇبىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇھىم نۇقتىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە باشقا جەنۇبتىكى دۆلەتلەرگە قارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
فرانسىيە ھىندىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنى دائىمىي ئەزالىققا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلغان، لېكىن بۇ بىر مۇھىم پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلدى: ئەگەر پەقەت دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ دائىمىي ئورۇننى بەلگىلىسە، ئۇنداقتا ئافرىقا دۆلەتلىرى يەنىلا بۇنىڭ سىرتىدا.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگو تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئەتراپلىق ئويلىشىۋاتىدۇ.
جۇڭگو مىخانىزىم ئۈنۈمىنى چىقىش قىلىپ، خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىنى، چوڭ دۆلەتلەر تىركىشىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فرانسىيە بولسا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەزا كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەگەر پەقەت دۆلەت كۈچى بويىچە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى تەقسىم قىلسا، ئۇنداقتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئەگەر ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن قوشۇلغان دۆلەتلەرگە «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى» بېرىلسە، تەدبىر بەلگىلەشتە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
«بەش دائىمىي كومىتېت» نىڭ توققۇز ياكى 11 دۆلەتكە كېڭەيتىلىدىغان-كېڭەيتىلمەيدىغانلىقىغا كەلسەك، ھازىرچە قاتتىق بەلگىلىمە يوق. لېكىن شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنداق ئىختىلاپ ئاستىدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس.
ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خادىم كۆپەيتىشنى قوللىشىنىڭ ئارقىسىدا، يەنە باشقا دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىش مەقسىتىمۇ بار. مەسىلەن، ھىندىستان، برازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا، بۇ جەنۇبتىكى دۆلەتلەر غەربنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ قالدى.
ھىندىستان ئۆزىنىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى تۈپەيلىدىن مالاككا بوغۇزىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى كىرىش ئېغىزىنى كونترول قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا؛ برازىلىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بولسا بايلىقى مول دۆلەتلەر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت بولالىشى ناتايىن بولغان تەقدىردىمۇ، قوللاشنى ئىپادىلەشنىڭ ئۆزى بىر خىل دىپلوماتىيە تاكتىكىسى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتى ئاددىي ھالدا ئەزا كۆپەيتىش ياكى ئازايتىشتەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇ مۇرەككەپ خەلقئارا مەنپەئەت تالىشىشىغا چېتىلىدۇ، بۇ خىرىسلارغا قارىتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش كۈچىنى قانداق كۈچەيتىش ھەمدە يېڭى، كونا دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەرنى رازى قىلىدىغان تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىش ھەقىقىي ئاچقۇچ.