ئەردوغان: تۈركىيە سۈرىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان شۇ كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ‐‐ ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارتىيە يىغىنىدا، تۈركىيە سۈرىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ، مەزكۇر دۆلەت زېمىنىنىڭ يەنە توقۇنۇش رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، دېدى.
ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ مەيدانىنى قوللاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ يۇرت-ماكانىغا قايتىشىنى توسىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2011-يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، مىليونلىغان سۈرىيە ئاھالىسى قوشنا دۆلەت تۈركىيە، ئىراق، ئىئوردانىيە، لىۋان قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە 3 مىليون 500 مىڭغا يېقىن تىزىمغا ئالدۇرغان سۈرىيە مۇساپىرلىرى بار ئىكەن.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا