جەنۇبىي دېڭىزدا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، رۇسىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ب

文摘   2024-12-30 23:52   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

جەنۇبىي دېڭىزدا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، رۇسىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزنى قوللامدۇ ـ يوق؟ مانا بۇ ھەقىقىي قېرىنداش دۆلەتنىڭ جاۋابى


 ئېلىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر  يېقىندا كۆرۈشتى، سۆھبەت جەريانىدا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكىدىن جەنۇبىي دېڭىزدا قورال كۈچىنى كۆز ـ كۆز قىلىشنى توختىتىپ، ۋەزىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېسپېرمۇ توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بولۇپمۇ تىرامپنىڭ ۋەدە بەرسە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنتۇپ قالىدىغان مۇتتەھەم ئادىتى بار، مەسىلەن بۇ يىل ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىگىرمە دۆلەت گوروھى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا تىرامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى، نەتىجىدە ئامىرىكىغا قايتىپ كېلىپلا جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى، شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئېسپېرنىڭ گېپىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىزنى چەكلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئەركىن چارلاش ئارقىلىق قورال كۈچىنى كۆز ـ كۆز قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى؛ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئېلىمىزگە قارشى تۇرۇشقا قىستىدى، بۇ قىلمىشلار ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، جەنۇبىي دېڭىز قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئاتالمىش ھىندىستان ـ تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ھالقىسى، قانداقمۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا ۋاز كېچىش مۇمكىن ئەمەس؟ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىمىز تەۋرەنمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىي كۈچىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىزدىمۇ بۇ ئىقتىدار بار بولدى.


ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزغا بۆسۈپ كىردى ئۇنداقتا، ئەگەر راستىنلا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولغان رۇسىيە بىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللامدۇ ـ يوق؟ بۇ نۇقتا ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ھېچكىم بىلمەيدۇ، بىراق پۇتىننىڭ ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرى كىمنىڭ ھەقىقىي ئاكا ـ ئۇكا ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. پۇتىن كۆپ قېتىم: ئۇرۇش پارتلىغان ھامان، رۇسىيەنىڭ بىردىنبىر تايانغىلى بولىدىغىنى، پەقەت باتۇر رۇسىيە ئارمىيەسى ۋە ئوخشاشلا باتۇر رۇسىيە خەلقى دەپ بىلدۈرگەن. بۇ سۆز ئوخشاشلا بىزگىمۇ ماس كېلىدۇ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان، بىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھىمىز باتۇر، قورقماس جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە ھەممە بىر نىيەتتە بولغان كەڭ ھەر  مىللەت خەلق، ئاممىسىدۇر. ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىمىز ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئىتىپاقلىدۇر.


ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، قەبىھ دۈشمەننىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن پارلاق يول تېپىپ چىقىپ، ھايات ـ ماماتلىق كىرىزىستىن قۇتۇلۇپ، ۋىجدانىنى يوقاتقان تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقاردى؛ چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا، قورال ـ جابدۇقلىرى قالاق بولغان جۇڭگۇ ئارمىيسى باتۇر، قورقماس جەڭچىلەرنىڭ ئالدىنقى سەپتە جان تىكىپ ئېلىشىشى، ئەمگەكچان، باتۇر خەلقنىڭ ئارقا سەپتە ياردەم بېرىشىگە تايىنىپ، ئاخىرىدا بىزگە خىرىس قىلىۋاتقان ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى16 دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىنى چېكىندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەگەر ھەقىقەتەن جىددىي ئەھۋال يۈز بەرسە، بىز ئىشىنىدىغان، ئەڭ ئىشەنچلىك قېرىنداشلار جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارمىيمىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك.


بۈگۈنكى كۈندە، ھاۋا ئارمىيەسى تەرەپتىن مەيلى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى بولسۇن، ھەممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، بولۇپمۇ  بەشىنچى ئەۋلاد ئايروپىلان، ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى قاتارلىقلار، ھەتتا ياندىكى ھەربىي چوڭ دۆلەت رۇسىيەنىڭمۇ كۆزى قىزاردى، ئامېرىكىمۇ ئىنتايىن ھەيران قالدى؛


 دېڭىز ئارمىيەسى جەھەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكىنىڭ دېڭىز رايونىدىن ھالقىپ دېڭىزدا سىناق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ قوش ئاۋىياماتكا دەۋرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يادرو سۇ ئاستى كېمىسى، 055 قاتارلىق تۈرلۈك ئىلغار پاراخوتلارغا ماسلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ كۆك دېڭىز دېڭىز ئارمىيە سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى؛


يەنە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كوزىرىمىز قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، شەرق شامىلى يۈرۈشلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، 99 قاتارلىق چوڭ قىرغۇچى قوراللار بار، كىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتىن بۇرۇن، ئوبدان دەڭسەپ بېقىشى كېرەك. ھەربىي ئەمەلىي كۈچتىن باشقا، سانسىزلىغان خەلقتىن تەركىب تاپقان قۇدرەتلىك ئارقا سەپ كاپالىتى سىستېمىسىمۇ غەلىبە قىلىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئەڭگۈشتەر.


بۇ ئىككىسى ئۆزارا ماسلاشسا، تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن ھەرقانداق دۈشمەننى جەزمەن مەغلۇپ قىلىدۇ! ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىزنى قوللايدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمىسەكمۇ بولىدۇ، ئۆزىمىزگە تايانساقلا كۇپايە، نېمىلا دېگەن بىلەن باشقىلارغا تايانغاندىن كۆرە ئۆزىمىزگە تايانغان ياخشى، جۇڭگو ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ياخشى قېرىنداش بولسا، كىم بىزگە خىرىس قىلالايدۇ؟



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹



saybag
你好。欢迎
 最新文章