سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
دۇنيادا ھازىرغا قەدەر پارتلىغان چوڭ ـ كىچىك ئۇرۇشلار سان ـ ساناقسىز، ئەگەر كىشىلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى دېيىلسە، ئۇ مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ھەرقانداق بىر مەيدان ئۇرۇشتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى سانى كۆپ بولمىغان كۆپ دۆلەت ئۇرۇشى بولۇپ، ئاساسلىق ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەت 61 گە يېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا چەكسىز ئاپەت ئېلىپ كەلدى.
گەرچە نۆۋەتتە دۇنيادا ھازىرغىچە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش يۈز بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇرۇشنىڭ مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كۆپىنچە بەزى ئېنىقسىز ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىسا، ئۇ مۇتلەق بىر مەيدان تېخىمۇ خەتەرلىك ئۇرۇش، چۈنكى ھازىر بىزنىڭ قوراللىرىمىز بۇرۇنقىدەك نوقۇل ئەمەس، ئېغىر تىپتىكى قوراللار بولسىمۇ، تانكىنى ھازىرغا قويۇشمۇ بىر قىسىم ئاساسىي ئادەتتىكى قوراللار ھېسابلىنىدۇ.
ھەقىقىي 3ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا بولسا، چوقۇم ھەر خىل يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلىدۇ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئەڭ توغرا ئورۇن بەلگىلەپ زەربە بېرەلەيدۇ، يادرو قورالىمۇ ئۇرۇشقا سېلىنىشى مۇمكىن، ئەگەر راست شۇنداق بولسا، ئۇ چاغدا پۈتكۈل دۇنيا خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئەگەر بۇ دۇنيادا 3ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىسا، قايسى دۆلەت ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئاللىقاچان جاۋاب تېپىلغان، بۇ دۆلەت دەل ياپونىيە، ياپونىيە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى، ھازىر ياپونىيە كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردىن ھالقىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن F35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىگە قوشۇلسا، بۇلۇت ناملىق تىك ئۇچار قاتارلىقلار ئاۋىياماتكىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئۇنداقتا ياپونىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە دۇنيا خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
ياپونىيە ئىزچىل چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ تارقىلىپ كەلگەنىدى، ۋاقتى كەلگەندە ياپونىيە دۆلەتنىڭ ھايات ـ ماماتى ئۈچۈن چوقۇم بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇش قوزغايدۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە يادرو خام ئەشيالىرىنى يىغىشتىن ئىزچىل ۋاز كەچمىدى، بۇنىڭدىن ياپونىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر بىرەر دۆلەت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىشنى خالىمىسا، بۇ ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹